ھەپتىلىك دۇنيا خەۋەرلىرى 20-ماي


مەسئۇل مۇھەررىرى: تۇنيۇقۇق

بۇ ھەپتىلىك خەۋەرلىرىمىزنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
1. قۇددۇستا ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئېچىلدى.
2. شىمالىي كورىيە ”كىميۇڭئۇن – تىرامپ ئۇچرىشىشىنى بىكار قىلىشىمىز مۇمكىن“ دېدى.
3. يىپەك يولى ئىستىراتىگىيىسى مالايسىيادا توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى.
4. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا گۇۋاھلىق دوكىلادى بەردى.

خەۋەرلىرىمىزنىڭ تەپسىلى مەزمۇنى:

1.خەۋەر:
14 – ماي، ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، ئامېرىكا كونسۇلخانىسى قۇددۇس شەھىرىدە ئېچىلدى. ئۆتكەن يىلى 6 – دېكابىر ئامېرىكا كونسۇلخانىسى تىلئاۋىۋدىن تالاشتىكى شەھەر قۇددۇس- ئىرۇسالىمغا يۆتكەلمەكچى بولغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 124 ئاۋاز بىلەن قەتئى قارشى تۇرغان، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قۇددۇسنى پەلەستىننىڭ پايتەختى دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما ئامېرىكا دۇنياۋى قارشىلىققا پىسەنت قىلماستىن، 5- ئاينىڭ 14- كۈنى. تىرامپنىڭ قىزى ئىۋانكانىڭ قاتنىشىشى بىلەن يەنىلا قۇددۇستا ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنى ئاچتى ۋە قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئاتىدى. بۇنىڭغا قارشى غەزەپلەنگەن پەلەستىنلىكلەر غەززە – ئىسرائىلىيە چېگراسىدا ۋەتىنىگە قايتىش چوڭ نامايىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ھازىرغىچە 60 نەچچە ئادەم قۇربان بولدى، مىڭلىغان ئادەم يارىدار بولدى.

2. خەۋەر:
16 – ماي، شىمالىي كورىيە تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى كىم كىيگۇەن: ”ئەگەر ئامېرىكا شىمالىي كورىيەنى يادرو قورالدىن چوقۇم ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىسا، شىمالىي كورىيە 6- ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنى بىكار قىلىشى مۇمكىن“ دېدى. خىتتاي تەرەپ شىمالىي كورىيەنىڭ مەيدانىنى قوللىدى. ئاقساراي باياناتچىسى سارا سەندىرىس:“ بىز بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ناھايىتى مۇشەققەتلىك ئىكەنلىگىنى بىلىمىز، بىز تەييارلىقنى پۇختا قىلدۇق. ئەگەر سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مۇمكىن بولمىسا، بىز قاتتىق بېسىم قىلىش ھەرىكىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز“ دېدى. شىمالىي كورىيە بۇنداق تەھدىت ئارقىلىق سۆھبەتتە ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتمەكچى بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىدا ئۇلار 23- مايدا پۇڭيىرى يادرو تەجرىبىخانىسىنى بىكار قىلىشنى پىلانلىغان ئىدى. يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىلىرىدىن جون بىلتون :“ شىمالىي كورىيە لىۋىيەنى دوراپ ئاۋال يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئاندىن ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشىش لاھىيەسىنى ئويلىشىپ كۆرسە بولىدۇ“ دېگەن. بۇ خىل سېلىشتۇرما شىمالىي كورىيە رەھبەرلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، شىمالىي كورىيە ئەمەلدارى كىم كىيگۇەن:“ لىۋىيە ۋە ئىراق چوڭ دۆلەتلەرگە تىز پۈكۈپ، نەتىجىدە دۆلىتى ۋەيران بولدى. ئامېرىكا دەل ئاشۇنداق ئاقىۋەتنى بىزگە زورلىماقچى“ دېدى. ئامېرىكا تەرەپ بولسا شىمالىي كورىيەنىڭ قاتتىق- قۇرۇق گەپلىرىگە ئانچە پەرۋا قىلماي، يەنىلا جەنۇبى كورىيە ئارقىلىق تىرامپ- كىميۇڭئۇننىڭ سۆھبەت پىلانى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە.

3. خەۋەر:
15- ماي، ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم كىشىلىك ھوقۇق كۈزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مۇدىرى سوڧىيە خانىم، خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى رەئىسى ئۇلرىخ ئەپەندى بىلەن بىرگە قاتنىشىپ گۇۋاھلىق دوكىلادى بەرگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇنىڭ 27 – ئاپرىل 5000 كىشىلىك نامايىشىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىگىنى بىلدۈرگەن. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۆتكۈزگەن 15- مارت نامايىشى، 27- ئاپرىل نامايىشلىرىنىڭ تەسىرى ۋە چەت ئەلدىكى ھەر ساھە تەشكىلات، دەۋاگەرلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەت تىرىشچانلىقى مىۋە بېرىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە خەلقئارالىق داڭلىق مېدىيا ۋاستىلىرىدىن ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى، نيويورك ۋاقىت گېزىتى،CNN، نەشىنال رىۋىيۇ ۋە باشقا گېزىت- ژورناللاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان خەلقنىڭ قايتا تەربىيەلەش لاگىرلىرىدىكى ئېچىنىشلىق تەقدىرى بايان قىلىنغان. داڭلىق مېدىيا ۋاستىلىرى ۋەخەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئاكتىپ كۆڭۈل بۆلۈشى مىللىي دەۋانىڭ تەرەققىياتىنى نامايەن قىلغان.

4. خەۋەر:
16- ماي، مالايسىيانىڭ يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان باش مىنىستىرى ماھادىر خىتتاينىڭ مالايسىيادا مەبلەغ سالغان بارلىق ئاساسى قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە قايتا قاراپ چىقىدىغانلىقى ۋە بارلىق تەڭسىز كېلىشىملەرگە قايتىدىن قارار بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 10- ماي ئۆكتىچى پارتىيە ئۈمىد پارتىيىسىنىڭ غەلىبە قىلىشى بىلەن باش مىنىستىرلىككە سايلانغان ماھادىر مۇھەممەد ئەپەندى بۇ يىل 92 ياشقا كىرگەن. ئۇ 1981 – يىلدىن 2003 – يىلغىچە ئۇدا 22 يىل قايتا – قايتا باش مىنىستىرلىققا سايلىنىپ، مالايسىيا تارىخىدىكى «ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈم سۈرگەن سىياسىيون» بولۇپ قالغان. ماھادىر ئەپەندى سابىق باش مىنىستىر نەجىپنىڭ چىرىكلەشكەنلىگى، خىتتاي بىلەن سودا- ئالاقىدە ۋەتەن ساتقۇچ كېلىشىمنامىلەرنى ئىمزالىغانلىقى، دۆلەتنى مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغانلىقى بىلەن ئەيىبلەپ، نەجىپنىڭ چېگرادىن ئايرىلىشىنى توسقان. خىتتاينىڭ مالايسىياغا 3 مىليارد 400 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىش پىلانى بار بولۇپ، يالغۇز شەرقى دېڭىز ساھىلى تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغىلا بىر مىليارد 400 مىليون دوللار سېلىنغان. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ %85 مەبلىغى خىتتاي دۆلەت ئىگىلىكى كارخانىلىرىغا تەۋە. خىتتاي گەرچە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا ئاساسىي قۇرۇلۇش يىپەك يولى ئىستىراتىگىيىسىدە مەبلەغ سېلىشقا زور دەرىجىدە كۈچىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھىندىنوزىيە، لائوس، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردە تۆمۈريول قۇرۇلۇشى، مەبلەغ سېلىنمىسى، تۇپراق مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ، قۇرۇلۇش كېچىكتۈرۈلگەن. بولۇپمۇ سىرىلانكىنىڭ خىتتايغا قەرز قايتۇرالماي، پورتنىڭ 99 يىللىق باشقۇرۇش ھوقۇقىنى خىتتايغا قەرز ھېسابىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قىلمىشى قوشنا دۆلەتلەردە ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقۇتۇپ قويۇش ئەندىشىسى پەيدا قىلغان.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز