دۇنيا ۋە خىتايغا نەزەر 1-بۆلۈم


ئەسلى ئاپتورى: ئەلروھلان

پروگراممىغا تەييارلىغۇچى: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

تەھرىرلىگۈچى: ئازاد قاسىم

–ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردە، خىتاي يېقىن كەلگۈسىدە ئاسىيا ياكى دۇنيادىكى 1-ئورۇندىكى ھۆكۈمران كۈچكە ئايلىنالامدۇ؟
–ھازىر دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىمپېرىيىلەردىن قايسىلىرى بار؟
–دۇنيا تارىخىدا 2 ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ چوڭ ئىمپېرىيىلەر تەڭ مەۋجۇت بولغاندا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغان؟
–ھازىرغىچە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا قانداق كۈچ سىناشلار يۈز بەرگەن؟
–خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئۇرۇشامدۇ؟ ئۇرۇشسا ئۇنىڭ قانداق خەۋپلىرى بار؟
–خىتاي ئىقتىسادىدا چوڭ مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسىي ئامىللار قايسى؟
–ھازىر خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
–دونالد ترۇمپنىڭ پرېزىدېنت بولۇشى خىتاي ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

1. خىتاي ئاسىيادىكى ھۆكۈمران كۈچ بولالمايدۇ

يېقىنقى بىر مەزگىل ۋاقىتتىن بۇيان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ياخشى خەۋەرلەرنى ئاساسەن ئاڭلىغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ساھەلەردە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى،خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىشى، غەرب ئەللىرىدىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ يېڭىدىن كۈچىيىشى، ۋە بۇرۇنقى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىغان دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلىنىشى چەت ئەلدىكى كۆپلىگەن ۋەتەنداشلارنى يېڭىۋاشتىن چوڭقۇر ئويلاندۇرۇشقا باشلىدى، دەپ پەرەز قىلساق خاتا بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىر قىسىم چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، بىز خەلقئارادا تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەر ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە سۆزلىگەن ئىلمىي دوكلاتلىرى ۋە ئىلمىي لېكسىيىلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

بىز بۇ سەھىپىمىزدە خېلى كۆپ تېمىلار ئۈستىدە توختىلىدىغان بولۇپ، ئۇ تېمىلارنىڭ ھەممىسى دۇنيا ۋە خىتاي ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى خىتايدا بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەر بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن بولغاچقا، دۇنيا ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئەھۋالى ئۈستىدە توختىلىش ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەھۋالى ئۈستىدە توختىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك پروگرامىمىزدا تونۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز «نېمە ئۈچۈن خىتاي ئاسىيانى سورايدىغان ھۆكۈمران كۈچ بولالمايدۇ؟» دېگەن تېمىدىكى بىر ئىلمىي لېكسىيە بولۇپ، ئۇ لېكسىيەنى پول دىب (Paul Dibb) ۋە جون لى (John Lee) ئىسىملىك ئىككى نەپەر مۇتەخەسسىس 2015-يىلى ئاۋسترالىيەدىكى بىر داڭلىق ئالىي مەكتەپتە سۆزلىگەن. بۇ ئىككى نەپەر ئەپەندى يۇقىرىدىكى تېمىدا بىر پارچە ئىلمىي دوكلاتمۇ تەييارلىغان بولۇپ، لېكسىيەنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ دوكلات ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن تەييارلانغاندەك قىلىدۇ.

دوكتور جون لى ئەپەندى لېكسىيە بىلەن دوكلاتنىڭ ئىقتىسادىي ساھەگە تەۋە قىسمىغا، پول دىب ئەپەندى بولسا ھەربىي ساھە قىسمىغا مەسئۇل بولغان بولۇپ، بىز ئالدى بىلەن يۇقىرىدىكى لېكسىيە بىلەن دوكلاتنىڭ ئىقتىسادىي ساھەگە دائىر مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمىز.

ئىقتىسادقا ئائىت مەزمۇننىڭ ئىگىسى بولغان دوكتور جون لى ئاۋسترالىيەدە خەلقئارالىق ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ئىشلار ئۈستىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاكادېمىك بولۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونلىرىنى ئاساس قىلىدىكەن. ئۇ ئاۋسترالىيە مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى (Australian National University) نىڭ ئىستراتېگىيە ۋە ھەربىي مۇداپىئە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى، سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا بىخەتەرلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خۇدسون ئىنستىتۇتى (Hudson Institute) نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ئىكەن. شۇنداقلا ئۇ ئاۋسترالىيە رايونلۇق بىخەتەرلىك ئىنستىتۇتىنىڭ دىرېكتورلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇنىڭ يەنە سىنگاپوردىكى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ۋاقىتلىق ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى، ۋە كوكودا فوندى جەمئىيىتىنىڭ دىرېكتورى بولۇشتەك ۋەزىپىلىرىمۇ بار ئىكەن. جون لى ھازىر ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرىگە ئاسىيانىڭ ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئىستىقبالى توغرىسىدا مەسلىھەتچىلىكمۇ قىلىدىكەن.

2. خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدە

بەزىلەر بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە زور دەرىجىدە كۈچىيىشى ۋە ئاجىزلىشىشى بىلەن ئۇنىڭ ھەربىي جەھەتتىمۇ كۈچىيىشى ئاجىزلىشىشى ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بار، دېگەن كۆز-قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن خىتايغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش مەسىلىسىدە ئۆز-ئارا قارىمۇ قارشى بولغان 2 خىل ئىدىيە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنىڭ بىرى، خىتاي ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلىپ مېڭىپ، ئەڭ ئاخىرى دۇنيادىكى ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئامېرىكىمۇ يول قويمىسا بولمايدىغان ئەھۋال ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، دېگەن ئىدىيىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ يەنە بىرى بولسا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ھازىرقىدەك تېز تەرەققىي قىلىشى مەڭگۈ داۋاملىشىۋەرمەيدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ ھەربىي كۈچى خۇددى ھازىرقىدەك ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچ سەۋىيىسىدىن كۆپ ئارقىدا قېلىپ ماڭىدۇ، دېگەن ئىدىيىدىن ئىبارەت. بىز، يەنى ئەسلىدىكى مەنبەنىڭ ئاپتورلىرى 2-خىل ئىدىيىنى توغرا دەپ قوبۇل قىلىمىز. يەنى، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە خىتاي ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتە توختاۋسىز تەرەققىي قىلىپ، ئاسىيانى سورايدىغان ھۆكۈمران كۈچكە ئايلىنالمايدۇ. ئۇنداق بولۇشىغا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ھەر خىل چەكلىمىلەر سەۋەبچى بولىدىغان بولۇپ، تۆۋەندە بىز ئاشۇ سەۋەبلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئانالىز قىلىپ ئۆتىمىز.

ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىغان مۇنداق 3 ئامىلنى ئېتىراپ قىلىدۇ: (1) كاپىتال (ياكى پۇل) مەبلىغىنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىش، (2) ئەمگەك كۈچى مەبلىغىنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىش، ۋە (3) كاپىتال ۋە ئەمگەك كۈچى مەبلەغلىرىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش. گەرچە ئوخشىمىغان ئەللەر ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا قوللىنىدىغان ئۇسۇللار ئۆز-ئارا ئازراقتىن پەرقلەنسىمۇ، يۇقىرىدىكى ئىقتىسادىي قانۇنىيەت بارلىق سىياسىي-ئىقتىساد قۇرۇلمىلىرىغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، ھېچ قانداق بىر ئەل ئىقتىسادنى ئاشۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرالمايدۇ.

ياپوننىڭ ئىقتىسادى 1960-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە بولغان 20 يىل ۋاقىت ئىچىدە ھەر يىلى 10 پىرسەنتتەك ئۆسۈپ ماڭغان. ئەمما 1995-يىللىرىغا كەلگەندە ياپون ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئاساسەن نۆل پىرسەنتكە چۈشۈپ قالدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر ياپون ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا كۆرۈلگەن ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەرنى تەھلىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ئۇلار كاپىتال ۋە ئەمگەك كۈچى مەبلىغىنىڭ مىقدارىنى ئۆستۈرۈشتە خېلى كۈچىگەن بولسىمۇ، بۇ ئىككى خىل مەبلەغنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ ماڭغانلىقى ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىقتى. يەنى كاپىتال ۋە ئەمگەك كۈچى مەبلىغىنىڭ مىقدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭغا ماس ھالدىكى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىپ ماڭالمىغان ئىقتىساد چوقۇم تەرەققىياتتىن توختاپ قالىدۇ.

(1) خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ كاپىتال مەبلەغ مىقدارى جەھەتتىكى چەكلىمىسى

كۆپلىگەن ئوبزورچىلار خىتاينىڭ ئېكسپورت سانائىتى ۋە ئۇنىڭ «دۇنيا زاۋۇتى» غا ئايلىنىشى جەھەتتىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈستىدە كۆپرەك توختىلىدۇ. ئېكسپورت سانائىتى ھەقىقەتەنمۇ خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ بىر مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭدا ھازىر 50 مىليوندەك ئادەم بىۋاسىتە، يەنە 100 مىليوندەك ئادەم ۋاسىتىلىك ئىشلەيدۇ. ئەمما خىتاي ئىقتىسادىغا چوڭراق تۆھپە قوشقىنى ئېكسپورت ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان مۇقىم مەبلەغدىن ئىبارەت. 1980- ۋە 1990-يىللاردىكى خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ 40 پىرسەنتى ئەنە شۇنداق مۇقىم مەبلەغ ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان. 2009-يىلىغا كەلگەندە ئىقتىسادىي ئۆسۈشنىڭ 70 پىرسەنتى مۇقىم مەبلەغ ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

يۇقىرىدىكى سانلارنى تۆۋەندىكى پاكىتلار ئارقىلىق ياخشىراق چۈشەنگىلى بولىدۇ: 1950- ۋە 1960-يىللىرىدىكى ياپون، جەنۇبىي كورېيە ۋە تەيۋەننىڭ تېز سۈرئەتتە سانائەتلىشىش دەۋرىدە مۇقىم مەبلەغ دۆلەت يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ پەقەت 30 پىرسەنتىنىلا ئىگىلىگەن. ئەمما خىتايدا بۇ قىممەت 1980-يىللىرى 35 پىرسەنت بولغان بولسا، 1999-يىلى 38 پىرسەنتكە ۋە 2004-يىلى 45 پىرسەنتكە ئۆستى. ھازىر بولسا بۇ قىممەت 49 پىرسەنتكە چىقتى. مۇقىم مەبلەغنىڭ GDP نىڭ 49 پىرسەنتىنى ئىگىلىشى پەقەت خىتايدىلا يۈز بەرگەن ئىش بولۇپ، خىتاي بۇ ئىشتا ھازىر دۇنيادىكى چوڭ ئىقتىسادىي دۆلەتلەر ئىچىدە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ.

بۇ قىممەتنى تۆۋەندىكىدەك چۈشىنىشمۇ مۇمكىن: ئالدىنقى 10 يىل ئىچىدە خىتاي ئىقتىسادى 162 پىرسەنت ئۆستى. بۇ 162 پىرسەنتلىك ئۆسۈشنىڭ 6 پىرسەنتى يېڭىدىن قوشۇلغان ئەمگەك كۈچىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ 135 پىرسەنتى مۇقىم مەبلەغدىن كەلدى. يەنى، 162 پىرسەنتلىك GDP ئۆسۈشىنىڭ ئاران 19 پىرسەنتى كاپىتال مەبلىغى بىلەن ئەمگەك كۈچى مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىدىن كەلدى. بۇ دېگەنلىك ئالدىنقى 10 يىل ئىچىدە خىتاي GDP سىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ 80 پىرسەنتى مۇقىم مەبلەغدىن كەلدى، دېگەنلىك بولىدۇ.

مۇشۇنداق يۇقىرى مىقداردىكى مۇقىم مەبلەغگە تايىنىپ ئىقتىسادنى ئۆستۈرۈش دۇنيا تارىخىدا بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىش. شۇڭلاشقا، ھازىر كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە خىتاينىڭ ھازىرقىدەك مۇقىم مەبلەغگە تايىنىپ ئىقتىسادنى ئۆستۈرۈپ مېڭىشى ئانچە ئۇزۇنغا بارمايدۇ.

يۇقىرىدىكى يەكۈننىڭ دەلىللىرى ناھايىتىمۇ كۆپ. مەسىلەن، 1980-يىللىرى خىتاي 2 دوللار مەبلەغ سېلىپ بىر دوللار پۇل تاپالايتتى. 1990-يىللىرى 4 دوللار مەبلەغ سېلىپ بىر دوللار پۇل تاپالايدىغان بولدى. 2011-يىلىغا كەلگەندە 5 دوللار مەبلەغ سېلىپ ئاندىن بىر دوللار پۇل، 2012-يىلى بولسا 5.5 دوللار مەبلەغ سېلىپ بىر دوللار پۇل تاپالايدىغان بولدى. شەرقىي-ئاسىيادىكى باشقا ئەللەرنىڭ ئەھۋاللىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، مەبلەغ بىلەن پايدا مۇشۇنداق 5.5:1 نىسبەتكە چۈشۈپ قالغان ئىقتىساد ئېغىر دەرىجىلىك ئىسراپچىلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنداق ئىقتىسادنىڭ ئۆمرى ئانچە ئۇزۇنغا بارمايدۇ.

يۇقىرىقىدەك ئېغىر دەرىجىكى ئىسراپچىلىق تۈپەيلىدىن، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قەرزى 2008-يىلى GDP نىڭ 147 پىرسەنتىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، 2014-يىلىغا كەلگەندە GDP نىڭ 250 پىرسەنتىدىن ئېشىپ كەتتى. دوللار قىممىتى بويىچە چۈشەندۈرگەندە، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قەرزى 2008-يىلى 9 – 10 ترىللىيون دوللار بولۇپ، 2014-يىلى 20 – 25 ترىللىيون دوللاردىن ئېشىپ كەتتى. ئامېرىكىدىكى بارلىق سودا بانكىلىرىنىڭ بايلىقىنى قوشقاندىمۇ 20 ترىللىيون دوللارغا بارمايدۇ.

يۇقىرىدىكىسى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئەھۋال. ئاشۇنداق زور مىقداردىكى كاپىتال مەبلىغىنى قەرز ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ھازىر خىتاي ئىقتىسادىدا بىر قىسىم ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا باشلىدى. 2011-يىلى خىتاينىڭ قەرزى ئۇنىڭ ماددىي بايلىقىنىڭ 105 پىرسەنتىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ سان دۇنيادىكى ئىقتىسادتا ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان 20 دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى سانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھازىر خىتاينىڭ قەرزگە بەرگەن ئەمما ھېچ قانداق پايدا ئەكەلمەيدىغان پۇلىنىڭ قىممىتى 2 ترىللىيون دوللارغا باراۋەر كېلىدۇ.

1990- ۋە 2000-يىللىرى خىتاينىڭ ئېكسپورت ئىقتىسادى GDP نى ئۆستۈرۈشتىكى ئاساسىي كۈچ بولغان. ئەمما ھازىر ئۇنداق بولالمايدىغان بىر ئەھۋال مەيدانغا كەلدى. شۇڭلاشقا خىتاي ئىقتىسادى بۇنىڭدىن كېيىن 1990- ۋە 2000-يىللىرىدىكىدەك تېز تەرەققىي قىلالمايدۇ.

يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى كاپىتال مەبلەغ بىلەن ئېكسپورتقا تايىنىپ ئىقتىسادنى ئۆستۈرۈشنى دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالغا تايىنىشقا ئۆزگەرتىش. ئەمما، بۇ ئۇسۇلدىمۇ 2 مەسىلە بار. ئۇنىڭ بىرى، پەقەت دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالغىلا تايىنىپ GDP نى 5 – 10 پىرسەنتتىن ئۆستۈرۈپ مېڭىش تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىش بولۇپ، ئۇ ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ يەنە بىرى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار (د ئى ك) ئېكسپورت مەھسۇلاتىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ھازىرغىچە مەبلەغ پۇلى ۋە مەھسۇلات پۇرسەتلىرى جەھەتتە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى (خ ك پ) نىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازىغا ئېرىشىپ كەلدى. ئېكسپورتنى ئازايتىش د ئى ك غا بېرىلىدىغان مەبلەغ پۇلى بىلەن پۇرسەتلەرنى كېمەيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. د ئى ك نى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئازايتىش بولسا خىتاي ئىقتىسادىي سىستېمىسىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، ئۇ يەنە خ ك پ نىڭ خىتاي ئىقتىسادىي سىستېمىسىدىكى ھۆكۈمران ئورنىنىمۇ تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

GDP نىڭ ئۆسۈش نىسبىتى بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تولۇق نامايان قىلىپ بېرەلمەيدۇ. بۇنىڭ بىر مىسالى ياپونىيەدىن ئىبارەت. ياپونىيە GDP سىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىمۇ 1980-يىللىرى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. ئەمما كېيىن توختاپ قالدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىمۇ 1950-يىلىدىن 1973-يىلىغىچە 3 قاتلانغان ياكى 3 ھەسسە چوڭايغان، ئەمما ئۇنىڭ ئىقتىسادىدا ئېغىر مەسىلە بارلىقى كېيىن ئىسپاتلاندى. دېمەك، GDP بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈنۈمى ۋە پايدىسى جەھەتتە ھېچنېمىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ.

خىتاي بۈگۈنگىچە مۇقىم مەبلەغ تەرىقىسىدە نۇرغۇنلىغان ئادەم ياشىمايدىغان بىنالار، ئادەم ماڭمايدىغان يوللار، ۋە ھېچنېمە ئۆتمەيدىغان كۆۋرۈكلەرنى ياسىۋەتتى. ھېچ كىم ئىشلەتمەيدىغان پولاتلارنىمۇ زور مىقداردا ئىشلەپ چىقىرىپ، ساقلاپ قويۇۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئۈنۈمسىز، پايدىسىز، لازىمسىز ۋە تولۇق پايدىلىنىلمايدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى GDP نۇقتىسىدىن قارىغاندا «ئىقتىسادىي ئۆسۈش» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەمدە ئۇلار بىر قىسىم ئوبزورچىلار تەرىپىدىن كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇ نەرسىلەر ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ ئېشىپ مېڭىشىغا ھېچ بىر ئىجابىي تۆھپە قوشالمايدۇ.

بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈشىنى نېمە كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدۇر. خىتاي ئالدى بىلەن ئىقتىسادنى ئۆستۈرۈشنىڭ بىر مەجبۇرىي نىشانىنى بېكىتىپ، ئاندىن سودا-سانائەت لوگىكىسى ۋە پايدا-زىيان مۇناسىۋىتىگە ئەمەس، بەلكى ئاز ساندىكى ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە قوغدالغان ۋە ئىنتايىن كۆپ ئالاھىدە ئىمتىيازلارغا ئىگە قىلىنغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارغا تايىنىپ ئاشۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىنى تۇتۇۋاتىدۇ. بۇنداق قىلىش مۇقەررەر ھالدا دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن قىيىن ئۆتكەللەرنى يېڭەلمەيدىغان ناچار ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ بارىدۇ. ئاشۇنداق قىيىن ئۆتكەللەر ئۈستىدە ئانالىز يۈرگۈزۈش خىتاينىڭ ئاسىيادا ھۆكۈمران كۈچكە ئايلىنىش-ئايلانماسلىقى ئۈستىدە ئانالىز يۈرگۈزۈشكە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم.

(2) خىتاي باي بولۇشتىن بۇرۇن قېرىپ بولىدۇ

گەرچە ھازىر ياپونىيە شەرقىي-ئاسىيانىڭ «بوۋىسى» دەپ قارالسىمۇ، بۇ رايوننىڭ كەلگۈسىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى مەسىلىسىگە كەلگەندە خىتايغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈنۈشى كېرەك. خىتايدا ھازىر 1.35 مىليارد نوپۇس بار بولۇپ، 2030-يىلىغا كەلگەندە بۇ سان كىچىكلەشكە باشلايدۇ.

بۇ مەسىلىدە خىزمەت يېشىدىكى كىشىلەر (يەنى 15 – 64 ياشلىق كىشىلەر) ياكى «ئەمگەكچىلەر» بىلەن يېشى 65 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇپ دەم ئېلىشقا چىققان كىشىلەر ياكى «ياشانغانلار» نىڭ نىسبىتى ناھايىتى مۇھىم. 1980-يىللىرى خىتايدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇستىكى نىسبىتى 73 پىرسەنت ئىدى. ئۇ ھازىر 68 پىرسەنت. بۇ نىسبەت 2020-يىلى 65 پىرسەنتكە، ۋە 2035-يىلى 60 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالىدۇ. 2015-يىلى خىزمەتتىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ سانى خىزمەتكە يېڭى كىرگەن ئادەملەرنىڭ سانىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

ئەمگەكچىلەر بىلەن ياشانغانلارنىڭ نىسبىتىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرىدىكى سانلارنى تېخىمۇ ئېنىقراق چۈشەنگىلى بولىدۇ. خىتاي 1979-يىلى ئىسلاھات دەۋرىنى يېڭى باشلىغاندا ھەر 7 ئەمگەكچىگە بىر ياشانغان ئادەم توغرا كېلەتتى. ھازىر ھەر 5.5 ئەمگەكچىگە بىر ياشانغان كىشى توغرا كېلىدۇ. ھازىرقى مۆلچەرچە، 2035-يىلىغا بارغاندا ھەر 2 نەپەر ئەمگەكچىگە بىر ياشانغان كىشى توغرا كېلىدۇ. يەنى، كېيىنكى 20 يىل ۋاقىت ئىچىدە ياشانغانلارنىڭ ئەمگەكچىلەر بىلەن بولغان نىسبىتى بىر ھەسسىدىن جىقراق كۆپىيىدۇ.

بۇ نىسبەت ئىنتايىن مۇھىم. ئادەتتە 20 – 45 ياشلاردىكى كىشىلەرنىڭ ئىش ئۈنۈمى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بەزى مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ 1980 – 2010-يىللىرىدىكى GDP سىنىڭ 15 – 25 پىرسەنتىنى ئىشقا ئاشۇرغىنى ئۇنىڭ ئاشۇنداق ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى ئەمگەكچىلىرى بولغان.

ھازىر خىتايدا 120 مىليون ياشانغان نوپۇس بار بولۇپ، 2035-يىلىغا بارغاندا بۇ سان 320 مىليونغا كۆپىيىدۇ. ئومۇمىي نوپۇس سانى بولسا ھازىرقىدىن ئاران 100 مىليونلا ئارتۇق بولىدۇ. 2035-يىلىغا بارغاندا ھەر بىر 15 – 50 ياشتىكى ئەمگەكچىگە 51 – 64 ياشتىكى قېرىغان ئەمگەكچىدىن 1.5 ئادەم توغرا كېلىدۇ. بۇ ھازىرقى ئەھۋالنىڭ دەل ئەكسىدۇر.

يۇقىرىدىكى ئەھۋالنى بىرەر ئامال بىلەن ئۆزگەرتىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. بۇ ساھەدە قوللانغىلى بولىدىغان بىرەر تەدبىرمۇ مەۋجۇت ئەمەس. بىر بالا سىياسىتىنى سەل بوشاتقان ياكى ئەمەلدىن قالدۇرغان تەقدىردىمۇ، خىتاي نوپۇسىنىڭ قېرىپ مېڭىشىنى كېيىنكى 10 – 20 يىل ئىچىدە ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدۇ.

ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكىنىڭ نوپۇس ستاتىستىكىسى 2050-يىللىرىغا بارغىچە ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق ھالەتتە ساقلىنىپ ماڭىدۇ.

ئەپسۇسكى، ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان ئەللەر ئىچىدە، خىتاي تارىختا تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن «باي بولۇشتىن بۇرۇن قېرىپ بولىدىغان دۆلەت» بولۇپ قالىدۇ.

(3) دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار (د ئى ك) مەسىلىسى

خىتايدىكى د ئى ك سىياسىي-ئىقتىسادقا تەۋە بولۇپ، خىتايدا ھازىر 140000 د ئى ك بار. ئەڭ ياخشى ئىقتىسادىي پۇرسەتلەر ئاشۇ د ئى ك غا ئاتا قىلىنغان بولۇپ، بانكىلار قەرزگە بېرىدىغان پۇلنىڭ تەخمىنەن 75 پىرسەنتىمۇ ئاشۇ د ئى ك غا بېرىلىدۇ. خۇسۇسىي كارخانىلار بۇ 2 خىل پايدىلىق شارائىتنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىدىنلا بەھرىمەن بولالايدۇ.

ھۆكۈمەت بەرگەن مەبلەغ قەرز پۇلىنى ئىشلىتىشتە د ئى ك ئېكسپورت سانائىتىدىن باشقا ساھەلەرنىڭ ھەممىسىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا د ئى ك نىڭ كىرىمىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى GDP نىڭ ئۆسۈش نىسبىتىدىن كۆپ ئۈستۈن بولۇپ، ئائىلىلەر ۋە بىر قېتىم ئىشلىتىپ تاشلىۋېتىدىغان نەرسىلەر ئۈچۈن خەجلەيدىغان كىرىمنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى GDP نىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن تۇرىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، 1979 – 1989-يىللىرى تەرەققىياتنىڭ پايدىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى خۇسۇسىي ئاھالىلەر كۆرگەن بولسا، ئالدىنقى 15 يىل ئىچىدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ پايدىسىنى د ئى ك ئەڭ كۆپ كۆردى. شۇڭلاشقا ھازىر ئاھالىلەر ئىستېمال قىلىدىغان پۇلنىڭ مىقدارى GDP نىڭ ئاران 33 پىرسەنتىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بۇ سان دۇنيادىكى چوڭ ئىقتىسادلىق ئەللەر ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ. خىتايدا ھازىر كۈنلۈك خىراجەت پۇل مىقدارى 2 دوللاردىن تۆۋەن بولغان نوپۇسنىڭ سانى 400 مىليون بولۇپ، مۇشۇنداق بىر دۆلەتنىڭ خۇسۇسىي ئائىلىلىكلەرنى ئەمەس د ئى ك نى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشى ياشانغانلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى بىر ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ھالەتكە ئاپىرىپ قويىدۇ.

ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمىدە ئىشلىتىلىدىغان «گىنى نىسبىتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر نىسبەت بار. كىرىم تەقسىماتى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تەڭشەلگەن دۆلەتنىڭ گىنى نىسبىتى نۆلگە تەڭ بولۇپ، كىرىم تەقسىماتى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تەڭشەلمىگەن دۆلەتنىڭ گىنى نىسبىتى بىرگە تەڭ بولىدۇ. خىتاينىڭ گىنى نىسبىتى 1980-يىللىرى 0.25، ۋە 1990-يىللىرى 0.38 بولغان بولۇپ، ھازىر بولسا 0.5 بولۇپ بولدى. ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھازىر ھىندىستان، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە رۇسىيەنىڭ گىنى نىسبەتلىرى 0.34، 0.43، 0.38 ۋە 0.42 بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.

بىر تەرەپتىن خۇسۇسىي ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى تۆۋەنلىتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن كىرىم تەڭسىزلىك نىسبىتىنى بىر خەتەرلىك دەرىجىگە ئاپىرىپ قويۇش چوقۇم ئېغىر دەرىجىدىكى ناچار ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماي قالمايدۇ. ھازىر خىتايدا مىليونلىغان خۇسۇسىي كارخانىلار ۋە ئون مىليونلىغان غەيرىي رەسمىي كارخانىلارنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە 140000 د ئى ك ئىقتىسادىي پۇرسەت ۋە كاپىتال مەبلىغىنىڭ ئاساسىي قىسمىغا ئىگە بولۇۋاتىدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھازىر ناھايىتى ئاز ساندىكى ج ك پ ياكى د ئى ك بىلەن يېقىن سىياسىي مۇناسىۋىتى ياكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى بار كىشىلەر ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە پايدا كۆرۈۋاتىدۇ.

كىرىم ۋە دۆلەت بايلىقى تەقسىماتىدىكى تەڭسىزلىك ناھايىتى كۆپ ساندىكى ياشانغانلارنى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ قويىدۇ. ھازىر شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئاران 33 پىرسەنتى ۋە يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاران 5 پىرسەنتىنىڭ مەلۇم شەكىلدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ياكى يەرلىك ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن پېنسىيە مائاشى بار. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، خىتاينىڭ 2013-يىلى پېنسىيە پۇلى ئۈچۈن ئاجراتقان خامچوت مىقدارى 2.9 ترىللىيون دوللار بولغان بولۇپ، يەنە 20 يىلدىن كېيىن بۇ سان 10.8 ترىللىيون دوللارغا كۆپىيىدۇ. ئەگەر خىتاينىڭ GDP سى كېيىنكى 20 يىل ئىچىدە ھەر يىلى 6 پىرسەنتتىن ئۆسۈپ ماڭىدۇ، دەپ پەرەز قىلساق، 10.8 ترىللىيون دوللار پۇل 2030-يىللىرىدىكى GDP نىڭ 40 پىرسەنتىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ دۆلەت كۈچى تەرەققىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

(4) خىتاينىڭ مىللىي ۋە ئىچكى ئاجىزلىقى

كۆپلىگەن ئەللەر تۆۋەن-كىرىم سەۋىيىسىدىن كىشى بېشىغا 15000 دوللاردىن توغرا كېلىدىغان ئوتتۇراھال كىرىم سەۋىيىسىگە ئۆتۈپ بولدى. ئەمما خىتاي ھازىرمۇ كىشى بېشىغا 10000 دوللاردىن ئاز توغرا كېلىدىغان بىر سەۋىيىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغىچە ئاران 30 دەك دۆلەت ئوتتۇراھال كىرىم سەۋىيىسىدىن يۇقىرى-كىرىم سەۋىيىسىگە ئۆتەلىدى. ھېلىقى 30 دەك دۆلەتنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر ئورتاق خاراكتېرى بار بولۇپ، ئۇ خاراكتېر خىتايدا يوق. ئۇ بولسىمۇ دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، كۈچلۈك مال-مۈلۈك ۋە ئەقلىي مۈلۈك قانۇنلىرى بار بولۇش ھەمدە ئۇلارنى قاتتىق ئىجرا قىلغان بولۇش، ھەمدە بىر مۇستەقىل ئەدلىيە قۇرۇلمىسى بار بولۇپ، بۇ قۇرۇلما ھەر خىل سودا ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا ماجىرالىرىنى ھەر دائىم ئۈنۈملۈك ھەل قىلالايدىغان بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ئەللەر يەنە ئىقتىسادىي پۇرسەت ۋە مەبلەغنى كارخانىلارنىڭ ئارتۇقچىلىق-ئاجىزلىقلىرىغا ئاساسەن تەقسىم قىلىدىغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ سىياسەتكە ۋە كارخانىلارنىڭ سىياسىي سالاھىيىتىگە ئاساسەن تەقسىم قىلمايدۇ. شۇنداقلا ئۇلار ھەرگىزمۇ يۇقىرى-كىرىملىك بولۇشنى كاپىتال مەبلىغى ۋە ئەمگەك كۈچى مەبلىغىنى توختاۋسىز كۆپەيتىپ مېڭىشقا تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرمايدۇ.

ھازىر خ ك پ ھۆكۈمەت ئىقتىسادىنىڭ خېلى زور مىقدارىنى ھەربىي ئىشلار، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، قوشۇمچە مۇنتىزىم ئەسكەرلەر ۋە قوراللىق ساقچىلارنىڭ خىراجىتىنى ھەر يىلى 10 – 20 پىرسەنتتىن ئۆستۈرۈپ مېڭىشقا سەرپ قىلىپ، شۇ ئارقىلىق دۆلەت كۈچى ۋە تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. مەسىلەن، خىتاي 2014-يىلى 241.5 مىليارد دوللار پۇلنى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن قوراللىق ساقچىلار ئۈچۈن خەجلىگەن بولۇپ، ئۇ ئومۇمىي خامچوتنىڭ 11.4 پىرسەنتىنى ئىگىلىدى. بەزى نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ ھېسابلاپ چىقىشىچە، خىتاي شۇ يىلى دۆلەت مۇداپىئەسى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن سەرپ قىلغان پۇل ئومۇمىي خامچوتنىڭ 14.6 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلدى.

ئاستا سۈرئەتلىك ئىنسان پاجىئەسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسلىدە 2014-يىللىق دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ 10.5 پىرسەنتىنى ئىجتىمائىي كاپالەتلىك ۋە ئىشسىزلار پاراۋانلىقى قاتارلىق ئىشلارغا، يەنە 6.1 پىرسەنتىنى ساقلىقنى-ساقلاش ئىشلىرىغا خەجلىگەن بولسا توغرا بولاتتى. بۇ چىقىم تېخى پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ مائاشى قاتارلىق بىر قاتار ئاممىۋى چىقىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، پېنسىيىگە چىققان نوپۇسنىڭ كىرىمىنى ئۆستۈرۈش ھەمدە ئۇلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزىدىن ۋە ئائىلىسىدىن ئۆزى خەۋەر ئالالايدىغان قىلىش ئۈچۈن دۆلەت ئىقتىسادى بىلەن ئىقتىسادىي پۇرسەتلەرنى كەڭ-كۆلەمدە د ئى ك دىن خۇسۇسىي كارخانىلار ۋە ئاھالىلەرگە يۆتكەشكە توغرا كېلىدۇ. خىتاينىڭ بىر-بالا سىياسىتى 4-2-1 مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى: ھازىر كۆپ ساندىكى ئائىلىلەردە بىر بالا بىر جۈپ ئاتا-ئانا ۋە ئىككى جۈپ بوۋا-مومىلاردىن خەۋەر ئالمىسا بولمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقتى. شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىياسىي-ئىقتىسادىدا غايەت زور ۋە مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقىمۇ بار بولغان دەرىجىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ بارمىسا بولمايدۇ. ئۇنداق ئىسلاھات د ئى ك نىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا ئوينايدىغان ھازىرقى رولىنى تەدرىجىي ھالدا ئاجىزلاشتۇرىدىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن خ ك پ نىڭ دۆلەت كۈچى بىلەن دۆلەت غايىسىنى يۈكسەلدۈرۈش قابىلىيىتىنىمۇ تەدرىجىي ھالدا ئاجىزلاشتۇرۇپ ماڭىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، خ ك پ نىڭ بىر قانۇنلۇق گەۋدە بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ مېڭىشىغا باغلىق. شۇڭا كۈچلۈك ھەربىي قابىلىيەت بەرپا قىلىش ۋە كېڭەيمىچىلىك تۈسىنى ئالغان چەت ئەل سىياسىتىنى يولغا قويۇش خىتايلىقلارنىڭ مىللىي ئىپتىخارىنى ئۆستۈرىدىغان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى دۆلەت ئىچىدىكى جىددىي مەسىلىلەرنى ۋە كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىپ مېڭىۋاتقان باشقا مۇھىم تەرەپلەرنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇش بەدىلىگە ئېلىپ بارالمايدۇ. گەرچە خ ك پ ھازىرغىچە ئۆزىنى ساقلاپ كېلەلىگەن بولسىمۇ، 2011-يىلى خىتايدا 180000 قېتىم چوڭ-كۆلەملىك نامايىش يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. بۇ سان 1990-يىللىرى ئاران بىر قانچە مىڭ چىقاتتى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، خىتايدىكى تېز سۈرئەتلىك تەرەققىيات دۆلەت مۇقىمسىزلىقىنى ياخشىلىماي، ئۇنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋەتتى. ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى، ھەمدە ھەر خىل قۇرۇلمىلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئاجىزلىقلىرىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي بىر چوڭ ئەمما ئاجىز دۆلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. خىتاينى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان خ ك پ مۇ ھېچ قانداق بىر چوڭ ئىقتىسادىي ياكى تاشقى سىياسەت ئاپىتىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئاسانلا يىقىلىپ چۈشىدىغان بىر پارتىيىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاسىيادىكى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتمەكچى بولغان بىر دۆلەت ئۈچۈن پايدىلىق ئاساس بولالمايدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز