دۇنيا ۋە خىتايغا نەزەر 5-سان


پروگراممىغا تەييارلىغۇچى: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

ئەسلى ئاپتورى: ئەلروھلان

ئۆزلەشتۈرۈپ تەھرىرلىگۈچى: ئازاد قاسىم

شى جىنپىڭ خىتاينى قايسى تەرەپكە يېتەكلەيدۇ؟

يېقىنقى نەچچە ئون يىلنىڭ مابەينىدە خىتايدا شى جىنپىڭنىڭكىگە ئوخشاش خاراكتېرگە ئىگە، ئۇنىڭكىگە ئوخشاش مىجەزى بار، ۋە ئۇنىڭكىگە ئوخشاش نىيىتى بار لىدېرلاردىن بىرەرى چىقىپ باقمىغان. بۇ يەردە مەن شى جىنپىڭنىڭ ئالدىدىكى قىيىن ئۆتكەللەر، ۋە ئاشۇ قىيىن ئۆتكەللەر دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلەرگە نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىمەن.

1. شى جىنپىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر

شى جىنپىڭنىڭ لىدېرلىق ئورۇنغا چىققىنىغا ھازىر 4 يىلدىن ئاشتى. يەنى ئۇ ئۆزىنىڭ خىتايغا لىدېر بولۇش مۇددىتىنىڭ 1/3 قىسمىنى ئورۇنلاپ بولدى. ئۇ مۇشۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە كۆپلىگەن خىتايلىقلار ۋە كۆپلىگەن غەربلىك ئانالىزچىلارنىڭ نەزىرىدە كىشىلەر يېرىم چوقۇنىدىغان بىر ئادەمگە ئايلاندى. بۇ خىل ئەھۋال 1960-يىللاردىكى كىشىلەرنىڭ ماۋغا چوقۇنۇشىغا بىر ئاز ئوخشاپ كېتىدۇ. خېلى ئىشەنچلىك بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، شى جىنپىڭ ھازىر خىتاي پۇقرالىرى ئىچىدە ناھايىتى يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە بولۇپ، شىنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرىدىغان تېلېۋىزور پروگراممىلىرى، ۋە شىنى تەسۋىرلەيدىغان باشقا ھەر خىل تەشۋىقات قۇرۇلمىلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ئىشلەندى. شى «خىتاي مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ مەدەنىيىتىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش» تىن ئىبارەت بىر «خىتاي غايىسى» نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ غايە ھازىر خىتايدىكى ئۆزىدىن پەخىرلەنگەن خەلقلەر ئىچىدە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغاۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق يۇقىرى نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ، شى كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى ئىنتايىن كەڭرى ۋە كۈچلۈك بولغان سىياسىي، ھەربىي ۋە كارخانىچى زاتلار ۋە ئۆزىنىڭ سىياسىي دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن چىرىكلىكنى يوقىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. شى ئىچكى بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي ئىسلاھات ۋە تاشقى ئىشلارغا ئوخشاش مۇھىم ساھەلەر ئۈچۈن ئىستراتېگىيە تۈزىدىغان كىچىك گۇرۇپپىلارغا باشلىق بولۇپ، شۇ ساھەدىمۇ بىر قىسىم مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. شى ئالدىنقى 4 يىل ئىچىدە 50 دەك چەت ئەلنى زىيارەت قىلدى، ھەمدە ناھايىتى چوڭ تاشقى ئىشلار پىلانلىرىنى يولغا قويدى. ئۇ ھازىر جەنۇبىي دېڭىزدىكى كەڭ زېمىنلارنى ئۆزىگە تەۋە قىلىۋېلىش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، خىتاينىڭ دېڭىزدىكى ھەربىي ھەرىكەت رايونلىرىنى بۇرۇنقىدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىققا كېڭەيتىۋاتىدۇ.

دېمەك، شى ھازىر ناھايىتى جىق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئۆزىمىزدىن مۇنداق سوئاللارنى سورىماي تۇرالمايمىز:
–شىنىڭ ھوقۇقى زادى قانچىلىك چوڭ؟
— بىز ئۇنىڭ لىدېرلىق ئۇسۇلى ۋە خىتاي پىلانى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىمىز؟
— ئۇ خىتاي غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالامدۇ؟
— ياكى ئۇ ھازىر كۆرۈنگەنگە ئوخشاش ئۇنچىۋالا كۈچلۈك ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدا كۆپلىگەن توسالغۇلار بارمۇ؟ ئۇ ئاسانلا ئۆرۈلۈپ چۈشەمدۇ؟
— بۇ خىل ئەھۋاللار كەلگۈسىدە خىتاينىڭ قوشنىلىرىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

شى يېڭى خىتاي قۇرۇلۇپ 4 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1953-يىلى 6-ئايدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى شى جوڭشۈن شۇ چاغدا خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە داڭلىق ئىنقىلابىي قەھرىمان ئىدى. 1962-يىلى ماۋ زېدۇڭ شى جىنپىڭنىڭ دادىسىنى «پارتىيىگە قارشى چىققان ئوڭچى» غا چىقىرىپ، ئۇنىڭ بارلىق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ جۇڭنەنخەينىڭ ئىچىدىكى راھەت تۇرمۇشى ئاخىرلاشتى. شى جوڭشۈن 1966-يىلىغىچە بېيجىڭدا سولاقتا تۇردى. ئاندىن ئۇنىڭ ئائىلىسى 1968-يىلىغىچە بىر يېزىغا، يەنى ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ يۇرتى بولغان شەنشى ئۆلكىسى ۋېنئەنيى يېزىسىغا پالانغان ھالدا ياشاپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا سېلىندى. شى جىنپىڭ ۋېنئەنيىدىن 1975-ئايرىلدى. ئۇ شۇنداق قىلىپ 15 ياشتىن 22 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھاياتىنى ئاشۇنداق خارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى. ئۇ 1975-يىلى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ، خىمىيە ئىنژېنېرلىقى كەسپىدە ئوقۇدى. ئەمما ئۇ بىر ئىشچى-دېھقان-ئەسكەر ئوقۇغۇچى بولۇپ، ناھايىتى كۆپ ۋاقتىنى ماركسىزم، لېنىنىزم ۋە ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىلىرىنى، ۋە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ تەلىماتلىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن سەرپ قىلدى. شۇنداقلا مەكتەپ يېزا-ئىگىلىك مەيدانىدىمۇ ئىشلىدى. 1979-يىلى شىنىڭ دادىسىنىڭ ئورنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئۇ ھوقۇق جەھەتتە ناھايىتى تېز ئۆسۈشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شى 2007-يىلى شاڭخەي پارتىيە كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولدى. بۇ خىزمەتنى ئاران 7 ئاي ئىشلەپ، 2007-يىلى 10-ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى ئەڭ كۈچلۈك 9 ئادەمنىڭ بىرسىگە ئايلاندى. ئۇ يەردە 5 يىل ئىشلەپ، 2012-يىلى 11-ئايدا مەركىزىي پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھەربىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، 2013-يىلى يەنە دۆلەتنىڭ رەئىسلىكىنىمۇ ئۆز قولىغا ئالدى. شۇنداق قىلىپ، شى 60 ياشقا كىرگەندە خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورۇندىكى لىدېرى بولدى.

1-رەسىم: پروفېسسور بېيتىس گىل ئىلمىي دوكلات بېرىۋاتقان ۋاقىتتىكى بىر كۆرۈنۈش.

كىشىلىك تۇرمۇش جەھەتتە، شىنىڭ 2-خوتۇنى پېڭ لىيۈەن بىلەن توي قىلغىنىغا ھازىر 30 يىل بولاي دېدى. پېڭ لىيۈەن ئېرىدىن 9 ياش كىچىك بولۇپ، ئۇ ھازىر خىتاي ئارمىيىسىدە بىر چوڭ گېنېرال بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ يەنە بىر داڭلىق ناخشىچى ۋە چولپان ئارتىس بولۇپ، شى بىلەن توي قىلىپ ئۆتكەن ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىدا پېڭ ئېرىدىن كۆپ داڭلىق بولۇپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ شى مىڭزې ئىسىملىك بىر قىزى بار بولۇپ، ئۇ قىز 2014-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈردى. شى ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ھەقىقەتەنمۇ بىر ناھايىتى قۇدرەتلىك ئائىلە بولۇپ، ئۇلار يەنە ھەممە جەھەتتە ناھايىتىمۇ ئابرۇيلۇق.

داڭلىق پارتىيە ئائىلىسىنىڭ تاۋابىئاتى بولۇش، ئۆزىنى ساقلاپ قالغۇچى بولۇش، ۋە ئۆزىنى پارتىيىگە پۈتۈنلەي ئاتىۋەتكەن بىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن، شى ھازىر ئۆزىگە ناھايىتى ئىشىنىدىغان، كەسكىن قارار چىقىرىدىغان، ئىدېئولوگىيە مىراسلىرىدا چىڭ تۇرىدىغان، ھەمدە خىتاي مەنپەئىتى ئۈچۈن تەۋرەنمەي بۇرۇنقى لىدېرلاردىن بەكرەك تىرىشىدىغان بىر كىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

شىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھوقۇق ئورنىغا چىققىنىغا ئاران 4 يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇ ئاشۇ 4 يىل جەريانىدا ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە يىغىپ، يوشۇرۇن دۈشمەنلىرىنى تازىلاپ، خەلقنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىشلار ئۈچۈن ناھايىتى كەڭ ۋە مۇكەممەل سىياسەتلەرنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ئۇ ناھايىتى جىددىي ھالدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە پارتىيە ئىستىلىنى ساغلاملاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى، ئىدېئولوگىيىلىك قىزغىنلىقنى ئەسلىگە كەلتۈردى، تەشۋىقاتنى كۈچەيتتى، ۋە ئۆزى بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولمىغانلارنى كۆزىدىن يوق قىلدى، ھەمدە ئۇنچىۋالا كۈچلۈك ئەمەس قارشى پىكىرلەرگىمۇ يول قويمىدى.

شى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا قارىتا ئۆزىدىن بۇرۇن دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى بولغان جياڭ زېمىن ۋە خۇ جىنتاۋغا ئوخشىمايدىغان چوڭ پىلانلارنى ۋە كەلگۈسى ھەققىدىكى يېڭى ئىدىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. دۆلەت ئىچىگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ بىر ئەڭ ياخشى مىسالى «خىتاي غايىسى» دىن ئىبارەت. بۇ سۆز شىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى لىدېرلىق قابىلىيىتىنى ئەڭ ياخشى نامايان قىلىپ بېرىدىغان بولۇپ، بىز بۇ سۆزنىڭ نامايەندىسىنى خىتاينىڭ ھەممە يېرىدە ۋە بارلىق تەشۋىقات قوراللىرىدا ئۇچرىتالايمىز. ئۇ ھازىر پارتىيە ھۆججەتلىرى ۋە مەكتەپ دەرسلىك كىتابلىرىغىمۇ كىرگۈزۈپ بولۇندى. ھازىر خىتاينىڭ ھەر قانداق بىر كوچىسىغا بارسىڭىز، «خىتاي غايىسى» نىڭ بەلگىلىرىنى كۆرىسىز.

خىتايدىكى تەشۋىقاتلاردا «خىتاي غايىسى» مۇنداق دەپ چۈشەندۈرۈلگەن: پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولىدىغان 2021-يىلى ئوتتۇرا-دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش، يېڭى خىتاي قۇرۇلغىنىغا 100 يىل توشىدىغان 2049-يىلى بولسا خىتاينى بىر تولۇق تەرەققىي قىلغان دۆلەت قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ بولۇش. مانا بۇ خىتاينىڭ ھازىر شى جىنپىڭ ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەڭ ئۈمىدۋار غايىسى.

2. شى جىنپىڭ يولغا قويغان بىر قىسىم تەدبىرلەر

شى جىنپىڭ يۇقىرىدىكىدەك بىر خىل نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشىش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزىنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدىغان كۆز-قاراشتىكى كىشىلەرنى ئېغىر دەرىجىدە باستۇرۇش ئىشىنى تەڭ ئېلىپ ماڭدى. بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ قىلغىنى 1989-يىلىدا يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىشلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ خىتايدا مىللەتچىلىك ھېسسىياتىنى كۈچەيتىش جەھەتتىمۇ خېلى كۆپ ئىشلارنى قىلدى. شىنىڭ رەھبەرلىكىدە خ ك پ ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلارنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان پائالىيەتچىلەر، ئادۋوكاتلار، قارشى پىكىردىكىلەر، ئاخباراتچىلار، زىيالىيلار ۋە نەشرىياتچىلارنىڭ بوزەك قىلىنىش، سولىنىش ۋە غايىب بولۇش ئىشلىرى كۆپلەپ يۈز بەردى. خىتايدا بىخەتەرلىك ۋە نازارەتچىلىك ساھەسىدىكى بىر قىسىم يېڭى قانۇنلارنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن يۇقىرىقىدەك قاتتىق-قوللۇق تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى، خىتايدا ئىش بېجىرىۋاتقان چەت ئەل تەشكىلاتلىرىنىڭ نازارەت قىلىنىشى ۋە ئىنتېرنېت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ناھايىتى قاتتىق ھالدا ساقچىلىق قىلىنىشى بىر يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. 2013-يىلى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرگە قارىتىلغان، خىتايدا «9-نومۇرلۇق ھۆججەت» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ھۆججەت شىنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى تەدبىرلىرىنى خۇلاسىلەپ بېرىدۇ. 9-نومۇرلۇق ھۆججەت خ ك پ ھاكىمىيىتىگە تەھدىت سېلىۋاتقان 7 خىل كۈچنى تىلغا ئالدى. يېقىندا خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىمۇ بىر ھۆججەت تارقىتىپ، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا سۆزلىنىدىغان دەرسلەرنىڭ مەزمۇنلىرىغىمۇ بىر قىسىم چەكلىمىلەرنى قويدى. بۇ ئىككى ھۆججەت ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ۋە قىيىن ئۆتكەللەر ئىچىدە غەرب قانۇنلىرىدىكى دېموكراتىيە ۋە باشقا غەرب ئىدىيىلىرى، مەسىلەن، ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشى، خەلق جەمئىيىتى، قانۇنىي دېموكراتىيە ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى قاتارلىقلارمۇ بار.

بۇ خىل باستۇرۇش يالغۇز خىتاي ئىچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۇ دۆلەت سىرتىغىمۇ كېڭەيتىلدى. مەسىلەن، دۆلەت سىرتىدىكى رايونلار ئىچىدە خوڭكوڭ، ھەتتا ئاۋسترالىيەمۇ بار. خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەلدىكى خىتاي پۇقرالىرى ۋە چەت ئەلگە گراژدان بولغان خىتايلىقلاردىن ئۆز ۋەتىنىگە سادىق بولۇشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، ھەمدە ئۇلارغا ھەيۋە قىلىۋاتىدۇ.

خېلى كۆپ ساھەلەردە مۇشۇنداق قاتتىق نازارەت قىلىش ھۆكۈم سۈرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئۆتكەن يىل دۇنيا چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 180 دۆلەتنىڭ مۇخبىرلار ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچى سانلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي 175-ئورۇننى ئالدى. يەنى، خىتاي پەقەت سومالى، سۈرىيە، تۈركمەنىستان، شىمالىي كورېيە ۋە يەنە بىر كىچىك دۆلەتنىڭ ئالدىغا ئۆتەلىدى.

شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە خىتاي ئۆزىنىڭ ئەسكەر تۇرغۇزغان رايونلىرىنى كېڭەيتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ روشەن بولغىنى يېڭى سۈنئىي ئاراللارنى ياساش، جەنۇبىي دېڭىزغا ھەربىي بازا قۇرۇش، شۇنداقلا 2012-يىلى خىتاينىڭ، فىلىپپىنغا قارايدىغان بىر قىسىم دېڭىز قىرغاقلىرىنى ئىگىلىۋېلىش قاتارلىقلار بار. بۇ يىل خىتاي يەنە جىبۇتى ئارىلىدا بىر دېڭىز ئارمىيە ئارقا سەپ بازىسى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە بۇ بازا سومالى قاراقچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ۋە ب د ت نىڭ ئافرىقىدىكى ئىشلىرىغا ياردەملىشىشكە ئەۋەتىلگەن خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن.

چەت ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىبەتتە، شى بىر ئاسىيا قۇرۇلمىسى مەبلەغ بانكىسى ۋە 21-ئەسىرلىك دېڭىز يولى يىپەك يولى قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن خىتاي 1.4 ترىللىيون دوللار پۇل خەجلەپ، تاشيول، پويىز يولى، ئايروپىلان ئىستانسىسى، دېڭىز پورتى، ئېلېكتر ئىستانسىسى، خەۋەرلىشىش تورلىرى ۋە باشقا قۇرۇلمىلارنى ياساشنى پىلانلىدى. ئەگەر بۇ ئىش ۋۇجۇدقا چىقىدىكەن، يۇقىرىدىكى قۇرۇلمىلار خىتاينى قۇرۇقلۇق يوللىرى ئارقىلىق ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بازىرىغا، شۇنداقلا ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىرغىقى ۋە ياۋروپاغىچە تۇتاشتۇرىدۇ.

3. خىتاي ھازىر دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەر

گەرچە شى جىنپىڭ يۇقىرىقىدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۇ ھازىر بىر قاتار قىيىن ئۆتكەللەرگە دۇچ كەلدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شىنىڭ لىدېرلىق ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ مەسىلىلەر شى ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي غايىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ۋە خىتاي مىللىتىنىڭ روھلاندۇرۇلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن.

خىتاي ھازىر بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى دېڭ شياۋپىڭ ئىسلاھات قىلىش ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي ئېنىقسىزلىقلارغا دۇچ كەلدى. بۇنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىدەك:
–(1) جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستىلاشقا باشلىدى.
–(2) بۇ ئاستىلاش قۇرۇلما جەھەتتىكى ئاستىلاشقا كىرىدۇ.
–(3) بۇ ئاستىلاش ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلارنىڭ ئۆزگەرتىلىشى جەريانىدا يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇرۇن مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن باشقا ئەللەر ئاشۇنداق ئۆزگەرتىشتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىغان.

ھەممىدىن مۇھىم نۇقتا شۇكى، بېيجىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يولغا قويىدىغان سىياسەتلەرنىڭ خىتاي ھازىر دۇچ كەلگەن تۈپ ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ھازىرقى ئاستىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان نەرسە خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرغان نەرسىنىڭ دەل ئۆزى: كاپىتال زاپاس مېلىغا مەبلەغ سېلىش. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، خىتاي ئالدىنقى 30 يىل ئىچىدە ئېكسپورت سانائىتىنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادىي قۇرۇلمىلارنى بەرپا قىلىش ئاساسىدا تەرەققىي قىلدى. ئۇ قۇرۇلمىلار تېز سۈرئەتلىك يول، پويىز يولى، دېڭىز قىرغاق پورتى، ئايروپىلان ئىستانسىسى، بىنالار، ۋە زاۋۇت ئۆيلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاشۇنداق زور كۆلەمدىكى كاپىتال مەبلەغ سېلىش جەريانى ئەمدى توختايدۇ. يەنە بىر ئايروپىلان ئىستانسىسى، يەنە بىر پويىز يولى ياكى يەنە بىر شەھەر سېلىشنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا قوشىدىغان تۆھپىسى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، خىتاي ھازىر بىنا قاتارلىق نەرسىلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. شى جىنپىڭنىڭ ئالدىدىكى ۋەزىپە كاپىتال مەبلەغ سېلىشنى ئازايتىپ، ھازىرغىچە ياسىلىپ بولغان نەرسىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمال بازىرىنى چوڭايتىش. بۇ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، ئۇنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي خەتىرى بار. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىن كارخانىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشنى تەدرىجىي ئازايتىپ، ھازىرغىچە سېلىپ بولۇنغان كاپىتال مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرىلىتىش ئۈچۈن تىرىشمىسا بولمايدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يۇقىرىقىدەك ئۆزگىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ناھايىتى زور ساندىكى كىشىلەرنى ئىشتىن بوشىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭلاشقا خىتايدىكى كارخانا ئىگىلىرى ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشنى ئازراقمۇ خالىمايدۇ.

شى جىنپىڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىغا ھازىر 5 يىل بولۇشقا قاراپ ماڭدى. ئەمما ئۇنىڭ يۇقىرىقىدەك ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ بارىدىغانغا تەييارلىقى باردەك كۆرۈنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ھازىر ئۇ ئىقتىسادىي ساھەدە قوللىنىۋاتقان چارە قەرز مىقدارىنى كۆپەيتىپ، شۇ ئارقىلىق كاپىتال مەبلەغ مىقدارىنىمۇ ئۆستۈرۈش بولۇۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا خىتاينىڭ سابىق ئىقتىسادىي مىنىستىرى، خىتايدىكى داڭلىق ئىقتىسادشۇناس لوۋ جىۋېي ئۆتكەن يىل مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ ئوتتۇراھال كىرىم سەۋىيىسىدە تۇرۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى 50 پىرسەنت كېلىدۇ. ئەگەر خىتاي ئىقتىسادىي ساھەدە ئىسلاھات ئېلىپ بارمايدىكەن، يۇقىرى كىرىم بالدىقىغا مەڭگۈ چىقالماسلىقى مۇمكىن. لوۋ جىۋېي ئۆتكەن ھەپتە ئىقتىسادىي مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئۇ ياش چەكلىسىدىن شۇنداق بولدىمۇ، ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ، ئېنىق ئەمەس.

ئۆتكەن يىل (2015-يىلى) 675 مىليارد دوللار پۇل خىتايدىن سىرتقا ئاقتى. بۇ خىتايغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئىستىقبالىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا، شى جىنپىڭنى ئامالسىز قالدۇرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. ئۇنىڭ بىرى خىتاي نوپۇسىنىڭ قېرىپ كېتىشى. يەنى، خىتاي باي بولۇشتىن بۇرۇن قېرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ يەنە بىرى چىرىكلىك. گەرچە شى جىنپىڭ بۇ ساھەدە خېلى كۆپ ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، خىتايدىكى چىرىكلىك ھازىرمۇ بىر ئىنتايىن ئېغىر مەسىلە بولۇپ ساقلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ. شىنىڭ ئۆزى بۇ يىل 1-ئىيۇلدىكى پارتىيە قۇرۇلغان كۈننى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، «چىرىكلىكنى تازىلاش پارتىيىنىڭ ھايات-ماماتلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش» دېگەنگە يېقىن گەپلەرنى قىلدى.

خىتايدىكى بايلار بىلەن كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقمۇ كۈندىن-كۈنگە چوڭىيىپ مېڭىۋاتىدۇ. باي-كەمبەغەل نىسبىتى كۆرسەتكۈچى بويىچە خىتاي ھازىر دۇنيادا 29-ئورۇندا تۇرىدۇ. كۈنلۈك كىرىمى 2 دوللاردىن تۆۋەن بولغان كەمبەغەللەردىن خىتايدا ھازىرمۇ 200 مىليوندىن كۆپرەك نوپۇس بار.

خىتاينىڭ مۇھىت بۇلغىنىشى ناھايىتى ئېغىر، ناھايىتى چوڭ، ۋە ناھايىتى مۇرەككەپ. ھاۋا بۇلغىنىشىدا بېيجىڭ تېخى ئەڭ ناچار شەھەرمۇ ئەمەس بولۇپ، خىتايدا ئۇنىڭدىنمۇ ناچار يەرلەردىن خېلى بار. خىتايدا يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستىدىكى سۇلار ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاندى. بەزى جايلاردىكى سۇلارنى زىرائەتلەر ۋە سانائەت ئۈچۈن ئىشلىتىشكىمۇ بولمايدۇ. شەھەرلىشىش قاتارلىق بىر قاتار ئىشلار ھازىر خىتاي ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ قىيىن ئۆتكەللەرنى پەيدا قىلدى. بۇلغىنىش ۋە زەھەرلىنىش كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى خېيىمخەتەرگە ئۇچرىتىدىغان بولغاچقا، بۇلار يالغۇز ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بولۇپلا قالماي، ئۇلار يەنە سىياسىي مەسىلىلەرگىمۇ تەۋە. خىتايدىكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ئۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ھازىرقى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان تەدبىرلەرنىڭ بىرى تەرەققىيات سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بولۇپ، بۇ چارە ھازىر خىتايدا بىر قىسىم يېڭى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ مەسىلىلەر پىرامىداسىنىڭ ئەڭ چوققىسىدا شى جىنپىڭ بار بولۇپ، ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. بۇ جەھەتتىكى بىر قىسىم ئەھۋاللارنى يېقىندا (2016-يىلى ئۆكتەبىردە) ئېچىلغان پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى 6-ئومۇمىي يىغىنىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. شىنىڭ مەزكۇر يىغىندا دېيىشىچە، بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار يالغۇز چىرىكلىك بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماي، پارتىيىنى پارچىلاش سىياسىي سۇيىقەستى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. بۇ ئىشنىڭ ئىقرار قىلىنىشى بىزگە ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنى دەپ بېرىدۇ. شى جىنپىڭ ئېلىپ بارغان چىرىكلىكنى يوقىتىش ھەرىكىتى ھازىر ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى كۆپلىگەن دۈشمەنلەرنى تىكلەپ بەرگەن بولۇپ، ھازىر شىنىڭ تۇتقان يولدىن نارازى بولۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتىدۇ.

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى 2012-يىلى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتايدا ھەر يىلى 100,000 قېتىمدىن كۆپرەك چوڭ كۆلەملىك ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. ئىشسىز قالغان ئەمگەكچىلەر خىتاي ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە مۇقىمسىزلىق خەتىرىنى پەيدا قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. خىتاينىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىدىكى ئېتنىك قوزغىلاڭلار خىتاي ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە بىر خىل ئېغىر مەسىلە بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. شىنجاڭدا يۈز بەرگەن مۇشۇ خىلدىكى ۋەقەلەر كۆپىنچە ۋاقىتتا قان تۆكۈش ۋەقەسى تۈسىنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي زېمىنىنىڭ 49 پىرسەنتىنى پەقەت 4 ئۆلكىلا ئىگىلەيدۇ: تىبەت، شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل ۋە چىڭخەي. بۇ ئۆلكىلەردە تارىختىن بۇيان خەنزۇ ئەمەس مىللەتلەر ياشاپ كەلگەن.

خىتايدا 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا قاتناشقان مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر (1) چىرىكلەشكەن رەھبەرلەر، (2) مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە (3) كىرىمدىكى تەڭسىزلىكنى ھازىر خىتاي دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ مەسىلىلەر، دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ تەكشۈرۈشنى بىر نوپۇزلۇق تەشكىلات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇنىڭغا تولۇق ئىشىنىشكە بولىدۇ.

4. خىتاينىڭ ھازىرقى ھەربىي ساھەدىكى مەسىلىلىرى

خىتاينىڭ قۇرۇقلۇقتىكى باشقا ئەللەر بىلەن بولغان چېگرىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ، 22000 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ 14 دۆلەت بىلەن بىۋاسىتە چېگرىداش. بۇ جەھەتتە ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ دۆلەتلەر بىلەن چېگرىداش بولغان رۇسىيە بىلەن ئوخشاش. دېڭىزدىكى چېگرىداش دۆلەتلەر تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، خىتاينىڭ قوشنىلىرىدىن 4 دۆلەتنىڭ يادرو بومبىسى بار. ئۇلار ھىندىستان، پاكىستان، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيە. ئاسانلا يادرو بومبىسى ئىشلەپ چىقىرالايدىغان ياپوننىمۇ قوشساق بۇ دۆلەتلەرنىڭ سانى 5 بولىدۇ. خىتاي ئىقتىسادى ئېكسپورت-ئىمپورت جەھەتتە ھازىر پۈتۈنلەي دېڭىز يوللىرىغا تايىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىقتىسادىي مەركىزى خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ئۆلكىلەردە بولۇپ، بۇمۇ خىتاينىڭ ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا ناھايىتى ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرغاندا، خىتاينىڭ تاشقى مۇھىتى شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان ناھايىتى كۆپ ناچارلاشتى. مەسىلەن، كورېيە ئارىلىدا خىتاينىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نەچچە 10 يىلنىڭ مابەينىدىكى ئەڭ ناچار بىر ھالەتكە كىردى. يەنى، خىتاي شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو بومبىسى ياساش ئىشىنى توسۇپ قالالمىدى. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىمۇ ناچارلاشتۇردى. بۇنىڭ بىر نەتىجىسى جەنۇبىي كورېيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىشىدۇر.

خىتاينىڭ ياپون بىلەن بولغان سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىدىكى مۇناسىۋىتىمۇ ھازىر ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ قالدى. بۇ خىل ئەھۋالنى سېنكاكۇ ئارىلىنى تالىشىش ئىشلىرى، شۇنداقلا شىنزو ئابې بىلەن خىتاي رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھەر خىل سۈركىلىشلەر كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ يىل 6-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە، 87 پىرسەنت ياپونلار خىتايغا نىسبەتەن سەلبىي كۆز-قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىدىكى ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ئىنتايىن ناچار بىر ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنى خىتاينىڭ ئاشۇ رايونلاردا ئېلىپ بارغان بىر قىسىم بىنورمال ھەرىكەتلىرى، بولۇپمۇ 2012-يىلىدىن كېيىن تۇتقان يوللىرى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي-فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدا بەزى كېلىشىملەر تۇرغۇزۇلىدىغان ئوخشايدۇ. ئەمما، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، جەنۇبىي دېڭىزدا يېقىنقى يىللاردا ئېلىپ بارغان بىر قاتار ناچار ئىش-ھەرىكەتلىرى تۈپەيلىدىن، خىتاينىڭ نامى جەنۇبىي دېڭىز رايونلىرىدىكى ئەللەر ئارىسىدا ۋە پۈتۈن دۇنيادا ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلدى.

خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىمۇ ئالدىنقى 3 يىل ئىچىدە ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى، سودا، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىز رايونلىرىدىكى بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئېغىر دەرىجىدە ناچارلاشتى. ئامېرىكىغا كېلەر قېتىم كىمنىڭ پرېزىدېنت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دەسلەپكى بىر قانچە يىل ئىچىدە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئانچە ياخشى بولۇپ كەتمەيدۇ.

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتە كۈچىيىشى دۇنيانىڭ، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن زېمىن ماجىراسى بار ئەللەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى. ئۇلارنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش يولىدا بىر قىسىم يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، شى جىنپىڭ ھازىر قانداق قىلغاندا خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى ئۆزى ئۈچۈن بىر پايدىلىق شارائىتقا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلدى.

5. شى جىنپىڭ خىتاينى قايسى تەرەپكە يېتەكلەيدۇ؟

يۇقىرىدا بىز شى جىنپىڭنىڭ لىدېرلىق ئۇسۇللىرى بىلەن بىر ئاز تونۇشۇپ چىقتۇق. ئەمدى بىز سورايدىغان يەنە بىر سوئال شى بۇنىڭدىن كېيىنكى لىدېرلىق رولىنى قانداقراق ئېلىپ ماڭىدۇ، ۋە بىز بىللە ياشايدىغان خىتاي قانداقراق دۆلەت بولىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. بىز خىتاي رەھبەرلىرى ھەققىدە بىلمەيدىغان ئىشلار يەنىلا ناھايىتى كۆپ. شۇنداق بولسىمۇ، مەن ئاشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇشنى كۆڭلۈمدە ساقلىغان ھالدا شىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينى قايسى تەرەپكە يېتەكلەيدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق 4 پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.

(1) پارتىيىنى 1-ئورۇنغا قويۇش. ماڭا شى جىنپىڭ خ ك پ غا چىن كۆڭلىدىن ئىشىنىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇ بۇرۇنقى رەھبەرلەرنى بېسىپ چۈشىدۇ. شى، خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان دۇچ كەلگەن باشقىلارغا بوزەك بولۇشتەك ئەھۋالنى يوق قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇلۇغلۇقىنى قايتىدىن تىكلەشتە، ياكى خىتاي غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا پارتىيە ۋە ئۇنىڭ ئىدېئولوگىيە، تەشۋىقات ۋە كونترول ۋاسىتىلىرى ساھەسىدىكى كەڭ-كۆلەملىك ئاپپاراتلىرىدىن، ھەمدە پارتىيىنىڭ ھالقىلىق رولىدىن مەركەزلىك ھالدا پايدىلىنىدۇ. شىنىڭ ھاياتىدىن قارىغاندا، بۇ خىل پەرەز ئەقىلگە ناھايىتىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ. پارتىيىنىڭ بۇرۇنقى ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئوغلى بولۇش، پارتىيە ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇق بولۇش، كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا خىتاينىڭ ئىشلىرىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردىكى تەرەققىيات يولىنى ناھايىتى پۇختا بىلىپ مېڭىش قاتارلىق ئىشلار شى جىنپىڭدا خ ك پ گە بىر ناھايىتى مۇكەممەل رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى يېتىلدۈردى. شى ئۈچۈن خ ك پ نى ساقلاپ قېلىش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ قالغان بولۇپ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاشقا توغرىلىنىشى مۇمكىن.

(2) شى «تىنچلىق بىلەن تەرەققىي قىلىش» دېگەن ئۇقۇمنى قايتىدىن فورمۇلالاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى كېڭەيمىچىلىك ۋە مىللەتچىلىك تەركىبلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغاندەك قىلىدۇ. جياڭ زېمىن ۋە خۇ جىنتاۋ دەۋرلىرىدە، بولۇپمۇ خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە خىتاي بىر تىنچلىق ھالەتتىكى تاشقى مۇھىتنىڭ مۇھىملىقىنى، پەقەت شۇنداق بىر شارائىت ئاستىدىلا ئىمپورت-ئېكسپورت پۇرسەتلىرى، بازار، كاپىتال، خام ئەشيالار، تېخنولوگىيە، ئىچكى مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتلارغا ئاسان ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. بۇ خىل تىنچلىق بىلەن تەرەققىي قىلىش يولى دېڭ شياۋپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «خىتاي سەۋرچان بولۇشى، ھەمدە بېلىنى قويۇۋەتمەسلىكى كېرەك» دېگەن چۈشەنچە بىلەنمۇ بىردەك بولۇپ، ئۇ خىتايلىقلارنىڭ «ئۆز قابىلىيەتلىرىڭنى يوشۇرۇپ، ۋاقىتنى قولغا كەلتۈر» دېگەن ئەنئەنىۋى ئىدىيىسىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. شىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ئىچكى مۇقىملىق بىلەن تەرەققىيات بۇرۇنقىدەكلا مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ تۇرىدۇ، ئەمما، شى مۇقىم تاشقى مۇناسىۋەتلەرگە ئۇنچىۋالا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدىغاندەك قىلىدۇ. نېمىشقا؟ مېنىڭ ئىككى پەرىزىم بار. ئۇنىڭ بىرى، خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ھازىر تېخىمۇ جىددىي ھالەتكە كىردى. ئۇنىڭ يەنە بىرى بولسا، شى ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى ئېغىر مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنىڭ بىر ئامالى بىر قىسىم تاشقى مۇناسىۋەتتىكى مەنپەئەتلەرنى قۇربان قىلىپ، بىر قىسىم قوشنىلارنىڭ ئاچچىقى كەلگىنىگە قارىماي، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە تېخىمۇ مىللەتچىلىك تۈسىنى ئالغان كېڭەيمىچىلىك ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەندەك قىلىدۇ. بۇنداق قىلىش «ئۆز ئىقتىدارىنى يوشۇرۇپ، ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈش» ۋە «تىنچلىق ئىچىدە تەرەققىي قىلىش» پرىنسىپلىرىغا ئۇنچىۋالا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

(3) شى بۇرۇنقى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى كۈچلۈك تەۋەككۈلچىلىك روھىغا ئىگە كىشىدەك قىلىدۇ. شى خىتاينىڭ مىللىي مەنپەئىتى ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدىكى پارتىيىنىڭ كونتروللاش قابىلىيىتى بىلەن دۆلەت سىرتىدىكى ھەربىي كۈچىنى تولۇق ئىشقا سالماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ يولنىڭ خەتىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇ خىتايغا ياكى ناھايىتى چوڭ پايدا ياكى ناھايىتى چوڭ مەغلۇبىيەت ئېلىپ كېلىدۇ.

(4) شى دۇچ كېلىدىغان چەكلىمىلەر، ھەمدە ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىدىكى ئاجىزلىقلارمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلار شىنى خېلى ئاۋارە قىلىشى مۇمكىن. شى دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ چەكلىمىدىن بىرى بار. ئۇ چەكلىمە خىتاينىڭ دېڭ شياۋپىڭدىن كېيىنكى رەھبەرلىرى دۇچ كېلىپ باققان ئەڭ چوڭ قىيىن ئۆتكەل بىلەن ئوخشاش. ئۇ بولسىمۇ زۆرۈر بولغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئىسلاھاتنى ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ بىر بىخەتەر، گۈللەنگەن ۋە خەلقى رازى بولغان دۆلەت بولۇپ قەد كۆتۈرۈشىگە كاپالەت قىلىش يولىدا كۆرسىتىدىغان ھەر قانداق تىرىشچانلىقى خ ك پ نىڭ بىرلا پارتىيىگە مەركەزلەشكەن ھوقۇقىنى مۇقەررەر ھالدا ئاجىزلاشتۇرىدۇ. شى ھازىر تاللىغان يول ھېلىقىدەك ئىسلاھاتلاردىن ۋاز كېچىپ، پارتىيىنىڭ كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتەك قىلىدۇ. ئەمما بۇنداق قىلىش خىتاينىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىنى ئېغىر دەرىجىدىكى خەتەر ئىچىگە تىقىپ قويىدۇ. ھازىرقى ئەڭ چوڭ مەسىلە، شى بۇنىڭدىن كېيىن بىر خىل ئوتتۇرا يول تۇتامدۇ-يوق، دېگەندىن ئىبارەت. مېنىڭ پەرىزىمچە، 2017-يىلى ئېچىلىدىغان پارتىيە قۇرۇلتىيىغىچە شى بۇرۇنقىدەك قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۆز ئورنىنى تېخىمۇ قاتتىق تىكلەپ، خىتاينىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ مېڭىۋاتقان دۆلەت كۈچىدىن يەنىمۇ تولۇق پايدىلىنىدۇ. 2022-يىللىرى شىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبىرى بولۇش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، خ ك پ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كونتروللۇقىنى سەل بوشىتىپ، چەت ئەللەرگە قاراتقان كېڭەيمىچىلىكىنىمۇ سەل ئازلىتىشى مۇمكىن. ھازىرچە بۇ ئىش ئۈستىدە ھەرگىزمۇ كەسكىن بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىغان بولۇپ، بۇ ئىشلار ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ 2018-يىلى ياكى 2019-يىلى ئايدىڭلىشىشى مۇمكىن.

پايدىلىنىش مەنبەسى:

[1] China’s future under Xi Jinping: Challenges ahead
HYPERLINK ”https://www.youtube.com/watch?v=ULCHR1RBoVg“ https://www.youtube.com/watch?v=ULCHR1RBoVg

مەزكۇر ماقالە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇرۇنقى يازمىلار:

[1] جۇڭگو ئاسىيادىكى ھۆكۈمران كۈچ بولالمايدۇ
HYPERLINK ”http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47047-Junggo-Asiyadiki-H%F6k%FCmran-K%FCch-Bolalmaydu“ http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47047-Junggo-Asiyadiki-H%F6k%FCmran-K%FCch-Bolalmaydu

[2] جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشۇش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟
HYPERLINK ”http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47243-Junggo-bilen-Am%E9rikining-Urushush-%C9htimalliqi-Qanchilik“ http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47243-Junggo-bilen-Am%E9rikining-Urushush-%C9htimalliqi-Qanchilik

[3] ترامپنىڭ پرېزىدېنت بولۇشى جۇڭگو ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
HYPERLINK ”http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47285-Trampning-Pr%E9zid%E9nt-Bolushi-Junggo-%DCch%FCn-N%E9midin-D%E9rek-B%E9ridu“ http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47285-Trampning-Pr%E9zid%E9nt-Bolushi-Junggo-%DCch%FCn-N%E9midin-D%E9rek-B%E9ridu

[4] مىللەت دۆلىتى، مەدەنىيەت دۆلىتى، ۋە ئاسسىمىلياتسىيە
HYPERLINK ”http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47355-Millet-D%F6liti-Medeniyet-D%F6liti-we-Assimilyatsiye“ http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47355-Millet-D%F6liti-Medeniyet-D%F6liti-we-Assimilyatsiye

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز