ھەپتىلىك دۇنيا خەۋەرلىرى 13-ماي


مەسئۇل مۇھەررىرى: تۇنيۇقۇق

بۇ ھەپتىلىىك خەۋەرلىرىمىزنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
1. تىرامپ رەسمىي ھالدا ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2. سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق ئىران ھەربىي ئەسلىھەلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
3. كىم جۇڭئۇن بىلەن شى جىنپىڭ داليەندە كۆرۈشتى.
4. تىرامپ كىم جۇڭئۇن بىلەن سىنگاپوردا كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلىرىمىزنىڭ تەپسىلى مەزمۇنى:

1. خەۋەر.
8 – مارت، تىرامپ رەسمىي ھالدا ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ كېلىشىمنامە 2015 – يىلى ئوبامانىڭ مەزگىلىدە ئىمزالانغان بولۇپ، ئاساسلىق مەزمۇنى ئىراننىڭ يادرو قۇرال تەرەققى قىلدۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى، خەلقئارا تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى، شۇ ئارقىلىق يادرو قۇرالغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا چەكلىمىلەردىن قۇتۇلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كېلىشىمگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر BDT خەۋپسىزلىك كېڭىشى دائىمىي ئەزا بەش دۆلەتتىن باشقا يەنە گېرمانىيە بىلەن ئىران بار. تىرامپ بۇ كېلىشىمنامىنى:“ ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قۇراللىرى، تىرورچىلارنى قوللىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان، ئىراننىڭ يادرو قۇراللىرىنى تىزگىنلەش مۇددىتىگە چەك قويمىغان“ دەپ ئەيىبلىگەن. بۇنىڭغا قارىتا ڧىرانسىيە، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، روسىيە، خىتتاي قاتارلىق دۆلەتلەر مەركۇز كېلىشىمنى داۋاملىق قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشى بىر تەرەپتىن ئىراننى روسىيە ۋە خىتتاينىڭ قوينىغا ئىتتىرىش بولۇپ، ئىران، روسىيە ۋە تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىنى كۈچەيتىدۇ. ئىراننىڭ نېڧىت بازىرىنى خىتتاي ئىگەللەپ، يىپەك يولى ئىستىرادىگىيەسىگە تېخىمۇ چىڭ يېپىشىدۇ. تىرامپنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىگە تۇتقان كەسكىن پوزىتسىيەسى يەنە بىر تەرەپتىن شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

2. خەۋەر.

10 – مارت، سەھەردە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق ئىران ئارمىيىسىنىڭ قۇرال- ياراغ ئامبىرى، تىرانسىپورت ئەسلىھەلىرى، ئىستىخبارات پونكىتلىرىغا ھۇجۇم قوزغاپ، ئىراننىڭ ئىلگىرى 20 نەچچە دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن گولان ئىگىزلىكىدىكى ئىسرائىلىيە ھەربىي پونكىتلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىدىن ئۆچ ئالغان. گولان ئىگىزلىكى بولسا 1976- يىلىدىكى 6 كۈنلۈك ئۇرۇشتا، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى گولان ئىگىزلىكىنى ئىگەللىۋالغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئىسرائىلىيەنىڭ كونتىروللۇقىدا. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ڧىرانسىيە تاراتقۇلىرى ھەقىقەتەن ئىراننىڭ ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تىرامپ بولسا:“ ئىران ئۆزىنىڭ قوپاللىقىنىڭ بەدىلىنى تۆلىشى كېرەك، ئىسرائىلىيە ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگە“ دېگەن. ئەمەلىيەتتە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراندىن ئەندىشە قىلىشى بۇرۇندىنلا باشلانغان بولۇپ، ئىران سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاش ۋە ئۆكتىچىلەرنى تازىلاش ئۈچۈن يۈزدىن ئارتۇق ھەربىي مەسلىھەتچىلەر، قۇرال- ياراغ، نەچچە مىڭ نەپەر ئىران ئەسكەرلىرىنى سۈرىيەگە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە بۇنى ئۆزىگە قاتتىق تەھدىت ھېسابلايدۇ. ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا قارىتا ئىران تېخى ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. سۈرىيە تەرەپنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە ئۈچ ئادەم ئۆلۈپ، ئىككى ئادەم يارىلانغان.

3. خەۋەر.

8- مارت، شىمالىي كورىيە ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن خىتتاينىڭ پورت شەھىرى دالىيەندە خىتتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر كۈن قونۇپ قايتتى. بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈش 3 – ئايدىن بۇيان ئىككىنچى قېتىملىق كۆرۈشۈش بولۇپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قىسقىغىنە بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئۇدا نەچچە قېتىم كۆرۈشۈشى يېقىنقى زامان تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان. يەنە كېلىپ ھەر ئىككى قېتىم كىم جۇڭئۇن خىتتاينى زىيارەت قىلغان بولۇپ، 7 يىلدىن بۇيان چەت ئەلگە چىقىپ باقمىغان ئالىي رەھبەرگە نىسبەتەن ئالاھىدە ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى ۋەزىيىتىدە جىددى ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتقان مەزگىلدە، خىتتاي بۇ مەسىلىدە يەنىلا ھالقىلىق رول ئويناش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. بۇ ئۇچرىشىشتا شىمالىي كورىيە خىتتايدىن كۆپلەپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مەبلەغ سېلىشنى تەلەپ قىلغان، خىتتاي قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا باشچىلىقىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىمالى كورىيەگە كۈچەپ ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۈرگۈزۈشىگە ئەگىشىپ، شىمالىي كورىيەنىڭ ئىقتىسادىي تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كەتمەكتە. يېقىندىن بۇيان جەنۇبى كورىيە پۇقرالىرى دەرياغا ئاشلىق، پۇل- پۈچەك قاچىلانغان بوتۇلكىلارنى تاشلاپ ئېقىتىش ئارقىلىق شىمالىي كورىيە خەلقىگە قېرىنداشلىق يەتكۈزمەكتە. جەنۇبى كورىيە ھۆكۈمىتىمۇ شىمالىي كورىيەگە خەلقئارا چەكلىمە ئىچىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ياپونىيە بولسا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىمالىي كورىيەگە تېخىمۇ قاتتىق ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۈرگۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلغان، جەنۇبى كورىيە پىرىزدىنتى مۇن جەيىن ياپونىيەنى شىمالىي كورىيە بىلەن نورمال مۇناسىۋەتنى ساقلاشقا چاقىرغان.

4. خەۋەر.

10 – مارت، پەيشەنبە ئامېرىكا پىرىزدىنتى تىرامپ تىۋىتىردا شىمالىي كورىيە ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن بىلەن 6 – ئاينىڭ 12- كۈنى سىنگاپوردا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 3 – ئايدىن باشلانغان بۇ تارىخى سۆھبەت پىلانى پۈتۈن دۇنيانىڭ قىزىقىشىنى زور دەرىجىدە قوزغاۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش شىمالىي كورىيە ۋە شىمالىي ئاسىيا ۋەزىيىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن، يەنە خىتتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ كورىيە يېرىم ئارىلىدا قانداق رول ئالىدىغانلىقىدىمۇ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشى مۇمكىن. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، شىمالىي كورىيە ئۈچ نەپەر تېگى كورىيەلىك ئامېرىكا گىراژدانىنى قويۇپ بەردى، تىرامپ ئايرۇپورتقا چىقىپ ئۇلارنى كۈتىۋالدى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز