دۇنيا ۋە خىتايغا نەزەر 3-سان 2017-يىلى 19-مارت


پروگراممىغا تەييارلىغۇچى: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

ئەسلى ئاپتورى: ئەلروھلان

ئۆزلەشتۈرۈپ تەھرىرلىگۈچى: ئازاد قاسىم

خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشۇش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟

بىز بۇ ھەپتىلىك پروگرامىمىزدا پروفېسسور پول دىبب (Paul Dibb) نىڭ «خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئۇرۇشۇشنىڭ ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟» دېگەن تېمىدىكى بىر قېتىملىق ئىلمىي دوكلاتىنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمىز [1]. بۇ دوكلات يۇتيۇب (YouTube) قا 2013-يىلى 27-مايدا چىقىرىلغان. پول دىبب ئاۋسترالىيە مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىنستىتۇتى ئىستراتېگىيە تەتقىقاتى بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى. ئۇ يەنە ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى، بىرلەشمە ئاخبارات تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى، ھەمدە مەملىكەتلىك ئاخبارات كومىتېتىنىڭ بىر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى. پول دىبب بىر ئالىي دەرىجىلىك ئاخبارات ئەمەلدارى ۋە بىر ئاكادېمىك بولۇش سۈپىتى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى 20 يىل تەتقىق قىلغان، ھەمدە «سوۋېت ئىتتىپاقى—تەلتۆكۈس بولمىغان دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» ناملىق بىر كىتابنى يازغان. بۇ كىتاب 1986-، 1987- ۋە 1988-يىلى 3 قېتىم نەشر قىلىنغان. پول دىبب ئاشۇ كىتابىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە يىقىلىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلغان بولۇپ، ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ئۇنىڭ پەرىزى توغرا چىقتى.
تۆۋەندىكىسى پول دىببنىڭ دوكلاتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى.

مەن 1978-يىلى خىتايغا تۇنجى قېتىم بارغان. مېنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئۇ چاغدا مەن ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەت ئاخبارات ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ئىدىم. شۇ چاغدا مەن خىتاي تەكلىپ قىلىپ، شاڭخەيدىكى سۇ ئاستى پاراخوت قورۇسىنى كۆرسەتكەن بىرىنچى چەت ئەللىك بولۇپ قالغان ئىدىم. شۇ قېتىملىق سەپەردە مەن بادالىڭدىكى تانكا ئارمىيىسى 6-دېۋىزىيىسىنىمۇ زىيارەت قىلدىم. مەن ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدا خېلى ئۇزۇن ئىشلەپ، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئاخبارات توپلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلدىم. مەندە ئۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەخپىي ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيدىغان سالاھىيەت بار ئىدى.

مەن بۈگۈن بىر قانچە تېما ئۈستىدە توختىلىمەن. ئۇنىڭ بىرىنچىسى، خىتاي بىلەن ئامېرىكا بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلامدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. تۆۋەندە مەن بۇ سوئالغا بىر نەزەرىيىچى سالاھىيىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى ساھەسىدە ئۇزۇن مۇددەت ئەمەلىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان بىر كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن جاۋاب بېرىپ ئۆتىمەن.

رەسىم: پول دىبب ئەپەندى دوكلات بېرىۋاتقان ۋاقىتتىكى بىر كۆرۈنۈش.

1. خىتاي بىلەن ئامېرىكا بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلامدۇ؟

مەن چوڭ كۈچلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش نەزەرىيىسىگە ئىشىنىدىغان ۋە ئۇنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر كىشى. دۇنيادىكى چوڭ كۈچلەر ئامېرىكا ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپتىن تەركىب تاپقاندا، چوڭ كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى بىر خىل مۇقىمسىز ھالەتتە تۇرغان. ئەمما چوڭ كۈچلەر كۆپ-قۇتۇپلۇق بولغاندا، بىر خىل مۇقىم ھالەت ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. بۇ ئىشتا قانداق كۆز-قاراشتا بولۇش ھەر بىر ئادەمنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ئۇسۇلىغا باغلىق. ھازىر ئاۋسترالىيەدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە «ئىككى قۇتۇپلۇق مۇناسىۋەت»، دەپ قارايدۇ. ئەمما، مېنىڭچە ئەمەلىي ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس. ھازىر ئاسىيادا باشقا بىر قىسىم يېڭى كۈچلەر ۋۇجۇدقا كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، ۋىيېتنام، ۋە شىمالىي كورېيە قاتارلىقلار. تەرەققىي قىلىپ بولغان ئاساسلىق كۈچلەردىن يەنە ياپونىيەمۇ بار. شۇنداقلا كەلگۈسىدە ئاساسىي كۈچلەر قاتارىغا كىرىش ئېھتىماللىقى بار دۆلەتلەردىن يەنە رۇسىيەمۇ بار. دېمەك، ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ھالەت بىر مۇرەككەپ ۋە كۆپ-قۇتۇپلۇق ھالەتتۇر.

يازغۇچىلار تارىختا ھەر خىل دۆلەتلەرنىڭ قەد كۆتۈرگەنلىكى ۋە يىمىرىلگەنلىكى ھەققىدە كۆپلىگەن نەرسىلەرنى يازدى. ھەمدە نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولغانلىقى ھەققىدە ئۆز پەرەزلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ئوخشىمايدىغان كۆز-قاراشلار مەۋجۇت. ئالدىنقى 10 يىل ئىچىدە نەشر قىلىنغان مەزكۇر تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ياخشى كىتابلارنىڭ بىرى پول كرۇگمان (Paul Krugman) نىڭ كىتابى بولۇپ، ئاشۇ ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىر دۆلەتنىڭ كۈچىيىشى ياكى ئاجىزلىشىشىدىكى ئاساسىي ئامىل؛ ئەگەر بىر ئەلنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلمايدىكەن، ئۇ بىر كۈچلۈك ئارمىيىنى بەرپا قىلالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەسىرىمۇ چوڭ بولمايدۇ. بۇ بىر تالاش-تارتىش پەيدا قىلىدىغان ھۆكۈمدۇر. پول كرۇگمان كىتابىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر بابتا مەخسۇس مېنىڭ كىتابىم ئۈستىدە توختالغان. شۇڭلاشقا مەن ئۇنىڭ كىتابىغا «بىر خېلى ياخشى يېزىلغان كىتاب»، دەپ قارايمەن. ئەمما كرۇگمان دۆلەتنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ۋە سىياسىي مەسىلىلەرگە بىر ئاز سەل قارايدىغاندەك قىلىدۇ. مەن خىتاينىڭ ئاشۇنداق مەسىلىلىرى ئۈستىدە بىر ئازدىن كېيىن ئازراق توختىلىمەن.

(1) ئىستراتېگىيىلىك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىشتا كۆزدە تۇتۇشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار

ئىستراتېگىيىلىك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىشتا كۆزدە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىككى مۇھىم ئۇقۇم بار. ئۇنىڭ بىرى، ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنيادىكى ئوخشىمىغان ئەللەر تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئۆز-ئارا باغلىنىپ كەتتى. بەزىلەر پەقەت 19-ئەسىرنىڭ بېشىدىلا دۇنيادىكى ئوخشىمىغان ئەللەر ئىقتىسادىي ساھەدە بىر قېتىم ئۆز-ئارا قاتتىق باغلىنىپ باققان، ھازىر بولسا ئۇنداق ئەمەس، دەپ قارايدۇ. ئەمما ھازىر ئوخشىمىغان ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس. مەسىلەن، بىر ئايفون (iPhone) ۋە ئايپەد (iPad) لەرگە قاراپ باقايلى. ئۇلارنى ھازىر خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيا ئەللىرى ئىشلىتىدۇ. ئەمما ئۇلار خىتايدا ئەمەس، ئامېرىكىدا ئىجاد قىلىنغان. ئايفون ۋە ئايپەدتىكى رەڭلىك مېتاللارنى ئىشلىتىدىغان بىر قىسىم زاپچاسلار ياپونىيەدە ئىشلەپ چىقىرىلغان. ھەمدە ئايفون بىلەن ئايپەدلەر خىتايدا قۇراشتۇرۇلغان بولۇپ، قۇراشتۇرۇش جەريانى ئۇلارغا 15 پىرسەنتلىك قىممەت قوشىدۇ. سىز بىر نەرسە سېتىۋالغاندا ئۇ قەيەردە ئىجاد قىلىنغانلىقى، ۋە ئۇنى ئىشلەپ چىقىرىشقا قانچە دۆلەت قاتناشقانلىقىغا قاراپ بېقىڭ. مەن دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى ساھەسىدە خىزمەت قىلىمەن. شۇ ساھەلەردىكى بۇيۇملارنى ئىشلەپ چىقىرىشقىمۇ دۇنيادىكى ناھايىتى كۆپ دۆلەتلەر قاتنىشىدۇ.

1910-يىلى نورمان ئەنجېل (Norman Angell) دېگەن بىر داڭلىق پروفېسسور «چوڭ خاتا چۈشەنچە» ناملىق بىر كىتابنى يېزىپ، ئۇنىڭدا گېرمانىيە بىلەن ئەنگلىيە ئىقتىساد، تېخنولوگىيە ۋە قاتناش قاتارلىق ساھەلەردە ئۆز-ئارا چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىرەر ئۇرۇش پارتلايدۇ، دېيىش كاللىسىدىن كەتكەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان [3]. ئەمما، شۇ كىتاب چىقىپ 4 يىلدىن كېيىنلا بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىدى.

ئەمما ئۇ بۇرۇنقى ئىش. ھازىرقى ئەھۋال ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئوخشىمىغان ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر-بىرىگە يۆلىنىشى ھازىر 10 ھەسسە، ھەتتا بىر قانچە 10 ھەسسە كۈچىيىپ كەتتى.

ئىستراتېگىيىلىك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقىشتا كۆزدە تۇتۇشقا تېگىشلىك 2-مۇھىم نۇقتا يادرو بومبىسى ئىشلىتىشنى توسۇش. بۇ چارە يېقىنقى 70 يىلدىن ئۇزۇنراق ۋاقىتتىن بۇيان ياخشى ئۈنۈم بەردى. 1962-يىلى ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا يادرو-بومبىسى ئۇرۇشى يۈز بەرگىلى تاس قالدى. شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال 1983-يىلى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاندى. ئاشۇ 2 قېتىم بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋەتمەكچى بولدى. ھازىرقى زامان ئۇقۇمى بويىچە ئېيتقاندا، ھەر ئىككى تەرەپ نورمال ھەرىكەتلىنىپ تۇرۇۋاتقان زامانىۋى جەمئىيەتلەردىن ئىدى. ئامېرىكىنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىكى پىلانى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى 24 سائەت ۋاقىت ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى نوپۇسىنىڭ 50 پىرسەنتىنى يوق قىلىۋېتىش ئىدى. ئۇنى «زامان ئاخىرى» دېيىشكە بولاتتى. ئۇ چاغدا بىز «يادرو زىمىستانى» ئۈستىدە پاراڭلىشاتتۇق. لېكىن ھەقىقىي ئۇرۇش يۈز بەرمىدى. يەنى، يادرو ئۇرۇشىمۇ يۈز بەرمەي، ئەنئەنىۋى ئۇرۇشمۇ يۈز بەرمىدى.

بەزىلەر «ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئۇرۇشۇپ قالسا، ئالدى بىلەن خىتاي گۇئامغا يادرو بومبىسى تاشلايدۇ. ئۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا ھېچ ئىش قىلالمايدۇ. سەۋەبى، ئەگەر ئامېرىكا قايتۇرما زەربە بەرسە، لوس ئانژېلىس بىلەن نيۇ يورك خەۋپ-خەتەر ئاستىدا قالىدۇ»، دېيىشىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇنداق گەپلەرنى دەۋاتقان كىشىلەر ئامېرىكىنى زادىلا چۈشەنمەيدىكەن. ئامېرىكا بىر دۆلەت بىلەن ئۇرۇشۇش قارارىغا كېلىدىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىزمۇ ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايدۇ. ئىشەنمىسىڭىز ئىراققا قاراپ بېقىڭ. ياپونىيەنىڭ خىروشىما ۋە ناگاساكى رايونلىرىدا نېمە ئىش بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ. «دېموكراتىك ئەللەر ئۇرۇش قىلغاندا ھەرگىزمۇ ئۇرۇشنى ۋەھشىيلەرچە ئېلىپ بارمايدۇ، ھەمدە قارشى تەرەپتىن شەرتسىز تەسلىم بولۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ»، دېيىش، بىر خىل ئەپسانىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

(2) ئۇرۇش يۈز بېرىشنىڭ باشقا ئېھتىماللىقلىرى

بىز ئالدى بىلەن 2013-يىللىق خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق دوكلاتىغا قاراپ باقايلى: «تەيۋەن بوغۇزىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ھازىر تىنچلىق ئاستىدىكى بىللە تەرەققىي قىلىش جەريانى ساقلىنىۋاتىدۇ.» بۇ بايان ناھايىتىمۇ توغرا. ئەگەر تەيۋەن ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلايدىكەن، خىتاي ئۇنىڭ بىلەن چوقۇم ئۇرۇشىدۇ. ئامېرىكا ئۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنى ئىستىمەيدۇ. ئەگەر خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ، ئامېرىكا ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بېرىدىكەن، ئامېرىكا-ئاۋسترالىيە ھەربىي كېلىشىمى ئىشقا سېلىنىپ، ئاۋسترالىيەنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسى ئامېرىكىغا ياردەم قىلىشقا ئۆتىدۇ. ئەمما ئەسلىدىكى ئۇرۇشنى تەيۋەننىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق جاكارلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئۇ ھالدا ئاۋسترالىيە ناھايىتى مۇرەككەپ دىپلوماتىك مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاشۇنداق بىر ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىشى بىر خىل خىيالىي ئەھۋال بولۇپ، ھازىرچە ئۇنداق بىر ئەھۋال ئۈستىدە بەك باش قاتۇرۇپ كېتىشنىڭ ھېچ بىر ھاجىتى يوق. ھازىرچە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى بىر ئۇرۇشقا قاتنىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى، ياكى تەيۋەن بوغۇزىدا بىرەر ئۇرۇشنىڭ پارتلاپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن.

شىمالىي كورېيەنىڭ ئەھۋالى تەيۋەننىڭكىدىن كۆپ خەتەرلىك. شىمالىي كورېيەنىڭ 28 ياشلىق ھەربىي باشلىقى ھاماقەتلىك قىلىپ ۋە چۆچۈرىنى خام ساناپ، بىر يادرو-بومبىسى ئۇرۇشى باشلاپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار. كورېيە يېرىم ئارىلىدا بىرەر ئۇرۇشنىڭ پارتلاپ قېلىشى جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەس. خىتاي ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىسىز. شۇڭا خىتايمۇ يېقىندىن بۇيان شىمالىي كورېيەدىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىۋاتىدۇ. ئەگەر شىمالىي كورېيە جەنۇبىي كورېيەگە يادرو-بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلىدىكەن، ئامېرىكا شىمالىي كورېيەگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ. بۇنى مەلۇم كىشىلەر شىمالىي كورېيەگە دەپ قويۇشى كېرەك. شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي كورېيەگە ھۇجۇم قىلىشى بىر ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋال، ئەمما ئۇنداق بىر ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىمۇ ئېھتىماللىققا يېقىن ئەمەس.

يېقىندا شەرقىي دېڭىز، سېنكاكۇ ئارىلى ۋە جەنۇبىي دېڭىزلاردا يۈز بەرگەن ئىشلار ئىنگلىزچە «ASEAN, Association of Southeast Asian Nations» دەپ ئاتىلىدىغان «شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىرلىكى» گە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى. يېقىنقى خەۋەرلەردە ئاڭلىغىنىمىزدەك، يېقىندا 8 كېمىلىك خىتايلار سېنكاكۇ ئارىلىغا كەلگەندە، ياپونىيە باش مىنىستىرى «بۇ ئارالغا كەلگەن ھەر قانداق خىتايلىق قوغلاندى قىلىنىدۇ»، دېدى. يەنى، ياپونلۇقلار ئاشۇنداق خىتايلارنى «قانۇنسىز پاناھلانغۇچىلار» دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈردى. قىسقىسى، سېنكاكۇ ئارىلى رايونىدا چۆچۈرىنى خام ساناش سەۋەبىدىن كىچىك كۆلەملىك توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار.

يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلات بۇنىڭدىن كېيىنكى 30 يىل ئىچىدە خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە تەپسىلىي توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يۇقىرىدىكى 3 خىل ئېھتىماللىقلارمۇ تىلغا ئېلىنغان. ئۇ دوكلات ئاخىرىدا بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىماللىقىنىڭ ئاساسەن يوق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

2. خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسى

يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ياردەمچى سېكرېتارى (deputy assistant secretary of State) ۋە خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى سۇزان شىرك (Susan L. Shirk) خانىم «خىتاي—ئاسان ئۆرۈلۈپ كېتىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» (China: Fragile Superpower) ناملىق بىر كىتابنى يازدى [4]. يەنى، مەن «سوۋېت ئىتتىپاقى—تەلتۆكۈس بولمىغان دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» دېگەن كىتابنى يازدىم، سۇزان بولسا «خىتاي—ئاسان ئۆرۈلۈپ كېتىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» دېگەن كىتابنى يازدى. سۇزان ئاشۇ كىتابتا خىتاي سىرتقا قارىتا كۈچىيىپ مېڭىپ، ئىچكى جەھەتتە ئاجىزلىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مېنىڭچە بۇ بىر ھەقىقەت. ھەربىي جەھەتتە خىتاي ئامېرىكىدىن كۆپ ئارقىدا تۇرىدۇ. ھازىرقى مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ يىللىق ھەربىي خىراجىتى پۈتۈن دۇنيا ئەللىرى ھەربىي خىراجەتلىرىنىڭ 50 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ مۆلچىرىدە، ئامېرىكىنىڭ ھەر يىلى ئىلغار ھەربىي قوراللىرى ئۈستىدىكى تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا خەجلەيدىغان پۇلىنىڭ مىقدارى پۈتۈن دۇنيا سەرپ قىلىدىغان پۇلنىڭ 80 پىرسەنتىگە يېتىپ بارىدۇ. ھازىر بۇ ساھەدە ئازراقتىن تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئەللەردىن خىتاي، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىقلار بار. ئەمما رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنگە قاراپ مېڭىۋاتقىنىغا ھازىر 20 يىلدىن ئاشتى.

ھازىر GDP جەھەتتە خىتاي ئىقتىسادى ياپونىيەنى بېسىپ چۈشتى. كىشىلەر خىتاي پۇلىنىڭ نىسپىي قىممىتى ياكى خىتاي پۇلىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى بويىچە مۆلچەرلەپ، 2020-يىلى دەمدۇ ياكى 2028-يىلى دەمدۇ خىتاي ئامېرىكىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېيىشىۋاتىدۇ. ئەگەر ئاشۇنداق مۆلچەر راست بولۇپ چىقتى، دېگەندىمۇ، خىتاي ھەرگىزمۇ ئامېرىكىدەك باي دۆلەت بولالمايدۇ. خىتاينىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئىنتايىن قاتمال بولۇپ، تەتقىقات، تەرەققىيات ۋە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتلەردە ھەرگىزمۇ ئامېرىكىغا يېقىن كېلەلمەيدۇ. مېنىڭ مۆلچىرىمچە، بىر-بالا سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە، 2015-يىلى خىتاي ئەمگەك كۈچىنىڭ سانى تۆۋەنلەپ مېڭىشنى باشلىدى. بۇ جەھەتتە خىتاي قوللىنالايدىغان بىرەر تەدبىر مەۋجۇت ئەمەس. 2040-يىلىغا بارغاندا خىتاينىڭ 380 مىليون نوپۇسى 60 ياش ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشقا كىرىدۇ. مۇشۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان پاكىتلارنىڭ ئۆزىدىنلا خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە بىر ئىنتايىن ئېغىر گېئو-سىياسىي مەسىلىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. خىتايدىكىلەرنىڭ ئىش ھەققى ئاللىقاچان ئۆسۈشكە باشلاپ بولدى. بىر قىسىم شىركەتلەر پات يېقىندا ۋىيېتنام، ھىندىستان ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق ئەللەرگە كۆچۈشكە باشلايدۇ. 400 مىليونغا يېقىن نوپۇسنىڭ يېشى 60 تىن يۇقىرى بولۇپ، يەنە كېلىپ بىر ياخشى ساقلىقنى-ساقلاش سىستېمىسى، ياشانغانلاردىن خەۋەر ئېلىش سىستېمىسى ۋە سالامەتلىكنى ياخشىلاش سىستېمىسى يوق بولغاندا، ۋاقتى كەلگەندە ئاشۇ ئىشلارغا كېتىدىغان پۇل بىر ئېغىر مەسىلە بولىدۇ. بۇنى بىز ھەممىمىز ناھايىتى ياخشى بىلىمىز.

خىتايدا ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىقلار كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ دېڭىز قىرغىقى رايونلىرى بىلەن ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات پەرقى ناھايىتىمۇ چوڭ بولۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىدا ناھايىتى كەمبەغەل رايونلار ھازىرمۇ ناھايىتى كۆپ. خىتايدا ھازىر چىرىكلىشىشمۇ بىر ناھايىتى ئېغىر مەسىلە بولۇپ قالدى.

ھەربىي ئىشلار ساھەسىدە، خىتاي بىر زامانىۋى ئۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش سەۋىيىسىگە يېتىش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن يېڭى قوراللارنى ياساپ چىقىشى ۋە نۇرغۇن يېڭى ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. بۇ ھەربىي خىراجەت مىقدارىنى ھازىرقىدىنمۇ خېلىلا كۆپ ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما باشقا تاشقى ۋە ئىچكى ئىشلارمۇ ھازىر خىراجەت مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولغاچقا، ھەربىي ساھە ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خىراجەتنى چىقىرىشتا خىتاي ھازىر خېلى ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەربىي تەرەققىياتىنىڭ كۆلىمى بىلەن تېزلىكى دۆلەتنىڭ ساغلاملىقى بىلەن دۆلەت بايلىقىنىڭ قانداق بولۇشىغا باغلىق.

خىتاينىڭ ھازىرقى ھەربىي مۇمكىنچىلىكى ۋە كۈچى ھەققىدە مېنىڭ سەپداشلىرىم بىر قانچە پارچە ناھايىتى ياخشى دوكلاتلارنى تەييارلىدى. مەن بۇ يەردە ئۇلارغا قوشۇمچە قىلىپ بىر قانچە ئىشنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كېتىمەن.

خىتاينىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئاۋازى ناھايىتى چوڭ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى رۇسىيەدىن كەلگەن بولۇپ، خىتاي ھازىرمۇ سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى رۇسىيەدىن ئېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە خىتاينىڭ ئۇنداق سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا ناھايىتى ئاسانلا تاقابىل تۇرالايدۇ. خىتاي ئەڭ يۇقىرى تېخنولوگىيەلىك سەۋىيىگە ئىگە ئۇرۇش ئايروپىلانى ياساش يولىدا تىرىشىۋاتقىلى 55 يىلدەك ۋاقىت بولدى، ئەمما تېخىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىدى. ئۇلار ھازىر ئاشۇنداق ئىلغار ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ماتورىنى رۇسىيەدىن ئېلىۋاتىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە چېكىنىۋاتقىنىغا ھازىر 20 يىلدىن ئاشتى. خىتاي تېخى يېقىندا رۇسىيەدىن بىر 1970-يىللىرى ياسالغان ئاۋىئاماتكا پاراخوتىنىڭ بەدىنىنى سېتىۋېلىپ، ئاۋىئاماتكا پاراخوتى ياساپ چىقىش جەريانىنى شۇنىڭدىن باشلىدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىشنى قىلىۋاتقىنىغا ھازىر 70 يىل بولدى. بۇ ساھەدە خىتاي ئامېرىكىنىڭ قولىغا سۇمۇ قويۇپ بېرەلمەيدۇ. خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ زامانىۋى ئۇرۇش تەجرىبىسى نۆلگە تەڭ. كورېيە ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ دېھقانلاردىن تەركىب تاپقان ئەسكەرلىرى ئۇرۇشنى ئانچە قاملاشتۇرالمىدى. مەن ئۇ چاغدا ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، ھەممە ئىشلارنى كۆرۈپ تۇردۇم. 1978-يىلى خىتاي ۋىيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بېرىپ قويماقچى بولدى. ئەمما خىتاي ئۇلاردىن ئۆزى دەككە يەپ، ۋىيېتنامدىن قايتىپ چىقتى.

3. خۇلاسە

قىسقىسى، ھەممە ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بىز تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىگە كېلىمىز:

(1) خىتاي بىلەن ئامېرىكا بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلامدۇ؟
–ياق، ئۇرۇش قىلمايدۇ. ئەمما كىچىك كۆلەملىك توقۇنۇشلاردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ.

(2) خىتاي توختىماي تەرەققىي قىلىپ مېڭىۋېرەمدۇ؟ ئامېرىكا چوقۇم ئارقىغا چېكىنەمدۇ؟
–ياق، خىتاي تەرەققىي قىلىپ مېڭىۋەرمەيدۇ، ھەمدە ھازىر ئامېرىكا ھەرگىزمۇ بىر ئارقىغا چېكىنىش يولىغا كىرىپ قالغىنى يوق.

(3) بىر قىسىم ئىستراتېگىيىلىك ساھەلەردە ئامېرىكا چوقۇم خىتايغا يول بېرىشى كېرەكمۇ؟
–ياق، ئامېرىكا بولسۇن، ياكى باشقا ئەللەر بولسۇن، ھەرگىزمۇ ئۆز رازىلىقى بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي دېڭىزىدەك رايونلاردا خىتايغا تەسىر كۆرسىتىش زېمىنى ھازىرلاپ بەرمەسلىكى كېرەك. يېقىندا ئاۋسترالىيەدىكى بەزى كىشىلەر خىتايغا يۇقىرىقىدەك ئىشلاردا يول بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى. يېقىندا بىر ئامېرىكىلىق ئاپتورمۇ «ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش» (Survival) دېگەن ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلىپ، شۇنىڭغا ئوخشاش پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما، ئۇنداق قىلىشنىڭ قەتئىيلا ھاجىتى يوق.

(4) ئاۋسترالىيە خىتاي بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەييارلىق كۆرۈشى كېرەكمۇ؟
–ياق، ئۇنداق قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ئاۋسترالىيەنىڭ 2009-يىلىدىكى دۆلەت مۇداپىئە ئاق-تاشلىق دوكلاتىدا خىتاي بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەييارلىق كۆرۈش كېرەكلىكى تەۋسىيە قىلىنغان. ئەمما ئۇنداق قىلىش پۈتۈنلەي ئارتۇقچە. ئاۋسترالىيە ھازىر ھەربىي خىراجەت ئۈچۈن GDP نىڭ 1.5 پىرسەنتىنى ئاجرىتىۋاتىدۇ. ئاۋسترالىيەنىڭ ئىقتىسادىي ياخشىلانغاندا، بۇ پۇلنىڭ مىقدارىنى سەل ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەمما ئۇ ھازىرلا جىددىي قىلمىسا بولمايدىغان ئىش ئەمەس. ھازىر ئاۋسترالىيە بىر ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلگەن ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس.

پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

[1] What are the risks of war between China and the US?
HYPERLINK ”https://www.youtube.com/watch?v=YsrzvkG5_KI“ https://www.youtube.com/watch?v=YsrzvkG5_KI

[2] Paul Krugman
HYPERLINK ”http://books.wwnorton.com/books/Paul-Krugman/“ http://books.wwnorton.com/books/Paul-Krugman/

[3] The Great Illusion, by Norman Angell
HYPERLINK ”http://www.barnesandnoble.com/w/great-illusion-norman-angell/1101128329?ean=9781540707871&st=PLA&sid=BNB_DRS_Core+Shopping+Books_00000000&2sid=Google_&sourceId=PLGoP62465“ http://www.barnesandnoble.com/w/great-illusion-norman-angell/1101128329?ean=9781540707871&st=PLA&sid=BNB_DRS_Core+Shopping+Books_00000000&2sid=Google_&sourceId=PLGoP62465

[4] Susan L. Shirk, China: Fragile Superpower
https://www.amazon.com/China-Superpower-Susan-L-Shirk/dp/0195373197/ref=sr_1_1?ie=UTF8&qid=1483578534&sr=8-1&keywords=China%3A+The+fragile+superpower

ئاپتور پول دىبب ھەققىدىكى ئىنگلىزچە ئۇچۇر:

Paul Dibb is Emeritus Professor of strategic studies and Chairman of the Strategic and Defence Studies Centre at The Australian National University. He was head of the Strategic and Defence Studies Centre from 1991 to 2003. His previous positions include: Deputy Secretary of the Department of Defence, Director of the Defence Intelligence Organisation, and Head of the National Assessments Staff (National Intelligence Committee).

He is the author of five books and four reports to government, as well as more than 120 academic articles and monographs about the global strategic outlook, the security of the Asia-Pacific region, the US alliance, and Australia’s defence policy. He wrote the 1986 Review of Australia’s Defence Capabilities (the Dibb Report) and was the primary author of the 1987 Defence White Paper. He also published a book in 1986, which was reprinted in 1987 and had a second edition in 1988, entitled TheSoviet Union: the Incomplete Superpower (London: The International Institute for Strategic Studies).

At the request of the Foreign Minister, he has represented Australia at six meetings of the ASEAN Regional Forum’s Experts and Eminent Persons Group between 2006 and 2012 with the most recent one being in Bangkok in February 2012. Under the Howard Government, he was a member of the Foreign Minister’s Foreign Policy Council for 9 years.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز