ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ «شەرقىي تۇركىستان»غا بولغان قارىشى ۋە پاكىستان سىياسەتچىلىرىنىڭ خىيانىتى 5-بۆلۈم

ئاپتورى: مىركامىلجان كاشغەرلى

مىكروفۇندا: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

گېنېرال زىيائۇل ھەقنىڭ شەرقىي تۈركىستان سۆيگۈسى
 
پاكىستاننىڭ  1973 – يىلىدىن 1977 – يىلىغىچە بولغان زۇلفىقار ئەلى بوتتۇ[11] ھاكىمىيىتى دەۋرى خىتاينىڭ، بولۇپمۇ دېكتاتور ماۋزىدۇڭنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان دەۋر بولۇپ، ئۇ ھەتتا ماۋزىدۇڭنىڭ شەپكىسىنى كەيمەي تۇرۇپ، ھېچ قانداق يىغىنغا قاتناشمايدىغان بولۇپ قالغان ۋە پاكىستاننى كوممۇنىست بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن  ئىدى. زۇلفىقار ئەلى بوتتۇ ھاكىمىيىتىنى قان تۆكمەستىن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلىغان گېنېرال زىيائۇل ھەق 1978 -يىلى پاكىستان پىرېزىدېنتى بولغاندىن كېيىن، خىتايمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئويلىشىپراق ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى ۋە 1980 – يىلى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىبادەت ئەركىنلىكىگە يول قويدى. جامەلەر ئېچىلىپ ھەتتا 1983 – يىلى پاكىستان چېگراسىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ پاكىستان ئارقىلىق توپ – توپ بولۇپ، ھەجگە بېرىشىغا قولايلىق يارىتىلغان ئىدى. كوممۇنىست خىتاي ئىشغالىيىتىگە ئۇچراپ ئارىدىن 34 يىل ئۆتكەندىن كېيىن چەت ئەلگە چېقىش ۋە ھەج قىلىش پۇرسىتىگە سازاۋەر بولغان تۈنجى ھاجىلار كارۋېنىنى پاكىستان پىرېزىدېنتى گېنېرال زىيائۇل ھەق ئۆزى بىۋاسىتە چېگرادا قارشى ئالغان، ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مېھمانلىرى سۈپىتىدە ساھىبخانلىق قىلغان ۋە ھەجگە يولغا سالغان ئىدى. زىيائۇل ھەقنىڭ ئالاھىدە بۇيرۇقى بىلەن ئۇزۇن يىل خىتاينىڭ زۇلمىدا بولۇشىغا ئېزىلگەن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھاجىلار كارۋىنى پاكىستاننىڭ سۇست چېگرا ئېغىزىدىن ئىسلامئابادقىچە قەدەر بولغان 660 كېلومېتىرلىق يول بويىچە ھەقسىز قاتناش ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى. ھەقسىز مېھمانخانا، ھەقسىز تاماق خىزمەتلىرى سۇنۇلدى. كېيىنكى چاغدا كېلىۋاتقان ھاجىلارنىڭ سانى ئاشقاندا،  زىيائۇل ھەقنىڭ سۆزى بويىچە «ئاللاھنىڭ مېھمانلىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈممەتنىڭ ئەڭ ئىگە – چاقىسىز قالغان مەزلۇملىرى» ھېسابلىنىدىغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن پايتەخت ئىسلامئاباد ۋە راۋالپىندى شەھىرىدە مەخسۇس ھاجىلار لاگېرى قۇرۇپ بەردى ھەمدە پەقەت شەرقىي تۈركىستانلىق ھاجىلارلا بىرلىكتە ئېلىپ كەلگەن ماللىرىنى ساتالايدىغان «ھاجىلار بازىرى» ئېچىپ بەرگەن ئىدى.
زىيالئۇل ھەقنىڭ ئېزىلگەن شەرقىي تۇركىستان مۇسۇلمانلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىگە تەبىئىيكى ئاتاقلىق رەھبەر ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ 1978 – يىلىدا كاراچىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام كونفېرانسىغا قاتنىشىپ، 1980 – يىلى مەككىدە خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالار مەجلىسىگە ئەزالىققا سايلىنىشى، ھەمدە ھەر قايسى يېغىن، كونفېرانسلاردا شەرقىي تۈركىستانغا ۋەكىللىك قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار قارارلارنىڭ ماقۇللىنىشىغا ۋەسىلە بولۇشى مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن دېيىشكە بولىدۇ.

قەلبىدە ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ ئۈممەت قايغۇسى ئورۇن ئالغان ئىسلامىي سەزگۈرلۈكى ۋە زالىمغا قارشى تىك تۇرۇش بىلەن ئىسلام دۇنياسىدا ئۈلگىلىك رەھبەر بولۇپ ئالدىنقى ئورۇنغا چىققان زىيائۇل ھەق، خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدا ئىسلامىي مائارىپتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆسمۈر ۋە ياشلارنىڭ پاكىستاندا تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن ئالاھىدە ياردەم ۋە رىغبەتلەندۈرۈشلەردە بولغان ئىدى. 1985 – يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن 25 كە يېقىن ياشنى راۋالپىندى شەھىرىدىن ئۆزى مىنىبۇس بىلەن بىرلىكتە لاھۇرغا ئېلىپ بېرىپ مەدرىسىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.
زىيائۇل ھەقنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى ياردىمىدىن بەھىرىمەن بولغان ئۇيغۇر ياشلارنىڭ سانى 3 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكى، تەخمىنەن 300 گە يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساھەلەر بويىچە پاكىستاندا ئوقۇشىنى تاماملىغانلىقى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە پاكىستاننى مائارىپ سەپىرى ئۈستىدىكى ئۆتكۈنچى دۆلەت ئورنىدا ئىشلەتكەن شەرقىي تۈركىستان ئوقۇغۇچىلىرى سانىنىڭ 5 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكى مەلۇم.
زىيائۇل ھەقنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن يولغا قويغان يۇقىرىقى بارلىق گۈزەل خىزمەتلىرى ئۇنىڭ شەھىد قىلىنىشى بىلەن تەڭ ئاخىرلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەتتا پاكىستاندا شەرقىي تۈركىستانلىق ھاجىلارنىڭ ماللىرىنى مۇسادىرە قىلىدىغان، يوللاردا پاكىستان ساقچىلىرى ھاجىلارنىڭ يېنىدىكى پۇللىرىنى تارتىۋالىدىغان ئىككى يۈزلىمىچىلىكلەر باشلىنىپ كەتتى.
دەرۋەقە، زىيائۇل ھەقنىڭ كىملەر تەرىپىدىن شەھىد قىلىنغانلىقىمۇ ھازىرغىچە يېشىلمىگەن سىرغا ئايلاندى. بۇ بىر شەخسكە ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا قىلىنغان سۇيىقەست بولغان ئىدى. چۈنكى زىيالئۇل ھەق ئەينى چاغدا خۇددى ھازىرقى تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئوخشاشلا ئىسلام دۇنياسىدا ئۈممەتكە نىسبەتەن بىر ئۈلگە ۋە سىمۋوللۇق شەخس سۈپىتىدە ئالدىنقى پىلانغا چىققان ئىدى. ئۇ تۈركىيە، ئىران، ئافغانىستان، بىنگال ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بىرلىكتە يېڭى بىر ئىسلام  بىرلىكى (لاگېرى) قۇرۇپ چىقىشنى ئارۇز قىلاتتى. بۇ ئىسلام بىرلىكىنىڭ شەكىللىنىشىدىن غەرب دۇنياسى بىئارام بولغانغا ئوخشاش، رۇسىيە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ  قاتتىق ئەندىشە قىلاتتى. شۇڭلاشقا ئاللىبۇرۇن پىلانلانغان بىر سۇيىقەست ئارقىلىق شەھىد قىلىندى. زىيائۇل ھەق 1988 – يىلى 17 – ئاۋغۇستتا، ئامېرىكا باش ئەلچىسى ئارنولد راپھېل، پاكىستان ئارمىيە باش قوماندانى ۋە باشقا 27 كىشى ئولتۇرغان ئايروپىلان پارتىلىۋېتىلىشى نەتىجىسىدە، شاھادەتكە قۇچاق ئاچتى. ئۇنىڭ شەھىد قىلىنىشىغا قارىتا بىۋاستە ئەمەس، بەلكى ۋاسىتىلىق ھالدا ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە، ھىندىستان ۋە سوۋىت ئىتتىپاقى گۇمانلىق دەپ قارالدى. ئەمما ھىلىگەر خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بۇرۇنقىدەكلا پاكىستاننىڭ گۇمان قىلىشقا بولمايدىغان قوتقۇزغۇچى دوستىغا ئايلىنىشنى داۋاملاشتۇردى. زىيائۇل ھەق شەھىد قىلىنغاندىن كېيىن پاكىستاننىڭ ئىچكى سىياسىتى ئاجىزلاپ كەتتى. تاشقى سىياسەتتىمۇ ئىككى يۈزلىمىچى نەتىجىسىز ئويۇنلىرى سەۋەبىدىن پاكىستان يالغۇزلاشتى. بولۇپمۇ 11 – سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن پاكىستاننىڭ تالىبانغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ، ئەمەلىيەتتە تالىباننى ئامېرىكا ۋە غەرب كۈچلىرىگە قارشى بىر كۇزۇر قىلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئورناتقان ھەمكارلىقى غەربنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئۇزاقلىشىشىغا ۋە تېخىمۇ بەك خىتايدىن ئايرىلالماس ھالغا كېلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى. نەتىجىدە زىيائۇل ھەقتىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن پاكىستان رەھبەرلىرى خىتاي نېمە دېسە شۇنى قىلىدىغان قورچاق ھاكىمىيەت تۈسىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى.

 
تاغ – داۋانلاردىن ئېشىپ پاكىستانغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇر ياشلار
 
1997   – يىلىدا، پاكىستان سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن دېلوسى تەكشۈرۈلىۋاتقان ۋە تېخىچە سوتتىن ھېچ قانداق قارار چىقىرىلمىغان 17 – 23 ياش ئارىسىدىكى 12 نەپەر ئۇيغۇر پاناھلانغۇچى ياشنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشتەك چوڭ شەرمەندىچىلىك يۈز بەردى. سوت ئىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان كىشىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى پاكىستان دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا پۈتۈنلەي خىلاپ  ئىكەنلىكىگە ۋە ئۆز دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزلىرى ئاياق ئاستى قىلغانلىق بولىدىغانلىقىغا قارىماستىن، خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان پاكىستان پىرېزىدېنتى فارۇق ئەھمەدخان لاغارىنىڭ بېيجىڭدىن تېلېفون بىلەن چۈشۈرگەن بۇيرۇقىغا بىنائەن يۈز بەرگەن بۇ نۇمۇس قىلارلىق پاجىئەگە پۈتۈن پاكىستان خەلقى شاھىد بولدى.
ئەسلىدە 1994 – يىلىدىن 1997 – يىلىغىچە بولغان جەرياندا ئۇيغۇر ياشلار ئارىسىدا خىتاي زۇلمىدىن قىچىپ، قاراقۇرۇم، پامىر ۋە خونجىراپ تاغرلىرى ئارقىلىق پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى ھونزا، بالتىستان قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان چېگرا رايونلىرىغا پىيادە يېتىپ كېلىدىغان ئەھۋاللار كـۆرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى.  بۇ ياشلاردىن بەزىلىرى يولدا سوغۇققا بەرداشلىق بېرەلمەي ۋاپات بولسا، بەزىلىرى ئاران دېگەندە يېتىپ كەلگەن جايلاردا قولغا ئېلىناتتى. بۇ خىل ياشلارنى قۇتقۇزۇش ئۇچۇن ھەرىكەتكە ئۆتكەن پاكىستانغا يەرلىك ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا گىلگىتلىك مۇھەمەد ئەمىن ھاجىم (بەگ) تارىخقا يېزىپ قالدۇرۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن پىداكارلىقلارنى كۆرسەتكەن ئىدى. قانچە ئونلىغان ئۇيغۇرلارنى تۈرمىدىن چىقىرىپ، مەكتەپلەرگە ئۇرۇنلاشتۇرۇش ياكى باشقا دۆلەتلەرگە يولغا سېلىش ئۇچۇن نەچچە يۈز مىڭلىغان رۇپىيە خىراجەت قىلغانلىقى مەلۇم. ھەتتا بۇ سەۋەبتىن بەزى مۇناپىقلارنىڭ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىكايەتلىرى تۈپەيلى پاكىستان دائىرىلىرى مۇھەمەد ئەمىن ھاجىم (بەگ)نى قاماققا ئېلىش، مال – مۈلكىنى ۋاقىتلىق توڭلىتىپ قويۇش دېگەندەك ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلەتكەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قىلغان ۋەتەن مۇجادىلىسىدىن ھەرگىز ۋازكېچىپ باقمىدى. ئەڭ ئاخىرقى قېتىمدا 1997 – يىلى خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ دىنىي تەلىم ئېلىش مەقسىتىدە پامىر تاغلىرىدىن پىيادە 2 ئاي يول يۈرۈش ئارقىلىق پاكىستاننىڭ ھونزا شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن 12 ئۇيغۇر ياش ھونزا چېگرا مۇداپىئە ئەترىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە مۇھەمەد ئەمىن ھاجىم (بەگ)نىڭ كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە، خىتايغا قايتۇرىۋېتىلمەستىن گىلگىت شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى رامىزان ئېيىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، گىلگىت تۈرمىسىدە ئۇيغۇر ياشلارنىڭ تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇغانلىقى پۈتۈن گىلگىت خەلقىنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى. چۈنكى گىلگىت تۈرمىسى ياسالغاندىن بويانقى تارىخىدا جىنايەتچىلەر تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇيدىغان ئىش قەتئىي كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى. يەنە كېلىپ، ئىسلامىي تەلىم – تەربىيە پۈتۈنلەي چەكلەنگەن كوممۇنىست بىر دۆلەتتىن كەلگەن پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئىسلامىي ئىبادەتكە بولغان بۇ ئۈلگىلىك پوزىتسىيەسى ھەممەيلەننى قاتتىق تەسىرلەندۈرۈپ، قىسقىغىنە ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ نامى پۈتۈن گىلگىت شەھىرىگە پۇر كەتتى. گىلگىتتە تۇرۇشلۇق ۋەتەن سۆيەر ئۇيغۇرلاردىن مۇھەمەد ئەمىن ھاجىم (بەگ) قاتارلىق ئىلغار زاتلارنىڭ سەپەرۋەرلىكىدە پۈتۈن گىلگىت خەلقى ئۇلارنى تۈرمىدە زىيارەت قىلىپ، بەس – بەس بىلەن تاماق ۋە باشقا ئېھتىياجلىرىدىن خەۋەر ئالدى. ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قېرىنداشلىق رىشتىسى بولغان شەرقىي تۇركىتسانلىقلارنىڭ بۇ پاجىئەلىك ئەھۋالى ئىسلام ئېتىقادىغا ۋە ئىنسانىي ۋىجدانىغىمۇ زىت كېلىدىغان بولغاچقا، گىلگىتتىكى  ۋىجدانلىق كىىشلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۆزئارا فوند توپلاپ، مەخسۇس ئادۋۇكات تۇتتى. گىلگىت سوت مەھكىمىسى ئاخىرى ئۇلارنى كاپالەتكە قويۇپ بېرىدىغان ۋە كاپالەت ئۈچۈن تېگى – تەكتى شەرقىي تۈركىستانلىق بولمىغان يەرلىك گىلگىت خەلقىنىڭ ھەر بىر ياشنىڭ كاپالىتىگە بىر ئۆينىڭ ئىگىلىك كېنىشكىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى. بۇ ئۇقتۇرۇش چىقىپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي 12 ئۇيغۇر ياش ئۈچۈن يەرلىك گىلگىت خەلقى بەس – بەستە ئۆي كېنىشكىلىرىنى ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى. شۇ قېتىمقى سەپەرۋەرلىكتە بىر كۈندىلا 27 كېنىشكە توپلانغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر ياشلار تۈرمىدىن چېقىرىلىپ، ئىسلامىي تەلىم -تەربىيە ئېلىشى ئۈچۈن بىر جامەدىكى مەدرىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يەنە بىر تەرەپتىن سوت ئىشلىرىمۇ داۋاملاشماقتا ئىدى. ھەممەيلەن بۇ ئىشتا قانۇن بويىچە تۇلۇق ئۇتۇققا ئېرىشدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. دەل شۇ پەيتتە بېيجىڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان پاكىستان پىرېزىدېنتى فارۇق ئەھمەدخان لاغارىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇيغۇر ياشلار ئوقۇۋاتقان مەدرىسىدىن بىر كىچىدىلا تۇتۇپ كېتىلىپ يەنە تۈرمىگە ئېلىندى. بۇنىڭغا غەزەپلەنگەن خەلق ئاممىسى ھۆكۈمەتكە قارشى كوچىلارغا چېقىپ بىر ھەپتىگىچە نامايىش ئۆتكۈزدى. ساقچىلار خەلقنىڭ تۈرمىگە بېسىپ كىرىپ ئۇيغۇر ياشلارنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنى ھونزاغا مەخپىي يۆتكىدى. خەلقنىڭ غەزىپىنىڭ بېسىقىشىنى ساق بىر ھەپتە كۈتتى. ھەر كۈنى نامازدىن يېنىپ گىلكىتتىكى چوڭ جامە ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتقان خەلق ئاممىسىىنىڭ سانى بارغانسېرى ئازلاشقا باشلىغانلىقىنى پۇرسەت بىلگەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاخىرى ئۆز قانۇنلىرىنىمۇ ئاياق ئاستى قىلغان ھالدا 8 – كۈنى تۇيۇقسىزلا خىتايغا تاپشۇرۋېتىشتەك تارىخىي بىر شەرمەندىچلىكنى مەيدانغا چىقاردى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ تاغ يوللىرى ئارقىلىق قېچىپ كېلىدىغانلار ئازلىدى ياكى كەلگەن بولسىمۇ پاكىستان ئەسكەرلىرى مەخپىي ھالدا ۋاقتىدا خىتايغا قايتۇرۋىتىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ خىل نۇمۇسسۇزلارچە پوزىتسىيە، بىر تەرەپتىن پاكىستاننىڭ خىتايغا بولغان بېقىندىلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىۋەتكەن ئامىللارنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدىغان كەشمىر مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىغا پايدىسى بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، دەل ئەكسىچە مەسىلىنى تېخىمۇ چېگىشلەشتۈرۈۋەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن پاكىستان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغىمۇ كۆرۈنەرلىك بىر ھەسسە قوشالمىدى. ھەم قۇرۇقلۇقتىن ھەم دېڭىز يولى ئارقىلىق ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق ماللىرى پاكىستاننىڭ كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى زاۋۇت – كارخانىلىرىنى ناھەق رىقابەتكە سۆرەپ، يۈزلىگەن زاۋۇتنىڭ تاقىلىپ كېتىشىگە ياكى مەجبۇرەن ئۆزگەرتىلىشىگە، شۇ تۈپەيلى يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ ئىشسىز قېلىشىغا سەۋەب بولدى ۋە ھازىرمۇ سەۋەب بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز