ھەپتىلىك دۇنيا خەۋەرلىرى 1-ئاپرېل


مەسئۇل مۇھەرىر: چوغلۇق

مىكروفۇندا: قاراخان ۋە تۇمارىس

1. كىميۇڭئۇن مەخپى ھالدا خىتتاينى زىيارەت قىلدى.
2. ش ئا ئە ت روسىيە دىپلوماتىيە خادىملىرىنى چېگرىدىن ھەيدەپ چىقاردى.
3. ئامېرىكا تىبەتكە 17 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغان بولدى.
4. ھىندىستان دالاي لاما ۋە تىبەتلەردىن سوۋۇپ قالدى.

1. خەۋەر:
27- مارت، شىمالىي كورىيە ئالىي رەھبىرى كىميۇڭئۇننىڭ تۇيۇقسىز پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا كېلىپ، خىتتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، يەنە پويىزغا ئولتۇرۇپ قايتىپ كەتكەنلىك خەۋىرى ئېلان قىلىندى. ئىلگىرى شىمالىي كورىيە ئالىي رەھبىرى خىتتاينى زىيارەت قىلغاندا، ھەر قېتىم ئۇلار شىمالىي كورىيەگە سالامەت قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئاندىن ئېلان قىلىناتتى. بۇ قېتىممۇ كىميۇڭئۇننىڭ خىتتاينى زىيارەت قىلىشى ئىنتايىن مەخپى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 28- مارت رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاندىن كىميۇڭئۇننىڭ خىتتايغا بېرىپ كەلگەنلىكى ئىسپاتلانغان. خىتتاينىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا كىميۇڭئۇن شى جىنپىڭنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن غەيرى رەسمىي زىيارەتتە بولغان. كىميۇڭئۇننىڭ تىرامپ بىلەن 5- ئايدا كۆرۈشۈشكە پۈتۈشۈپ، 20 كۈندىن كېيىن تۇيۇقسىز يەنە خىتتاينى زىيارەت قىلىشى كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىماقتا. تەھلىلچىلەر ”كىميۇڭئۇننى يەنە ئامېرىكا بىلەن خىتتاي ئوتتۇرىسىدا ئويۇن ئويناپ، شىمالىي كورىيە يادرو بومبىسى مەسىلىسىنى ئارقىغا سۈرمەكچى“ دېمەكتە.

2. خەۋەر:

27- مارت، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 16 دۆلەت ۋە ئامېرىكا، كانادا، نوۋرىگىيە، ئالبانىيە، ماكىدونىيە، ئۇكرائىنا قاتارلىق 26 دۆلەت روسىيەنىڭ بىر قىسىم دىپلومات خادىملىرىنى چېگرىدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرىدى. ئوت پىلتىسى بولسا 4 – مارت ئەنگىلىيەدە پاناھلىق تىلىگەن روسىيە سابىق جاسۇسى سىرگىي سىكرىپال بىلەن قىزى يۇلىيا سىكرىپال زەھەرلىنىپ، ھاياتىغا ئېغىر خەۋپ يەتكەن. ئەنگىلىيە تەرەپ روسىيە جاسۇس ئەۋەتىپ سابىق جاسۇسلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولغان دەپ ئەيىبلىگەن، روسىيە بۇنى ئىنكار قىلغان. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىگە ئەزا دۆلەتلەر روسىيەنىڭ ئىستىخباراتىغا قارىتا قاتتىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، جەمئىي 1443 نەپەر دىپلوماتىيە خادىملىرىنى چېگرىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن. بۇنىڭغا جاۋابەن، روسىيەمۇ 30 – مارت غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىر قىسىم دىپلوماتلىرىنى چېگرىدىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ روسىيە دىپلوماتىيە تارىخىدا سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەڭ زور كۆلەملىك دىپلوماتىك بوھران ھېسابلىنىدىكەن.

3. خەۋەر:
23- مارت، ئامېرىكا پارلامىنتى بىر پارچە خامچوت لاھىيەسىنى تەستىقلىغان بولۇپ، 2018 – يىلى 10 – ئايدىن باشلاپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تىبەتكە 17 مىليون دوللار ياردەم مەبلىغى بېرىدىغان بولغان. بۇ لاھىيە يەنە تىبەت ئىچىدىكى تىبەتلەرگە 8 مىليون دوللار، ھىندىستان بىلەن نىپال ئىچىدىكى تىبەت رايونىغا 6 مىليون دوللار تەمىنلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ رايوندىكى كىشىلەرگە سەرپ قىلىنىدىغان پۇل 6 مىليوندىن كەم بولسا بولمايدىكەن. قالغان ئۈچ مىليون مەخسۇس مەبلەغ بولۇپ، سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىنى كۈچەيتىش ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا سەرپىيات قىلىنىدىكەن. بۇ تەمىناتنىڭ تىبەت ئىچىگە ئىشلىتىلىدىغان قىسمى بولسا مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش، سىجىل تەرەققىيات، مائارىپ ۋە مۇھىت قوغداش قاتارلىق ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارغا ياردەم قىلىنىدىكەن.

4. خەۋەر :
دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بۇ ھەپتە ئاخىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان “ ھىندىستانغا مىننەتدارلىق“ تەبرىك پائالىيىتى يېڭى دىھلىدە ئەندىشە قوزغاپ، تىبەتلىكلەرنىمۇ قايمۇقتۇردى. ھىندىستان تىبەتلەرنى 60 يىلدىن بۇيان ھىمايىسىگە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، دالاي لاما بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى بولغان. ئەمما ھىندىستان تەرەپ خىتتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىپ قالغانلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ پائالىيەتنى بەك چوڭ كۆلەملىك ئېلىپ بارماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان. ھىندىستان يەنە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى چەكلىگەن، مىننەتدارلىق پائالىيىتىمۇ ئەسلىدىكى چوڭ مەيداندىن چەت ياقىدىكى كىچىك بىر بازارغا يۆتكەلگەن. ھىندىستاننىڭ خىتتاي بىلەن تىركىشىپ تۇرۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، خىتتاينىڭ كۈچلۈك ھەربىي كۈچىنى نامايەن قىلىشى، ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادى ئاجىزلىقى، ھىندىستاننى بىر ئاز يۇمشاشقا مەجبۇر قىلغان ۋە تىبەتلەرگە قارىتا قوللاشنى پەسەيتكەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز