ھەپتىلىك دۇنيا خەۋەرلىرى 10-ئىيۇن


مەسئۇل مۇھەررىرى: تۇنيۇقۇق

بۇ ھەپتىلىك خەۋەرلىرىمىزنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى:
1. ئامېرىكا پارلامېنتى ئالدىدىكى نامايىش باشلاندى.
2. ڧەيىسبۇك شىركىتى خىتتايغا ئۇچۇر ساتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
3. خىتتاي جەنۇبى دېڭىزدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەسلىھەلىرىنى بىكار قىلدى.
4. جۇڭشىڭ گۇرۇھى ئېغىر ئىقتىسادى تۆلەم تۆلەيدىغان بولدى.

خەۋەرلىرىمىزنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:
1. خەۋەر.
4 – ئىيۇن، ئامېرىكا ئۇيغۇر ياشلىرىدىن سالىھ خۇدايار ۋە بىلال تۈركىستانىلار تەشكىللىگەن، ئامېرىكا ۋاشىنگىتون شەھىرى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان نامايىش قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۇلارنى بىردەك ئالقىشلىغان. بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ ۋاقتى ئىككى ئايغا سوزۇلىدىغان، ئامېرىكىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتتاي زۇلۇمىغا قارشى قانۇن ماقۇللاتقۇزۇش، ماگىنىسكى قانۇنى ئارقىلىق چىن چۈەنگونى قانۇنى جازاغا تارتىشنى مەقسەت قىلغان نامايىش بولۇپ، ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن، مەقسىتىنىڭ ئېنىق بولۇشى بىلەن باشقا نامايىشلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ. نامايىشنىڭ 2-كۈنى 5- ئىيۇندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پەخرى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە نامايىش تەشكىلچىسى سالىھ خۇدايار ئامېرىكا پارلامېنتى ئەزاسى جەمىس مەكگاۋىرىن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭغا شەرقىي تۈركىستاندىكى چەكتىن ئاشقان زۇلۇمنى ئاڭلاتقان. مەكگاۋىرىن ئەپەندى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستانغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان . بىز مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىدىكى بۇ نامايىشنىڭ كۈنسايىن ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ۋە تېخىمۇ كاتتا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز!

2. خەۋەر.
5- ئىيۇن، ئامېرىكا ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېتى ڧەيىسبۇك كۆپلىگەن خىتتاي شىركەتلىرىگە ڧەيىسبۇك ئابونىتلىرىنىڭ شەخسىي ماتىرىيالىنى تەمىنلىگەنكىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ شىركەتلەرنىڭ قاتارىدا ئامېرىكا چەكلىگەن، دۇنيا بويىچە ئۈچىنجى چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلىفۇن شىركىتى خۇاۋىي شىركىتىمۇ بار ئىكەن. ڧەيىسبۇك شىركىتى يېقىندا خۇاۋىي، لىيەنشىياڭ قاتارلىق خىتتاي شىركەتلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ 60دىن ئارتۇق شىركەتلىرى بىلەن ئۇچۇر بەھىرلىنىش كېلىشىمىنىڭ بارلىقىنى، بۇ شىركەتلەرنىڭ ڧەيىسبۇك ئابونىتلىرىنىڭ بەزى ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ڧەيىسبۇك شىركىتى يەنە يۇقارقى شىركەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى بىلەن كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ھەپتە ئىچىدە خۇاۋىي شىركىتى ۋە باشقا خىتتاي شىركەتلىرى بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

3.خەۋەر.
6 – ئىيۇن، ئامېرىكا 20 نەچچە دۆلەت قاتناشقان تېنچ ئوكيان چوڭ كۆلەملىك ھەربىي مانىۋىرىغا خىتتاينىڭ قاتنىشىش سالاھىيىتىنى ئىناۋەتسىز قىلغان. خىتتاي جەنۇبى دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللارغا قۇرغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۈسكۈنىلىرى ۋە رادار سېستىمىسى ئورناتقان بولۇپ، يېقىندا يەنە بىر بومباردىمانچى ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھىنرى ماتىس:“ بۇ خىل قۇراللارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە قوللىنىش مەقسىدى قورقۇتۇش ۋە تەھدىت سېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. تەكلىپنامىنى بىكار قىلىش پەقەت كىچىككىنە ئەسكەرتىش، ئەگەر خىتتاي يەنىلا ئۆز قىلمىشىنى ئۆزگەرتمىسە تېخىمۇ قاتتىق جازالاشقا ئۇچرايدۇ“ دېدى. ئامېرىكا تەكلىپنامىنى ئىناۋەتسىز قىلغاندىن كېيىن، خىتتاي گەرچە تاقىم ئاراللاردىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېستىمىلىرىنى بىكار قىلغان بولسىمۇ، تەھلىلچىلەر خىتتاينىڭ نەچچە كۈن ئۆتۈپ يەنە باشقا ئاراللاردا بۇ سېستىمىلارنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

4. خەۋەر.
7- ئىيۇن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتتاينىڭ تېلىفۇن شىركىتى جۇڭشىڭ گۇرۇھى دېلوسىدا نەچچە ئاي كەسكىن سۆھبەتلىشىش، باھا تالىشىشلاردىن كېيىن ئاخىرى كېلىشىمنامە ھاسىل قىلىندى. كېلىشىمنامە بويىچە، جۇڭشىڭ گۇرۇھى ئامېرىكىغا بىر مىليارد دوللار تۆلەم تۆلەيدىغان بولدى. بۇ تۆلەمدىن باشقا يەنە جۇڭشىڭ شىركىتى 400 مىليون دوللارنى ئامېرىكىغا رەنىگە قويۇپ، جۇڭشىڭ گۇرۇھىدا يەنە قالايمىقان ئىش بايقىلىپ قالسا، بۇ پۇلنىڭ دەرھال جەرىمانە سۈپىتىدە تۇتۇپ قېلىنىدىغانلىقى، ئامېرىكا مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، جۇڭشىڭ گۇرۇھىغا كىرگۈزىدىغانلىقى بېكىتىلدى. ئۆتكەن يىلى جۇڭشىڭ گۇرۇھى 900 مىليون دوللار جەرىمانە تۆلىگەن بولۇپ، ئومومىي جەرىمانە ئىككى مىلىيارد دوللاردىن ئاشقان. خىتتاي رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭشىڭ گۇرۇھىنى چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئامېرىكا – خىتتاي سودا سۆھبىتىدىكى مۇھىم بىر ۋەزىپە ئۈستىدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى قەتئىي قارشى تۇرغان ۋە تىرامپنىڭ يۇمشاق قوللۇقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئاخىرىدا، خىتتاي زور سوممىلىق جەرىمانە تۆلەشكە قوشۇلۇشى بىلەن كېلىشىم تۈزۈلگەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز