ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ «شەرقىي تۇركىستان»غا بولغان قارىشى ۋە پاكىستان سىياسەتچىلىرىنىڭ خىيانىتى 6-بۆلۈم


ئاپتورى: مىركامىلجان كاشغەرلى

مىكروفۇندا: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ پاكىستان ئىقتىسادىغا كۆرسەتكەن تەسىرى
 
پاكىستان ئىقتىسادىنىڭ خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشتىن ئىلگىرى يەنى 1960 – يىلىدىكى ئوتتۇرىچە تەرەققىيات نىسبىتى %6.8 بولغان بولسا، خىتاي بىلەن يېقىنلاشقاندىن كېيىن 1970 – يىللىرى %4.8 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالدى. زىيائۇل ھەق دەۋرىدە يەنى 1980 -يىلى قايتا يۈكسىلىپ، %6.8 كە چىققان بولسا، زىيائۇل ھەق شەھىد بولۇپ، پاكىستان خىتايغا بېقىندا بولۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، 1990 – يىلى %4.6 كە، 2000 – يىلىدا %4.8 كە چۈشتى. ئارقىدىن 2008 – يىلىدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىس سەۋەبىدىن بولۇشغا چېكىنگەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە سىياسىتى ۋە خەلقئار پۇل فوندى جەمئىيىتى بىلەن تۈزۈلگەن “stand-by” كېلىشىمى سايىسىدا، بىر ئاز ياخشىلىنىش كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بىراق 2010 – يىلى پاكىستان تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سەل ئاپىتى يۈز بېرىپ، تېرولغۇ يەرلىرىنىڭ %20 پىرسەنتى دېگۈدەك سۇ ئاستىدا قالدى. 24 مىليون كىشى سەل ئاپىتىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچراپ، دۆلەت تەخمىنەن 10 مىليارد دوللار زىيان تارتتى. نەتىجىدە يېزا ئىگىلىكى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، دۆلەتنىڭ قاتناش ۋە ئالاقە -ئۇچۇر ئاساسىي قۇرۇلمىلىرى زور بۇزغۇنچىلىققا دۈچ كەلدى.  2010 – 2012 – يىلىدا پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىسبىتى %2.4 كە چۈشۈپ قالدى.  2013 – يىلىدا %3.6 كە ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما 2015 – يىلىغا كەلگەندە %2.5 كە چۈشۈپ قالدى. بۇ تەرەققىيات نىسبىتىگە ئەگىشىپ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى بولسا، %8 يۇقىرى ئۆرلىدى[13].
يىغىنچاقلاپ ئېيتقتاندا، خىتاي پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىدە نەپ ئالغان تەرەپ، يەنىلا ھىيلىگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بولدى. پاكىستاننىڭ قولغا كەلتۈرگىنى بولسا، پەقەتلا ھىندىستانغا قارشى خاتىرجەملىك تۇيغۇسىدىنلا ئىبارەت بولدى. ھىندىستان بىلەن بولغان چۈشىنىشمەسلىكلەرگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى يېرىكچىلىكلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن بارغانسېرى ئارقىغا چېكىنىشتىن ئىبارەت بولدى.
پاكىستاننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بىرسى بولغان «PakistanExpres» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە كۆرە، بۇ ئەھۋالغا ئىسيان بايرىقىنى ئاچقان پاكىستانلىق ئىقتىسادشۇناشلار «خىتاينىڭ ئېغىزىدا ئىلگىرى سۈرىۋاتقاندەك پاكىستاننىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە پاكىستان خەلقىنى ئۆلۈك بېلىق يېيىشىكە زورلاۋاتقان ۋە ئادەتلەندۈرىۋاتقانلىقى» ھەققىدە ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدىمۇ ھازىرمۇ قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان ئاسىيا ئىقتىسادى كارىدورىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى بولغان يول ياساش لايىھەسى ئۈچۈن خىتاي بانكىلىرى تەرىپىدىن پاكىستانغا بېرىلگەن قەرز مەسىلىسى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. بۇ ھەقتە توختالغان پاكىستانلىق ئىقتىسادشۇناسلار خىتاينىڭ بەرگەن قەرزىنىڭ كەلگۈسىدە پاكىستان ئىقتىسادىغا چوڭ زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ۋە كېلەچەكتە چوڭ خەۋپلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇشلاردا بولماقتا. خىتاينىڭ پاكىستان زېمىنىدا ھەممىنى قەرز ھېسابىدا ياسىماقچى بولغان بۇ ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ پاكىستان ئىقتىسادىغا ھېچ قانداق ھەسسىسى بولمايدىغانلىقى، بۇ لايىھەنىڭ پۈتۈنلەي خىتاينىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يول قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىنى خىتاي شىركەتلىرىگە ھۆددىگە بەرگەنلىكى، پاكىستان قۇرۇلۇش شىركەتلىرىنىڭ بولسا، ئىشسىز، پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا بايانات بەرگەن پاكىستانلىق مۇستەقىل پائالىيەتچى قەييۇم ئۇيغۇر بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى؛
«قەشقەرنى پاكىستان ئەرەب دېڭىزى ساھىلىدىكى پورتقا تۇتاشتۇرىدىغان قۇرۇغلۇق يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2200 كېلومېتىر كېلىدۇ. پاكىستان بۇ يولنىڭ قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئاچتى. ھۆددىگە ئېلىش يېغىلىشىغا خىتاينىڭ شىركەتلىرى كۆپرەك قاناشتى. پاكىستاننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى «Karakurum and National» ناملىق قۇرۇلۇش شىركىتى بولسا، خىتاينىڭ ئېتىراز بىلدۈرىشى سەۋەبىدىن ھۆددىگە بېرىش يېغىلىشىغا قاتناشتۇرۇلمىدى. يېغىلىشقا قاتناشقان پاكىستان شىركەتلىرى لايىھە ئۈچۈن 90 مىليارد رۇپىپەلىك تەكلىپ سونغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت خىتاي شىركەتلىرىگە 214 مىليارد رۇپىيەگە ھۆددىگە بەردى. بۇ ناۋاز شەرىف ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن خىتاي شىركەتلىرىنى ئاشكارا قوللىغانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ لايىھە ئۈچۈن خىتاينىڭ پاكىستانغا بېرىدىغان قەرزىنىڭ %90 ى ئامېرىكا دوللىرى بويىچە قايتۇرىلىدۇ. چۈنكى خىتاي بىلەن تۈزۈلگەن قەرز كېلىشىمى شۇنداق. خىتاي ئەسلىدە قەرز، ياردەم، تەرەققىي قىلدۇرۇش… دېگەندەك يالتىراق سۆزلەر بىلەن پاكىستاننى ئىقتىسادىي قورشاۋغا ئالماقتا. پاكىستان خەلقى تېخىچە بۇنى تونۇپ يەتكىنى يوق. بىراق يېقىندىن بۇيان ياسىماقچى بولغان يول بويىدا ياشايدىغان خەلق بىر ئاز ئويغاندى. چۈنكى پاكىستان خەلقتىن ئېگىلىك ھوقۇقىنى سېتىۋالغان جايلارنىڭ پۇلىنى تۆلىيەلمەيۋاتماقتا. پاكىستان خەلقى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە پوزىتسىيەلىرىدىن بەزى نەرسىلەرنى ھېس قىلماقتا. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، پاكىستان ئىقتىسادىنى مونىپول قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇ تولىمۇ خەتەرلىك بىر ئەھۋال. خىتاي «يېپەك يولى ئىقتىساد كارىدورىنى جانلاندۇرۇش» دېگەندەك بەزى شوئارلار ئاستىدا قوشنىلىرىنى بولۇپمۇ پاكىستاننى ئىقتىسادىي قورشاۋغا ئېلىۋالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. مەن بۇ ئەھۋاللارنى كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن خەتەرلىك دەپ قارايمەن.[14]»
ئۇزۇن يىل پاكىستاندا ياشىغان ۋە ماگېستىرلىق ئوقۇشىنى پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۇنىۋېرسىتېتىدە تاماملىغان، ھازىر مەركىزىي ئىشخانىشى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخانمۇ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق پاناھلانغۇچىلارغا تۇتقان دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
پاكىستان 1997 – يىلى ماي ئېيىدا 12 نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنى قانۇنسىز بىر شەكىلدە خىتايغا تاپشۇرۇپ بەردى. پاكىستان بۇلاردىن باشقا ھازىرغا قەدەر يۈزلىگەن ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى. ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتى تەرىپىدىن پاناھلانغۇچى سالاھىيىتى بېرىلگەن ۋە شىۋېتسارىيەگە يوللاش ئالدىدا تۇرغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىمۇ خىتاينىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن تۇتۇپ بەردى. ئەمدىلىكتە بولسا، قەبىلە رايونلىرىدا ھاياتىنى قوغداپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقان پاناھلانغۇچىلارنى سوئال – سوراقسىز «تېررورچى» دېگەن قالپاق بىلەن بومباردىمان قىلىپ ئۆلتۈرمەكتە. پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقەتلەرنى ئۆز خەلقىدىن يوشۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى تېخى كونتروللۇقى ئاستىدىكى مېدىيا ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ، داۋاملىق تۈردە خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلماقتا. پاكىستان خەلقىنىڭ كۆزىگە خىتاينى چىرايلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالماقتا. پاكىستان خەلقى دەل مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاينى يېتەرلىك دەرىجىدە بىلمەيدۇ ھەم تونۇمايدۇ. ۋەھالەنكى تونىسا ئىدى، پاكىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە خىتايغا كېرەكلىك دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇرالايدىغانلىقىدىن ھەرگىز گۇمانلانمايمىز.
خۇلاسە
 
مەنمۇ پاكىستاندا ئوقۇغان بىرسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پاكىستان خەلقىنى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. پاكىستان خەلقى مېنىڭ ئىسلامىي قېرىنداشلىرىمدۇر. ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ ئۈممەت تۇيغۇسىغا ئىگە ۋە قەيەردە زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر مۇسۇلماننى كۆرسە، شۇنىڭ يېنىدا ئۇرۇن ئېلىشنى بىلىدىغان پاكىستان خەلقىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۆز ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، بۇخىل پوزىتسىيەلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلايدىغانلىقىغا ئىشنىمەن.
ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ «بىر بولسۇن مۇسۇلمانلار ھەرەمنى قوغداش ئۈچۈن، نىل ساھىلىدىن تارتىپ كاشغەر توپراقلىرغىچە» دەپ سېزىپ بەرگەن ئۈممەت تېررىتورىيەسىنى نېمە ئۈچۈن «كاراچى ساھىلىدىن گىلگىت توپراقلىرىغىچە» دېگەندەك شەخسىيەتچى، مەنپەئەتپەرەس بىر سەۋىيەگە چۈشۈۋالدىڭلار؟
ئەللامە مۇھەمەد ئىقبال «ھىندىستان، خىتاي ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا بىر ئىسلام دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن خىتاي فاشىزىمى، بولشىۋىزم، ئاتىئېزملىق ۋە دىنسىزلىقنىڭ خەۋپلىرى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ چېگراسىدىن تېخىمۇ ئۇزاقلاشقان بولىدىغانلىقى بىر روشەن ھەقىقەتتۇر» دېگەن تۇرۇغلۇق سىلەر نېمە ئۈچۈن خىتاي فاشىزىمىنىڭ بۇيرۇقى ئاستىغا كىرىشكە رازى بولدۇڭلار؟
مۇھەممەد ئەلى جىنناھ «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندىن باشقا دوستى يوقتۇر»، «خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ خىتايغا ھۆكۈمران بولۇشى ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋال» دېگەن تورۇغلۇق سىلەر قانداقسىگە، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ دوستلۇقىنى دەپ، 25 مىليون شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىڭلارنى ئۇتقا ئىتتىردىڭلار؟ نېمە ئۈچۈن دېكتاتور ماۋزىدۇڭنىڭ شەپكىسىنى ئۆزەڭلار كېيگەننى ئاز دەپ، پۈتۈن دۆلەتكە كىيگۈزۈشكە تىرىشتىڭلار؟ دەپ ھامان بىر كۈنى ھېساب سورايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ئى پاكىستان ھۆكۈمىتى مەسئۇللىرى! خىتاي بىلەن بولغان مەنپەئەتپەرەسلىك مۇناسىۋېتىڭلاردا ئازراق بولسىمۇ ۋىجدانىڭلارغا قولۇڭلارنى سېلىپ، ئۈممەتنىڭ مەنپئىتىنى بولمىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا پاكىستاننىڭ كەلگۈسى ۋە پاكىستان خەلقىنىڭ مەنپەئىتىنى چۈشىنىڭلار! غەرب ئەللىرىگە قارشى خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، تالىباننى قانداق كۇزىر قىلىپ ئىشلەتكەن بولساڭلار، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ھېچ بولمىغاندا ئەمدى بولسىمۇ خىتايغا قارشى قولىڭلاردىكى ئاخىرقى كۇزىر ئورنىدا قەدىرلەشنى باشلاڭلار!
خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردا ھېچ چېكىنمەستىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن قېرىنداشلىق ۋە مىڭلىغان يىللىق ئۇرۇق- توغقانچىلىق رىشتىڭلارنىڭ بارلىقىنى مەردانە ئوتتۇرىغا قويۇڭلار! شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى سىياسەتلىرىنىڭ گەۋادىر پورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى يېپەك يولى لايىھەسىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭلار! خىتاينى زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتىدىن ۋاز كەچۈرۈپ، قايىل قىلىشقا تىرىشىڭلار! بۇنىڭ سىلەرگە كاتتا مەنپەئەتكە ئايلىنىپ قايتىدىغانلىقىنى ياكى ھېچ بولمىغاندا ئېزىلگۈچىلەرنىڭ ئاھۇ – پەريادى ۋە بەددۇئالىرىنىڭ نىشانى بولۇپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، خەيرىلىك دۇئالىرىنى ئالىدىغانلىقىڭلارنى قەتئىي ئۇنتۇماڭلار!
ئاخىرىدا مۇسۇلمان بىر دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر بولۇش سۇپىتىڭلار بىلەن سىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتىم.
«مۆئمىنلەر بىر – بىرىنى سۆيۈشتە، بىر – بىرىگە كۆيۈنۈشتە، بىر – بىرىگە شەپقەت كۆرسىتىشتە بىر تەن، بىر جىسىمغا ئوخشايدۇ. ئۇ جىسىمنىڭ بىر ئەزاسى ئاغرىسا، باشقا بارلىق ئەزالىرىمۇ ئۇ ئاغرىقنى ھېس قىلىپ، ئۇيقۇسىز قالىدۇ[15].»
«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام شۇنداق دېگەن ئىدى: ھەرقانداق كىشى ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنى ئۆزگەرتىۋاتقان، ھالالنى ھارام ۋە ھارامنى ھالال قىلىپ قويغان، ئىلاھىي چەكلىمىلەرنى ئاياق ئاستى قىلىپ، بۇزغۇنچىلىق قىلغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى مۇقەددەس كۆرمەيۋاتقان زالىم بىر ھۆكۈمدارنى كۆرۈپمۇ، يەنە سادا چىقارماستىن، سۈكۈت ئىچىدە ئۆز جايىدا ئولتۇرىۋېرىدىغان بولسا، ئاللاھنىڭ بۇ سۈكۈت قىلغان كىشىنى زالىم ھۆكۈمدارنىڭ يېرىگە، يەنى جەھەننەمگە تاشلىشى ۋە ئۇ كىشىنىڭ جەھەننەمدە مەڭگۈ قېلىشى مۇھەققەقتۇر. بۇ ئىلاھىي سۈننەتتۇر[16].»

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز