ھەپتىلىك دۇنيا خەۋەرلىرى 15-ئاپرېل


بۇ ھەپتىلىك دۇنيا خەۋەرلىرىمىزنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى :

بۈگۈنكى دۇنيا خەۋەرلىىرىمىزنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

1. سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشىگە قارىتا، ئامېرىكا جازا يۈرۈشى قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
2. فېيىسبۇك شىركىتى قۇرغۇچىسى ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشتى.
3. خىتتاي جەنۇبى دېڭىزدا زور كۆلەملىك ھەربىي پارات ئۆتكۈزدى.
4. شۋىتسىيە ھۆكۈمىتى بىر نەپەر تىبەت جاسۇس گۇماندارىنى ئەرز قىلدى.

1. خەۋەر

7- ئاپرىل، سۈرىيەنىڭ دۇما كەنتىدە سۈرىيە ئارمىيىسى ئۆكتىچىلەرنى تازىلاش ھاۋا ھۇجۇمىدا خىمىيىۋى قورال ئىشلىتىپ، 40تىن ئارتۇق ئاۋام پۇقرانىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان. مەزكۇر جىنايەت 1993- يىلى تۈزۈلگەن :“ خىمىيىۋى قوراللار كېلىشمنامىسى“گە خىلاپ بولۇپ، 8- ئاپرىل، ئامېرىكا پىرىزدىنتى تىرامپ بۇ ۋەقەگە سۈرىيە پىرىزدىنتى بەششار ئەسەدكە ياردەم بېرىۋاتقان روسىيە ۋە ئىراننىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى، سۈرىيە ئارمىيىسىگە قارشى ئامېرىكىنىڭ تېز پۇرسەتتە تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تىرامپنىڭ باياناتىغا قارىتا ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى تىرىسا مىي خانىم ۋە ڧىرانسىيە پىرىزدىنتى ماكرون قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە بولسا قوراللىق توقۇنۇشتىن باشقا ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۆتكەن يىلى سۈرىيە ئارمىيىسى خانشەيخۇندىكى ئۆكتىچىلەرنى تازىلاش ھەرىكىتىدە خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىپ، 80 نەچچە نەپەر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندا، ئامېرىكا سۈرىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان ئىدى. ئوخشاش ئاقىۋەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، 11- ئاپرىل سۈرىيە ھاۋا ئارمىيىسى قوشۇنلىرى روسىيە ھاۋا ئارمىيىسى قوغدىشىدىكى لاتاكىيە، تەرتۇس، ھەمىيىم قاتارلىق رايونلاردىكى بازىلارغا يوشۇرۇنغان. روسىيە ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر سۈرىيە ئارمىيىسىگە قوراللىق تېگىش قىلسا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.13- ئاپرىل، روسىيە ئىككى تەرەپ سۈركۈلىشىنىڭ كۈچىيىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىرغان.

2. خەۋەر:

10- ئاپرىل، ئىجتىمائىى ئالاقە تورى ڧەيىسبۇك قۇرغۇچىسى مارك زۇكېربېرگ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ڧەيىسبۇك شىركىتى ئابونتلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش قىلمىشىدىن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا ھازىر بولدى. ئىككى كۈن، 10 سائەت داۋام قىلغان يىغىندا، 3 – ئايدىن بېرى ئەنگىلىيە كامبىرىج تەھلىل شىركىتى نەچچە يىلدىن بۇيانقى 50 مىليون ڧەيىسبۇك ئابونتلار ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ دائىرىدە مەلۇمات تەھلىل قىلغان. تەھلىل قىلىنغان نەتىجىگە ئاساسەن، مەزكۇر شىركەت چىخ، ئىتالىيە، ئۇكرائىنا، كىنىيە، مىكسىيا، بىرازىلىيە، ھىندىستان، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەت سىياسىيونلىرىنىڭ سايلام ئىشلىرىدا ئۇتۇق قازىنىشىغا پايدىلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلىگەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى مارك زۇكېربېرگنى قاتتىق سوراق قىلغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ڧەيىسبۇك شىركىتىنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى كۈچلۈك نازارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قېتىمقى سەتچىلىك ڧەيىسبۇك شىركىتىنى 8 مىلىيارد دوللار زىيان تارتقۇزغان.

3. خەۋەر:

12-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، خىتتاي رەئىسى شى جىنپىڭ جەنۇبى دېڭىز تەۋەسىدە خىتتاي كومپارتىيە تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئۈستى ھەربىي پاراتنى كۆزدىن كۆچۈردى. دېڭىز ئۈستى ھەربىي پاراتىدا خىتتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 48 ئۇرۇش پاراخوتى، 76 ئۇرۇش ئايروپىلانى، 10 مىڭدىن كۆپرەك ئوفىتسېر- ئەسكىرى پاراتتىن ئۆتتى. ئەسلىدە بۇ پاراتنى (ئەسلىدىكى ھەربىي مانۋېرىنى ) 5 – ئاپرىلدىن 8 – ئاپرىلغىچە بولغان ئارىلىقتا پىلانلىغان ۋاقىت بويىچە ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان ئىدى. ئەمما پىلاندىن كېچىكتۈرۈلۈپ، ھەجىمىمۇ ئەسلىدىكى ھەربىي مانىۋىردىن پاراتقا كىچىكلىتىلىپ ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭ ئالدىدا 23 – مارت، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرى جەنۇبى دېڭىزدا “ ئەركىن دېڭىز يولى“ ھەركىتى قوزغاپ، خىتتاي ئەمەلىي كونتىروللۇقىدىكى دېڭىز رايونلىرىغا 12 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرگەن ئىدى. شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق جەنۇبى دېڭىز ھەربى پاراتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكا روزۋىلىيت نومۇرلۇق يادرو ئاۋىياماتكىسىمۇ جەنۇبى دېڭىزدا پارات ئۆتكۈزگەن. خىتتاي ئارمىيىسى يەنە تەيۋەننىڭ شىمالىي دېڭىز رايونلىرىدا راست ئوق سەپلەنگەن ھەربىي پارات ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا – خىتتاي سودا مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن مەزگىلدە، خىتتاينىڭ كۆلىمى قاراتمىلىقى كۈچلۈك ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتقان. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتتايغا يۆلىنىۋاتقان ۋىنگىرىيە، كىرودىيە، گىرىتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبى دېڭىزدا خىتتايغا چەكلىمە قويۇشىنى رەت قىلغان.

4. خەۋەر:

13- ئاپرىل، شۋىتسىيە پايتەختى ستوكھولـم ھۆكۈمىتى، دوريى گىيانتسان ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ كۆرۈنۈشتە تىبەت مۇستەقىللىقىگە كۆيۈنۈپ، ئاستىرىتتىن تىبەت مۇساپىرلىرىنى كۈزىتىۋاتقانلىقىدىن گۇمانلىنىپ، ئەرز قىلغان. ئەرزنامىدە دوريى، 49 ياش، ئەسلى تىبەتتىن، سىتوكھولـىمدا تۇرىدۇ. ئۇ ئىلگىرى تىبەت مۇستەقىللىق يىغىنلىرىغا قاتناشقان، تىبەت ئاۋازى تېلىۋىزىيىسىدە دالاي لامانىڭ نورۋىگىيە سەپىرىدىن خەۋەرلەرنى بەرگەن. ئەمما دوريى يەنە بىر تەرەپتىن تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، ئائىلە مۇناسىۋىتى، سەپەر ۋە يىغىن تەپسىلاتلىرىنى توپلاپ، پولشا ۋە ڧىنلاندىيەدە خىتتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە تاپشۇرۇپ بەرگەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز