ھەپتىلىك دۇنيا خەۋەرلىرى 25-فېۋرال


بۇ ھەپتىلىك خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە.

1- خەلقئارادا خىتاينىڭ ”بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستىرادىگىيەسى“ گە قارىتا قارشىلىق تېخىمۇ كۈچەيمەكتە.
2- خىتاي ھىندى ئوكيانغا 11 دانە جەڭ پاراخوتلىرىنى ئىلىپ كىردى.
3- ڧىرانسىيە دىھقانلىرى خىتايلارنىڭ ڧىرانسىيەدە يەر سېتىۋىلىشىغا قارشى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى.
4- خەلقئارالىق ساقچىلار ئورگىنى ئىنتىرپول دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە چىقارغان قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلدى.
5- ئامرىكا كونسۇلخانىسى 5- ئايدا ئىرۇسالىمدا ئىچىلماقچى.

17- ڧىۋرال، 54- نۆۋەتلىك مۇنىخىي بىخەتەرلىك يېغىنىدا گىرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گابرىل خىتاي ۋە بىلەن روسىيەنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى پارچىلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقى، خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستىرادىگىيەسىنىڭ قىممەت قاراش، تۈزۈم، سېستىما جەھەتتىن ئەركىن ۋە دىموكراتىك ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ياۋروپا ئىتتىپاقى چېقىم چىقىرىپ ياۋروپا ئۆلچىمى بىلەن شەرقى ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئاڧرىقىدا ئاساسىي قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. ڧىرانسىيە زۇڭلىسى بۇ تەكلىپنى قوللىدى. 19 – يانۋار، ئامرىكا، ئاۋىستىرالىيە، ياپونىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىرلىكتە بىرلەشمە رايون ئاساسىي قۇرۇلۇش پىلانى تۈزۈپ، خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستىرادىگىيەسى بىلەن رىقابەتلىشىش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى.

20- ڧىۋرال، خىتاينىڭ 11 دانە ھەربىي پاراخوتى ھىندى ئوكيانغا كىردى. بۇ ئىش ھىندى ئوكياندىكى ئارال دۆلەت مالدىۋ نىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىمسىز بولىۋاتقان ئەھۋالدا يۈز بەرگەن بولۇپ، مالدىۋ ھىندىستان بىلەن خىتاي تەسىر كۈچى تالىشىۋاتقان مۇھىم ئورۇنلاردىن ھىسابلىنىدۇ. ئىستىرادىگىيە جەھەتتىن ھىندى ئوكيان دىڭىز يولىدىكى ئۆتكۈنچى تۈگۈن ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، 2016- يىلى ھىندى ئوكيان ئارقىلىق توشۇلغان نىڧىتنىڭ كۈندۈلۈك مىقدارى 40 مىليون باك بولۇپ، پۈتۈن يەرشارى كۈندىلىك نىڧىت ئىھتىياج مىقدارىنىڭ يىرىمىنى دىگۈدەك ئىگەللەيدىكەن. ئۇندىن باشقا ئاسىيا، ئاڧرىقا، ئاۋىستىرالىيە، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاتلانتىك ئوكيا، ياۋروپا قاتالىقلانىڭ سودا يولى چوقۇم ھىندى ئوكياندىن ئۆتىدىكەن. شۇڭا نۆۋەتتە خىتاي بىلەن ھىندىستان جەنۇبى دىڭىزدا جىددىي ھالدا تەسىر كۈچى دائىرىسى تالىشىدىكەن.

22- ڧىۋرال ڧىرانسىيە پىرىزدىنتى ماكرون 700 دىن ئارتۇق دىھقان ئاممىسىنى كۈتىۋالغان بولۇپ، بۇ دىھقانلار ھۆكۈمەتتىن خىتايلارنىڭ ڧىرانسىيەدىكى ئىتىزلىقلارنى سېتىۋىلىشىنى توسۇشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن. ئىگىلىنىشىچە، 2016- يىلىدىن بۇيان خىتايلار ڧىرانسىيەنىڭ 2600 كىۋادىرات كىلومىتىر چوڭلۇقتىكى دىھقانچىلىق مەيدانلىرىنى بازار باھاسىدىن نەچچە ھەسسە قىممەت باھادا سىتىۋالغان. يىقىنقى ئون يىل ئىچىدە ڧىرانسىيەنىڭ 20% دىھقانچىلىق مەيدانلىرى ھەرخىل شىركەت ناملىرىدا سېتىۋىلىنغان. 23- ڧىۋرال، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى خۇپسەنلىك قىلىپ بۇنداق ئىشتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

21- ڧىۋرال، خەلقئارالىق ساقچىلار ئورگىنى دولقۇن ئەيساغا چېقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيساغا خەلقئارا ساقچى ئورگىنى 1997- يىلى خەلقئارالىق قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ 21 يىل ئۆتكەندىن كىيىن، 2018- يىلى 2- ئاينىڭ 21- كۈنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە چىقىرىلغان بۇ قىزىل باشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى سەۋەبىدىن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى جەنۇبى كورىيە، ھىندىستان، ئامرىكا، تۈركىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بىرىپ كىلىشتە زور قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان بولۇپ، بۇ بۇيرۇقنىڭ بىكار قىلىنىشى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۈچۈن شۇنداقلا پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق غەلبە ھىسابلىنىدۇ.

23- ڧىۋرال، ئامرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەجلىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە: ئىرۇسالىمغا يۆتكىلىدىغان ئامرىكا كونسۇلخانىسى بۇ يىل 5- ئايدا رەسمىي ئېچىۋىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىت ئىسرائىلىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا توغرا كىلىدىكەن. ئامرىكا پىرىزدىنتى 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىرۇسالىمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئىتراپ قىلىپ، ئامرىكا كونسۇلخانىسىنى ئىرۇسالىمغا يۆتكىمەكچى بولغان ئىدى. ئامرىكىنىڭ بۇ قارارى خەلقئارادا كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچراپ، 124 دۆلەت رەت قىلغان. ئامرىكا خەلقئارانىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن، ئەسلى پىلاندىن بىر يىل بۇرۇن كونسۇلخانىسىنى 5- ئايدا ئىرۇسالىمغا يۆتكەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز