ھەپتىلىك دۇنيا خەۋەرلىرى 3-ئىيۇن


مەسئۇل مۇھەررىرى: تۇنيۇقۇق.

بۇ ھەپتىلىك خەۋەرلىرىمىزنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

1. ئىران شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشماقچى بولدى.
2. ئامېرىكا خىتتاي ماللىرىدىن چېگرا بېجى ئېلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكچى بولدى.
3. ئامېرىكا ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا پولات، ئاليومىن تاۋارلىرىغا باج ئالماقچى بولدى.
4. سىرىلانكا- خىتتاي سودا كېلىشىمى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى.
5. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتتاي ئۆسۈملۈك قەرزىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا.

خەۋەرلىرىمىزنىڭ تەپسىلى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

1. خەۋەر.

28- ماي، خىتتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئىران پىرىزدىنتى روھانى 6 – ئاينىڭ 9- ، 10- كۈنلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسلەر ئۇچرىشىشىغا ئۈلگۈرۈپ خىتتايغا زىيارەتكە كېلىدىكەن. ئامېرىكا 8 – مايدا ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئىرانغا تارىختىكى ئەڭ قاتتىق ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. 13 – ماي ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زەرىڧ بۇ كېلىشىمنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال خىتتاينى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئەمدى بولسا ئىران پىرىزدىنتى روھانى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۈزەتكۈچى ئەزاسى بولسىمۇ، خىتتاي ۋە روسىيە باشچىلىقىدىكى بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇلار بىلەن بىخەتەرلىك، ئىقتىسادى ۋە سىياسىي ساھەلەردە تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن جىددى تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.

2. خەۋەر.

29- ماي، ئامېرىكا پىرىزدىنتى تىرامپ ئامېرىكا ئىمپورت قىلىدىغان خىتتاي ماللىرىدىن 50 مىليارد دوللار ھېسابىدا %25 لىك باج پۇلى ئالىدىغانلىقى ۋە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك مەبلەغ چەكلىمىسى پىلانىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تىرامپ بۇ ئارقىلىق خىتتاينىڭ ئامېرىكا يۇقىرى تېخنىكا بىلىملىرىنى سېستىمىلىق ھالدا ئوغۇرلىشىغا قارىتا خىتتاينى ئەمەلىي جازالاش ئىكەنلىگىنى ئېيتتى. ئامېرىكا يەنە خىتتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋىزا مۇددىتىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتتاي ئوقۇغۇچىلار ماشىنا ئادەم، ئاۋىئاتسىيە، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردە ئوقۇماقچى بولسا، ئۇلارنىڭ ۋىزا مۇددىتى بىر يىل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ساھەلەر دەل خىتتاينىڭ 2025 – يىل پىلانىدىكى ھالقىلىق كەسىپلەر سانىلىدۇ. تېخى ئىككى ھەپتە ئاۋاللا ئامېرىكا – خىتتاي سودا ئۇرۇشىنى توختىتىپ تۇرۇشنى ئېيتقان بولۇپ، ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشىنى بوشاشتۇرۇشى ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ قاتتىق تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغان. ئۇندىن باشقا كۈزەتچىلەر يەنە ئامېرىكا بۇ ئارقىلىق خىتتاينىڭ شىمالىي كورىيەنى ئامېرىكىغا قارشى دەيدەيگە سېلىۋاتقانلىقىنى جازالاش دېدى.

3. خەۋەر.

ئامېرىكا 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا ۋە موسكىۋالاردىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات تاۋارلارغا %25، ئاليۇمىن بويۇملارغا %10 چېگرا بېجى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئاتلانتىك ئوكيان ۋە شىمالىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ سودا مۇناسىۋىتىنى يەنە بىر قەدەم جىددىيلەشتۈرگەن. ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرى مۇخبىرلار تېلىفۇن زىيارىتىدە، ئامېرىكىنىڭ كورىيە، ئارگىنتىنا، ئاۋىستىرالىيە ۋە بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرا بېجى توغرۇلۇق ئەمەس، ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىدىغان ماللارنىڭ سۈپەت ۋە مىقدارى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تىرامپ بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ھالقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىدىكى ئىگىلىكلەرنى ساقلاپ قېلىش ئىكەنلىگىنى بىلدۈرگەن. بىراق، ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرى بۇنىڭغا قاتتىق نازارىلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى:“ بىز دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىمىز، بىزمۇ ئامېرىكا تاۋارلىرىدىن باج ئالىمىز، باشقا تاللىشىمىز يوق“ دېگەن. كانادانىڭ باش ۋەزىرى تىرودو بۇ باجنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

4. خەۋەر.

1 – ئىيۇل، خىتتاي بىلەن سىرىلانكا ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئەركىن سودا سۆھبىتى ئوڭۇشلۇق بولمىغان. سۆھبەتتە خىتتاي زور مەبلەغ سالغان پورت، يول، ئېلىكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا قارىتا، سىرىلانكا ئون يىلدىن كېيىن قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان، خىتتاي بۇنى رەت قىلغان. 2017 – يىلى دىكابىردا سىرىلانكا خىتتايغا 8 مىليارد دوللارلىق قەرزنى قايتۇرالمىغانلىق سەۋەبىدىن، ئىستىرادىگىيەلىك مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، 11 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خامبانتوتا پورتىنى 99 يىللىق ئىجارە مۇددىتى بىلەن خىتتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى. بۇ ۋەقە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىنى چۆچۈتىۋەتكەن بولۇپ، سىرىلانكا يېقىندىن بۇيان خىتتاينىڭ زور مەبلىغى دۆلەتنى قەرزگە بوغۇپ قويۇپ، ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ قالغان.

5. خەۋەر.

28 – ماي، ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە بالقان رايونىغا زور مىقداردا ئۆسۈملۈك قەرز ۋە مەبلەغ سېلىشى رايوندىكى دۆلەتلەرنى ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىسقا پاتۇرۇپ قويغان. خىتتاي ئۆسۈملۈك قەرزلىرى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەستىن ئەكسىنچە، جەمئىيەتتە خىتتايغا قارشى كەيپىياتنى كۈچەيتىۋەتكەن. قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزاسى سۇلايمانوڧنىڭ بىلدۈرۈشىچە،“ خىتتاينىڭ ئۆسۈملۈك قەرزلىرى قىرغىزىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتىدۇ. خىتتاي ھازىر قىرغىزىستاننىڭ ئەڭ چوڭ قەرزدارى بولۇپ قالدى، قىرغىزىستاننىڭ قەرزلىرى %44 كە يەتكەن. ئەڭ قورقۇنچلۇقى قىرغىزىستان بىر نەچچە يىلدىن كېيىن خىتتاينىڭ قەرزلىرىنى قايتۇرۇشقا كۈچى يەتمەيدۇ، قىرغىزىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن“ دېگەن. خىتتاي مەبلىغى خەلققە پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بولماستىن، چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ بېيىش يولى بولۇپ قالغان. روسىيە تەتقىقاتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستاندىن باشقا خىتتاينىڭ قازاقىستانغا سالغان مەبلىغى ھەممىدىن زور، خىتتاي بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى ئەڭ ياخشى تەڭشىگەن دۆلەت ئۆزبېكىستان، خىتتاي مەبلىغىگە ئەڭ قىزغىن ئىپادە بىلدۈرىۋاتقان دۆلەت تۈركمەنىستان ئىكەن.
تاجىكىستاننىڭ دۆلەت قەرزىدىمۇ خىتتاينىڭ قەرزى %50 كە يېقىنلاشقان بولۇپ، خىتتاي كارخانىلىرى تاجىكىستاننىڭ جان تومۇر ئىگىلىكلىرىنى كونتىرول قىلىۋالغان. تاجىكىستان ھەربىي قوماندانلىق مەركىزىنىمۇ خىتتاي ئىئانە قىلىپ سېلىپ بەرگەن. تاجىكىستان ئىقتىساد تەھلىلچىسى ئۆمەروڧنىڭ ئېيتىشىچە تاجىكىستان قەرزنى قايتۇرالمىسا كان بايلىقلىرى، ئىستىرادىگىيەلىك كارخانىلار ھەتتا زىمىن پۈتۈنلۈكىنى سېتىپ قەرز قايتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن. خىتتاي ئۆسۈملۈك قەرزى تاجىكىستان، قىرغىزىستاندا ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستانغا تۇتىشىدىغان يول ياساش، يۇقىرى بېسىملىق توك لىنىيەسى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىكەن. خىتتاي ئۆسۈملۈك قەرزى ھېچقانداق سىياسىي شەرت قويمايدىغان، ئۆسۈمى تۆۋەن، قەرز مۇددىتى ئۇزاق بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بىراق خىتتاي ئۆسۈملۈك قەرزى رايونلاردا خىتتاي مۇلازىمەت كارخانىلىرى، خىتتاي ئەسلىھەسى، خىتتاي قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىكەن.
ئومومەن ئېيتقاندا، خىتتاينىڭ ئۆسۈملۈك قەرزى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرماقتا يوق، خەلقنى تېخىمۇ قەرز قىلىۋەتكەن، ئەمما چىرىكلەشكەن نەپسانىيەتچى ئەمەلدارلارنى باي قىلىۋەتكەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز