ھەپتىلىك دۇنيا خەۋەرلىرى 22-ئاپرېل


مەسئۇل مۇھەررىرى: چوغلۇق

بۇ ھەپتىلىك خەۋەرلىرىمىزنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

1. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا، ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ھوقۇق تۇتۇشقا قارشى ئىكەنلىگىنى بىلدۈرگەن.

2. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئاتالـمىش زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كەينىدە، خىتتاينىڭ سۈيىقەستى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلـماقتا.

3. تىرامپ ھۆكۈمىتى خىتتاينىڭ ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىشىنى مەڭگۈلۈك چەكلەيدۇ ۋە يېڭى باج تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

4. ئامېرىكا نۆۋەتتە، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا جىددى دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ناۋادا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلغان ئەھۋاللارنى بايقاپلا قالسا« ماگېنستكى قانۇنى» بويىچە خىتتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەپسىلاتى:

1. جۇڭگوغا نەزەر تور بېكىتى خەۋىرى: خىتتاينىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا چەت ئەل دۆلەت ئەرباپلىرى ۋە خىتتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى قاتناشقان يىغىندا، ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ھوقۇق تۇتۇشقا قارشى ئىكەنلىگىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە، ” چەت ئەل كۈزەتچىلىرى بېيجىڭنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىكى مەقسەتنى خاتا چۈشىنىپ قاپتۇ“ دېگەن. ئەنگىلىيە ئىقتىساد گېزىتى بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ: ” خىتتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مەڭگۈلۈك رەئىس بولۇشقا قارشى ئىكەنلىگىنى ۋە خىتتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشىنى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ خاتا چۈشىنىپ قالغانلىقى“نى بايان قىلغان. شى جىنپىڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، جوڭگوغا نەزەر تور بېكىتىنىڭ 14 – مارتتىكى< شى جىنپىڭنىڭ 5يىل ئىچىدە ئۇرۇش پارتلايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەنلىكىگە دائىر مەخپى ھۆججەت > ناملىق بىر پارچە ماقالىسىدا، ” خىتتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يەنە قانچە ئۇزۇن ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇرالايدۇ ؟ بۇ بەلكىم شى جىنپىڭ ھەقىقى ئەندىشە قىلىدىغان مەسىلە بولۇشى مۇمكىن“ دېيىلگەن. ماقالىدا يەنە، ” شى جىنپىڭنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى بەلكى بۇ ئىشلار ئەمەس بولۇپ، كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە خىتتاينىڭ چېگرا رايونلىرىدا بەلكىم ھەربىي توقۇنۇشلار بولۇشى مۇمكىن.
ۋاڭ لۇ تۈزگەن خىتتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلـمىسىنىڭ مەركىزى تېخى ئۇنچە مۇستەھكەم ئەمەس بولۇپ، پەقەت ھەربىي قىسىم، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە زىيالىلار قاتلىمىدىن ئىبارەت بۇ تۆت سېستىمىدا مەسىلە كۆرۈلـمىسە خىتتاي ئاندىن تېنچ تەرەققى قىلالايدۇ.“ دېيىلگەن. ماقالىدا يەنە بۇ تۆت سېستىمىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن مۇنۇلار مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن:
” ھەربىي قوشۇن ئىچىدە ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاشكارىلىغان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە گو بوشيۇڭنىڭ يالغۇز ئوغلى گو جېڭگاڭ : < ھەربىي قىسىملارنىڭ ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر ئۆستۈرگەن >دېگەن؛ پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگان كادىرلىرى ئىچىدىكى ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، پارىخورلۇققا چېتىشلىقى بولغان، پارتىيە ئىنتىزام – تەرتىپلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى تەكشۈرۈلگەن كادىرلارنىڭ سانى 2 مىليون بولغان؛ زىيالىيلار قاتلىمىدا 2015 – يىلى 9 – ئىيولدىن تارتىپلا يۈزلىگەن ئادۋوكاتلار تۇيۇقسىز كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنغان، چاقىرتىلغان ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئېلىنغانغا ئوخشاش ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. ھەتتا بەزى كىشىلەر ئىز دېرەكسىز غايىپ بولغان. ماقالىدا يەنە خوڭكوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىپ، خىتتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر مەخپى دوكلاتتا، بېيجىڭ يەرلىك دائىرىلىرىنىڭ خىتتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ۋەيران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ۋە بۇ دوكلاتنى 7- ئومۇمىي يىغىن ۋە 19 – قۇرۇلتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆگىنىش ماتىرىياللىرى قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكىنى بايان قىلغان.https://www.secretchina.com/news/gb/2018/04/18/856092.html

شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كەينىدە خىتتاينىڭ سۈيقەستى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
دا جىيۈەن تور بېكىتى 16 – ئاپرىل خەۋىرى :
خىتتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن سىياسىي كېڭەش سېكرىتارى ۋاڭ ياڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بارغان ۋە سابىق ئەمەلدار جاڭ چۈنشيەننىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىشىنى مەغلۇبىيەت دەپ قارىغان.
خىتتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋاڭ ياڭ بۇ يىل 10 – ئاپرىلدىن 14- ئاپرىلغىچە شەرقىي تۈركىستاندا تەكشۈرۈشتە بولغان بولۇپ، ئالدى – كەينى بولۇپ ئۈرۈمچى، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا بارغان ۋە كۆپ قېتىملىق يىغىنلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېگەن: ” شەرقىي تۈركىستان مۇقىملىقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بار. شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بېيجىڭنىڭ سىياسەت بەلگىلىمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئارقىلىق باسقۇچلۇق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. شۇ سەۋەب جامائەت تەرتىپىدە كۆرۈنەرلىك <ياخشىلىنىش>لار كۆرۈلدى.
ۋاڭ ياڭنىڭ شەرقىي تۈركىستان سەپىرىدە، ئاتالمىش ش ئۇ ئا ر نىڭ پارتىكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگو ھەمراھ بولغان بولۇپ، سىياسى ئانالىزچى شى شىنىڭ قارىشىچە، ۋاڭ ياڭنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولدى دېگىنىدە ئېنىقلا سابىق سېكرىتار جاڭ چۈنشيەننىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان دېمەكچى ئىكەن.
جاڭ چۈنشيەن بولسا جياڭ زېمىن جەمەتىدىكى سابىق كوممۇنىست پارتىيە دائىمىي ھەيئىتى جۇ يۇڭكاڭنىڭ يېقىنى بولۇپ، شياڭگاڭ ئاخبارات ۋاسىتلىرىنىڭ خەۋىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خۇنەندە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان جاڭ چۈنشيەننىڭ شەرقىي تۈركىستانغا 2010- يىلى يۆتكەپ كېلىنىشى ئەسلىدە مەركىزىي كوممۇتېت سىياسىي بىيوروسىنىڭ سېكرىتارى، شەرقىي تۈركىستان خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جۇ يۇڭكاڭنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن بولغان ئىكەن.
جاڭ چۈنشيەن شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە كۆپ قېتىم <زوراۋانلىق ۋەقەلىرى> يۈز بەرگەن بولۇپ، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلغان كۈنىنىڭ ئۆزىدە ئۈرۈمچى تۆمۈر يول بېكىتىدە پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 3ئادەم ئۆلۈپ 79 ئادەم يارىلانغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا توختىماستىن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدە كۆپ خىل سەۋەبلەر مەۋجۇت بولۇپ، خىتتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشى سەۋەبلىك مىللىي زىددىيەتنىڭ دائىرىسى ئىزچىل كېڭىيىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ كەينىدە يەنىلا خىتتاي كوممۇنىستلىرىدىن جياڭ زېمىن تەرەپدارلىرىنىڭ ئوينىغان ئويۇنلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگى ئوتتۇرىغا قويۇلغان .

ترامپ ھۆكۈمىتى خىتتاينىڭ ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىشىنى مەڭگۈلۈك چەكلەيدۇ ۋە يېڭى باج تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
ئاق ساراينىڭ ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا – خىتتاي سودا ئالاقىسىدىكى قاتتىق سىياسىتىنى ئۈنۈم بېرىۋاتىدۇ دەپ قارىغان بولۇپ، خىتتتايغا داۋاملىق تۈردە بېسىم ئىشلىتىشكە ھازىرلىنىۋېتىپتۇ.
ۋاشىنگىتون كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، يۇقارقى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان ئاق ساراي خىزمەتچىسى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتتاينىڭ ھەتتا سانائەت سىياسىتىنى ئۆزگەرتسىمۇ، ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىشىنى مەڭگۈلۈك چەكلەيدىغانلىقىنى ۋە يېڭى باج تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستېرلىكى نۆۋەتتە خىتتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىرىغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەش ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىرلىشىپ سېتىۋېلىش، ھەمكارلىشىپ مەبلەغ سېلىش، ھەرقانداق كېلىشىمگە ھاۋالە قىلىش قاتارلىقلار بار ئىكەن. مالىيە مىنىستىرلىكى بۇ يىل 6 – ئايدا پىلاننى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.
ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزدېنتى ترامپ ئۆزىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ياردەمچىسىنى <تېنچ ئوكياندىن ھالقىغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى شەرتنامىسى>(TPP)غا قايتا ئەزا بولۇش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا بۇيرىغان بولۇپ، بۇ ئىش روياپقا چىقسا ترامپ سايلامغا قاتناشقان چاغدىكى ۋەدىلىرىنى ئۆزگەرتىپ خىتتايغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا زەربە بېرەلىشى مۇمكىن ئىكەن. خىتتاي TPPغا ئەزا ئەمەس بولۇپ، نۆۋەتتە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئىزدەپ ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋېتىپتۇ. بولۇپمۇ ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ئەگەر ئامېرىكا بىلەن خىتتاي ئوتتۇرىسىدا سودا سۈركىلىشى يۈز بەرسە ياكى قارشىلىقلار يۈز بەرسە ياۋروپادىكى شىركەتلەر كۆپ پايدىغا ئېرىشىدىكەن.

ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى ۋە نېۋيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 18 – ئاپرىل خەۋەر قىلىشىچە: ئامېرىكا پارلامېنت ۋەكىلى ياردەمچىسى دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى لاۋرا ستون ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىغا جىددى دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ناۋادا ئامېرىكا تەرەپ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلغان ئەھۋاللارنى بايقاپلا قالسا <ماگېنىستكى قانۇنى>بويىچە خىتتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەنلىكىنى شۇنداقلا، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نازارەت ۋە تۇتقۇن قىلىش كۆلىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغانلىقىنى، ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن <سىياسىي تەربىيەلەش لاگىرى>لىرىغا قامالغانلىقى ۋە ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭمۇ قامالغانلار ئىچىدە ئىكەنلىگىنە بايان قىلىنغان ئىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى <دۇنيا ماگېنىستكى كىشىلىك ھوقۇقنى سۈرۈشتە قىلىش قانۇنى> ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە چېرىكلىككە، پارىخورلۇققا چېتىشلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغان چەت ئەللىكلەرگە قارىتا جازالاش ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، مەسىلەن، چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەش، ئامېرىكا چېگرىسى ئىچىدىكى مال – مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىۋېتىش قاتارلىق جازالارنى يۈرگۈزىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز