5-فېۋرال ئارخىپلىرى 11-قىسىم


ئاپتورى: گۈلشەن ئابدۇقادېر

مىكروفۇندا: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلاۋى شەرقى تۈركىستان يېقىنقى زامان تارىخىدىكى خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان پارتىلاش خارەكتىرلىق ئىقىلاب.

تارىخ كائىناتنىڭ ۋىجدانى دەيدۇ ئاسترونوم شائىر ئۆمەر ھەييام. شۇنداق، بۇندىن يىگىرمە يىل بۇرۇن شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتىلىدىغان بىر جۇغراپىيەدىكى كىچىككىنە شەھەر غۇلجىدا يۈز بەرگەن غۇلجا 5-فېۋرال ئىقىلاۋىمۇ ئىنسانىيەت تارىخىغا تامغىسىنى ئۇرغان كائىناتنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋىجدانى ئاۋازى. تۆلىگەن بەدەللەر، تۇپراقتا ياتقان شېھىدلەر بۇ ۋىجدانى ئاۋازنى ئۇيغۇر تارىخىنى ڭ ئالتۇن بەتلىرىگە قوندۇرىشىمىزنى كۈتمەكتە.

قەھرىمانى بولمىغان بىر مىللەتنىڭ كېلەچىگىمۇ بولمايدۇ.ئۇيغۇر خەلقى تارىخنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدە ئۆز قەھرىمانلىرى، شېھىدلىرى ۋە كۆرەشچىلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ كەلگەن بىر مىللەت.

5-فېۋرال ئارخىپلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمانلىق تارىخى ئىچىدىكى قارىمۇقنىڭ قاسرىقىدەك بىر بۆلىگى.بىز تارىخنىڭ كۆمۈلۈپ قېلىشىنى ۋىجداننىڭ كۆمۈلۈپ قېلىشى دەپ قارىغانلىقىمىز ئۈچۈن قولىمىزغا قەلەم ئالدۇق. ئاللاھ بىزگە ئىنتايىن يۇقۇرى يارىتىش مۆجىزىسى بىلەن بەرگەن ئاڭلاش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارىمىزنى ئىشقا سېلىپ بۇ قەھرىمانلىق داستانىغا شاھىد بولغانلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا قۇلاق بەردۇق.

5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلاۋى ھەققىدە بىلمەيدىغانلىرىمىز بىلىدىغانلىرىمىزدىن كۆپ. سۆزلەيلى … … … يازايلى … … …
تارىخمىز ئاق قەغەز بولۇپ قالمىسۇن!

شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئىسسىق جانلىرىنى تەقدىم قىلغان، ئاللاھ يولىدا شېھىد بولغان بارلىق شەرقىي تۈركىستان ئوغۇل قىزلىرىغا ئاللاھ جەننەتۇل فېردەۋىس ئاتا قىلسۇن!!!

11-قىسىم غۇلجىدىكى تۈرمىلەر

5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلاۋىنىڭ ئالدى كەينىدە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان تۈرمىلەردىن ئاساسلىغى، ئىلى̇ ئوبلاستلىق ساقچى تۈرمىسى، بىڭتۇئەن قارمىغىدىكى 4-دىۋىزىيە تۈرمىسى، چاپچال سۇ تۈرمىسى ۋە غۇلجا شەھەرلىك يېڭى ھايات تۈرمىلىرىدىن ئىبارەت.
1997-يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلاۋىنىڭ ئالدى كەينىدىكى، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش جەريانىدا غۇلجا شەھەرلىك يېڭىھايات تۈرمىسىگە سولانغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئارىسىدا يەنە،ئىلگىرى̇ ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدە ياتقان،ھازىر ئالبانىيەدە ياشاۋاتقان ئابابەكرى قاسىممۇ بار ئىدى.
ئۇ غۇلجا شەھەرى يېڭىھايات تۈرمىسىدە كۆرگەنلىرىنى ئاڭلاتتى.

پروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىدا مەخسۇس تونۇشتۇرۇلغان ئىلى ئوغلانى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك پەرزەنتى، ئۇستا مەرگەن، ئىلى ئوبلاستلىك زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە ئەترىتىدىكى خىتاي غالچا ئەسكەرلىرىدىن لوڭفېي بىلەن نۇرلاننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، نۇرغۇنلىغان خىتاي ئەسكەرلىرىنى يارىلاندۇرغان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر 26-ئىيۇن ئۇچئۇن ۋەقەسىنىڭ قەھرىمان شېھىدى تۇرسۇن سەلەي ئەينى يىللاردا، غۇلجا شەھرىدىكى ئەڭ ۋەھشى تۈرمىلەرنىڭ بىرى بولغان دىۋىزىيە تۈرمىسىدە قاتتىق تەن جازاسىغا ئۇچۇرغان قەھرىمانلىرىمىزنىڭ بىرى.تۇرسۇن سەلەينىڭ ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان سىڭلىسى بۈسارەم سەلەي ئىلى دىۋىزىيە تۈرمىسىدە تەن جازاسىغا ئۇچۇرغان ئاكىسى تۇرسۇن سەلەينىڭ قانداق ئەھۋالغا چۇشۈپ قالغانلىغى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەيدۇ.

ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامۇ تۈرمىسىدە ياتقان،ھازىر شىۋىتسىيەدە ياشاۋاتقان ئادىلجان ھاكىم خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانۇنسىز تەبلىق پائاليىتىگە قاتناشقان دىگەن گۇمان بىلەن 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇتۇلۇپ 5 كۈن، ئاندىن يەنە ئارقا ئارقىدىن 2 قېتىم تۇتۇلۇپ 18 كۈن ۋە 36 كۈن، ھەر قېتىم تۇتۇلغاندا ئوخشاشلا غۇلجا شەھەرلىك يېڭى ھايات تۈرمىسىگە سولانغان 5- فېۋرال شاھىتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ غۇلجا شەھەرلىك يېڭىھايات تۈرمىسىنى ۋەھشى تۈرمىلەرنىڭ بىرى دەپ تەرىپلىدى ۋە بۇ تۈرمىنىڭ قىيناش ئۇسۇللىرىنى ئاڭلاتتى.

ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان تاھىر مىجىت ئەپەندى غۇلجا شەھەر يېڭى ھايات تۇرمىسىگە سولۇنۇپ مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن بىر قىسىم دوستلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈلپەتلەرنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە،5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلاۋىدا، يېڭىھايات تۈرمىسىگە قامالغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندە نورمال ئادەمدەك بولالمىغان.

ئالدىنقى قىسىم پروگىراممىمىزدا ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتكەندەك، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ، 5- فېۋرال غۇلجا ئىنقىلاۋىنىڭ سەركەردىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، 90- يىللاردا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا يۈز بەرگەن مىللى ۋە دىنىي ئويغۇنۇش ھەركىتىنىڭ بايراقدارلىرىنىڭ بىرى، مەزلۇم شەرقىي تۈركىستاننىڭ تىز پۈكمەس ئوغلى شېھىت ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىتنى 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلاۋى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىدا، غۇلجا شەھرىدىكى تەن جازاسى ئىنتايىن ئېغىر بولغان غۇلجا شەھەر يېڭى ھايات تۈرمىسىگە سولىغان 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن قويۇپ بېرىپ، 5-فېۋرال غۇلجا نامايىشى يۈز بەرگەن كۈنى نامايىشقا چىققان مىڭلارچە غۇلجا ئوغۇل قىزلىرى قاتارىدا يەنە قولغا ئالغان. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇنى بۇ قېتىم پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىنچە تەن جازاسى ئىنتايىن ئېغىر بولغان چاپچال تۈرمىسىگە قامىغان .
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، ئابدۇخېلىل مىجىتنى تاكى ئۇ 2000- يىلى شېھىت بولغانغا قەدەر ھىچقانداق سوتلىمىغان ۋە ئۇ ھەققىدە ھۆكۈممۇ ئېلان قىلمىغان. ئۇنىڭ ئادۇۋكات تەكلىپ قىلىشىمۇ مۈمكىن ئەمەس ئىدى. ئابدۇخېلىل مىجىت چاپچال تۈرمىسىدىكى دەھشەتلىك قىيىن قىستاقلار تۈپەيلى نىمجان بوپ قالغان. ئۇ دەھشەتلىك قىيىن قىستاق سەۋەبىدىن ئاللا بىر دىگەن بۇ مۇقەددەس ئېتىقاتقا خائىنلىق قىلىپ قويماسلىقى ئۈچۈن تىلىنى چاينىۋالغان. ئابدۇخېلىل مىجىت تۈرمىدە يەنە بىر ئايغا يېقىن ئاچلىق ئېلان قىلىپ شېھىت بولغان.
ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھىچ بىر زامان ۋە ھىچ بىر دەۋردە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا روھى جەھەتتىن تەسلىم بولمايدىغانلىغىدىن ئىبارەت بۇ ئۆلمەس داستاننى ئۆز ھاياتى بەدىلىگە يېزىپ قالدۇرۇپ شېھىت بولغاندا ئەمدىلا 30 ياشتا ئىدى.
ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىتنىڭ چاپچال تۈرمىسىگە سولانغاندىن كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئۆز ئىسىم شەرىپىسىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىسى مۇنداق دەيدۇ.

بۇ ئۇيغۇر زىيالىسى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يوق قىلىش ۋە قىرىپ تۈگۇتۈش سىياسەتلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ يەنە مۇنداق دەيدۇ.

شېھىت تۇرسۇن سەلەينىڭ غۇلجا بىڭتۇئەن قارمىغىدىكى 4- دىۋىزىيە تۈرمىسىگە قامالغان چاغدا ئىنسان قەلىپىدىن چىققان ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن قىينالغانلىغى ھەققىدە توختالغان، تۇرسۇن سەلەينىڭ قەينى ئىنىسى تاھىر مىجىت مۇنداق دەيدۇ.

ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن 5-فېۋرال ئارخىپلىرى ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىمىزنىڭ 12-قىسمى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. كېلەر قېتىملىق پروگىراممىمىزدا كۆرۈشەيلى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز