ھەپتىلىك دۇنيا خەۋەرلىرى 8-ئاپرېل


مەسئۇل مۇھەرىر: سەھەر

مىكروفۇندا: قاراخان ۋە تۇمارىس

بۈگۈنكى دۇنيا خەۋەرلىرىمىزنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە

خەۋەرلىرىمىزنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى: سەھەر.

1. ئامېرىكا – خىتتاي سودا ئۇرۇشى داۋام قىلماقتا.
2. ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى خادىملار سىن فىلىمى ئىشلەپ، خىتتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرىنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىغىنى پاش قىلدى.
3. ئامېرىكا 2 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى، ئامېرىكىنىڭ خىتتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە خەت يېزىپ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى.

خەۋەر:
1. ئامېرىكا بىلەن خىتتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى داۋام قىلماقتا.
ئامېرىكا بىلەن خىتتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇرۇش ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئايدا خىتتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات ۋە ئاليۇمىنلارغا ئايرىم – ئايرىم ھالدا يۈزدە %25 ۋە %10 تاموژنا بېجى قويۇش بىلەن باشلانغان ئىدى. بۇنىڭغا جاۋابەن خىتتاي تەرەپمۇ ئامېرىكىنىڭ 128 تۈرلۈك مەھسۇلاتىغا قارىتا 15 ۋە %25 تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
بۇ ئىشتىن كېيىن ئامېرىكا تەرەپ، خىتتاينىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تېخنىكا ۋە ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقىغا ئائىت مەخپىيەتلىكلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان دېگەن سەۋەب بىلەن، 1300 تۇرلۈك خىتتاي مەھسۇلاتىغا%25
تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان .
يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا خىتتاي تەرەپ ئامېرىكىنىڭ خىتتاي مەھسۇلاتلىرىغا قاراتقان بۇ جازا تەدبىرىگە قارىتا خەلقئارا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنغان. ئەمما ئامېرىكا پىرىزدىنتى دونالد ترامپ خىتتاي ماللىرىغا قارىتا جازا يۈزگۈزۈشكە ئىمزا ئاتقان تۇنجى كۈنى بۇ ئىمزانىڭ تېخى باشلانغۇچ ئىكەنلىگىنى، بۇندىن كېيىن خىتتاي ماللىرىغا قارىتا تېخىمۇ كۆپ چەكلەش ئېلىپ بارىدىغانلىغىنى بىلدۈرگەن.

2. خەۋەر

يېقىندا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرلىرى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرىنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىگۇناھ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بىر سىن فىلىمىنى تارقاتتى.

سىن فىلىمىدە، ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئاخباراتچىلار گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات خادىمى بولغانلىقى سەۋەبلىك ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرىنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، بەزىلىرىنىڭ ھېچقانداق جىنايىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، كېسىلگەنلىگىگە دائىر پاكىتلارنى سۆزلىگەن. سىن فىلىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۈنيادا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى بۇ ھەقتە خەۋەر بەردى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى خادىملىرىنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلىرىنى دادىل پاش قىلىشى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان، خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يولسىزلىقلىرىنى پاش قىلىشقا جۇرئەت قىلالمايۋاتقان ئۇيغۇرلارغا جاسارەت بەردى.

3. خەۋەر.

ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىلەن كىرس سىمىس ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تەررى بىرانستاندقا خەت يېزىپ، ئۇنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىشقا، ئۇ يەردىكى قاتتىق نازارەت سېستىمىسى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جازالىنىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىردى.
ئامېرىكىدىكى 2 نەپەر پارلامىنت ئەزاسىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىرانىستاندقا يازغان خېتىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۈۋەندىكىچە:

قەدىرلىك باش ئەلچى بىرانستاند،
بىز سىزگە جۇڭگو ش ئۇ ئا ر دىكى كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان كەسكىن ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپمۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا ئېتنىك ئاز سانلىقلارنى غايەت زور ساندا مەجبۇرى تۇتقۇن قىلىشى، ئەركىن ئاسيا رادىئوسدىكى ئالتە نەپەر خىزمەتچىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىشى ھەققىدە خەت يېزىۋاتىمىز. بىز سزنى ش ئۇ ئا ر ۋە سياسى تەربىيە مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلىشقا، ئۆزىڭىزنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە كوممۇنستىك پارتىيە بىلەن بولغان مۇناسۋەتلىرىڭىزدە ش ئۇ ئا ر دىكى ۋەزىيەت ۋە ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسيا رادىئوسى ژۇرنالىستلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەزىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا جىددى چاقىرىمىز.

بىز باشقۇرىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جۇڭگو مەمۇرى ئىشلار بىتەرەپ يىللىق دوكلاتىدا، جۇڭگودىكى، بولۇپمۇ ش ئۇ ئا ر دىكى كۈنسايىن ئېشىۋاتقان دىنى ئەركىنلىك چەكلىمىلەرنى ئالاھىدە تونۇشتۇرغانىدى. يېقىنقى ئايلاردىن بېرى ۋەزىيەت تېخىمۇ ئېغىرلاشماقتا. ش ئۇ ئا ر دىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك ئاز سانلىقلار مەجبۇرى تۇتقۇن قىلىش، دىنىي ئىبادەتلەر ۋە مەدەنىيەتنى قاتتىق چەكلەش، يۈز تونۇش كامېراسى، يان تېلىفۇن سكاننېرلاش ۋە DNA توپلاش ۋە ھەممە يەرگە بۆسۈپ كىرىدىغان ساقچىلارنى كېڭەيتىش ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرى نازارەت قىلىنىدىغان دەرىجىدە ئېلىكتىرونلاشقان نازارەت سېستىمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش سۇبيېكتى بولماقتا.

ئىشەنچىلىك تاراتقۇ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاتالـمىش تەربىيىلەش مەركەزلىرى دەپ ئاتىلىدىغان جايلاردا 500مىڭدىن 1 مىليونغا قەدەر كىشى بار ياكى قامالغان بولۇپ، بۇلار بۈگۈنكى دۇنيادا قامالغان ئەڭ كۆپ ساندىكى ئاز سانلىق خەلق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىڭلىغان كىشىلەر بىرلا ۋاقىتتا ئايلارچە تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، مەجبۇرى سياسى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانماقتا. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر ناماز ئوقۇغانلىقى ئىسلامچە كىيگەنلىكى ياكى چەت ئەل بىلەن ئالاقىسى بولغانلىقى، ئىلگىرى چەت ئەلنى ساياھەت قىلغانلىقى ياكى باشقا بىر دۆلەتتە ياشايدىغان تۇققانلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن قامالغان. بۇ مەركەزلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا، جۈملىدىن مۇشۇ تەربىيىلەش مەركىزىگە قامالغان بولۇشى مۇمكىن بولغان بىر مەشھۇر مۇسۇلمان دىنى ئالىمنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى تارقالماقتا. يەنە بەزى خەۋەرلەردە مۇھاپىزەت مۇنارلىرى، تۆمۈر سىم ۋە ئىگىز تاملار بىلەن قورشالغان بۇ تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئېغىر قىيىن- قىستاق ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر تارقالماقتا…
بىز يەنە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئىنسانىي ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ئونلىغان تۇققانلىرىنىڭ قاماققا ئېلىنىشى ۋە ئېغىر مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە ئېغىر مۇئامىلىگە ئۇچراش ئېھتىماللىقىغىمۇ كۆڭۈل بۆلىمىز.
بىز ئەلچىخانىنىڭ يۇقىرىدىكى ئىشلار ھەققىدىكى تىرىشچانلىقى، جۈملىدىن دىپلوماتىك ئۇرۇنۇشلىرى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى ھەققىدىكى دوكلاتنى كۈتىمىز. ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرلىرىنىڭ ئەھۋالدا، بىز سزنى بۇلارنىڭ مەسلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى شەخسەن ئېلىپ بېرىپ، بۇ شەخسلەرنىڭ نەدىلىكى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشڭىزنى ۋە ئۇلارنى قويۇپ بېرىشكە بېسم ئىشلىتىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز. ئەگەر بۇلارنى دەرھال ھەل قىلىش چارىسى بولمىغاندا، بىز ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدىن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تاراتقۇ مەمۇرلىرى ياكى باشقۇرۇش خادىملىرىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز…
جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە كوممۇنستىك پارتىيەنىڭ ش ئۇ ئار دىكى باستۇرۇشلىرى ئامېرىكىنىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى – تىنچ ئوكيان رايونىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تىرىشچانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر قاتار مەنپەئەتىگە بېرىپ چېتىلىدۇ.
بىز سىز بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە تەدبىر قوللىنىش ۋە رادىكاللىشىشقا تۈرتكە بولىدىغان خەتەرلىك ھۆكۈمەت سياسەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن بىللە ئىشلەشنى كۈتىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ روبىيو

ئاۋام پالاتا ئەزاسى كېرىس سمىس.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز