باھار چىللايمەن



ئاپتورى: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

مىكروفۇندا: قاراخان

مۇزلۇق كوچىنىڭ تاملىرى قىيسىق،
مەھزۇن شەھىرىنىڭ دەملىرى سىقىق،
بۇلۇڭ پۇچقاقنى قويماي چارلىتىپ،
قىشنىڭ ساقچىسى چېلىپ ئىسقىرىق.

كۈننىڭ ئەسىرى يوق، ھاۋا تۇمانلىق،
يەرلەر تىترىشۇر، مۇزلىغان جانلىق،
ھەر نە شادلىقتىن جۇدادۇر ھايات،
ئاڭلىنار ھەر ئۇن، مۇڭلۇق پىغانلىق.

كۆزلەر غەزەپلىك، قاپاقلار تۈرۈك،
ھاياتنىڭ دېمى سىقىق ۋە ئۈزۈك،
مۇزلىغان شەھهر باھارنى چىللاپ،
ئاچچىق ئۇن بىلەن چالاتتى گۈدۈك.

تۇرخۇن تۈۋىدە يىرتىق كۆن ئۆتۈك،
چورۇق تىترەيدۇ تاپىنى تۆشۈك،
مەسۇم گۆدەكلەر چىرايى سېرىق،
قوللار سۇنۇلغان، بويۇنلار پۈكۈك.

باھار چىللايمەندىكى ئىنكاسلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز