ھەپتىلىك دۇنيا خەۋەرلىرى 27-ماي


مەسئۇل مۇھەررىرى: چوغلۇق

بۇ ھەپتىلىك خەۋەرلىرىمىزنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
1. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى ئامېرىكىنىڭ گۇاڭجۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئارقىلىق خىتتايدا ياشاۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرىدا بىئارامسىزلىق بايقالسا داۋالاش تەلەپ قىلىشىنى ئاگاھلاندۇرغان.
2. ئۇيغۇر مەسىلىسى BDT دا كەسكىن مۇنازىرە قوزغىدى.
3. ئامېرىكا پرىزدېنت ترامپ ئامېرىكا – خىتتاي سودا كېلىشىمىنىڭ تۈزۈلىشىدىن گۇمانلىنىدىكەن.
4. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرى خىتتاينىڭ كېلەر ئايدىكى تېنچ ئوكياندا ئۆتكۈزىلىدىغان خەلقئارالىق ھەربىي مانىۋېرغا قاتنىشىش تەكلىپىنى بىكار قىلدى.
5. ترامپ شىمالىي كورىيە بىلەن قايتىدىن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلىرىمىزنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

1.ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خىتتايچە خەۋىرى:
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى چارشەنبە كۈنى مۇنداق دېگەن، ئامېرىكىنىڭ خىتتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى كىشىنى بىئارام قىلىدىغان بىر ئاۋازدىن بىئارام بولغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىنلا، بۇ خادىمدا مىڭە زەخمىلىنىشكە ئوخشاش ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.
نېۋيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 24 – مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇاڭجۇدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ دوكلاتىدا، بۇ ئەھۋال خۇددى ئامېرىكىنىڭ كۇبادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا يۈز بەرگەن سىرلىق بىر كېسەللىك ئەھۋالى بىلەن ئىنتايىن ئوخشايدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى ئامېرىكىنىڭ گۇاڭجۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئارقىلىق خىتتايدا ياشاۋاتقان ئامېرىكا پۇقرالىرىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار بايقالسا داۋالاش تەلەپ قىلىشىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئەمما بۇ ھەقتە ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر بىمارنى بايقىمىغان.
خىتتايدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئامېرىكىلىق بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ دوكىلاتىدا، يېقىندىن بۇيان ئېنىق بولمىغان ئەمما ناھايىتى بىنورمال بولغان بىر ئاۋازنى ئاڭلىغانلىقى ۋە بۇ ئاۋازدىن بېسىم ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئەلچىخانىنىڭ ساغلاملىققا مەسئۇل خادىمى بۇ كىشىلەرنىڭ كېسەللىك كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق بىلمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتتاي تەرەپنىڭ بۇ ھەقتىكى ھېچقانداق دوكىلاتىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2.ئۇيغۇر مەسىلىسى BDT دا كەسكىن مۇنازىرە قوزغىدى.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋىرى:
21 – ئاپرىل كۈنى ئۇيغۇر مەسىلىسى BDT دا خىتتاي ۋە ئۇنى قوللايدىغان دۆلەتلەر بىلەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن مۇنازىرىگە سەۋەب بولدى. مۇنازىرە BDT ئىجتىمائىي – ئىقتىسادى كېڭىشى ئاممىۋى تەشكىلاتلار كومىتېتىنىڭ 17‏ – نۆۋەتلىك يىغىنى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ BDT دىكى ئورنى ۋە رولىغا دائىر بەزى قارارلارنى مۇنازىرىگە قويغاندا يۈز بەرگەن.
يىغىندا خىتتاي ۋەكىلى گېرمانىيە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ BDT دىكى كۈزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى، DUQ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ BDT يىغىنلىرىغا قاتنىشىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنى تېرورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن.
خىتتاينىڭ تەلىپىنى پاكىستان، ئىران، كۇبا، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قوللىغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، قاتارلىق دۆلەتلەر قارشى چىققان. ئىسرائىلىيە ۋەكىلى ئامېرىكىنىڭ پىكىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يىغىندا بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋەكىلى خىتتاي ۋەكىلىنىڭ سۆزىگە شىددەتلىك ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتتاينىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ھېچقانداق دەلىلسىز ئەيىبلەپ كەلگەنلىكىنى تەنقىدلىگەن. بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكىنىڭ BDT دىكى باش ئەلچىسىنىڭ ياردەمچىسى كەللىي كۇرېي خىتتاي ۋەكىلىنىڭ سۆزىگە رەددىيە بەرگەندە قىلغان. ئۇ،خىتتاي دولقۇن ئەيسانى تېرورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر دەلىل كۆرسىتىپ باقمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: ”بۈگۈن ناھايىتى كۆڭۈلسىز ۋە كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان بىر كۈن بولدى. چۈنكى، بۇ كومىتېتتىكى ئۆزىنى ئىسلامنىڭ ھىمايىچىسى دەپ قاراۋاتقان بەزى ئەزا دۆلەتلەر بۈگۈن، خىتتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئىسلام ۋەھىمىسىگە يانتاياق بولدى. بۇ، خىتتايدا تۇتامغا چىققۇدەك ھېچقانداق دەلىل كۆرسەتمەي تۇرۇپ تېرورلۇق باھانىسىدە جازالىنىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغلىشىۋاتقان شەخسلەرنىڭ تىرىشچانلىقىنى توسقۇنلۇققا ئۇچراتماقتا. مەن ئاممىۋى تەشكىلاتلار كومىتېتىنىڭ قارارىدىن بىر سۆزىنى نەقىل ئالماقچى. ئۇنىڭدا تۇتامغا چىققۇدەك دەلىل تەلەپ قىلىنغان. بۇ مەزكۇر كومىتېتىنىڭ قائىدە – تۈزۈمىنىڭ بىر پرىنسىپى“.
كەلىي كۇرېي سۆزىدە يەنە خىتتاي دولقۇن ئەيسانى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئەيىبلەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر بۇ ئەيىبلەشلىرىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل كۆرسىتىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كەلىي كۇرېي مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇ يەردە خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ شەخس ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتى – دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى نەچچە يىللاردىن بېرى ئاڭلاپ كەلدۇق. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى مەكتۇبىدىمۇ بۇ ئەيىبلەر بار. بىز ئۇلاردىن تۇتامغا چىققۇدەك بىر دەلىل تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، بىراق ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەيىبلىشىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق بىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ باقمىدى. ئامېرىكا دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە ئۇنىڭ گېرمان گىراژدانى ئىكەنلىگى، ئىپادىسى ۋە ھېچقانداق جىنايى خاتىرىسى يوقلۇقىغا قاراپ 10 يىللىق ۋىزا بەردى. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى دولقۇن ئەيسا بىلەن قەرەللىك ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇ ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتى خىتتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك نۇرغۇن تېرورلۇق ۋەقەلىرىگە جاۋابكار بىر تېرورچى بولسا، بۇ زالدىكى ھەرقانداق بىر كىشى بىزنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىدىكى قىز – يىگىتلىرىمىزنىڭ سۈرىيە ئالدىنقى سېپىدە دائىش ۋە جىھادى ئاشقۇنلارغا قارشى ئۇرۇشىۋاتقانلىقىغا سەمىمى ئىشەنمەمدۇ. ئەگەر بۇ شەخس شۇنداق ئادەم بولسا بىزنى ئۇنى تەكلىپ قىلىپ، بۇ دۆلەتتە ئۇنىڭ ئەركىن يۈرۈشىگە يول قويىدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟ بۇ ئادەمنى رەسىمى ئانى تاپقانلىق.
خىتتاي ۋەكىلى دۈشەنبە كۈنكى يىغىندا دولقۇن ئەيسانىڭ خىتتايدا يۈز بەرگەن بىر قاتار پارتىلىتىش، گۆرۈگە ئېلىش، ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىگە مەسئۇل ئىكەنلىگىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ: «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى تېرورچى دولقۇننى BDT نىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك مىللەتلەر يىغىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار يىغىنلىرىغا قاتناشتۇردى. دولقۇن خىتتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2003‏ – يىلى ”تېرورچى“ دەپ بېكىتىلگەن شەخس. ئۇ تېرورلۇق ھەرىكەتلەرنى تەشكىللەشكە ۋە پىلانلاشقا قاتناشقان شۇنداقلا تېرورچىلارنى قۇتقۇزۇش، پۇل بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلاشقا ئىشتىراك قىلغان» دەپ تەكىتلىگەن.
بۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۇنجى قېتىم BDT دا كەسكىن مۇنازىرىگە سەۋەب بولۇشىدۇر. خىتتاي DUQ رەھبىرىنىڭ BDT يىغىنلىرىغا قاتنىشىشىغا ئىزچىل كاشىلا پەيدا قىلىپ كەلگەن. ئۇ دولقۇن ئەيسانىڭ 2017‏ – يىلى 4‏ – ئايدا BDT ئىجتىمائىي – ئىقتىسادى كېڭىشىنىڭ يەرلىك مىللەتلەر ھەققىدىكى يىغىنىغا قاتنىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. بۇ يىل 4‏ -ئايدا ئۇنىڭ مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىشىغا يەنە توسقۇنلۇق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم دولقۇن ئەيسا ئامېرىكا، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن يىغىننىڭ ئاخىرىغا قاتناشقان ئىدى.
بىراق كەلىي كۇرېي BDT دىكى سۆزىدە بۇ يەرد…
ترامپ شىمالىي كورىيە بىلەن قايتىدىن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
24- مارت، ئامېرىكا پرېزدېنت ترامپ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە كىشىلەر ئىنتىزار بولغان12-ئىيۇن كىم جۇڭئۇن بىلەن سىنگاپوردا ئېلىپ باردىغان كۆرۈشۈشنى بىكار قىلغان ئىدى. ئۇ كىم جۇڭئېنغا بىر پارچە خەت يازغان بولۇپ، خېتىدە: شىمالىي كورىيەنىڭ ئامرىكىغا غەزەپ- نەپرىتى ۋە دۈشمەنلىك ئىدىيىسى ئاستىدا كۆرۈشۈش تازا مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىغانلىقى سەۋەبلىك كۆرۈشۈشنى بىكار قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئاگاھلاندۇرۇش تەلەپپۇزىدا ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش يولىدا خېمىيىلىك قوراللارنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى يازغان ئىدى. بۇ خەۋەر چىقىپ 24 سائەت ئۆتمەي تۇرۇپلا، تىرامپ ئاقساراي گۈللۈكىدە بايانات ئىلان قىلىپ شىمالىي كورىيە تەرەپنىڭ كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزىمۇ كۆرۈشۈشنى قايتا ئويلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. شىمالىي كورىيە تەرەپ بۇ قىتىمقى ئۇچرىرىشىشنى ناھايىتى چوڭ بىلىدىغانلىقىنى، يۈزتۇرانە ئولتۇرۇپ ھەرقانداق شەكىلدە شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز