دۇنيا ۋە خىتايغا نەزەر 2-سان 2017-يىلى 12-مارت يەكشەنبە

دۇنيا ۋە خىتايغا نەزەر 2-سان 2017-يىلى 12-مارت يەكشەنبە


پروگراممىغا تەييارلىغۇچى: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

ئەسلى ئاپتورى: ئەلروھلان

ئۆزلەشتۈرۈپ تەھرىرلىگۈچى: ئازاد قاسىم

ھەربىي ساھە: خىتاي ئاسىيادىكى يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقان يېتىم كۈچ

تۆۋەندە خىتاينىڭ ھەربىي ساھەدىكى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلىدۇ. ئەسلىدىكى مەنبەلەرنىڭ ھەربىي مەسىلىلەر قىسمىنى پول دىبب (Paul Dibb) ئەپەندى تەييارلىغان. پول دىبب ئاۋسترالىيە مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىنستىتۇتى ئىستراتېگىيە تەتقىقاتى بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى. ئۇ يەنە ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى، بىرلەشمە ئاخبارات تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى، ھەمدە مەملىكەتلىك ئاخبارات كومىتېتىنىڭ بىر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئىكەن. پول دىبب بىر ئالىي دەرىجىلىك ئاخبارات ئەمەلدارى ۋە بىر ئاكادېمىك بولۇش سۈپىتى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى 20 يىل تەتقىق قىلغان، ھەمدە «سوۋېت ئىتتىپاقى—تەلتۈكۈس بولمىغان دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» ناملىق بىر كىتابنى يازغان. بۇ كىتاب 1986-، 1987- ۋە 1988-يىلى 3 قېتىم نەشىر قىلىنغان. پول دىبب ئاشۇ كىتابىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە يىقىلىدىغانلىقىنى قىياس قىلغان بولۇپ، ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغۇدەك، ئۇنىڭ پەرىزى توغرا چىقتى.

خىتاينىڭ ئاسىيادا كۈچلۈك ياكى تەسىرى بار دوستلىرى ئاساسەن يوق. گەرچە ئۇ نوپۇسى ئەڭ كۆپ ۋە ئىقتىسادتا دۇنيادا 2-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلىرى كۆپ ئەمەس. خىتاي يالغۇز ئىچكى جەھەتتە ئاجىز بولۇپلا قالماي، ئاسىيادىكى تەسىرىگە كەلگەندە ئۇ يەنە ئىنتايىن يالغۇز قالغان بىر دۆلەت. خىتاينىڭ ئاسىيادا كۈچلۈك مۇناسىۋىتى بار دۆلىتىدىن پەقەت ئىككىسىلا بار. ئۇلار شىمالىي كورېيە بىلەن پاكىستان. ئەمما خىتاي شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئۇرۇشمايدىغانلىقىغا ئانچە ئىشەنچ قىلالمايدۇ. شۇنداقلا پاكىستان بىر مەغلۇپ بولغان دۆلەت بولۇپ، ئۇمۇ ھىندىستان بىلەن ئۇرۇشۇشقا ئارانلا تۇرىدۇ. ئۇنداق ئۇرۇشمۇ خىتاينىڭ مەنپەئىتىگە پايدىلىق ئەمەس.

بۇرۇنقى نەچچە ئەسىر ۋاقىت ئىچىدە ئاسىيادىكى باشقا ئەللەرنىڭ خىتايدىن ئەنسىرەپ ۋە ئۇنىڭغا باش ئېگىپ ئۆتكەنلىكى راست. ئەمما ئۇ بىر قەدىمكى دەۋردىكى ئىش بولۇپ، ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرى ئاسىياغا كېلىشتىن بۇرۇن ئاسىيادا خىتاي بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان باشقا بىرەر دۆلەت مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. بىراق خىتاي ھازىر ئەتراپىنى رىقابەتچىلەر قورشىۋالغان بىر شارائىت ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ ئاساسلىق رىقابەتچىلىرىدىن ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ھىندىستان بار. يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى كۆپلىگەن ئەللەر خىتاينىڭ كۆرەڭلىشىدىن ئەنسىرەش ھالىتىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئامېرىكىغا بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك يېقىنلاشتى. رۇسىيەمۇ خىتاينىڭ ئۇزۇن-مۇددەتلىك دوستى بولالمايدىغان بولۇپ، ئۇ ئىككىسىنى ئىتتىپاقداش ئەل ھېسابلاش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

گېئوپولىتىكىلىق ئەھۋاللار

(1) شەرقىي-شىمالىي ئاسىيادا خىتاي ئۈچۈن كورېيە يېرىم ئارىلى بىلەن ئۇرۇشۇش خەۋپى بار بولۇپ، كۈچلۈك ھەربىي كۈچكە ئىگە ياپونمۇ ھازىر خىتاينى ئۆزى ئۈچۈن بىر تەھدىت ھېسابلايدۇ. ئامېرىكىنىڭ ياپون ۋە جەنۇبىي كورېيەدە ناھايىتى كۈچلۈك ھەربىي بازىسى بار. خىتاينىڭ ياپون بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېقىندىن بۇيان جىددىيلىشىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا خاتا ھۆكۈم چىقىرىش، ھەتتا ئۇرۇشۇش خەۋپىمۇ مەۋجۇت. خىتاينىڭ ئاسىيادىكى كېڭەيمىچىلىك قىلمىشلىرىغا قارىتا ھازىر ياپون ئۆزىنىڭ دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىلىرىنى كۈچلەندۈرۈشكە باشلىدى. شۇنداقلا ياپون ھازىر ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ۋىيېتنام ۋە فىلىپپىنغا ياردەم قىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى بەزى يەرلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ھەرىكەتلىرىگە قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.

خىتاي ھازىر ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئۈستىدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنى توسماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ھازىر خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىپ، خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ چوڭ دېڭىزلارغا چىقىپ كېتىشىنى پۈتۈنلەي توسۇپ قويالايدۇ. ياپونىيەنىڭ باش مىنىستىرى شىنزو ئابې ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىغا يېڭى چۈشەنچە بېرىپ، ياپونغا يېقىن ئىتتىپاقداش بولغان ئامېرىكا ھەربىي ھۇجۇمغا دۇچ كېلىپ قالىدىكەن، ياپونىيە ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە قايتۇرما زەربە ئۇرۇشى ئېلىپ بارسا بولىدىغان بىر ھالەتنى ئىشقا ئاشۇردى. يەنى، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچ تەھدىتى ياپونىيە ھەربىي كۈچىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەڭ ناچار ئەھۋالدا، ۋە ياپونىيە ئامېرىكىغا ئىشەنچ قىلالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇ ناھايىتى تېزلا يادرو بومبىسى ئىشلەپ چىقىرالايدىغان بولۇپ، بۇمۇ خىتاينىڭ مەنپەئىتىگە پايدىلىق ئەمەس.

(2) پروگراممىمىزنىڭ ئۆتكەنكى قىسمىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، ھازىر خىتاي دۇچ كەلگەن كۆپلىگەن چەكلىمىلەر مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ ھازىرقىدەك تەرەققىيات سۈرئىتىنى ھەرگىزمۇ مەڭگۈ ساقلاپ ماڭالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكا يەنىلا دۇنيادىكى ھۆكۈمران كۈچ بولۇش ئورنىنى ساقلاپ ماڭىدۇ. شۇڭلاشقا «دۇنيا خىتايغا باش ئېگىشكە مەجبۇرى بولىدۇ» دېگەندەك قىياسلارنىڭ ئانچە ئاساسى يوق.

(3) خىتاينىڭ ھازىرقى پىلانى شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان دوستلۇقنى ساقلاپ، ئامېرىكىنىڭ دوستى بولغان جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنى ئۆزىگە قوشۇۋالماقچى بولىدىكەن، ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇش قىلىش. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي كورېيەنىڭ ياپونغا بولغان ئۆچمەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، جەنۇبىي كورېيە ئارقىلىق ياپونغا تاقابىل تۇرۇش. ئەمما، ئەگەر خىتاي شىمالىي كورېيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكىنى باشقۇرالمايدىكەن، ئۇ ھالدا جەنۇبىي كورېيە يەنىلا ئامېرىكىغا تايىنىپ شىمالىي كورېيەنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرىدۇ.

(4) ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق تەرتىپلەردىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا تاقابىل تۇرۇشتا ھازىر خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى بىر يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. ئامېرىكا ۋە غەربكە بولغان گۇمانلىرىدا ھازىر ئۇ ئىككى دۆلەت بىرلەشتى. غەرب ئىجاد قىلغان خەلقئارالىق ئۆلچەملەر ۋە ئىش-ھەرىكەت قائىدىلىرىگە ئىشەنمەسلىك جەھەتتە ئۇ ئىككى دۆلەت ئورتاق مەيدان تۇتۇۋاتىدۇ. ئۇلار يېقىندا بۇرۇنقىدىن بەكرەك كېڭەيمىچىلىك قىلىدىغان بولۇپ قالدى. خىتاي ھازىر ھەربىي كۈچ تەھدىتىدىن پايدىلىنىپ، سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە شەرقىي دېڭىزدا ياپونىيەگە، جەنۇبىي دېڭىزدا ۋىيېتنام بىلەن فىلىپپىننىڭ چىشىغا تېگىۋاتىدۇ. كېيىنكى بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئىككى دىكتاتورچى دۆلەت خەلقئارا سىستېمىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش تەھدىتىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ جەھەتتە رۇسىيەنىڭ خىتاي ياردىمىگە ئېھتىياجى بار بولۇپ، خىتاينىڭ بولسا رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ۋە باشقا بايلىقلىرىغا ئېھتىياجى بار. ئەمما، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئورتاق چېگرا، ھەمدە ئۇلاردىكى ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت پەرقلىرى بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

(5) شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەللەر 1000 يىلدەك ۋاقىتتىن بۇيان خىتاينىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدە تۇرۇپ كەلدى. ھازىر بولسا ئۇ ئەللەر خىتاينىڭ سودا جەھەتتىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا ئايلاندى. ۋىيېتنام ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇلار «شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىرلىكى» نى قۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ساقلانماقچى بولدى. ھازىر ئۇنىڭدا 10 دۆلەت ۋە 650 مىليون نوپۇس بار بولۇپ، ئۇلار تاكى يېقىنغىچە بىر-بىرىنىڭ چىشىغا تېگىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىپ، قارارلارنى ھەممە ئەزا ئەللەرنىڭ ماقۇللىشى بىلەن ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ئۇلار يېقىندا بارغانسېرى كۆرەڭلەپ كېتىۋاتقان خىتاينىڭ ئۇ ياقتىن بۇ ياقتا ئىتتىرىپ يۈرۈش ئەھۋالىغا دۇچ كەلدى. ھەمدە خىتاينىڭ بۇ چوڭچىلىقى «شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىرلىكى» گە ئەزا بىر قىسىم ئەللەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

خىتاي دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىن ئېنېرگىيە ۋە باشقا بايلىقلارنى دېڭىز يولى بىلەن ئىمپورت قىلىپ ئېلىپ كېلىشتە چوقۇم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمىسا بولمايدۇ. ھازىر خىتاينىڭ 84 پىرسەنت نېفىت ئىمپورتى مالايسىيا بوغۇزى ۋە جەنۇبىي دېڭىز يوللىرى ئارقىلىق كىرىدۇ. خىتاي GDP سىنىڭ 50 پىرسەنتى ئىمپورت ۋە ئېكسپورت ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئۇ خىتاي ئىقتىسادىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمما خەلقئارا سودا خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ خەۋپنىمۇ پەيدا قىلىدۇ: ئەگەر ئۇ ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇشۇپ قالىدىكەن، ئامېرىكا خىتاينىڭ بارلىق دېڭىز يوللىرىنى توسۇۋېتىدۇ.

جەنۇبىي ئاسىيادا خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس بولۇپ، ئۇ ھازىر ھىندىستان ئەتراپىدىكى پاكىستان، بېنگال ۋە سىرىلانكا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتتى. ئەمما، جەنۇبىي ئاسىيادا ھىندىستاننىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنى خىتاينىڭكىدىن كۆپ كۈچلۈك بولۇپ، جۇغراپىيە، ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچ ۋە قابىلىيەتلىك دۆلەت رەھبەرلىكى جەھەتتە ھىندىستاننىڭ بۇ ئورنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىپ ماڭىدۇ. ھىندىستان كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشنى ئىستەيدىغان بولۇپ، خىتاينى ئۆزىنىڭ ئەڭ خەۋىپلىك رەقىبى ھېسابلايدۇ. ھىندىستان بىر دېموكراتىك دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسىي تۈزۈمى خىتاينىڭكىدىن ئەۋزەل، ئۇنىڭ نوپۇس ستاتىستىكىسىمۇ خىتاينىڭكىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرقلەر بار. ئۇلار ئوتتۇرىسىدا چېگرا توقۇنۇشىمۇ مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەتلىرىمۇ بىر-بىرىنىڭكىدىن كۆپ پەرقلىنىدۇ. خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتە كۈچىيىشى ھىندىستاننى ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى، ھەمدە ئۇنىڭ «شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىرلىكى» ئەللىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىمۇ كۈچەيتتى. قىسقىسى، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك دەرىجىدىكى سۈركىلىش ۋە ئىشەنمەسلىك مەۋجۇت.

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىقى ئۇنىڭ ئاسىيادىكى كۈچلۈك دۆلەت بولالىشى ئۈچۈن تولىمۇ پايدىسىز. ئۇنىڭ يېقىندا يولغا قويغان ئاسىيادىكى كېڭەيمىچىلىكى چۆچۈرىنى خام ساناش ۋە توقۇنۇش پەيدا قىلىش خەۋپىنى پەيدا قىلىدۇ.

خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى كۆپتۈرىۋېتىلدىمۇ؟

(6) ئامېرىكىنىڭ 1991-يىلىدىكى ئىراق ئۇرۇشى خىتاينى قاتتىق چۆچۈتكەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن خىتاي ئالدىنقى 20 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ ئىشتا خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدىكى توقۇنۇشنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويدى. گەرچە خىتاي يېڭىدىن قولغا كەلتۈرگەن ھەربىي تەرەققىياتلار ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئەتراپىدا ھەربىي ئىش-ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن بىر قىسىم خەتەرلەرنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ھازىرمۇ تەيۋەننى تولۇق قورشاۋ ئىچىگە ئالالمايدۇ، ھەمدە ئۇنىڭغا تولۇق دائىرىدە ھۇجۇم قوزغىيالمايدۇ. يەنى، خىتاينىڭ ھازىرقى ھەربىي كۈچى تەيۋەننى قورال بىلەن ئىگىلىۋېلىشقا يېتىشمەيدۇ. ئارقا سەپ ياردىمىنىڭ كەمچىل بولۇشى خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنى جەنۇبىي ئاسىيانىڭ سىرتىغا بېرىش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئىگە قىلمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي تېخىچە توغرا نىشانلاش ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، ئۇلارنى ھەربىي قوشۇنلارغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىپ، خىتاينىڭ چۆرىسىدىكى 1-ئارال زەنجىرىنىڭ، يەنى ياپونىيە، تەيۋەن ۋە فىلىپپىننىڭ سىرتىدىكى دېڭىزدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس.

ئومۇمىي بايلىق، تېخنولوگىيە ۋە ئۇرۇش تەجرىبىسى جەھەتتە خىتاي ھازىرمۇ ئامېرىكىدىن خېلىلا ئارقىدا. يۇقىرى تېخنولوگىيەلىك قوراللار ۋە سەزگۈچلەر جەھەتتە خىتاي ئامېرىكىدىن كەم دېگەندە 20 يىل كېيىن تۇرىدۇ.

خىتاي دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەت ئەمەس. دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنىڭ ئىككى شەرتى بار. ئۇنىڭ بىرى، ھەر قانداق ۋاقىتتا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە كەڭ-كۆلەملىك يادرو بومبىسى ۋەيرانچىلىقى پەيدا قىلالايدىغان بولۇش. ھازىر ئۇنداق ئىشنى قىلالايدىغان دۆلەتتىن دۇنيادا پەقەت ئىككىسىلا بار. ئۇنىڭ بىرى ئامېرىكا، يەنە بىرى بولسا رۇسىيە. خىتاينىڭ ئۇنداق ئىقتىدارى يوق. ئۇنىڭ يەنە بىرى بولسا، ئەنئەنىۋى ھەربىي قوشۇنلارنى ئىنتايىن يۇقىرى توغرىلىق بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىگە يۆتكەپ، ئۇلارنى شۇ يەردىكى ھەربىي توقۇنۇشقا قاتناشتۇرۇش ئىقتىدارى بار بولۇش. مەيلى بىز قوللايلى-قوللىمايلى، ئامېرىكىلىقلار بۇنداق ئىشلارنى ئىزچىل تۈردە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. يەنى، ھازىر پەقەت ئامېرىكىلا ئاشۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇنداق ئىمكانىيىتى يوق.

ھازىرچە خىتاي پەقەت بىر يەرلىك ھەربىي كۈچ بولۇپ، ئۇنىڭ ھېچ قانداق ھازىرقى زامان ئۇرۇش تەجرىبىسى يوق. ئۇنىڭ ھەربىي تەلىمات، ئىنسان مەبلىغى ۋە ھەربىي مەشىق ساھەلىرىدە ئېغىر دەرىجىدىكى ئاجىزلىقلىرى بار بولۇپ، بىرلەشمە ئۇرۇشنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە ئەمەلىيىتىنىمۇ تولۇق بىلمەيدۇ. خىتاي ئارمىيىسى ئۆزىنىڭ 25 پىرسەنت ۋاقتىنى ماركسىزم-لېنىنىزم ئاساسىدىكى سىياسىي ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، قىممەتلىك مەشىق ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدۇ. ھەربىي قوماندانلار ئۇلارنىڭ ھەربىي ئىشلاردىكى مۇستەقىللىقى ۋە ئىجادكارلىقىغا ئاساسلىنىپ ئەمەس، ئۇلارنىڭ پارتىيىگە بولغان سادىقلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن ئۆستۈرۈلىدۇ. خىتاينىڭ ھەربىي تېخنولوگىيە سەۋىيىسى بىر قەدەر تۆۋەن، ھەمدە ئۇنىڭ چەت ئەل قورال مەنبەسى پەقەت رۇسىيە بىلەنلا چەكلەنگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىي تەرەققىياتىدا ھازىرمۇ ئېغىر دەرىجىدىكى چەكلىمىلەر مەۋجۇت.

(7) خىتايدا پارتىيىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئارىلىشىۋېلىش مەسىلىسى ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت. ئاۋسترالىيەدە دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى دۆلەتنى قوغداش. ئەمما خىتايدا ئۇنداق ئەمەس. خىتايدا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى خ ك پ نى قوغداش. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە، سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ ئارمىيەدىكى رولى بىلەن تەسىرى ھەرگىزمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭكىدەك چوڭ ۋە كۈچلۈك بولۇپ باققان ئەمەس. 1989-يىلى خىتاي رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭ تيەنئەنمېنگە تانكىلىق ئەسكەرلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرغاندا، ئامېرىكىنىڭ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ باش شتابى ھەممە ئىشلاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرغان ئىدى. شۇ چاغدىكى بۇيرۇقنىڭ بىۋاسىتە دېڭ شياۋپىڭدىن كەلگەنلىكى بىر ھەقىقەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېچ قانداق گۇمان يوق. ئۇ چاغدا دېڭ شياۋپىڭ دۆلەت رەئىسى سالاھىيىتى بىلەن ئەمەس، پارتىيە سېكرېتارى سالاھىيىتى بىلەنمۇ ئەمەس، بەلكى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن بۇيرۇق چۈشۈردى.

(8) خىتاينىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى ئۇرۇشىدا دۈشمەن ئۇچۇرىنى توپلاش ئىقتىدارى ھازىرمۇ ناھايىتى تۆۋەن سەۋىيىدە. گەرچە خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى ھازىر سۇ ئاستى سەزگۈچ، تۇراقلىق قاناتلىق ئايروپىلان، تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە سۇ ئۈستى پاراخوتى قاتارلىق دۈشمەن سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىش تېخنىكىسىغا مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى ئۇرۇشى سەۋىيىسىدە ئېغىر دەرىجىدىكى ئاجىزلىقلار بار. بۇ ساھەدە ئامېرىكا باشقا بارلىق دۆلەتلەردىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدىغان بولۇپ، باشقىلار ئامېرىكىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى بايقاشتا ئىنتايىن قىينىلىدۇ. خىتاي سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ئاۋازى بەك يۇقىرى بولۇپ، ئۇنى ئاسانلا بايقىغىلى بولىدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ سۇ ئاستىدا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى تۆۋەن. شۇڭلاشقا خىتاينىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ئامېرىكا ۋە ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىلىرى ئۈچۈن ئوڭايلا بىتچىت قىلىۋەتكىلى بولىدىغان نىشان بولۇپ قالىدۇ. دېڭىز ئۇرۇشىدا ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيىلىرى ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىش جەھەتتە خىتاي ھازىرمۇ ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، بۇ ساھەدە خېلى كۆپ يېڭى تېخنولوگىيىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرماي تۇرۇپ، خىتاي بىرلەشمە ئۇرۇش ئېلىپ بارالمايدۇ. ھازىر ئامېرىكا ئادەمسىز سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىمۇ ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ پاراخوتلار ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىلىك سۇ ئاستىنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش، ۋە سۇ ئاستىدا ئۇرۇش قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە. بۇ جەھەتتە خىتاي ھەرگىزمۇ ئامېرىكىغا يېقىن كېلەلمەيدۇ.

خىتاينىڭ ھاۋادىن مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارلىرىدىمۇ خېلى كۆپ نۇقسانلار بار. ئۇنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يوشۇرۇنچە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنى بايقاش ۋە توسۇش ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى چەكلىك. ئامېرىكا ھازىر بايقاش ناھايىتى قىيىن بولغان بومباردىمانچى ئايروپىلان ۋە ناھايىتى ئۇزۇنغا ئىنتايىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئۇچۇپ بېرىپ، ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدىكى توغرىلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتەلەيدىغان ھەربىي ئايروپىلانلارنى ياساۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇلاردىن مۇداپىئەلىنىشى ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ. ئاشۇنداق ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان ئاكتىپ ۋە پاسسىپ تەدبىرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىتاي ھەربىي خىراجەتنى ھازىرقىدىن يەنىمۇ كۆپ ئۆستۈرمىسە بولمايدۇ.

خىتاينىڭ ئامېرىكا ئاۋىئاماتكا پاراخوتلىرىنى تېپىش ۋە نىشانلاشقا ئىشلىتىدىغان رادار سىستېمىسىنىڭ ئانتېنناسى ناھايىتى چوڭ ۋە ئاجىز. ئۇنىڭدا تېخى ئۆزىنىڭ پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئۈنۈملۈك قورالغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەپسىلىي ۋە نەق مەيدان نىشانلاش ئۇچۇرلىرىنى يىغىدىغان ئىقتىدار يوق. خىتاينىڭ يەنە دېڭىز ئۈستىدىكى ئاۋىئاتسىيە، ھەمدە قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئۈستى ۋە ئاسماندا ماي قاچىلاش ئىقتىدارى بولمىغاچقا، ئۇ تېخىچە بىرەر رايوننى دۈشمەن ھۇجۇمىدىن قوغداش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس. مانا بۇلار خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن تولدۇرمىسا بولمايدىغان بوشلۇقلاردۇر.

خىتاي بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا ئۇرۇش قىلىش مەدەنىيىتى، ۋە ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك تاكتىكىلىق ۋە ئىستراتېگىيىلىك يادرو بومبىسىغا ئىگە بولۇپ، نوپۇس زىچلىقى ۋە يادرو بومبىسى ھۇجۇمىغا كەلگەندە خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى مىساللاردىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكى، خىتاي ھازىرچە ھەربىي ساھەدىكى بىر ھۆكۈمران كۈچ ئەمەس بولۇپ، شۇنداق بولۇشقا ئۇرۇنسىمۇ ئۇنىڭدا كۆپلىگەن يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت. گەرچە خىتاي ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ دۇنيا مىقياسىدا ئەمەس، ھەتتا ئاسىيانىڭ ئۆزىدىمۇ ئامېرىكىنىڭ رىقابەتچىسى بولالمايدۇ. ئەگەر بىرەر چوڭ ئۇرۇش پارتلاپ قالىدىكەن، خىتاي ئامېرىكا، ياپون، ئاۋسترالىيە ۋە ھىندىستان ئارمىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر چوڭ بىرلەشمە ئارمىيىگە تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇرى بولىدۇ. بىرەر چوڭ ئۇرۇش يۈز بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، خىتايغا قارشى بىر ناھايىتى كۈچلۈك ۋە تەڭپۇڭلاشقان تاشقى كۈچنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھازىر ئاسىيادىكى، بولۇپمۇ شەرقىي-شىمالىي ئاسىيادىكى بىر ئۆلچەم بولۇپ قالدى.

(9) خىتاي ئارمىيىسى ھازىر بىر قۇرۇقلۇقتىكى ھەربىي كۈچ بولۇپ، ئۇنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى كۆپلىگەن چەكلىمىلەرگە دۇچ كەلدى. خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىمۇ ھازىر ناھايىتى ئېغىر ئىچكى خەۋپكە دۇچ كەلگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دېڭىز ئارمىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئېغىر دەرىجىدىكى ئىقتىساد چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتىدۇ. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىغا قانچىلىك مەبلەغ ئاجراتقان بولسا، دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكىگىمۇ شۇنچىلىك مەبلەغ ئاجرىتىشقا مەجبۇرى بولۇۋاتىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ئەينى زاماندا ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي كۈچ مۇسابىقىسىدە ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيىسى ھاۋا ئارمىيە مۇداپىئەسىگە ئىگە ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭ يادرو-ماتورلۇق سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ئاۋازىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى. خىتاينىڭ قۇرۇقلۇقتىن ھاۋاغا قارىتىلغان ھەربىي كۈچىمۇ شەرقىي ئاسىيادىن ئىبارەت ئۆزىگە ناھايىتى يېقىن دېڭىز رايونلىرىدا ئۈنۈملۈك ئۇرۇش قىلىشقىمۇ يېتىشمەيدۇ. خىتاي ئامېرىكىنىڭ دېڭىز يوللىرىدىكى ئۈستۈنلۈكىگە تەھدىت سالغىدەك ۋە ئامېرىكىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغىدەك ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس.

(10) خىتاي يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيە مەنبەسى جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا خەلقئارا سودىغا تايىنىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇنى دېڭىز ئارمىيىسىنى كۈچەيتىشكە قىستايدۇ. ئەمما خىتاي قۇرۇقلۇقتا باشقا جەمئىي 14 دۆلەت بىلەن چېگرىداش بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان چېگرىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنداق بولغاچقا خىتاي يالغۇز دېڭىز ئارمىيىسىلا ئەمەس، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرمىسا بولمايدۇ. ئاشۇنداق ئىككى خىل ئارمىيىنى كۈچەيتمەيدىكەن، خىتاينىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئوينايدىغان رولى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيىسىگە بولغان ئېھتىياجى ئەينى ۋاقىتتا فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە رۇسىيەنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەھۋال بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئامېرىكا خىتايغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئۆزى خالىغان ۋاقىتتا ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن خەجلەيدىغان پۇلنىڭ مىقدارىنى تەڭشەپ، دېڭىز ئارمىيىسىگە ئاجرىتىدىغان پۇلنىڭ مىقدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاسىيادىكى تەرتىپىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدۇ. بۇ پۈتۈنلەي ئامېرىكىنىڭ تېخنولوگىيە ياكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ئىش.

4. خۇلاسە

خىتاي ھازىر قۇرۇلما جەھەتتىكى يېتەرسىزلىك ۋە نوپۇس ستاتىستىكىسى جەھەتتىكى توسالغۇغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دۆلەت كۈچى پات يېقىندا تەرەققىياتتىن توختايدۇ. بۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان يۇقىرى تېخنولوگىيەلىك قورال مۇسابىقىسىدە دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئاجرىتىدىغان خىراجىتىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ، ئۇ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقالمايدۇ. دۆلەت ئىچىدە كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ مېڭىۋاتقان ئىچكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشى بولۇپ قېلىپ، ئاشۇ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن خەجلەيدىغان پۇلمۇ داۋاملىق ئۆسۈپ مېڭىپ، ئۇ پۇل دۆلەت ئىقتىسادىي سەرپىياتى ۋە دۆلەت بايلىقىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. خ ك پ رەھبەرلىكى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ مېڭىۋاتقان خەلق نارازىلىقى بىلەن كۈرەش قىلىدىغان بولۇپ، ئاشۇنداق نارازىلىق خ ك پ نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغىمۇ بىر خىل تەھدىت بولۇپ قالىدۇ. خىتاي ئىقتىسادىي ساھەدە باي بولدى، ئەمما ئۇنىڭ باي بولۇشى خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئىچكى مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. يەنى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۇنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلمايلا قالماي، بەلكى ئۇلارنى بارغانسېرى يامانلاشتۇرۇۋاتىدۇ.

خىتاي ئاسىيادا ناھايىتى يالغۇز قالغان بىر دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئاسىيادا ئاساسىي جەھەتتىن باشقا دوستى يوق. تارىخىي ئەھۋاللارغا ئاساسەن، خىتاي ئۆزىنى ئاسىيا پىرامىداسىنىڭ ئەڭ چوققىسىدىكى بىر دۆلەت، دەپ ھېسابلايدۇ. ئەمما ئاسىيادا خىتاينىڭ ئۆزى ئۈچۈن تىكلىۋالغان بۇنداق ھۆكۈمران ئورنىنى ئېتىراپ قىلىدىغان دۆلەتلەر ئاساسەن يوق. ھەقىقەتەنمۇ كېڭەيمىچىلىكنى بارغانسېرى كۈچەيتىپ مېڭىۋاتقان خىتايغا تاقابىل تۇرۇش يولىدا ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق ئەللەر بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

ھەربىي ساھەدىكى مۇھىم تېخنولوگىيىلەر جەھەتتە خىتاي ئامېرىكىدىن كەم دېگەندە 20 يىل كېيىن تۇرىدۇ. خىتاي يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى ماتورىنى ياساپ چىقىش يولىدا تىرىشىۋاتقىلى 35 يىل بولدى. ئەمما ئۇنداق ماتورلارنى ياساپ چىقىش بىر ئىنتايىن قىيىن ئىش. شۇڭا خىتاي تېخىچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. ئۇ ھازىرغىچە ئاشۇنداق ئايروپىلانلارنىڭ ماتورلىرىنى رۇسىيەدىن ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ماتورلار ئانچە ئىشەنچلىك ئەمەس. خىتاينىڭ زامانىۋى ئۇرۇش جەھەتتە پۈتۈنلەي تەجرىبىسىز ئىكەنلىكى، ھەمدە ئۇنىڭ ھەربىي كادىرلارنى ئۆستۈرۈشتە پەقەت پارتىيىگە بولغان ساداقەتنى ئۆلچەم قىلىدىغانلىقى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئەمەلىي ئۇرۇشلاردا قەھرىمانلىق كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا نىسبەتەن ناھايىتى كۈچلۈك گۇمان پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ ھەربىي ساھەدە كۈچىيىشى ياپونىيە، ھىندىستان ۋە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى باشقا بىر قىسىم ئەللەرنىڭ دېڭىز ئارمىيىلىرىنى كۈچەيتىپ، شۇ ئارقىلىق خىتايغا تاقابىل تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قىسقىسى، خىتاي غەربنىڭ بازىرىغا ئېھتىياجلىق، ئۇنىڭ قوشنىلىرى خىتاينىڭ ئاسىيادا بىر ھۆكۈمران كۈچ بولۇشىنى قوبۇل قىلمايدۇ، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئورنىنى ساقلاپ، ھەربىي ۋە دىپلوماتىك ساھەلەردە خىتاينى توسۇپ تۇرىدۇ.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] Why China Will Not Become the Dominant Power in Asia

[2] Why China Will Not Become the Dominant Power in Asia HYPERLINK ”http://www.regionalsecurity.org.au/Resources/Documents/SC10-3DibbLee.pdf“ http://www.regionalsecurity.org.au/Resources/Documents/SC10-3DibbLee.pdf

ئەسلىدىكى مەنبە ئاپتورلىرىنىڭ ئىنگلىزچە تونۇشتۇرىلىشى:

Paul Dibb is Emeritus Professor of Strategic Studies in the Strategic & Defence Studies Centre, Coral Bell schol of Asia-Pacific Affairs, ANU. He was head of the Strategic and Defence Studies Centre from 1991 to 2004. Before that he held the positions of deputy secretary for Defence, director of the Joint Intelligence Organisation and head of the National Assessments Staff. He studied the former Soviet Union for over 20 years both as a senior intelligence officer and academic. He advised ASIO on certain Soviet activities. His book The Soviet Union–the Incomplete Superpower was published by the International Institute for Strategic Studies , London in 1986, reprinted 1987 and second edition 1988.

John Lee is an Australian academic working on international economic and security affairs with a focus on the Asia-Pacific. Lee is an adjunct associate professor at the Australian National University’s Strategic and Defence Studies Centre, a Michael Hintze Fellow at the Centre for International Security Studies, University of Sydney and a senior scholar at the Hudson Institute in Washington, DC. Lee is a board member of the Institute for Regional Security.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز