ھەپتىلىك دۇنيا خەۋەرلىرى 11-فېۋرال


مىكروفۇندا: قاراخان ۋە تۇمارىس

بۇ ھەپتىلىك خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 5- فېۋرال غۇلجا ئىنقىلاۋىنىڭ 21 يىللىغى داغدۇغۇلۇق خاتىرلەندى.

گوللاندىيە پادىشاھى خىتتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقى تۈركىستاندا قايتا تەربىلەش مەركەزلىرىنىڭ بارلىغىدىن تېنىۋالدى.

خىتاي، تايلاند تۈرمىسىدىن قاچقاندىن كېيىن مالايشىيادا تۇتۇلۇپ قالغان 11 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۇزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىغىدىكى بىر ھەيئەت ياپونىيە پارلامىنتىدا ئەھمىيەتلەر ئۇچۇرشۇشلاردا بولدى.

خىتاي ساقچى ئورگانلىرىدا يۈز تونۇش تېخنىكىسى بىلەن ياسالغان كامىرالىق قارا كۆز ئەينەكنى يولغا قويدى.

تەپسىلى خەۋەرلەر

خەۋەر#1
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، تۈرلۈك شەكىلدىكى خاتىرلەش پائاليەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، 5- فەبرال غۇلجا ئىنقىلاۋىنىڭ 21 يىللىغىنى داغدۇغۇلۇق خاتىرلىدى.
شۇ كۈنى، ئامېركا، كانادا، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيە،گوللاندىيە، ئەنگىليە، گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئامېركىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۇزۈلگەن نامايىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى.

5- فېۋرال كۈنى كانادانىڭ ، تورونتو، ئەدمىنتون، مونتەريال قاتارلىق شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئوزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەرلەردىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرى ئالدىغا يىغىلىپ، خىتاي ھۆكىمىتىگە
قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى. 4- فەبرال كۈنى تورونتودىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى سېتىۋالغان ئۇيغۇر مەسجىتىگە يىغىلىشىپ، 5- فېۋرال غۇلجا ئىنقىلاۋىدا قۇربان بولغان شېھىتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان ئوقۇش ۋە دىنى ئالىم مۇھەممەت سالىھ ھاجىمنىڭ غايىبى جىنازە نامىزىنى ئوقۇش پائاليىتى ئۆتكۈزدى.

گوللاندىيەدە 5- فېۋرال غۇلجا ئىنقىلاۋىنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆزگىچە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار گوللاندىيە پارلامىنت بىناسىنىڭ ئالدىغا گۈلچەمبىرەكلەر قويۇپ، گوللاندىيە خەلقىگە گۇل تارقىتىشتەك ئۆزگىچە بىر ئۇسۇل بىلەن 5- فېۋرال غۇلجا ئىنقىلاۋىنىڭ 21 يىللىغىنى خاتىرلىدى.گوللاندىيەدىكى خاتىرلەش پائاليىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قاتناشتى.
بۇ يىل تۈركىيەدە 5-فەبرال غۇلجا ئىنقىلاۋىنىڭ 21 يىللىغى، يىللاردىكىگە سەلىشتۇرغاندا ئىنتايىن داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلدى، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان مىڭلارچە ئۇيغۇر تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە بېرىپ، ئەنقەرەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
ئالماتا ۋە بىشكەك شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ، خەتمە قۇرئان ئۆتكۈزۈش شەكلى ئارقىلىق 5-فەبرال غۇلجا ئىنقىلاۋىدا شېھىت بولغان، قەھرىمانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتى.
بۇ يىلقى 5-فەبرال غۇلجا ئىنقىلاۋىنىڭ 21 يىللىق خاتىرە كۈنى، خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت بولغان، دىنى ئۆلىما مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىمغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا غايىۋى جىنازە نامىزى ئوقۇش مۇراسىمىغا توغرا كەلگەنلىگى ئۈچۈن، نامايىشچىلار قوشۇنىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزەپ نەپرىتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى. دۇنيا مىقياسىدا نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ
پەۋقۇلئاددە كۆپ بولدى.

خەۋەر#2

گوللاندىيە پادىشاھى ۋىللىيام ئالېكساندېر ۋە خانىش ماكسىما چارشەنبە كۈنى كەچتە بېيجىڭدا  شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق نازۇك مەسىلىلەرمۇ سۆھبەت تېمىسىغا ئايلاندى. گوللاندىيەنىڭ تاشقى  ئىشلار مىنىستېرى ھالبې زەيلسترا مۇنداق دېدى: «مەيلى كەچلىك زىياپەتتە بولسۇن ياكى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە بولسۇن، ئىككى تەرەپ ئوچۇق – يورۇق سۆھبەتتە بولۇشتى.
ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىلىرىدىن باشقا يەنە ئۇلار دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسى  ۋە خىتتاينىڭ  كوممۇنىست ھاكىمىيەتكە قارشى ئېقىمدىكىلەرگە بولغان ئىنكاسى قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەتتە بولدى».
زەيىلسترا يەنە مۇنداق دېدى: «بارلىق مۇنازىرىلەردە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەتتا خىتتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرى ۋاڭ يى ۋە خىتتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى لى كېچياڭ بىلەن بولغان كۆرۈشۈشلەردىمۇ بۇ مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى».
زەيىلسترانىڭ دېيىشىچە، جۇڭنەنخەيدىكى خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان كەچلىك زىياپەت ئەسلى پىلاندىن بىر يېرىم سائەت ئۇزىراپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى سۆھبەتنىڭ قىززىپ كەتكەنلىكىدىن بولغانىكەن. پادىشاھ ۋېليام ئالىكساندېر بۇ قىسقىغىنە خىتتاي زىيارىتىنى «ناھايىتى ئۇتۇقلۇق بىر زىيارەت بولدى» دەپ تەرىپلىگەن.
پادىشاھ ۋېليام ئالىكساندېرنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولغان كۆرۈشىشى ئۆتكەن تۆت يىلدىن بۇيانقى ئۈچىنچى قېتىملىق كۆرۈشىشى بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە، «بۇ ھەرگىزمۇ گوللاندىيەنىڭ خىتتايدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بۇ پەقەت شى جىنپىڭ بىلەن بولغان شەخسىي مۇناسىۋىتىمىزنىڭ يېقىنلىقىنىلا بىلدۈرىدۇ».
پادىشاھ ۋىللىيام ئالىكساندېر پەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي كورىيەگە يۈرۈپ كەتكەن بولۇپ، خانىش ماكسىما پەيشەنبە كۈنى يەنە خىتتاي – گوللاندىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سۆھبىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن جۈمە كۈنى  جەنۇبىي كورىيەگە بېرىپ پادىشاھ ۋىللىيام ئالىكساندېر بىلەن بىرلىكتە جەنۇبىي كورىيەدە ئۆتكۈزىلىدىغان قىشلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىكەن.

خەۋەر#3

قىرغىزىستاننىڭ ئاكى ئاخبارات ئاگەنتلىغىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىگىنى تىلغا ئالغان. خىتايدىكى قايتا تەربىيەلەش مەركىزى چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ناتسىس گىرمانىيەسىنىڭ ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش مەركىزىگە ئوخشىتىلىۋاتقان بولۇپ، گەرچە خىتاي تەرەپ بۇنداق مەركەزلەرنىڭ مەۋجۇتلىغىنى ئەتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ ئەمما، چەتئەل ئاخبارات ساھەسىگە تۇنجى قېتىم بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. يېقىندا چەتئەلدىكى مەشئەل ئۇيغۇر گۇرپىسى ئۆزگۈرۇش ناملىق تور بېتىدە 10 خىل تىلدا مۇراجەتنامە ئېلان قىلىپ،خىتاينى، ناتسىس گىرمانىيەسىنىڭ جازا لاگىرىغا ئوخشايدىغان قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر مىليۇن ئۇيغۇرنى قويۇپ بەرىشنى تەلەپ قىلغان.
ب ب س مۇ خىتايدىكى قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى ھەققىدە خەۋەر بېرىپ تۇركىيەدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ، تەربىيەلەش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئانىسى ۋە ئايالى تارتىۋاتقان جاپا مۇشەققەتكە چىدىمىغانلىغىدىن ،خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئوقنىڭ پۇلىنى مەن بەرەي ئانام بىلەن ئايالىمنى ئەتىۋەتىڭلار دىگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن.

كۇزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۇرشىچە،خىتاينىڭ قىرغىزىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بايانات بېرىپ، خىتايدىكى قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى ھەققىدە تېنىۋەلىشى ، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ بېسىمىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەر#4

رويتېرس ئاگېنتلىغىنىڭ 8- فەبرال كۇئالالۇمپۇردىن تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ، ئۆتكەن يىلى نويابىردا، تايلاند تۈرمىسىدىن قاچقاندىن كېيىن، مالايشىيادا تۇتۇلۇپ قالغان 11 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى مالايشىيا تەرەپتىن تەلەپ قىلغان.ئۆتكەن يىلى نويابىردا، تايلاند تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان 20 نەپەر ئۇيغۇر، تۈرمە تاملىرىنى تېشىپ قېچىپ دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.
ئەمما ئىلگىر ئاخىر بولۇپ 11 نەپىرى تايلاند ۋە مالايشىيا ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قالغان.شۇ كۈنى خەلقارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزۈتۈش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، مالايشىيا تەرەپنى بۇ 11 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغان. خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا ئەگەر بۇ كىشىلەر خىتايغا قايتۇرۇلغان ئەھۋال ئاستىدا تۈرمىگە تاشلىنىش ۋە تەن جازاسىغا ئۇچراش ئېھتىماللىغىنىڭ بارلىغىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بايانات ئەلان قىلىپ، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنى بۇ 11 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا، ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ئېتنىك كېلىپ چىقىشى سەۋەپلىك تۇتقۇن قىلىنىشى، تەن جازاسىغا ئۇچرىشى، ئىز دەرەكسىز غايىپ بولۇشى ۋە ئولۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئەھتىماللىغى بارلىغىنى تەكىتلىدى. ئامېركا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىغىنىڭ بىر خادىمى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ ئىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز دىدى.

خەۋەر#5
دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىغىدا ياپونيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان بىر ھەيئەت، ياپونىيە پارلامىنتىدا ئەھمىيەتلىك ئۇچۇرشۇشلاردا بولدى.

پارلامىنت ئەزالىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھىم قارارلار ئېلىندى.

9- فېۋرال كۈنى ئۆتكۇزۈلگەن يىغىنغا، ياپونيەدە ھاكىميەت بېشىدىكى، ئەركىن دىموكراتلار پارتىيەسى ئىچكى كابىنت ئىشخانىسى باشلىغى كىجى فۇرايا ۋە شىزۇ ئابىنىڭ مەسلىھەتچىسى قاتارلىقلار بولۇپ 12 نەپەر پارلامىت ئەزاسى قاتناشقان.

يىغىندا،ياپونىيە پارلامىنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرپىسىغا ئەزا 30 پارلامىنت ئەزاسى بىلەن بىرلىكتە،خىتاينىڭ شەرقى تۇركىستاندىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى تاقىشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىش، شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىگى ئەۋەتىش ۋە ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرپىسى ئەزالىرىنىڭ سانىنى كوپەيتىش قاتارلىق قارارلار ئەلىنغان.

خەۋەر#6

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي گۇمانلىق جىنايەتچىلەرنى ئوڭاي قولغا چۇشۈرۈش مەقسىتىدە، ساقچىلارغا يۈز تونۇش تېخنىكىسى بىلەن ياسالغان كامىرالىق قارا كۆز ئەينەك تارقاتقان.

ئىگەللىنىشىچە بۇ خىل قارا كۆز ئەينەك، قارا تىزىملىكتىكى جىنايەتچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىغا بىۋاستە ئۇلۇنۇشلۇق بولۇپ، ساقچىلارنىڭ جىنايەتچىلەرنى تۇتۇش تورىنى تارايتىشتا پايدىلىق ئىكەن.

چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ساقچى كونتروللىغىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاشقانلىغىنى، ھەر يەرگە كامىرا ۋە يۈز تونۇش ئۈسكۈنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىغىنى خەۋەر قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي بۇ خىل يېڭى تەخنىكىلىق كوز ئەينەكلەرنى تۇنجى بولۇپ، شەرقى تۇركىستاندا ئىشلىتىشكە باشلىغان بولۇشى مۈمكىن ئىكەن.

بۇ ھەپتىلىك دۇنيا خەۋەرلىرى ئاڭلىتىشىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى، دىققەت بەرگىنىڭلارغا رەھمەت.
كېينكى ھەپتە كۆرىشەيلى، خەيىر خوش!

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز