5-فېۋرال ئارخىپلىرى 10-قىسىم


ئاپتورى: گۈلشەن ئابدۇقادېر

مىكروفۇندا: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلاۋى شەرقى تۈركىستان يېقىنقى زامان تارىخىدىكى خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان پارتىلاش خارەكتىرلىق ئىقىلاب.

تارىخ كائىناتنىڭ ۋىجدانى دەيدۇ ئاسترونوم شائىر ئۆمەر ھەييام. شۇنداق، بۇندىن يىگىرمە يىل بۇرۇن شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتىلىدىغان بىر جۇغراپىيەدىكى كىچىككىنە شەھەر غۇلجىدا يۈز بەرگەن غۇلجا 5-فېۋرال ئىقىلاۋىمۇ ئىنسانىيەت تارىخىغا تامغىسىنى ئۇرغان كائىناتنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋىجدانى ئاۋازى. تۆلىگەن بەدەللەر، تۇپراقتا ياتقان شېھىدلەر بۇ ۋىجدانى ئاۋازنى ئۇيغۇر تارىخىنى ڭ ئالتۇن بەتلىرىگە قوندۇرىشىمىزنى كۈتمەكتە.

قەھرىمانى بولمىغان بىر مىللەتنىڭ كېلەچىگىمۇ بولمايدۇ.ئۇيغۇر خەلقى تارىخنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدە ئۆز قەھرىمانلىرى، شېھىدلىرى ۋە كۆرەشچىلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ كەلگەن بىر مىللەت.

5-فېۋرال ئارخىپلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمانلىق تارىخى ئىچىدىكى قارىمۇقنىڭ قاسرىقىدەك بىر بۆلىگى.بىز تارىخنىڭ كۆمۈلۈپ قېلىشىنى ۋىجداننىڭ كۆمۈلۈپ قېلىشى دەپ قارىغانلىقىمىز ئۈچۈن قولىمىزغا قەلەم ئالدۇق. ئاللاھ بىزگە ئىنتايىن يۇقۇرى يارىتىش مۆجىزىسى بىلەن بەرگەن ئاڭلاش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارىمىزنى ئىشقا سېلىپ بۇ قەھرىمانلىق داستانىغا شاھىد بولغانلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا قۇلاق بەردۇق.

5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلاۋى ھەققىدە بىلمەيدىغانلىرىمىز بىلىدىغانلىرىمىزدىن كۆپ. سۆزلەيلى … … … يازايلى … … …
تارىخمىز ئاق قەغەز بولۇپ قالمىسۇن!

شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئىسسىق جانلىرىنى تەقدىم قىلغان، ئاللاھ يولىدا شېھىد بولغان بارلىق شەرقىي تۈركىستان ئوغۇل قىزلىرىغا ئاللاھ جەننەتۇل فېردەۋىس ئاتا قىلسۇن!!!

5-فېۋرال ئارخىپلىرى

10-قىسىم

5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلاۋى تىلغا ئېلىنغاندا بۇ ئىنقىلاپقا تامغىسىنى ئۇرغان، غۇلجا خەلقىگە ئىنتايىن تونۇشلۇق بولغان، شۇنداقلا خىتاي ھاكىميىتى تەرىپىدىن ئىلاھىلاشتۇرۇلغان ھەمدە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان سوئاللارنى ئارقىسىدا تاشلاپ كەتكەن بىر شەخىسنى بىرلىكتە تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.ئۇ بولسىمۇ شېھىت ئىبراھىم ئىسمايىل.

5-فېۋرال شاھىتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلاۋى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي دائىرلىرى ئىبراھىم ئىسمايىلغا تۇتۇش بۇيرىغى چىقارغان،ئىبراھىم ئىسمايىلنىڭ سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن ۋە تەرجىمھالى يېزىلغان تەشۋىقات ۋاراقىچىلىرى مەھەللە-مەھەللە ۋە بازار رەستىلەرگە كەڭرى چاپلانغان ۋە تارقىتىلغان.غۇلجىدىن ھەرقايسى ناھىيەلەر ۋە شەھەرلەرگە تۇتۇشىدىغان چوڭ قاتناش تۈگۈنلىرىدە چازىلار قۇرۇلۇپ مەخسۇس ئىبراھىم ئىسمايىل ئۈستىدىن تىنتىش ئېلىپ بېرىلغان.

تېخىمۇ ھەيران قالارلىق بولغىنى شۇكى، ئىبراھىم ئىسمايىل خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن مەقسەتلىك ئىلاھىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خەلق ئارىسىدا: “ئىبراھىم ئىسمايىل تەشلەپكىدە ئاياق مايلىتىۋاتقان ئىكەن ساقچىلار يېتىپ كېلىشىگە كۆزدىن غايىپ بوپتۇ” “ئىبراھىم ئىسمايىل خىتاي بازىرىدا تاۋۇز يەۋەتقان ئىكەن ساقچىلار كېلىشىگە كۆزدىن غايىپ بوپتۇ” “ئىبراھىم ئىسمايىل تۈنۈگۈن پالانچى مەھەللىدە تەبلىق قىپتۇ،بۈگۈن پۇستانچى مەھەللىدە تەبلىق قىلىدىكەن” دىگەن سۆزلەر غۇلجا خەلقى ئارىسىدا كەڭرى تارقىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسى تاكى ئىبراھىم ئىسمايىلنى خىتاي ساقچىلىرى قولغا چۈشۈرۈپ، قاتتىق قىيىن قىستاقلاردىن كېيىن تېلۋىزور ئېكرانىغا چىقىرىپ ئۆز قىلمىشىغا مەجبۇرى پۇشمان قىلدۇرغانغا قەدەر كۆرۈپ باقمىغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر قىسىم 5-فېۋرال شاھىتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،ئەينى چاغدا خىتاي دائىرلىرى، 75 كۇۋادىرات كىلومېتىر دائىرىگە ئاران 300 مىڭ نوپۇسقا ئىگە غۇلجا شەھرىدە ئالتە يەتتە ئايغا يېقىن قاتتىق تىنتىش ئېلىپ بېرىپمۇ ئىبراھىم ئىسمايىلنى تۇتالمىغان بولسىمۇ ئەمما ئىبراھىم ئىسمايىل بىلەن كۆرۈشتى، ئىبراھىم ئىسمايىلنى ئۆيىدە قوندۇردى دىگەن باھانىلار بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىن مىڭلارچە كىشىنى قولغا ئالغانلىقى مەلۇم. ئەينى چاغدا غۇلجىدىكى يەرلىك ساقچى دائىرلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، غۇلجىدا سىياسى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 8660-قىسىم قاتارلىق ئورگانلاردا،يۈز مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق ساقچى بار بولۇپ، بۇنداق زور قوشۇن ۋ ە قاتتىق تىنتىشتا ئىبراھىم ئىسمايىلنى تۇتالماسلىقى مۈمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ يەردىكى مەقسەت ئىبراھىم ئىسمايىلنى بىر مەزگىل ئىلاھىلاشتۇرۇش ۋە ئاندىن قولغا چۈشۈرۈش ھىلىسى ئارقىلىق كىشىلەرنى قورقۇتۇش ۋە جەڭگىۋارلىقىنى سۇسلاشتۇرۇش شۇنداقلا خىتاي ھاكىميىتى ئۆزلىرىنىڭ كۆپلىگەن جەڭگىۋار ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلىشىغا زىمىن ھازىرلاش ھىلىسى يوشۇرۇنغانىدى. ئىگەللەشلەرگە ئاساسلانغاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ، غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسىنى ئىبراھىم ئىسمايىلنى ئۆيىدە قوندۇردى دىگەن باھانە بىلەن خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلىغان ۋە سىياسى سالاھىيىتى نۇقتىلىق ھالدا تەكشۈرۈلۈپ تۇرغان. 5-فېۋرال ئارخىپلىرىنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىدا ئاكىسى شېھىت تۇرسۇن سەلەي ھەققىدە قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى بەرگەن بۇسەرەم سەلەي خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دەيدۇ. (بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى رادىئو پروگراممىمىزدىن ئاڭلاڭ)

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى،ئىبراھىم ئىسمايىلنى يەمچۈك قىلىپ، غۇلجا شەھرىدە قاتتىق تىنتىش ۋە قولغا ئېلىش ھەركىتى ئېلىپ بېرىش مەقسىدىگە يەتكەندىن كېيىن،
1998-يىلى 4-ئايدا غۇلجا شەھەر تاشكۆرۈك يېزا يېڭىنۇر كوچا 75-نومۇرلۇق قورادا ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا قولغا ئالغان. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئىبراھىم ئىسمايىل تېلۋىزور ئېكرانلىرىدا پەيدا بولۇپ، ئۆز قىلمىشىغا قاتتىق تۆۋە قىلغان ۋە بىرقانچە كىشىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ دەرھال قورال ياراقلارنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلغان. ئەمما بۇ تەۋسىيە قىلىشلارنىڭ قاتتىق قىيىن قىستاقلار ئارقىلىق بولۇۋاتقانلىقى، ئىبراھىم ئىسمايىلنىڭ ئالدى تەرەپكە چاپلاپ قويۇلغان بىر پارچە قەغەزنى ئوقۇپ بېرىۋاتقانلىقى غۇلجا خەلقىنىڭ دىققىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان.ئىبراھىم ئىسمايىلنىڭ يېقىنلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،تاياق زەربىسىدىن ئۇنىڭ يۈز كۆزلىرى كۆكۈرۈپ ۋە ئىشىپ كەتكەن بولۇپ،كۆزلىرى نۇرسىز ۋە ھارغىن ئىكەن.

ئارىدىن بىر يىلچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن غۇلجا شەھرىدە ئوچۇق سوت ئېچىلىپ ئىبراھىم ئىسمايىلغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ شۇ كۈنى ئىجرا قىلىنغان. بىر مەزگىل ئىلاھىلاشتۇرۇلغان ئىبراھىم ئىسمايىل ئارخىۋى مانا شۇنداق يېپىلغان، ئەمما غۇلجا خەلقى نۇرغۇنلىغان سىرلارنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتكەن ئىبراھىم ئىسمايىلنى 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلاۋىنىڭ قەھرىمانى سۈپىتىدە خاتىرلەپ كەلمەكتە.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قولىغا تىرىك چۈشكەن ئىبراھىم ئىسمايىلنىڭ خىتاي ساقچىلىرى سورىغان نىمە ئۈچۇن باشقا شېھىتلاردەك ئۆزلىرى بىلەن ئېتىشمىغانلىقى ھەققىدىكى سورىغان سوئالىغا ئىبراھىم ئىسمايىلنىڭ نىمە دەپ جاۋاپ بەرگەنلىگى ھەققىدە توختالغان تاھىر ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ.(بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى رادىئو پروگراممىمىزدىن ئاڭلاڭ)

شۇنداق 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلاۋى ھەققىدە بىلمەيدىغانلىرىمىز بىلىدىغانلىرىمىزدىن كۆپ. غۇلجا خەلقى ئارىسىدا تىللاردا داستان بولۇپ كېلىۋاتقان يەنە بىر شېھىت ھېكايىسى ئابدۇۋەلى ئابابەكرىنىڭ ھېكايىسى.

خىتاي تاجاۋۇزچى ئارمىيەسىنىڭ مۇنتىزىم قوراللانغان 8660-قىسمى ۋە ئىلى ئوبلاستلىق زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالاھىدە ئەترىتى قاتارلىق ئالاھىدە قىسىملىرى بىلەن،چەكسىز كەتكەن غۇلجا مەھەللىلىرى ، ئېتىزلىقلار تاغۇ دەريالار ۋە يايلاقلاردا مۆكۈنۇپ يۈرۈپ پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ شېھىت بولغان. ئابدۇۋەلى ئابابەكرىنىڭ ھىكايىسى 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلاۋى جەريانىدا بىپايان ئىلى ۋادىسىدا يۈز بەرگەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قەھرىمانلىق داستانلىرىنىڭ بىرى. شېھىت ئابدۇۋەلى ئابابەكرى ،غۇلجا شەھەر تاشيول ئىدارىسى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئابابەكرى ئاكىنىڭ ئوغلى بولۇپ ، ئابابەكرى ئاكا غۇلجا شەھەر تاشيول ئىدارىسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىشچىسى ئىدى.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلاۋى يۈز بەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان قەھرىمان ئۇيغۇر ئوغۇل قىزلىرى قاتارىدا،ئابدۇۋەلى ئابابەكرىگىمۇ تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىدۇ. خىتاي تاجاۋۇزچى ئارمىيەسى سانىنىڭ جىق بولۇشىغا قارىماي، ناھايىتى قورقۇنچاقلىقى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەنلىگى سەۋەبىدىن غۇلجا شەھرىنىڭ يەر شەكلىنى ياخشى بىلمىگەنلىگى ئۈچۈن 5- فېۋرال پارتىزانلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا ئېغىر زىيان تارتىدۇ.

نەتىجىدە غەزەپلەنگەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، پارتىزانلىرىمىز تۇرۇشلۇق يېزىنى قورشاپ، پارتىزانلىرىمىز مۆكۈنگەن دائىرىنى پارتىلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ نەقەدەر ئاجىز بىر ئەسكىرى قىسىم ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ.

خىتاي تاجاۋۇزچى ئارمىيەسى بىلەن بولغان كۆپ قېتىملىك توقۇنۇشلاردا، مەرگەنلىگى ۋە چەبدەسلىگى بىلەن ئامان قالغان شېھىت ئابدۇۋەلى ئابابەكرى بىر قېتىملىق توقۇنۇشتا پۇتىغا ئوق تېگىپ يارىلىنىدۇ ۋە غۇلجا شەھەر بويانداي يېزىسىدىكى بىر دىھقاننىڭ ئۆيىگە يوشۇرىنىدۇ ۋە يارىسىنى داۋالىتىدۇ. كېيىن باشقىلارنىڭ چېقىپ قويۇشى بىلەن ئۇنى داۋالاۋاتقان دوختۇرمۇ تۇتۇپ كېتىلىدۇ. ئابدۇۋەلى ئابابەكرىنىڭ ئۇستا مەرگەن ئىكەنلىگىنى،كۆپ قېتىملىق توقۇنۇشلار جەريانىدا ياخشى بىلگەن خىتاي تاجاۋۇزچى ئارمىيەسى ئۆزلىرىدىن كۆپ چىقىم بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بويانداي يېزىلىق ساقچىخانىدىكى بىر ئاكتىپ ئۇيغۇر ساقچىنىڭ يول باشلىشى بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئابدۇۋەلى ئابابەكرى پانالانغان دىھقاننىڭ ئائىلىسىنى قورشۇۋالىدۇ. بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا ئابدۇۋەلى ئابابەكرى يەنىلا قورشاۋنى يېرىپ چىقىپ كېتىدۇ. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى غۇلجا شەھرىدىن ئۈرۈمچىگە ۋە ئىلى ۋىلايىتىدىكى سەككىز ناھىيەگە بارىدىغان بارلىق يوللارنى قاتتىق كونتىرول قىلىدۇ. مەھەللە –مەھەللە ۋە غۇلجا بازار ئىچىدە قاتتىق كىملىك تەكشۈرۇش ئېلىپ بارىدۇ.خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ساقچى ماشىنلىرىنىڭ چېقىرغان ئاۋازى 24 سائەت غۇلجا تەۋەسىدە بېسىقمايدىغان ئەھۋال شەكىللىنىدۇ. مۇستەھكەم قورغان غۇلجا مەھەللىلىرى ، غۇلجا خەلقى ئۆز قەھرىمانى ئابدۇۋەلى ئابابەكرىگە قۇچىغىنى ئاچىدۇ، ئۇنى يوشۇرۇپ ساقلايدۇ.

بىر قانچە ئايغا سوزۇلغان قاتتىق تىنتىش نەتىجىسىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئابدۇۋەلى ئابابەكرىنىڭ غۇلجا شەھەر بايكۆل كەنتىگە يوشۇرۇنغانلىقىنى سېزىۋالىدۇ.

بۇ قېتىم غالجىرلاشقان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، پەقەت ئابدۇۋەلى ئابابەكرى ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى، يوشۇرۇنغان قورۇنىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل بايكۆل يېزىسىنى قورشاۋغا ئالىدۇ.

1998-يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئايلىرىدا، غۇلجا شەھەر بايكۆل يېزىسىدىكى بىر دىھقان ئائىلىسىدە قورشاۋدا قالغان ئابدۇۋەلى ئابابەكرى ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى، تۈركۇم- تۈركۇملەپ ھەربىي ماشىنا بىلەن بايكۆل يېزىسىغا خۇددى چۈمۈلىدەك تۆكۈۋېتىلگەن، ئېغىر تىپتىكى زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ تەسلىم بولۇش ھەققىدىكى بۇيرىغىغا پەرۋا قىلماي، شېھىت بولۇش يولىنى تاللايدۇ ۋە بىر كىچە كۈندۈز قاتتىق تېنتىش نەتىجىسىدە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇلار يوشۇرۇنغان ئائىلىنى بوماردىمان قىلىشى بىلەن شېھىت بولىدۇ. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئابدۇۋەلى ئابابەكرى ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرىنى تىرىك قولغا چۈشۈرۈش مەقسىدىگە يېتەلمەيدۇ. شۇ چاغدا ئابدۇۋەلى ئابابەكرى ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن ئىدى.

ئابدۇۋەلى ئابابەكرى شېھىت بولۇشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى، ئاتا ئانىسىغا بىر مەكتۇپ كىرگۈزگەن بولۇپ، مەكتۇپتا،ئۆزىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۆرەش قىلىپ شېھىت بولۇش يولىنى تاللىغانلىقىنى، تىرىك قولغا چۈشۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ يولنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن پۇشمان قىلمايدىغانلىقىنى، ئاتا ئانىسىنىڭمۇ ئۇنىڭ بۇ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىگىنى ۋە ھەرگىز پۇشمان قىلماسلىقىنى،شېھىت بولغاندىن كېيىن نەزىر چىراق ئۆتكۈزمەسلىكىنى، ياش تۆكمەسلىگىنى، قەيسەر ۋە مەردانە بولۇشلىرى كېرەكلىگىنى ئالاھىدە ئۆتۈنگەن.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئابدۇۋەلى ئابابەكرى شېھىت بولغاندىن كېيىنمۇ خاتىرجەم بولالمايدۇ ۋە ئابدۇۋەلىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئولتۇرۇشلۇق ئىلى ۋىلايەتلىك تاشيول ئاسراش ئىدارىسى ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا(ھازىرقى غۇلجا شەھەر ئالتۇنلۇققا توغرا كېلىدۇ) 10 غا يېقىن قوراللىق ساقچىنى قاراۋۇللۇققا ئەۋەتىپ نەزەربەنت ئاستىغا ئالىدۇ.

ئۇندىن باشقا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، ئابابەكرى ئەپەندىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ ئەر ئايال ئىككىسى بىر ئۆمۇر ئىشلەپ يىققان 40 مىڭ خىتاي پۇلىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.

5-فېۋرال ئىنقىلاپچىلىرىنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىگى شۇكى، ئۇلار ئائىلىسى ۋە يېقىن ئۇرۇق تۇققانلىرىدىن ئۆزلىرى شېھىت بولغاندىن كېيىن ياش تۆكۈپ يىغلىماسلىقنى، نەزىر چىراق ئوتكۈزمەسلىكنى ئالاھىدە تەلەپ قىلغان.ئۆزلىرىنىڭ شېھىتلىك يولىنى رازىمەنلىك بىلەن تاللىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. مانا بۇ 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلاۋى روھى، مانا بۇ شېھىتلىك روھى.

تارختىكى نۇرغۇنلىغان ئېرقىي قىرغىنچىلار ئۆزلىرى نىشان قىلغان كىچىك مىللەتلەرنى يوق قىلىشتا ئالدى بىلەن ئۇ مىللەتلەرنى تەشۋىقات ئارقىلىق سېسىتىش ھىلىسىنى قوللانغان ۋە بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان ھىلىمىكىرلەرنى ئويلاپ چىققان . مەسىلەن يەھۇدىلار، ئافرىقىلىقلار، ئىندىئانلار، بىرمىدىكى روھىنا مۇسۇلمانلىرى ۋە ئۇيغۇرلار.

5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلاۋى شېھىتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق جانلىرى بەدىلىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك زەھەرلىك چىكىملىك خۇمارى، ئەيدىز بىمارى، ھورۇن ئەبگاھ بىر مىللەت ئەمەسلىگىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى پۇتۇن دۇنياغا ئاڭلاتتى.

ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن، 5-فېبرال ئارخىپلىرى ناملىق پروگىراممىمىزنىڭ 10-قىسمى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. 5-فېۋرال ئارخىپلىرىنىڭ 11—قىسىمدا كۆرۈشەيلى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز