ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ «شەرقىي تۇركىستان»غا بولغان قارىشى ۋە پاكىستان سىياسەتچىلىرىنىڭ خىيانىتى 4-بۆلۈم

ئاپتورى: مىركامىلجان كاشغەرلى

مىكروفۇندا: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

مۇھەممەد ئەلى جىنناھتىن كېيىنكى پاكىستان رەھبەرلىرىنىڭ شەرقىي تۇكىستانغا تۇتقان پوزىتسىيەسى

 
مۇھەممەد ئەلى جىنناھتىن كېيىنكى پاكىستان رەھبەرلىرىمۇ خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مۇئەييەن دەرىجىدە كۆڭەل بۆلگەن ئىدى.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى مەرھۇم ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئۆز قولى بىلەن تەربىيەلەپ يېتىشتۇرۇپ چىققان ئوغلى ۋە بىلىم سەۋىيەسى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى رەھبەرلىرىدىن بىرسىگە ئايلانغان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى دادىسىنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە پاكىستان باش مىنىستىرى مۇھمەد ئەلى بۇغرا ۋە پاكىستان پىرېزىدېنتى گېنېرال ئەيۇب خان تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
«مەرھۇم دادام پاكىستان باش مىنىستىرى مۇھەممەد ئەلى بۇغرا بىلەن 1955 – يىلى پايتەخت كاراچىدا ۋە پاكىستان پىرېزىدېنتى ئەييۇب خان بىلەن 1966 – يىلى راۋالپىندىدا كۆرۈشكەن ئىدى. دادام پاكىستان پىرېزىدېنتى ۋە باش منسىتىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەر ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا پاكىستان قۇرۇلغاندىن بۇيان بۇ يەرگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا ۋە يەرلەشكەن كۆچمەنلەرگە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يارىتىپ بەرگەن قولايلىقىلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان ئىدى. سىلەرگىمۇ مەلۇمكى، 1930 – يىلى شەرقىي تۇركىستاندا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭدىن كېيىن 1937 – يىلى پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىگە كېلىپ ئۇرۇنلاشقان قازاق قېرىنداشلىرىمىز بار ئىدى. ئۇلار دادامغا 1952 – يىلى 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ توختىماي مەكتۇپ يېزىپ، پاكىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىزنى ۋەتەنگە قايتىپ كېتىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بالدۇرراق تۈركىيەگە كېتىش قارارىغا كەلگەنلىكلىرىنى ھەمدە بۇ جەھەتتە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى. ئاخىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەپەندىم بىلەن دادامنىڭ قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق قېرىنداشلىرىمىزمۇ تۈركىيەگە كېلىپ ئۇرۇنلاشتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ زۇلۇم – سېستىملىرىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن خىتاي بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرىق قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. پاكىستاننىڭ ھەر ئىككى رەھبىرى دادامغا بۇ مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىلىرىنى ئېيتقان ئىدى. ھىندىستاندىن قورقۇپ خىتايغا يېپىشقان پاكىستاننىڭ دادامغا  باشقىچە پەۋقۇلئاددە جاۋاپ بېرىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى – ئەلۋەتتە.»
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئېيتقاندەك پاكىستان پىرېزىدېنتى گېنېرال ئەييۇبخان ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاندىكى شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارغا يارىتىپ بەرگەن ئاسانلىقلىرى تاكى 1963 – يىلى خىتاي بىلەن چېگرا سىزىقى بەلگىلەش كېلىشمى تۈزگەنگە قەدەر ئىنتايىن ياخشى داۋاملاشتى. پىشاۋۇر شەھىرىدە «ئەنجۇمەنى شەرقىي تۇركىستان قازاق مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» قۇرۇلغانغا ئوخشاش كاراچى ۋە راۋالپىندى شەھەرلىرىدىمۇ ھەر خىل جەمئىيەتلەر قۇرۇلدى. خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ ئافغانىستان ۋە كەشمىر ئارقىلىق پاكىستانغا كەلگەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىلدى. ھەتتا پاكىستان دۆلەت رادىئوسىنىڭ تۈركىستان بۆلۈمىدە 1962 – يىلى ئاتاقلىق تارىخشۇناس ۋە يازغۇچى مۇھەممەد رۇھى ئۇيغۇرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشلار باشلىنىپ، ئارىدىن 6 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى تۈپەيلى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش توختىتىلغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە ئۆزبېكچە ئاڭلىتىش داۋاملاشماقتا.
   
ھىندى قىتئەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا كۆچۈشلەر
 
ھىندى قىتئەسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا كۆچۈشلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئىككى رايون خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى مىڭلىغان يىللىق ئىسلامىي قېرىنداشلىق ۋە چوڭقۇر ئۇرۇق – تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۆرۈۋالالايمىز. يېپەك يولىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ داۋاملاشقان بۇ كۆچۈشلەر سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى. ياركەنت خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچسى سەئىدخان نەسەب جەھەتتىن چاغاتاي خاننىڭ 12 – ئەۋلاد نەۋرىسى ۋە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، تېمۇر لەڭنىڭ 5 ئەۋلاد نەۋرىسى شۇنداقلا ھىندىستاندا بۈيۈك ئىمپېرىيە قۇرغان بابۇر خاننىڭ ئانا تەرەپ تاغىسى ئەھمەت ئالجا خاننىڭ ئوغلى ئىدى[5]. يەنى بابۇر خاننىڭ بىر نەرۋە ئىنىسى ھېسابلىنىدىغان سەئىدخان ئۇزۇن مەزگىلگىچە بابۇرخان بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلاشقان ۋە بابۇرخان ھىندىستاندا ئالەمشۇمۇل ئىمېىراتورلۇقىنى قورغان بولسا، سەئىدخانمۇ كاشغەر ياركەنت، خۇتەن ۋە ھەتتا كەشمىرنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 1514 – يىلى ياركەنت خانىدانلىقىنى قۇرغان ئىدى. ياركەنت سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىدە (مىلادى 1514- 1680) لاداخ، بالتى، كەشمىر، بەدەخشان قاتارلىق جايلار خېلى مەزگىلگىچە ياركەنت سەئىدىيە خاندانلىقىغا قارىغان ئىدى[6].
بۇ ئىككى خانىدانلىق ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق سايىسىدا ھەر قايسى جەھەتتىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كۈچەيگەن، ئۆزئارا تىجارەت ۋە كۆچۈشلەر يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى.
مىلادى 17 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ياركەنت خاندانلىقىغا ساياھەتكە بارغان پورتوگالىيەلىك بېندىك گوس ياركەنت ۋە كاشغەر شەھەرلىرىدە كابۇل، كەشمىر ۋە ھىندىستاندىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ توپ – توپ بولۇپ سودا قىلىدىغانلىقىنى كۆرگەن[7].
19 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن تارىخشۇناش موللا مۇسا سايرامىيمۇ «تارىخى ھەمىدىيە» ناملىق ئەسىرىدە، ئەينى چاغدىكى ياركەنت توغرۇلۇق مۇنداق دەپ يازغان:
«ياركەنت خەلقى بىچارە سۈپەت، كەمتەر ۋە ئۆز ئىشلىرىغا پۇختا، ئىشان -ھەزىرەتلەر، سۇپى – خەلپەتلەر راۋاج تاپقان كەشمىر، ھىندى ئافغان، بەدەخشان قاتارلىق مۇساپىر تائىپىلەرمۇ كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەردۇر.»
ئەنگلىيەلىك ئارخېئولوگ ئاۋرىل سىتەيىن 1900 – يىلىدىن 1901 – يىللىرىغىچە شەرقىي تۇركىستاندا كەڭ كۆلەمدە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا يەرلىك خەلقلنىڭ تۈرلۈك ئۆرپ – ئادەتلىرى ھەققىدىمۇ قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلىغان. ئۇ ياركەنت توغرۇلۇق مۇنداق دەپ يازغان:
«ئىشەنسىڭىز ياركەنت ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر كۆپ بولۇشتەك ئالاھىلىككە ئىگە بىر جاي ئىكەن. بۇ يەردىكى مۇھاجىرلار ۋاخان، سىغنان، بەدەخشان، شۇنداقلا باشقا غەربتىكى ئىران تىلىدا سۆزلىشىدىغان رايونلاردىن كەلگەنلەر بولۇپ، كەشمىر ۋە لاداختىن كەلگەنلەر ئەڭ كۆپ، ھەتتا ناھايىتى كىچىك بولغان بالتىستاندىنمۇ بۇ جايغا كەلگەن بىر قىسىم كۆچمەنلەر بار ئىدى…. ھەرخىل ئۆمەكلەرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئۆزەمنى يەنە بىر قېتىم ھىندىستانغا ھەم ئۇنىڭ چېگرالىرىدىكى جايلارغا بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. شىمالىي ھىندىستان يېزىلىرىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى جايلارغا تامامەن ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ جايدا، ھەر كۈنى دېگۈدەك كەشمىر تىلى، پەنجاپ تىلى ۋە پوشتۇ تىلىدا سۆزلىشىش ۋە بۇ خىل تىللارنى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئاڭلاپ تۇرۇش مېنى خۇددى ھىندىستان توپرىقىدا تۇرغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈردى. ئەينى چاغدا ياۋروپا يوسۇنلىرى ئاسىيانىڭ چېتىدىكى بۇ كىچىك زېمىنغا تېخى تەسىر كۆرسەتمىگەن ئىدى. بۇ يەردە ۋاقىت خۇددى ئارقىغا كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. مۇھاجىرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئوخشاشمىغان كۆچمەنلەر ئەلۋەتتە تۈركىي تىلىنى ئاساس قىلىپ سۆزلىشەتتى. بولۇپمۇ بۇ كىشىلەر دائىم ئۆز يۈرتلىرىدىن خوتۇنلىرىنى ئېلىپ كېلەلمەي يەرلىك ئاياللار بىلەن تۇرمۇش قۇراتتى. نەتىجىدە ئىككىنچى ئەۋلاد، ئۈچىنچى ئەۋلادلارغا بارغاندا ئاتا تەرەپنىڭ تىلى ئاللىقاچان يوقىلىپ كېتەتتى. بىراق تەن قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك ئۇنداق ئاسان يوقىلىپ كەتمەيتتى. كۆزەتكۈچىلەر بازاردا ئايلىنىپ يۈرگەندە، ياركەنتلىكلەرنىڭ نۇرغۇن چەت ئەللىكلەر بىلەن، بولۇپمۇ ئىران قان تىپىدىكىلەر بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ[8].»

شەرقىي تۈركىستاندىن پاكىستان ۋە ھىندىستانغا كۆچكەنلەر
 
بۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىن پاكىستانغا كۆچۈپ چىققان چوڭلىرىمىزدىن بىرسىنىڭ گىلگىت شەھىرىدىن تېلېفون بىلەن ماڭا ئېيتىپ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا كۆرە، 1878 – يىلى يۈز بەرگەن خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ ئالدى كەينىدە نۇرغۇن ساندا كەشمىرلىكلەر، پوشتۇنلار، ئافغان ۋە بالتىستانلىق مۇسۇلمانلار سودا – تىجارەت ۋە ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كاپىرلىرىغا قارشى ئازادلىق كۈرەشلىرىگە ياردەم بېرىش دېگەندەك ئوخشاش بولمىغان مەقسەتلەر بىلەن شەرقىي تۇركىستانغا بېرىپ يەرلىشىپ قالغان. ئۇلار ئۇيغۇلار بىلەن ئۆي – ئوچاقلىق بولۇپ، قېرىنداشلىق رىشتىسىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەن. 1933 – يىلىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قايتىدىن خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن مۇستەقەللىق كۈرىشگە قاتناشقان يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە سىرتتىن كەلگەن مۇھاجىرلارنىمۇ جىددىي تەكشۈرۈش ۋە قاماققا ئېلىش باشلىنىپ كەتكەن.
خىتاي زۇلمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئافغانىستان ۋە ھىندىستانغا كۆچۈش دولقۇنى تۈنجى بولۇپ دەل مۇشۇ مەزگىلدە يۇقىرى پەللىگە چىققان. تېگى كەشمىرلىك، پوشتۇن، ئافغانىستانلىق ياكى بالتىستانلىق مۇسۇلمانلاردىن كۆچۈشنى خالىمايدىغان كىشىلەر كاشغەردىكى ئەنگلىيە كونسۇلىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھىندىستان (پاكىستان) ۋە ئافغانىستاندىن كەلگەن كۆچمەنلەر ئىكەنلىكلىرىگە دائىر رەسمىي ھۆججەت ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، ئەينى چاغدىكى ئەگلىيە كونسۇلىنىڭ ئىشغالىيەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋالىيسى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى سايىسىدا، قولغا ئېلىنىشتىن ساقلىنىپ قالغان ۋە بىر قىسمى بەزى يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە كۆچۈشكە ئاتلانغان. 1944 – يىلى قايتىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەندە 1949 – يىلى قايتىدىن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن 1951 – يىلى باشلانغان يەر ئىسلاھاتى باھانىسى بىلەن بارلىق دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى مۇسادىرە قىلىنىشقا باشلانغاندا شەرقىي تۈركىستان ھايات كەچۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان جەھەننەمگە ئايلىنىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن قولىدا چەت ئەللىك مۇھاجىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەتلىرى بولغان كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىپ كېتىش تەلىپىنى سۇنغان. بۇ تەلەپ بېيجىڭدىكى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن 1957 – ۋە 1962 – يىللىرى ئارىسىدا چوڭ كارۋان شەكلىدە پاكىستانغا كۆچۈش باشلانغان. پاكىستان ھۆكۈمىتىمۇ بۇ كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دەرھال گىلگىتكە تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتكەن. پاكىستان تەكشۈرۈش ھەيئىتى گىلگىتتا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ كىملىك ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈشلىرىنى بىر قانچە ھەپتە داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، تېگى پاكىستانلىق ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان 200 گە يېقىن كۆچمەنگە گىلگىتنىڭ 30 كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى جەنۇبىي شەرقىگە جايلاشقان  «پەرى» دېگەن يېزىسىدا ھەر بىر كىشىگە  50 گېگتاردىن زېمىن ئاجرىتىپ بېرىپ ئورۇنلاشتۇرغان. قالغان كۆچمەنلەرنى بولسا، پاكىستاننىڭ باشقا شەھەرلىرىگە كېتىپ، ئۆز مەسىلىسىگە ئۆزىنىڭ چارە تېپىشىغا يول قويغان ئىدى. «پەرى» دېگەن يېزا شۇنىڭدىن كېيىن تا ھازىرغىچە  «كاشغەر پەرى» ياكى «كاشغەر كالونى» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.
 
پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قوربان قىلىشقا يۈزلىنىشى
 
پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى قوربان قىلىشقا يۈزلىنىشى تۈنجى بولۇپ، گېنېرال ئەييۇبخاننىڭ دەۋرىدە باشلانغان ئىدى. بىر تەرەپتىن جاممۇ- كەشمىر مەسىلىسىدە ھىندىستان بىلەن بارغانچە ئەۋجىگە چىقىۋاتقان چۈشىنىشمەسلىك، يەنە بىر تەرەپتىن 1962 – يىلىدا يۈز بەرگەن خىتاي – ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى يېرىكچىلىكلەر جەريانىدا، ئامېرىكىنىڭ ھىندىستاننى قايتىدىن قوراللاندۇرۇشقا باشلىشى، گېنېرال ئەييۇبخاننى خىتايغا يۈزلىنىشكە مەجبۇرلىغان ۋە خىتاي بىلەن ئورنىتىلغان يېقىن مۇناسىۋەتلەر سايىسىدا، پاكىستان خىتايدىن كۆرۈنەرلىك مىقداردا قورال ياردىمى ئالغان ئىدى. خىتاي بىلەن چېگرا سېزىقى بەلگىلەش مۇزاكىرىلىرى 1962 – يىلى 13 – ئۆكتەبىردە باشلىنىپ، 1963 – يىلى 2 – مارتتا ئاخىرلاشتى. خىتاي – پاكىستان جېگرا سېزىقى كېلىشىمى ئەينى چاغدىكى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چەن يى ۋە پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زۇلفىقار ئەلى بۇتتۇ تەرىپىدىن رەسمىي ئىمزالاندى[9]. بۇ كېلىشىمگە بىنائەن پاكىستان ئۆز ھاكمىىيىتى ئاستىدىكى كەشمىرنىڭ بىر قىسىمى بولغان «shaksgam valley» «شاكىسگام ۋادىسى»نى ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسدىكى كەشمىر مەسىلىسى ھەل بولغانغا قەدەر خىتاينىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇرۇش شەرتى بىلەن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەردى[10].
«شاكىسگام ۋادىسى»نىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستان رايونلىرىنى قۇرۇغلۇقتىن بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۈپ، بۇ ئىككى دۆلەت ئۈستىدىكى ئىشغالىيىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم ھالغا كەلتۈردى. كەشمىرگە تەۋە بۇ رايوننى كەشمىر خەلقىنىڭ رايىغا سۇنماستىنلا پاكىستاننىڭ ئۆز ئالدىغا چىقارغان قارارى بىلەن خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى ئىشغالىيىتىنى كۈچەيتىشىگە قوشقان چوك تۆھپە ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا نىسبەتەن دىنىي قېرىندىشى تەرىپىدىن ئۇرۇلغان ئەڭ شىددەتلىك زەربە بولۇپ قالدى. خىتاي بۇ رايوننى ئالقىنىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن ھىندىستانغا ئۇرۇش ئېچىپ، تالاش – تارتىشلىق ئاقسايچىن رايونىنى ئىشغال قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى قەتلىئاملىرىنى قورقماستىن تېز سۈرئەت بىلەن داۋاملاتۇرۇشقا باشلىدى. چېگرا رايونلاردىكى ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى يۇقىرى جايلارنى ھەر تۈرلۈك ھىيلە – نەيرەڭلەر بىلەن قولغا چۈشۈرۈپ، سىرتتىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە قارشى ئۆزىنى تولۇق مۇداپىئە ئاستىغا ئالالىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولغان ئىشغالىيەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى 1950 – يىلىدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن چېگرالىرىنى تاقاپ، دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىدى. تاكى 1983 – يىلى پاكىستان چېگراسى ئېچىلغانغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارغا قاراتقان ۋەھشىلەرچە قەتلىئام، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى خاتىرجەم ھالدا داۋالامشتۇردى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز