ھەپتىلىك دۇنيا خەۋەرلىرى 6-ماي


مەسئۇل مۇھەررىرى: سەھەر

بۇ ھەپتىلىك خەۋەرلىرىمىزنىڭ ئاساسى مەزمۇنى:

1. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار 8 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىنى كۈتۈۋېلىشتى.

2. بيۇرۈكسەلدە ئۆتكۈزۈلگەن 5000كىشىلىك نامايىش ھەققىدىكى بەس مۇنازىرىلەر ئۈزۈلـمەي داۋاملاشماقتا.

3. تۈركىيەنىڭ ئېنىرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بارات ئالبايراق خىتتايدا زىيارەتتە بولدى.

4. خىتتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيە پرىزدېنتى ماكروننىڭ ھىندى تىنچ ئوكيان رايونىنى خىتتاينىڭ زومىگەرلىكىدىن قوغداش ھەققىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

خەۋەرلىرىمىزنىڭ تەپسىلى مەزمۇنى:

1. خەۋەر.

5 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، باشلىرىغا ھەر خىل دوپپىلارنى كىيىشىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، ۋاتساپ توپلىرىدا بىر – بىرىنىڭ دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەشتى. بۇ يىل ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا 8 يىل بولغان بولۇپ، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قاتتىق كونتورۇل قىلغانلىقى سەۋەبىدىن چەت ئەللەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر خىتتاينىڭ ئاتالـمىش يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە يىغىۋېلىنغان، ئۇيغۇرلارنىڭ DNA ئەۋرىشكىلىرى مەقسەتلىك ھالدا يىغىۋېلىنىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇزلۇق ئەرباپلىرى تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان، ئۇيغۇرلارغا ئائىت كىتابلار كۆيدۈرۈلۈۋاتقان، قۇرئان كەرىم ۋە جاينامازلار يىغىۋېلىنىۋاتقان بىر ئېچىنىشلىق دەۋرگە توغرا كەلگەن بولغاچقا، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىلقى دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىگۈدەك مادارى يوق ئىدى. ئەمما چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مىللى كىملىگى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان دوپپا بايرىمىنى، ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر سېغىنىش ۋە مۇھەببەت بىلەن، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرغان ئاساستا، بىر بىرلىرىگە بولغان مېھرى مۇھەببەت بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىرى يار بەرگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، گۇرۇپپىلاردا، شۇنداقلا بىر – بىرلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە دوپپا كىيىپ بېرىش، دوپپا ھەدىيە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن تەبرىكلىدى.

2. خەۋەر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، بېلگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن 27 – ئاپرىل بېلگىيەنىڭ پايتەختى بيۇرۈكسەلدە، خىتتايغا قارشى 5000 كىشىلىك كەڭ كۆلەملىك نامايىش غەلىبىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكا، كانادا، ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق 17 دۆلەتتىن كەلگەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىق نامايىشچىلار قوشۇنى ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىشتى. ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ۋە ھەر قايسى توپلاردا نامايىشنىڭ غەلىبىسى شۇنداقلا ساقلانغان مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك بەس مۇنازىرىلەر بولدى. نامايىش ۋىدىئولىرى، رەسىملەر ئالـماشتۇرۇلدى. بۇ قېتىم بيۇرۈكسەلدە ئۆتكۈزۈلگەن 5000 كىشىلىك نامايىش ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان چەت ئەل تارىخىدىكى ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق نامايىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نامايىشنىڭ يەنە بىر ئەھمىيىتى بولسا ياۋروپا بىرلىگىنىڭ بيۇرۈكسەلدىكى باش ئورگىنىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىگى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قەلـەمكەشلىرى ماقالىلار يازغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئويچان ئىسىملىك بىر قەلەمكەشنىڭ تەشەككۈرنامە ناملىق ماقالىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. ئاپتور ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: ” ئۆزىنىڭ «گۈزەل» ئوبرازىنى نامايان قىلىش ۋە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، يىلىغا مىليونلاپ، مىلياردلاپ پۇل خەجلەۋاتقان خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەزىل ئەپتى بەشرىسى، دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك سىياسىي مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان بيۇرۈكسەلدە ئېچىپ تاشلاندى. دۇنيا بۇ نامايىشقا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىدىن قەتئىي نەزەر، خىتتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق نامايىشتىن چۆچۈيدۇ دەپ ئويلايمەن. دېمەك، بۇ قېتىملىق نامايىش ئارقىلىق خىتتايغا، ئەمدى قورقمايدىغانلىقىمىزنى، ئەمدى ئۇخلاپ ياتمايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ قويغان بولدۇق… “

3. خەۋەر.

تۈركىيەنىڭ ئېنىرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بارات ئالبايراق خىتتايدا زىيارەتتە بولدى.
خىتتاي بىلەن ئېنىرگىيە ۋە تەبئىي بايلىقلار جەھەتتە كۆرۈشۈشلەردە بولۇش ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن بارات ئالبايراق ئالدى بىلەن خىتتاي خەلقئارا ئېنىرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىغى، ئاتالـمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرى بىلەن كۆرۈشتى. شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئېنىرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار ھەمكارلىقىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ھەمسۆھبەتتە بولدى. ئالبايراقنىڭ خىتتاي زىيارىتىدىكى ئاساسى مەقسىتىنىڭ ، تۈركىيەدە قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان 3 – يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى مەسىلىسى ھەققىدە بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئالبايراق خىتتاي زىيارىتى جەريانىدا، خىتتاي ئېلىكتىرىك مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ باشلىقى مىڭ جىڭپىڭ، خىتتاي يادرو تېخنىكىسى شىركىتى باشلىقى ۋا فېڭشۆ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن.
ئالبايراق خىتتاي زىيارىتى جەريانىدا يەنە تۈركىيەدە يېڭىدىن ئىشقا چۈشكەن، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بانكا ICBC مەركىزىنى زىيارەت قىلغان.

4. خەۋەر.

خىتتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيە پرىزدېنتى ماكروننىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى خىتتاينىڭ زومىگەرلىكىدىن قوغداش ھەققىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

پرىزدېنت ئېمانۇئېل ماكرون چارشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە پۈتكۈل ھىندى – تىنچ ئوكيان رايونىدا بىر دۆلەتنىڭ زومىگەرلىك قىلىشىغا يول قويماسلىقنى تەكىتلىگەن. ماكرون خىتتاينىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۆزى بىردەك خىتتايغا قارىتىلغان، دەپ قارالغان ئىدى.

ماكرون سۆزىدە، «ئەڭ مۇھىمى رايوندا قائىدە – قانۇن ئاساسىدىكى تەرەققىياتنى قوغداش. . . شۇنداقلا زۆرۈر تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش. بۇ يېڭى ئۇقۇم ئاساسىدا بىر دۆلەتنىڭ زومىگەرلىكىگە يول قويماسلىق ئىنتايىن مۇھىم» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. ماكرون خىتتاينق تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۆزى خىتتاينىڭ جېنىغا تەگكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى خىتتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ماكروننىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتتاينىڭ زومىگەرلىك قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن قورقۇشنىڭ«ئاساسسىز ئەيىبلەش» ئىكەنلىگىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ؛ «دۇنيانىڭ كۆزىدە ھازىر قايسى دۆلەتنىڭ زومىگەرلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق. بۇ دۆلەت مەزكۇر رايوننىڭ ھەممە يېرىدە ئۆزىنىڭ ھەربى، ئىقتىسادى زومىگەرلىكىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ» دېگەن. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، خىتتاينىڭ بۇ سۆزىدە ئامېرىكىنى ئىما قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تىنچ ئوكياندىكى فىرانسىيە پولونىزىيەسىگە ئوخشاش بەزى ئاراللار فىرانسىيەگە قارايدۇ. لېكىن، خىتتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا تىنچ ئوكياندىكى ئاراللارغا قاراپ كېڭىيىشى بۇ رايوندىكى ئاۋسترالىيە، يېڭى زىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئەندىشە پەيدا قىلىشقا باشلىغان. بەزى خەۋەرلەردە، خىتتاي ھۆكۈمىتى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى-ۋاناتۇدا ھەربىي بازا قۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئاۋسترالىيە لوۋىي ئىنستىتۇتىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، خىتتاي يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە تىنچ ئوكياندىكى ئۇششاق ئارال دۆلەتلىرىنى بىر مىليارد 780 مىليون دوللار ياردەم قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى قەرزگە بوغۇۋالغان.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز