ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ «شەرقىي تۇركىستان»غا بولغان قارىشى ۋە پاكىستان سىياسەتچىلىرىنىڭ خىيانىتى 3-بۆلۈم

ئاپتورى: مىركامىلجان كاشغەرلى

مىكروفۇندا: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار ،ئالدىنقى بۆلۈملەردە ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ پىكىر – قاراشلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈيۈك مۇجاھىد رەھبىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىمنىڭ ئەللامە مۇھەممەد ئىقبال بىلەن لاھۇردا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى ھەمدە 1958 – يىلى 4 – ئايدا لاھۇردا ئۆتكۈزۈلگەن «مۇھەممەد ئىقبالنى خاتىرىلەش يىغىنى»غا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىغا ئۇرۇن بەرگەن ئىدۇق.
ئاڭلىتىشىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلۈمىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزگە ئوخشاش ئىسلام بىلەن مۇجەسسەملەشكەن تۈرك سۆيگۈسى، بولۇپمۇ ئۆممەتنىڭ ئىجتىمائىي تەۋھىدى ۋە ئىسلامىي ۋەھدىتى (بىرلىكى)نى قايتىدىن بەرپا قىلىش ئۈچۈن كېچە – كۈندۈز يۈرەك – باغرى ئوت بولۇپ يېنىپ تۇرىدىغان ئۇستاز مۇھەمەد ئىقبالنىڭ قارىشىچە، تېمۇرنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن ئوسمانلىنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ ئوخشاشلا ئىسلام دۇنياسىدىن ئىبارەت چوڭ ئائىلىنىڭ ئىككى بۈيۈك قەھرىمان بايراقدارلىرى ئىدى. شۇڭا ئەللامە مۇھەممەد ئىقبال ئەنگلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى ھىندى قىتئەسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئازادلىق كۈرۈشى داۋاملىشىۋاتقان قېيىن مەزگىللەردە، بىر تەرەپتىن «ئىسلام دۇنياسىنىڭ غەربتىكى ئاخىرقى قەلئەسى» دەپ قارىغان تۈركىيەنىڭ چاناققەلئە ئۇرۇشى ئۈچۈن سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ئوخشاش بولمىغان شەھەرلەردە چاقىرغان كونفېرانسلار نەتىجىسىدە، بىر يېرىم مىليون فوندسىتېرلىن توپلاپ، تۈركىيەگە ئەۋەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن «ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ شەرقىدىكى مۇھىم قەلئەسى» دەپ بىلىدىغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. شىئېرلىرى ۋە ئەسەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستانغا بولغان سۆيگۈسىنى ئىپادىلىگەنگە ئوخشاش پات – پات ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان باياناتلىرىدىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى ۋە مۇستەقىللىقىنىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە قانداق چوڭ كۈچ قوشىدىغانلىقى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئۇتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ چاناققەلئە ئۇرۇشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن لاھۇردىكى ئۇچۇق مەيداندا 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزگەن چوڭ كونفېرانسىدا ئىنتايىن تەسىرلىك بىر ۋەقە يۈز بېرىدۇ. چاناققەلئە ئۇرۇشىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا بولغان ئەھمىيىتى توغرۇلۇق ئەللامە ئىقبالنىڭ سۆزلىگەن نۇتقىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن بىر نامرات ئايال ياردەم قىلاي دېسە پۇلى بولمىغانلىقتىن، قوچىقىدىكى 3 ياشلىق ئوغلىنى سېتىش قارارىغا كېلىدۇ. دەرھال يېغىن مەيدانىدىن ئايرىلىپ، ئۆزى تونۇيدىغان بىر باينىڭ ئۆيىگە بارىدۇ ۋە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، بالىسىنى ئۇ كىشىگە ساتماقچى ئىكەنلىكىنى ۋە پۇلىنى چاناققەلئە ئۇرۇشىغا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. باي ھەيران قېلىپ، ئاتا – ئانىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيەلەش ۋە قوغداش ئىكەنلىكىنى، پەرزەنتىنى خورلاش ۋە يېتىملىككە مەھكۇم قىلىشنىڭ ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئايال ھېچ ئىككىلەنمەستىن، «بىلەمسەن؟! ئەگەر مۇسۇلمانلار چاناققەلئە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولسا، خەلىپىلىك يىقىلىدۇ ۋە يالغۇز مېنىڭ بالاملا ئەمەس، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى، پۈتۈن ئۈممەت يېتىم قالىدۇ. مەن ئۈممەتنى بۇ يېتىملىكتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا 1 بالام ئەمەس، 10 بالام بولسىمۇ پىدا قىلىشقا تەييارمەن» دەيدۇ. باي قاتتىق تەسىرلىنىپ ئايالنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ، بالىنى ئېلىپ قىلىپ، تەلەپ قىلىنغان پۇلنى ئايالغا بېرىدۇ. ئەمما «ئالداۋاتقان بولمىسۇن» دېگەن گۇمان بىلەن ئايالنىڭ ئارقىسىغا ئادەم سېلىپ قويىدۇ. ئايال پۇلنى ياغلىققا ئۇراپ ئۇدۇل يېغىن مەيدانىغا يۈگرەيدۇ. بىر تېيىننىمۇ ئېلىپ قالماستىن ھەممە پولنى ئىئانە قىلىدۇ. باينىڭ ئادەملىرى بۇ ئەھۋالنى بايغا يەتكۈزىدۇ. بايمۇ كېچىكمەستىن يېغىن مەيدانىغا بالىنى ئېلىپ كېلىپ، ئانىسىغا قايتۇرىدۇ. ئاندىن ئۆيىدىن  ئېلىپ كەلگەن ئالتۇن – كۈمۈش، پۇل – پىچەكلەرنىڭ ھەممىنى چاناققەلئە ئۇرۇشىغا ئىئانە قىلىدۇ. شۇ قېتىم لاھۇردىكى يېغىنغا قاتناشقان كىشىلەر ئارىسىدا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ياردەم سەپەرۋەرلىكى باشلىنىپ كېتىدۇ. پولى بارلار پۇل، يوقلار ئۇزۇك – ھالقىلىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ قايتىدۇ. ئەللامە ئىقبالنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلەردە ئۆتكۈزگەن بۇ خىل يېغىنلىرى نەتىجىسىدە جەمئىي بىر يېرىم مىليون فوند سىتىرلېن توپلىنىدۇ. بۇ پۇل تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەندە چاناققەلئە ئۇرۇشى ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ۋە مۇجاھىدلارنىڭ مىسلىسىز پىداكارلىقى بىلەن غەلىبىلىك ئاخىرلىشىپ بولغان بولۇپ، پۇلنىڭ بىر قسمى بىلەن تۈركىيە «ئىش بانكىسى» (سودا سانائەت بانكىسى) قۇرۇلىدۇ، ئاساسلىق كۆپ قىسمى خەلىپىلىك ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. 
شەرقىي تۈركىسىتاننىڭ ئۇنتۇلماس مۇجاھىد رەھبىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىم 1958 – يىلى 25 – ئاپرىلدا پاكىستاننىڭ سىيالكوت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىقبالنى خاتىرىلەش يىغىنىغىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ۋە سۆزلىگەن ئوردۇچە نۇتقىدا ئۇستاز ئىقبالنىڭ شەرقىي تۇركىستانغا بولغان قاراشلىرى، تەۋسىيە ۋە نەسىھەتلىرىنى تىلغا ئالغان ئىدى. 
تۆۋەندە مۇھەمممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىمنىڭ سىيالكوتتىكى يىغىندا سۆزلىگەن ئوردۇچە نۇتقىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئۆز پېتى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:
 
*** ** *** ** ***** *** ****
 
سىيالكوت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىقبالنى خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقۇم[1]
 
ھۆرمەتلىك رەئىس ۋە ئەزىز يېغىن ئىشتىراكچىلىرى! ئەللامە ئىقبالنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلانماقتىمەن. ماڭا بۇ قىممەتلىك پۇرسەتنى سۇنغان دوستلىرىمغا سەمىمىي رەھمىتىمنى ئېيتىمەن.
مەرھۇم ئەللامە ئىقبالنىڭ ھەممەيلەنگە قوياشتەك روشەن پەزىلەتلىرىنى مېنىڭ بايان قىلىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، مەن شۇنى دېمەكچى؛ ئۇستاز ئىقبال ھەم نەزىرىيەسى ھەم ئەمەلىي پائالىيەتلىرى جەھەتتىن ھېچ قاچان ھىندى قىتئەسى مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرى دائىرىسىدە چەكلىنىپ قالغىنى يوق. بەلكى بۇ بۈيۈك قىتئە گويا ئۇنىڭ ئوكيانۇسقا ئوخشاش پايانسىز ئىمان تېررىتورىيەسى ئىچىدىكى سان – ساناقسىز ئاراللارنىڭ بىرسىلا ئىدى. چۈنكى ئەللامە ئىقبالنىڭ نەزىرىيەسى، ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا قايتىدىن ئەڭ سۈزۈك ۋە ئەڭ پارلاق شەكىلدە بەرپا بولۇشى لازىملىقىنى، بۇنىڭ پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ نىجاتلىقىنىڭ بىردىنبىر چارىسى ئىكەنلىكىنى مەركەز قىلاتتى. ئۇنىڭ ئەمەلىي پائالىيەتلىرى بولسا، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ۋە سائادىتىنى نىشان قىلاتتى. شۇڭا قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ۋەتەن، مىللەت ۋە دۆلەت ئايرىپ ئولتۇرماستىن، پۈتۈن مۇسۇلمان مىللەتلەرگە سۇنۇشنى ئارزۇ قىلاتتى. دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ غىمىنى يەيتتى. پۈتۈن مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئازادلىققا ۋە سائادەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئەڭ توغرا پىكىرلەرگە ئىگە ئىدى. بۇ ئېيتقانلىرىمنىڭ دەلىلى ۋە مىسالى سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستاندا 1931 – يىلىدىن  1934 – يىلىغىچە مەيدانغا كەلگەن ئىنقىلابلار ھەققىدە ئەللامە ئىقبالنىڭ ئېلان قىلغان باياناتلىرىدىن بەزىلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنماقچىىمەن:
ئەللامە ئىقبال بىر قېتىم ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن ئىدى:
«تۈركىستان ئىنتايىن كەڭ بىر زېمىن بولۇپ، ھازىر ئۈچكە بۆلۈنۈپ كەتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. بىرىنچىسى رۇسيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى غەربىي تۈركىستان، ئىككىنچىسى ئافغانىستاننىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى جەنۇبىي تۈركىستان، ئۈچىنچىسى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان. 1912 – يىلى شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ھۆكۈمرانلارنىڭ تەيىنلىنىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پۈتۈن نوپۇسى مۇسۇلمان بولغان بۇ خەلققە خىتاي تىلىنى مەجبۇرلاپ تېڭىشى، ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن زوراۋانلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئېغىر بىئاراملىقلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.»
ئەللامە مۇھەممەد ئىقبال يەنە بىر باياناتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنقىلابلارنى مۇنداق خۇلاسىلەپ بەرگەن ئىدى:
«بۇنىڭ ئەسلى سەۋەبىنىڭ دىنىي ئەسەبىيەت ئەمەسلىكىگە قايىلمەن. گەرچە بۇ خىل ھەرىكەتلەردە رەھبەرلەر خەلقنىڭ ھەر تۈرلۈك ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇشقا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي سەۋەبنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ئىكەنلىكى رۇشەندۇر.»
مەرھۇم ئەللامە ئىقبال يەنە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق ئىنقىلابىدا تۇتۇشقا تېگىشلىك يول ۋە ھەرىكەتلەرگە دائىر كۆز قاراشلىرىنى مۇنداق ئىپادىلەپ بەرگەن ئىدى:
«بۈگۈنكى دۇنيادا ھەممە نەرسە قويۇق مىللەتچىلىك (ئىرقچىلىق) ئەتراپىدا ئايلانماقتا. مەن بۇ خىل نەزەرىيەلەرنى دەۋرىمىز مەدەنىيىتىنىڭ يۈزىگە چۈشگەن يىرگىنىشلىك داغ دەپ قارايمەن. مېنىڭ ئەندىشە قىلىدىغىنىم، ئاسىيانىڭ قانداقلا يېرىدە تار مىللەتچىلىك مەيدانغا چىقىپ قالىدىكەن، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نۆۋەتتىكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىننى ھىمايە قىلغان ئاساستا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇھىم ۋەزىپىسى مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر ئاسىيا دۆلەتلىرىنى نۆۋەتتىكى ناچار ۋەزىيەتتىن قۇتقۇزۇشنى خالايدىغان بولساق، بۇنىڭ پەقەت بىرلا يولى بار. ئۇ بولسىمۇ ئىسلام نەزەرىيەسىنى قوبۇل قىلىش، مىللىي ۋە ئىرقىي ئۈستۈنلۈك قاراشلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئىسنانىيەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىنى كۆز ئالدىمىزدا تۇتىشىمىز لازىم. مەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ بۈيۈك تۇرانچىلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
ئەللامە ئىقبال بۇلارنى تەكىتلەپ بولغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق ئىقنىلابى ئەگەر تۇرانچىلىققا ئايلىنىپ قالغان تەقدىردە ئافغانىستانغىمۇ يامان تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئافغانىستاندا مەيدانغا كېلىش ئېھتىمالى بولغان ئېغىر مەسلىلەردىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
ھۆرمەتلىك ئەپەندىلەر! بۇ يەردە شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتەيكى، مەرھۇم ئەللامە ئىقبالنىڭ بۇ تەدبىرلىك قاراشلىرى، بىزنىڭ ئازادلىق ئىنقىلابىمىزنىڭ پىكىر ئاساسلىرىنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلاتتى. بىزنىڭ ئىقىلابنى باشلىغان چاغدىكى پىرىنسىپال قارارلىرىمىز مۇنداق ئىدى:
1 – تار مىللەتچىلىك (ئىرقۋازلىق)تىن ئۇزاق تۇرۇش. 
2 – دۆلىتىمىزنى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش.
3 – بارلىق ئىسلام ئەللىرى بىلەن سەمىمىي دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش.
شۇڭا بىز  ئىنقىلابىمىز باشلىنىپ 2 – يىلغا قەدەم قويغاندا ئافغانىستانغا ھەيئەت ئەۋەتىپ بارلىق گۇمان ۋە خاتا قاراشلارنى يوقىتىش، قېرىنداشلىق، قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچلەندۈرۈش ئارزۇيىمىزنى بىلدۈردۇق ھەمدە بىر تۈركۈم يېنىك قورال تەلەپ قىلدۇق. بۇنىڭدىن ئىنتايىن ياخشى نەتىجە ئالغان ئىدۇق.
ئەللامە مۇھەمەد ئىقبال باياناتىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، شەرقىي تۇركىستان ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى ۋە غەلىبە قىلغان تەقدىردە ئىسلام دۇنياسىغا قانداق پايدىسى بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:
«بۇ ھەرىكەت غەلىبىگە ئېرىشسە مۇنداق پايدىسى بولىدۇ. نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %99 ى مۇسۇلمان بولغان شەرقىي تۈركىستاندا باياشات ۋە كۈچلۈك بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلغان بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان باشتىن كەچۈرىۋاتقان ئىشغالىيەتچى خىتاينىڭ زۇلۇم – ئىستىبداتلىقىدىن قۇتۇلغان بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان تەبىئىي بايلىقلىرى ئىنتايىن مول بىر دۆلەت. لېكىن خىتاينىڭ زۇلۇم ۋە ئىستىبداتلىرى، قانۇنسىزلىقى ۋە زوراۋانلىقى يۈزىسىدىن تېرىشقا بولىدىغان زېمىننىڭ ئاران %51 ى ئىشلىتىلمەكتە. ھىندىستان، خىتاي ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا بىر ئىسلام دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشى بىلەن خىتاي فاشىزىمى، بولشىۋىزم، ئاتىئېزىم ۋە دىنسىزلىقنىڭ خەۋپلىرى گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيادىن پۈتۈنلەي تازىلىنىپ كېتەلمىگەن تەقدىردىمۇ ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ چېگراسىدىن تېخىمۇ ئۇزاقلاشقان بولىدىغانلىقى بىر روشەن ھەقىقەت.»
ھۆرمەتلىك ئەپەندىلەر! ئەللامە ئىقبالنىڭ بۇ ئارزۇ – ئارمانلىرى سۇغا چېلاشقىنى يوق. ھازىرمۇ ئۆز پېتى داۋاملاشماقتا. شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى بۇنىڭدىن 27 يىل ئىلگىرى باشلىغان ئازادلىق كۈرەشلىرىنى ھازىزغىچە داۋاملاشتۇرماقتا. ئەللامە ئىقبال خۇش خەۋەر بەرگەن باياشاتلىق ۋە كۈچلۈك بىر ئىسلام دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىمانىي قۇۋۋىتىنى قوغداپ كەلمەكتە. مانا ھازىر شەرقىي تۈركىستان خەلقى كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىنىي زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن كۈرەش قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، غەربىي تۈركىستان، ئىدىل – ئۇرال، قىرىم ۋە كاۋكاز مۇسۇلمانلىرىمۇ بولشىۋىك رۇسىيەنىڭ ئىستىلاسىغا قارشى كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئەللامە مۇھەممەد ئىقبال بىر قېتىم «چېڭگىزخان، تېمۇر ۋە بابۇرلارنى يېتىشتۇرۇپ چىققان بۇ دىيارلار ھازىرمۇ ئالىي دەرىجىلىك قەھرىمان قوماندانلارنى يېتىشتۇرۇپ چىقالايدۇ» دېگەن ئىدى.
توغرا ئۇنىڭ دېگىنىگە ئوخشاش تۈركىستان تۈركلىرى ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان قەھرىمانلىق داستانلىرىنى يازغۇسى ۋە پات يېقىندا مۇقەددەس بايرىقىنى شەھىدلىرىنىڭ قەبرىستانلىقلىرى ئۈستىگە تىككۈسى. ئاللاھ مەرھۇم ئەللامە ئىقبالغا رەھمەت ۋە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا نۇسرەت ئاتا قىلسۇن! ۋەسسسالام.
1958 – يىلى 25 – ئاپرىل
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا
*** *** ** ** *** ** ** **** ****
 
مۇھەممەد ئىقبالدىن كېيىنكى پاكىستان رەھبەرلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان
 
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتاقلىق مۇجاھىد رەھبىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىمنىڭ ئەللامە ئىقبال ۋە شەرقىي تۇركىستانغا بولغان كۆز قاراشلىرى ھەققىدىكى بۇ نۇتقىدىن كۆرگىنىمىزگە ئوخشاش ئىسلام مىللىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشى، پۈتۈن ئۈممەتنىڭ بىرلىكى ۋە قايتىدىن تېرىلىشى ئۈچۈن ئىقبالنىڭ قەلبىدە يانغان ئۇ ئۇلۇغۋار يالقۇن يالغۇز ئىقبال بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان ئىدى. بۇ كۈرەش يولىدىكى ئۇنىڭ سەپداشلىرى ۋە كېيىنكى پاكىستان رھبەرلىرىمۇ ئۆز سەۋىيەسى ۋە ئىمكانلىرى دائىرىسىدە ئىقبالنىڭ قاراشلىرىغا ۋارىسلىق قىلغان، جۈملىدىن ئۈممەتنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ھېسابلىنىدىغان زۇلۇم ئاستىدىكى شەرقىي تۇركىستان مۇسۇلمانلىرىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى.
 
ئىيسا يۈسۈپ ئالىپكتېكىننىڭ  مۇھەممەد ئەلى جىنناھ  بىلەن ئۇچرىشىشى
 
مەسىلەن: شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتاقلىق رەھبەرلىرىدىن مەرھۇم ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن[2]مۇ 1938 – يىلى ئۆكتەبىردە بومبايغا كېلە – كەلمەيلا مۇھەممەد ئەلى جىنناھ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىدى. مۇھەممەد ئەلى جىنناھ ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن (يەنى ئەينى چاغدىكى ھىندىستاندا ھەممىگە مەشھۇر ئىسمى بىلەن ‹چىن تۈركىستانى›دىن) كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن سۆيۈنگەن ۋە يېنىدىكى خىتاي ھەيئىتىنى كۆرسىتىپ: «ھە، ئەمدى چۈشەندىم، سىزنىڭ بۇلارغا نېمە ئۈچۈن ئوخشىمايدىغانلىقىڭىزنى» دېگەن  ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى سورىغان، «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندىن باشقا دوستى يوق»لۇقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىندىن قانداق ياردەمدە بولالايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دىنىي زاتلىرى بىلەن تونۇشۇش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتقان. مۇھەممەد ئەلى جىنناھ: «بۇ جەھەتتە مەن سىزگە ياردەمچى بولالايمەن، دىنىي زاتلارغا سىزنى تونۇشتۇرۇپ خەت يازاي» دېگەن. ئاندىن باش كاتىپىنى چاقىرىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى دىنىي رەھبەرلەردىن بىر قانچىسىگە ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ئەپەندىنى تونۇشتۇرۇپ مەكتۇپ يېزىشقا بۇيرىغان. ھەتتا لەكنۇدا ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان ئەينى چاغدىكى مۇسۇلمان بىرلەشمىسى پارتىيەسىنىڭ چوڭ قۇرۇلتىيىغا ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنى مەخسۇس دەۋەت قىلغان[3].
1938 – يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچرىشتا يەنە مۇھەممەد ئەلى جىنناھ خىتاي – ياپونىيە ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئاجايىپ ئالدىن كۆرەرلىكىنى نامايان قىلغان. ئۇ: «خىتاي مىللىيەتچى (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتى ياپونىيە بىلەن ئۇرۇش قىلماستىن مەسىلىنى ئۈستەل ئۈستىدە ھەل قىلىشى لازىم. ئەگەر ئۇرۇش قىلسا، خىتاي مىللىيەتچى (گومىنداڭ) ھۆكۈمىتى مەغلۇپ بولىدۇ ۋە ئاقىۋەتتە خىتاي كوممۇنىستلىرى دۆلەتكە ھۆكۈمران بولىدۇ. ئەڭ خەتەرلىك تەرىپى مانا بۇ» دېگەن ئىدى. [4] مانا بۇ نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق، شەرقىي تۇركىستان مەسىلىسىدە گويا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ يالاقچىسىغا ئايلانغان ھازىرقى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قۇرغۇچى داھىلىرىنىڭ قىممەت قاراشلىرى بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە زىتلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى پەقەتلا ھەقىقەت

ئوبزور

ئاپتورى: رۇقىيە تۇردۇش

تەپسىلاتىنى يوقۇرىدىكى قويغۇچدىن ئاڭلىغايسىلەر.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز