5-فېۋرال ئارخىپلىرى 14-قىسىم


ئاپتورى: گۈلشەن ئابدۇقادېر

مىكروفۇندا: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

5-فېبرال ئارخىپلىرى 14- قىسىم

5-فېبرال غۇلجا نامايىشىغا چىقىش ۋە چىقماسلىق ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر ۋە ئاقىۋىتى

1990 – يىلىدىن 2000-يىلىغىچە بولغان بۇ 10 يىل ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان تارىخىدا جۈملىدىن غۇلجا تارىخىدا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىر تەرەپتىن قوش تىل ماارىپى دەيدىغان ئۇيغۇر تىلىنى تارخ سەھنىسىدىن يوق قىلىش مەخسەت قىلىنغان ماارىپ سىستىمىسىنى، يولغا قويغان، يەنە بىر تەرەپتىن ساختا خىروىن ۋە يۇقۇرى گىرادۇسلۇق ھاراق شاراپلارنى ئەرزان باھادا تۆكمە قىلىپ سېتىش، ئەيدىز كېسىلىنىڭ يامرىشىغا كۆز يۇمۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەقدار ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنى بىخوت، ئەبگا ۋە نامراتلىق پاتقىغىغا پاتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئاسمىلاتسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشكە تىرىشقان بىر دەۋىر بولدى.

ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ھەر كۈنى دىگۈدەك ئەيدىز ۋە زەھەرلىك چېكىملىك
سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن ياش يىگىتلەرنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى بىلەن مۇسۇبەتلىك ئىدى.بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتتا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، ئۇيغۇر ماارىپىنى يوق قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشكە
باشلىدى.ئىلى ۋادىسىنى مەركەز قىغان رايۇنلاردىكى
ئويغاق ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى بىر تەرەپتىن زەھەرلەپ يەنە بىر تەرەپتىن تىلى ۋە دىنىنى يوق قىلىش ئارقىلىق ھالاك قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىۋاتقانلىغىنى سېزىپ، پۈتۈنلەي ھاراق شاراپ ۋە زەھەردىن قول ئۈزۈپ، ئانا تىل مەدىنيىتى ۋە ئۆرىپ ئادەت بۆشۈگى ساپلانغان ئەنئەنىۋى مەشرەپ پااليىتىنى يولغا قويۇپ، ئەخلاقى جەھەتتە ئاجايىپ زور ئوڭشۇلىش ۋەزىيتىنى شەكىللەندۈردى. ئۇيغۇر مىللىتىدىكى بۇنداق غايەت زور ئوڭشۇلۇش خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى بىارام قىلىشقا باشلىدى. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ،ئەينى يىللاردىكى ئەھۋالدىن تولۇق خەۋەردار، ھازىر مەلۇم بىر دۆۋلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىسى مۇنداق دەيدۇ.(1- ئاۋاز)

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مەشرەپنى قانداق توسقانلىغى ۋە
5 -فبرال غۇلجا ئىنقىلاۋىنىڭ قانداق بىر ئالاھىدە تارىخى شاراىتتا مەيدانغا
كەلگەنلىگى ھەققىدە توختالغان ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان ئەينى يىللاردا ئىلى مەشرىپى، جىگدىلىك مەھەللە مەشرەپ گۇرپىسىدا مۈھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن تاھىر مىجىت ئەپەندى ئەگەر ئەينى يىللاردا غۇلجىدىكى ھەممە مەشرەپ گۇرپىلىرى،ئابدۇخېلىل مىجىتقا ئەگىشىپ نامايىشقا چىققان بولسا، ئۇ چاغدا بۇ نامايىش 10 مىڭ كىشىلىك نامايىش بولغان بولاتتى دەيدۇ.( 2-ئاۋاز)

قەخرىمان شېھىت تۇرسۇن سەلەيمۇ 5-فېبرال غۇلجا نامايىشىغا قاتناشمىغان ۋە ناميىش قىلىپ چىقىشنىڭ تارىخى شەرت شارائىتى تىخى پىشىپ يېتىلمىدى دەپ قارىغان ئىنقىلاپچىلارنىڭ بىرى. ئاكىسىنىڭ 5-فېبرال غۇلجا نامايىشىغا قاتناشمىغانلىغى ھەققىدە توختالغان، تۇرسۇن سەلەينىڭ ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان سىڭلىسى بۈسەرەم سەلەي مۇنداق دەيدۇ.(3- ئاۋاز)

ئەينى يىللاردا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، بىر تەرەپتىن مەشرەپ ئويناشنى قاتتىق چەكلىسە يەنە بىر تەرەپتىن يوشۇرۇن تۇتقۇن قىلىشنى باشلىغان.نامايىش قىلىشنىڭ خىتاي ھاكىميىتىدە ناھايىتى خەتەرلىك بىر ئاقىبەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىغىنى پەرەز قىلغان ئالدىن كۆرەر ئۇيغۇر زىيالىلىرىمۇ، نامايىش قىلىشنى مەسىلە ھەل قىلىدىغان ئۈنۈملىك تەدبىر دەپ قارىمىغان. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەھۋالدىن تولۇق خەۋەردار ئۇيغۇر زىيالىسى مۇنداق دەيدۇ.(4-ئاۋاز)

ئەمما مەيلى5-فېبرال غۇلجا ناميىشىنى تەشكىللىگەن ئابدۇخېلىل مىجىت بولسۇن ۋە ياكى نامايىش قىلىش تەرەپدارى بولمىغان تۇرسۇن سەلەي قاتارلىق ئۇيغۇر ئوغلانلىرى بولسۇن ھەممىسى ئوخشاشلا بىر خىل تىرادىگىيەگە دۇچ كەلگەن.خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىنتايىن ئېغىر قىيىن قىستاقلارغا دۇچار قىلغان ۋە بۇلارنىڭ ئاقىبىتى ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلاشقان. غۇلجا شەھرىدىكى بىر دەۋرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن قىرىلىپ تۈگىگەن.

قىسىم تۈگىدى..14

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز