ھەپتىلىك دۇنيا خەۋەرلىرى 25-مارت


مەسئۇل مۇھەرىر: چوغلۇق

مىكروفۇندا: قاراخان ۋە تۇمارىس
بۇ ھەپتىلىك خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. خىتتاي ھۆكۈمىتى 21- مارت كۈنى <پارتىيە سىياسىي ئورگانلىرى ئىسلاھات لايىھەسى>نى ئېلان قىلدى.
2. پرېزدېنت ترامپ خىتتايدىن چېگرا بېجى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەردىن باج كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى قارار قىلدى.
3. خىتتاي ھۆكۈمىتى <جەمئىيەت ئىشەنچ سىستېمىسى> قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئېغىر دەرىجىدە ئىشەنچسىز دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ پويىز ۋە ئايروپىلانغا چىقىشىنى چەكلىدى.
4. «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»: “ خىتتاي تەيۋەنگە ھەربىي ھەرىكەت يۈرگۈزۈشكە تەييار بولۇشى كېرەك“.
5. ئامېرىكا پرېزدېنتى دونالد ترامپ، خىتتاي ماللىرىغا ئېلىنىدىغان چېگرا بېجىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى ئىشخانىسى پەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، بۇ سىياسەتكە قارىتا تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچە بەردى.
6.<چەت ئەلدە ئولتۇراقلاشقان خىتتاي پۇقرالىرى ۋە يېشىل كارتا ئىگىلىرىنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا خىتتاي گىراژدانلىقى بىكار قىلىنىدۇ>.

خەۋەرلىرىمىزنىڭ تەپسىلى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
1 – خىتتاي ھۆكۈمىتى 21 – مارت كۈنى <پارتىيە سىياسىي ئورگانلىرى ئىسلاھات لايىھەسى>نى ئېلان قىلدى.
خىتتاي ھۆكۈمىتى 21 – مارت كۈنى <پارتىيە سىياسىي ئورگانلىرى ئىسلاھات لايىھەسى>نى ئېلان قىلدى ۋە 20گە يېقىن تۈرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى 3مۇھىم تۈر بولسا، مەركەز ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش ئىشخانىسى، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى شۇنداقلا 610ئىشخانىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ ئۈچ تۈر مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدىكى مۇھىم تۈرلەر بولۇپ، خەلقنى باستۇرىدىغان بۇ ھوقۇقلارنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ، مەركەز سىياسىي قانۇن كومىتېتى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۈستىگە ئالىدىكەن.
بۇ لايىھە 21 – مارت سىرتقا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، لايىھىدە، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش كومىتېتى، مۇقىملىقنى قوغداشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە باشقا ئىشخانىلارنىڭ قايتا قۇرۇلمايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى مەركەز سىياسىي قانۇن كومىتېتى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتتاي مەركىزىي كومىتېتى <ئالدىنى ئېلىش ۋە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى>يەنى ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى (قىسقارتىلىپ 610 ئىشخانىسى دەپ ئاتىلىدۇ) ۋە خەلققە باستۇرۇش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھوقۇقلىرىنى مەركەز سىياسىي قانۇن كومىتېتى ۋە ج خ ئىدارىسىغا بۆلۈپ بەرگەن.
كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، گەرچە بۇ ئىككى ئورگان ئاتاقتا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە قايتا قۇرۇلمايدىغان بولسىمۇ، لېكىن مەركەز ئالدىنى ئېلىش ۋە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بىلەن 610 ئىشخانىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان. دېمەك، ئۇيغۇر ، تىبەت، فالۇنگوڭچىلار ۋە شۇنىڭدەك ئىز – دېرەكسىز غايىپ بولغۇچىلارغا قارىتىلغان سىياسەت يەنىلا داۋاملىشىدۇ.
ئەمما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، سىياسىي قانۇن كومىتېتى كوممىسسارىنىڭ ۋەزىپىسى ئەسلىدىكى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارلىقىدىن سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا چۈشۈرۈلۈشى ۋە 610 ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى دوڭشېڭنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ۋە بۇ سەۋەب بىلەن 610 ئىشخانىسىدىن ئىبارەت بۇ سىرلىق ئەمما قانۇنسىز تەشكىلاتنىڭ ئاشكارىلىنىشى 610 ئىشخانىسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنىڭ تارايغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
610 ئىشخانىسى بولسا 1999 – يىلى 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى خىتتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن ئۇيغۇر، تىبەت ۋە فالۇنگوڭچىلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن، قانۇن سىرتىدىكى <خىتتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ فالۇنگوڭچىلار مەسىلىسىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى >نىڭ كېيىن نامىنى ئۆزگەرتىپ، <مەركەز ئالدىنى ئېلىش ۋە رەھبەرلىك قىلىش> نامىدا قۇرغان قانۇنسىز ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. خىتتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئورگان قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇزغۇنچىلىقلىرىنى بۇ ئاتالمىش <قانۇن سىرتىدىكى ئورگان---610 ئىشخانىسى> نامىدا كۆلەملەشتۈرگەن ئىدى. 610 ئىشخانىسىنىڭ سىرتقا قارىتا ئومۇمىي ئاتىلىشى <بىدئەتچىلىك مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشخانىسى> بولۇپ كەلگەن ئىدى.
خىتتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن تۆۋەن دەرىجىدىكى ھەر قايسى پارتىكوملاردىمۇ <ئالدىنى ئېلىش ۋە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى>قۇرۇلغان بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك 610ئىشخانىسى ھەرقايسى پارتىكوم ۋە سىياسىي قانۇن كومىتېتلىرى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
خىتتاي كوممۇنىست ھاكېمىيىتى بۇ قۇرۇلما سىستېمىسى ئارقىلىق بارلىق پارتىيە ھۆكۈمەت مەنبەلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇر ، تىبەت، فالۇنگوڭ ئۆگەنگۈچىلىرى قاتارلىقلارغا زىيانكەشلىك قىلغان. بۈگۈنگە قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر خىل ناملاردا تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان، بىگۇناھ ئۆلۈپ كېتىۋاتقان، ئىز – دېرەكسىز غايىپ بولۇۋاتقان ۋە ئىچكى ئورگانلىرى ئېلىپ سېتىلىۋاتقان بۇ جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسى دەل 610 زەنجىرسىمان ئىشخانىسى نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جىنايەتلەردۇر!
2002 – يىلى جياڭ زېمىن پېنسىيىگە چىقىشتىن ئاۋۋال خەلققە زىيانكەشلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە جىنايىتىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنماسلىقى ئۈچۈن، <ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى> مۇدىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈپ سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى قىلغان ۋە توققۇز نەپەر سىياسىي قانۇن كوممىسسارىنى 9 تۈرلۈك ۋەزىپىگە قويۇپ، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ ھوقۇقىنى چەكلىمىگە ئۇچراشتىن توسۇپ تېزلىكتە كېڭەيتىپ، ئىككىنچى مەركىزى ھۆكۈمەتنى شەكىللەندۈرگەن.
خىتتايدىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئادۋۇكاتلىرىمۇ 610ئىشخانىسىنى، قارا قوللار جەمئىيىتىنىڭ قانۇنسىز تەشكىلاتى دەپ تەنقىدلەپ كەلگەن.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى 2013 – يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن، خىتتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، 610ئىشخانىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

2 – پرېزدېنت ترامپ خىتتايدىن چېگرا بېجى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەردىن باج كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى قارار قىلدى.
پرېزدېنت ترامپ خىتتايدىن چېگرا بېجى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەردىن باج كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى قارار قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئاۋسترالىيە ۋە كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بار بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن پولات، ئاليۇمىنلارغا چېگرا بېجى ئېلىنىش قانۇنى ئەمەلىيلىشىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا باج كەچۈرۈم قىلىنغان. ئامېرىكىنىڭ سودا ۋەكىلى Robert Emmet Lighthizer پەيشەنبە كۈنىدىكى گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنىدا، كانادا ۋە مىكسىكىدىن باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى ئېنىق بولۇش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قاتار تىزىملىك تەييارلىغانلىقى ۋە بۇ تىزىملىكتىكى ئامېرىكا بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتى بولغان بارلىق دۆلەتلەردىن باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى دەلىللىدى. Robert Emmet Lighthizer يەنە ئېنىق قىلىپ باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئاۋسترالىيە، ئارگېنتىنا، برازىلىيە شۇنداقلا كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە پرېزدېنت ترامپنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە نىسبەتەن باج ئېلىشنى توختىتىشىدىكى سەۋەبنىڭ ئۆز ئارا سودا سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا سودا ۋەكىلى Robert Emmet Lighthizer مۇنداق دېدى: ”پرېزدېنت ترامپنىڭ بۇ قارارى مۇقىم بىر يۈرۈش ئۆلچەملەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بەزى دۆلەتلەردىن باج كەچۈرۈم قىلىنىشى كېرەك، چۈنكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىز بىلەن سودا سۆھبەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. دەرۋەقە مەسىلە ئىنتايىن ئېنىق، سودا يىغىنلىرى قانداق ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك؟ شۇ سەۋەبتىن ئۇ بۇ دۆلەتلەردىن چېگرا بېجى ئېلىشنى توختاتتى. “
پرېزدېنت ترامپ نۆۋەتتە، ئەگەر شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش روياپقا ئاشمىسا، ئوخشاشلا كانادا ۋە مىكسىكىغا قاراتقان چېگرا بېجى كەچۈرۈمىنى بىكار قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرگەن.

3 – خىتتاي ھۆكۈمىتى <جەمئىيەت ئىشەنچ سىستېمىسى> قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئېغىر دەرىجىدە ئىشەنچسىز دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ پويىز ۋە ئايروپىلانغا چىقىشىنى چەكلىدى.
خىتتاي ھۆكۈمىتى <جەمئىيەت ئىشەنچ سىستېمىسى> قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، نۇرغۇن شەھەرلەردە سىناق نوقتىلىرىنى قۇرغان بولۇپ، بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 1- كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىشەنچلىك دەرىجىسى ئالاھىدە تۆۋەن بولغان پۇقرالارنىڭ پويىز ۋە ئايروپىلانغا چىقىشىنى چەكلەيدىكەن. بۇ ئۇچۇر تارقالغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەنقىدلەرگە سەۋەب بولغان.
بۇ ئۇچۇر دۆلەت تەرەققىيات پىلان كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئىككى پارچە ھۆججەت ئارقىلىق تارقالغان بولۇپ، مەزكۇر ھۆججەتتە، جازالىنىشقا تېگىشلىك بولغان قىلمىشلارنىڭ ئىچىگە تۆمۈر يول ۋە ھاۋا لېنىيىسى سىستېمىلىرىدىكى بىخەتەرلىككە تەھدىتى بولغان قىلمىشلار ياكى ساختىلىقلار كىرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. يەنى، جەمئىيەت سۇغۇرتىسى، پاي چېكى، قەرەللىك مال، چوڭ تىپتىكى باج، ھۆكۈمەت مالىيەسى تۈرىدىكى مەبلەغ باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە قانۇنسىز قىلمىشلارنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭمۇ ئايروپىلان ۋە پويىزغا چىقىشى چەكلىنىدىكەن.
كۈزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ قارىغان، ئايروپىلان ۋە پويىزغا ئولتۇرۇش كىشىلەرنىڭ شەخسى ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئىشلار بولۇپ، تېرورچىلارغا زەربە بەرمەكچى بولۇش بۇ باشقا مەسىلە. باشقىلارنىڭ ئاممىۋىي قاتناش ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىشىنى چەكلەشنىڭ ئۆزى، كىشىلەرنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا دەخلى قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. دەرۋەقە بۇ تەرىپى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
نۆۋەتتە دۇنيادا ئۈچ خىل جەمئىيەت ئىشەنچ سىستېمىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ بىرسى مەركىزىي بانكا يولغا قويغان پۇل قەرز ئېلىشنى تىزىملاشنى ئاساس قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى؛ ئىككىنچىسى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى يەككە ئىگىلىكتىكى كرېدىت شىركىتىنى ئاساس قىلغان بازار شەكلى؛ ئۈچىنچىسى، كەسپىي جەمئىيەتلەرنى ئاساس قىلغان ئەزالىق تۈزۈمى شەكلى، مەسىلەن: ياپونىيە.
بىر قىسىم ئانالىزچىلار مۇنداق قارىغان، ئامېرىكىدا ئىشلار ئىنتايىن ئاددىيلاشتۇرۇلغان. مەسىلەن، ئەگەر بىر ئادەم تېرورچى بولسا، ئۇ جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئامېرىكىنىڭ قانۇنىدا، بىر ئادەمنىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكى ئېنىقلانسىمۇ، لېكىن ئۇ ئادەمنى تەربىيىلەش ئارقىلىق ئاقىۋەتتە نورمال ھالەتتە جەمئىيەتكە قايتۇرۇپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جەمئىيەتتە ئىشەنچلىك دەرىجىسى تۆۋەن بولغان كىشىلەرنىڭ قەرز پۇل ئېلىشى ياكى باشقا تەرەپلەردىن چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ياشاش ھوقۇقى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
خىتتاي ھۆكۈمىتى 2014 – يىلى <جەمئىيەت ئىشەنچ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى پىلان تىزىسى>نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا بۇ سىستېمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما كۈزەتكۈچىلەر بۇنىڭغا ئوخشاش ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر پىلان تۈرىنىڭ، پەقەت خەلقنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشتىكى بىر قورال بولۇپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بۇ يىل يانۋاردا «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەپتى – بەشىرىسىنى ئېچىپ كەلگەن مۇخپىر ليۇ خۇنىڭ دېلوسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دەۋاغا چۈشۈپ قالغان ليۇ خۇ ئەدلىيە ئورۇنلىرىدىن ياردەم سورىماقچى بولغىنىدا تۇيۇقسىز، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ھېچبىر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇختۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغان شارائىتتا قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بايقىغان ۋە ئايروپىلان بېلىتى ئېلىشقا ئامالسىز قالغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كىشىنى تېخىمۇ بىئارام قىلىدىغىنى، بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەسلىك ۋە دەۋا قىلغۇدەك جاي تاپالماسلىق ۋە چەكلىنىپ قېلىش ئىكەن.
خىتتايدىكى خەۋەرلەردە بۇ خىل سىستېما <ئىدىيە ساقچىسى> دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى يازغا قەدەر قارا تىزىملىككە ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ سانى 7مىليۇن 490مىڭغا يەتكەن. ھەتتا ئىككى ياشلىق بىر قىزمۇ ئاتىسىنىڭ قەرزى بولغىنى سەۋەبلىك قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن كىشىلەر جەمئىيەت تەرىپىدىن ئومۇمىيۈزلۈك چەتكە قېقىلىشقا ئۇچرىغان.
بۇ خىل ئەھۋالغا نىسبەتەن تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى، يەنى خىتتاي جەمئىيىتىدىكى ئىشەنچنى يوقاتقۇچىلار دەل خىتتاي كوممۇنىستلىرىدۇر!
ئۆز قانۇنىغا ئۆزى بويسۇنمايدىغان، ئۆز قانۇنىنى ئۆزى دەپسەندە قىلىدىغان، قانۇننى ئەزەلدىن مۇقەددەس ھېسابلىمايدىغان خىتتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ <جەمئىيەت ئىشەنچ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى>نى يولغا قويۇشى ۋە بۇنىڭ ئۆلچەملىرىنى ئۆزى بىۋاسىتە بېكىتىشىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ سىستېما قۇرۇلۇشى ئارقىلىق زىيالىيلار، قارشى پىكىردىكىلەر، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى ئادۋۇكاتلار، شۇنداقلا خىتتاي ھاكېمىيىتىگە تەھدىت سانىلىدىغان ھەر قانداق شەخس ۋە گۇرۇپلار ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۇلار تەرىپىدىن ئىشەنچلىك دەرىجىسى تۆۋەن كىشىلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىشى، يەنى بۇ سىستېما قالايمىقان ئىشلىتىلىپ جەمئىيەتتە تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

4 – «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»: “ خىتتاي تەيۋەنگە ھەربىي ھەرىكەت يۈرگۈزۈشكە تەييار بولۇشى كېرەك“.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى 22 – مارت خەۋىرى، خىتتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» پەيشەنبە كۈنىدىكى باش ماقالىسىدە “ خىتتاي تەيۋەنگە ھەربىي ھەرىكەت يۈرگۈزۈشكە تەييار بولۇشى كېرەك“ دەپ جار سالغان.
بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا – تەيۋەن ئارىسىدىكى رەسمىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان «تەيۋەن ساياھەت قانۇنى» ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىمزالىشى بىلەن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان ئىدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى تەيۋەننىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ئەمما خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.
خىتتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت كانىيى ھېسابلانغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ماقالىدە، خىتتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە چوقۇم «قايتۇرما زەربە» بېرىشى كېرەكلىكى قاتتىق پوزىتسىيەدە تەكىتلەنگەن.
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن:“ خىتتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى چوقۇم تەيۋەنگە قارىتا بىۋاسىتە قوراللىق توقۇنۇشقا تەييارلىنىشى كېرەك. خىتتاي تەيۋەنگە ئوچۇق قىلىپ، ئامېرىكا – تەيۋەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا رەسمىي زىيارەتلەرنىڭ، تەيۋەنگە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك.“
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىرىدىن بىرى بولغان ئالېكس ۋوڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندا سۆز قىلىپ، “ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقىسى بۈگۈنكىدەك كۈچلۈك بولۇپ باقمىغان ئىدى. تەيۋەن ئارىلى پۈتكۈل ھىندى – تىنچ ئوكيان رايونى ئۈچۈن بىر ئىلھام بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،“ دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولغان ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ ئىشلەپچىرىشقا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ئىئان سىتىف تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىكەن.
ئالدىنقى كۈنى خىتتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، خىتتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، خىتتاينى بۆلۈشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەتكە قارشى «قانلىق ئۇرۇش» قىلىشقا تەييارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرىقى سۆزى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

5 – ئامېرىكا پرېزدېنتى دونالد ترامپ، خىتتاي ماللىرىغا ئېلىنىدىغان چېگرا بېجىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى ئىشخانىسى پەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، بۇ سىياسەتكە قارىتا تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچە بەردى.
ئامېرىكا پرېزدېنتى دونالد ترامپ، خىتتاي ماللىرىغا ئېلىنىدىغان چېگرا بېجىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى ئىشخانىسى پەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، بۇ سىياسەتكە قارىتا تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچە بەردى. سودا ۋەكىللىرى ئىشخانىسى باياناتىدا پرېزدېنت ترامپنىڭ، خىتتاينىڭ زىيانلىق ھەرىكىتى، سىياسىتى ۋە قىلمىشلىرىغا مۇۋاپىق جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ئۈچ تەرىپى ھەققىدىكى كۆرسەتمىسىنى بايان قىلدى.
بىرىنچىسى، چېگرا بېجىنى ئاشۇرۇش. ئامېرىكا سودا ۋەكىللىرى ئىشخانىسى كەلگۈسى 15كۈن ئىچىدە باج ئاشۇرۇپ ئېلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھېسابلاپ چىقىلغان چېگرا بېجى نىسبىتىگە ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئىنكاسى ۋە مۇنازىرىسىدىن كېيىن ئاخىرقى قارارنى ئېلان قىلىدۇ.
ئىككىنچى، سودا ۋەكىللىرى ئارقىلىق دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىچىدە خىتتاينىڭ كەمسىتىش خاراكتېرلىك تېخنىكا ئىجازىتى ئېلىپ كەلگەن تالاش – تارتىشلارنى ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدەيدۇ.
ئۈچىنچى، مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش. ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستېرى خىتتاي كارخانىلىرى ياكى شەخسلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى مۇھىم بولغان سانائەت ئىگىلىكلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەيدۇ.
ئامېرىكا سودا ۋەكىلى Robert Emmet Lighthizer مۇنداق دېدى، ئامېرىكا بىلەن خىتتاي ھۆكۈمىتى دائىرىلىرى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر كېلىشىملەردە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ھەرقانداق ئۇسۇلنى قوللىنىپ بېيجىڭنىڭ بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشتەك تەڭسىز قىلمىشىغا تاقابىل تۇرىدۇ.

6 – <چەت ئەلدە ئولتۇراقلاشقان خىتتاي پۇقرالىرى ۋە يېشىل كارتا ئىگىلىرىنىڭ، مەجبۇرىي يوسۇندا خىتتاي گىراژدانلىقى بىكار قىلىنىدۇ>.
21 – مارتتىن باشلاپ <چەت ئەلدە ئولتۇراقلاشقان خىتتاي پۇقرالىرى، يېشىل كارتا ئىگىلىرىنىڭ، مەجبۇرىي يوسۇندا خىتتاي گىراژدانلىقى بىكار قىلىنىدۇ> دېگەن خەۋەر خىتتاينىڭ ئىنتېرنىت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقىلىشقا باشلىغان. خەۋەردە، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي يوسۇندا يېشىل كارتا بىلەن چەت ئەللەردە ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ نوپۇسىنى ئۆچۈرىدىغانلىقى ۋە بۇ تۈزۈمنى ئالدى بىلەن 1 – مايدىن باشلاپ شاڭخەيدە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
خىتتاي ئەزەلدىن قوش دۆلەت گىراژدانلىقىغا يول قويمايدىغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن، باشقا دۆلەت گىراژدانلىقىغا ئۆتكەنلەرنىڭ خىتتاي گىراژدانلىقى، نوپۇسى، پاسپورتى ۋە كىملىكى ئۆچۈرۈلىدۇ. لېكىن شاڭخەي شەھىرى چىقارغان بۇ يېڭى قارارنىڭ مۇھىم نوقتىسى بولسا چەت ئەل گىراژدانلىقىغا ئۆتكەنلەردىن باشقا يەنە، چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغانلارمۇ خىتتاي گىراژدانلىقىنى ئۆچۈرۈشى كېرەك.
گەرچە خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى ئالدى بىلەن شاڭخەيدە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش دۆلەت گىراژدانلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقى ۋە بۇنداق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىدە تازىلايدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىمۇ، بۇنىڭغا ھازىرچە بىر نېمە دېمەك قىيىن.
ئۇنداقتا، بۇ ئىشقا نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ ئىنكاسى قانداق بولىۋاتىدۇ؟
خىتتاي پۇقرالىرى ئىچىدە چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار ياكى چەت ئەلدىن قايتىپ كەلگەنلەرگە نىسبەتەن ئىزچىل تۈردە ياخشى بولمىغان قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، بۇلار ئادەتتىكى پۇقرالار تەرىپىدىن ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى دەپ قارىلىپ، خىتتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان <قۇدرەت> تېپىشىغا ئەگىشىپ خىتتاي پۇقرالىنىڭ مىللىي كەيپىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ خىلدىكى كىشىلەرنى ياقتۇرماسلىق كەيپىياتى شەكىللەنگەن. بۇ خىل ئەھۋالغا نىسبەتەن چەت ئەلدىكى خىتتايلار ئۆزلىرىنىڭ خىتتاي گىراژدانلىقىنى يوقىتىپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلىشىۋاتقان بولسا، يەنە بەزىلىرى خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپتىن ئىقتىساسلىقلارنى ئېلىپ قالىمىز دەپ جار سېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلەرنى ئۆز يۇرتىغا قايتىشتىن توسىۋاتقانلىقىغا نىسبەتەن نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا بۇ سىياسەتنىڭ كەينىدىكى ئۇچۇرغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلمەكتە. خىتتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان <قوش دۆلەت گىراژدانلىقى>غا زەربە بېرىشنى تەكىتلەپ كەلگەن بولۇپ، 2014 – يىلى خىتتاي جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى <ئۆلكە دەرىجىلىك ج خ ئورۇنلىرىنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى مەلۇم قىلىش ئۇسۇلى>نى ئېلان قىلىپ، بارلىق ئاممىنى نوپۇس قالايمىقانچىلىقى شۇنداقلا، چەت ئەل گىراژدانلىقىغا ئېرىشكەن ۋە خىتتاي گىراژدانلىقىنى ئۆچۈرمىگەنلەرنى پاش قىلىشقا تەشكىللىگەن.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىتتاينىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى، چەت ئەل گىراژدانلىقىغا ئۆتكەن خىتتاي پۇقرالىرى ئىچىدىكى خىتتاي پاسپورتىغا ساختىلىق بىلەن ئېرىشكەنلەرگە قارىتا تەدبىر قوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ھەر قايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى <قوش دۆلەت گىراژدانلىقى>نى ئۈزۈل – كېسىل چەكلەش دەپ قارىدى.
كۈزەتكۈچىلەر، خىتتاينىڭ داۋاملىق تۈردە پۇقرالار ۋە كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىشىنى تىزگىنلەيدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشى، بىر تەرەپتىن خىتتاينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى كىشىلەرنىڭ چەت ئەلگە قېچىش ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى بىلدۈرىدۇ دەپ قارىماقتا.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز