ھەپتىلىك خەۋەرلەر 10-سان 2017-يىلى 19-مارت يەكشەنبە



مىكروفۇندا: قاراخان ۋە تۇمارس

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئابابەكرى سايىتنىيازنى تۈرمىدە ئۆلتۈردى

ئۆز خەۋرىمىز:

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرلىرىمىزدىن سايرامنىڭ خەۋەر قىلىشچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پوسكام ناھىيسى گۇلباغ يېزىسى ئەگتىرەك كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق 73ياشلىق ئابابەكرى سايىتنىيازنى 17يىلنىڭ ئالدىدا يېزىدا سىكرىتارلىك قىلىۋاتقان ۋاقىتتا «تالىپلارنى مەخپى تەربىيلەشتە ئورۇن ھازىرلاپ بەرگەن» دەپ جىنايەت ئارتىپ 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى قولغا ئالغان ھەمدە بىر يېرىم يىللىق قاماققا مەھكۈم قىلغان.
2016-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئائىلىسىگە جەسىتىنى تاشلاپ بېرىپ، خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا دەپنە قىلغان.
ئىگەللىشىمىزچە، ئابابەكرى سايىتنىياز خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق ئۇرۇپ، قىيناشلىرى سەۋەپلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.
مەلۇم بولىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدا بۇ خىلدىكى بوھتانلار بىلەن تۇتۇلۇپ تۇرمىلەردە ئۆلتۈرۇلگەن كىشىلەرنىڭ سانى نەچچە مىڭغا يېتىدىكەن.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاغىلىقتا 25نەپەر ئۇيغۇر شېھىت قىلىندى

ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز سايرامنىڭ يوللىغان ئۇچۇرىدىن مەلۈم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى يەنى دۇشەنبە كۈنى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ لوق يېزىسدىكى 25نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتكەن.
ئۇچۇردىن مەلۇم بولشىچە، لوق يېزىدىسىكى جامائەت 27-فېۋرال كۈنى خوپتەن نامىزىدىن تارالغاندىن كېيىن شۇ يېزىنى چارلاۋاتقان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ توسۇپ سوراق قىلىشىغا دۇچ كەلگەن، بۇ جەرياندا ساقچىلار جامائەتنى ھاقارەتلەپ ئۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئارىدا سۇركىلىش بولغان .خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇر جامائەتنى توپىلاڭ كۆتىرىپ قارشىلىق قىلدى، دەپ جامائەتنى ئاپتومات بىلەن ئوققا تۇتقان. نەتىجىدە 25نەپەر ئۇيغۇر نەق مەيداندا شېھىت بولغان، 10دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئېغىر يارىلانغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋەقەدىن كېيىن، جەسەتلەرنى ئۆز نازارىتى ئاستىدا دەپنە قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ئۇچۇرنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ ،شېھىت بولغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى قورقۇتۇش بىلەن بىرگە ئۇچۇرنى تارقاتقانلارنى ئېغىر جازالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
قاغلىق ناھىيىسدە يىغىن چاقىرىپ، ئۇيغۇر خەلقىگە «بىر تۇركۇم تېروچىلار ساقچىلارغا قارشى توپىلاڭ كۆتۇرگەنلىكى ئۈچۈن نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلاندى» دەپ ئۇقتۇرۇپ، سانىنى ئاشكارا قىلمىغان.بۇ خەۋەر 15-مارت كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرىپىدىن دەلىللەندى.
شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە مەزكۇر رايۇننى دۇنيادىن مەخپى قالدۇرۇش ئۈچۈن خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆپلەپ ئەسكەر يۆتكەۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

نۇرئەلى مۇھەممەت تەبلىغ ئاڭلىغانلىقى سەۋەپلىك ئون يىللىق قاماققا مەھكۈم قىلىندى

ئۆز خەۋرىمىز:

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىختيارى مۇخبىرىمىز سايرام تەمىنلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، قەشقەر ۋىلايتىنىڭ پوسكام ناھىيىسى سەيلى يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق نۇرئەلى مۇھەممەد ۋە نۇرمۇھەممەد ھېمىتنى 2014-يىلى تېلېفۇنىدىكى كۈسەنى ئۈستازنىڭ تەبلىغىنى ئاڭلىغان تېلېفۇن خاتىرىسىنى يۇيۇلۇپ كەتكەن يېرىدىن ئەسلىگە كەلتۇرۇپ، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچىدە قولغا ئالغان ھەمدە پوسكامغا ئېلىپ كېلىپ يېپىق سوتتا ھەرئىككىسىگە 10يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن.
خىتاي تاجاۋۇزچلىرى ئۆزلىرى تاپالىغانلىرىنى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا قىلغان ئىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئېغىر جازاغا مەھكۈم قىلىش بىلەن بىرگە يەنە «ئۆزلىرىڭلار مەسىلەڭلەرنى تاپشۇرساڭلار كەڭچلىك بىلەن بىرتەرەپ قىلىمىز» دەپ ئالداش سىياسىتى بىلەن قېزىپ زەربە بېرىش ھىلىسىنى ئىشقا سېلىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش سىياسىتىنى تېزلەشتۇرگەنلىكى ئاشكارا بولماقتا.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنى ئالداش ئۈچۈن ساراي موللىلىرىنى ئەۋەتتى

ئۆز مۇخبىرىمىز ئارتۇچ بۇغرا خەۋىرى:

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا زۈلۈم سىياسىتىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، چەتئەلدىكى بولۇپمۇ مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا خىتاي قورقۇنچى ۋىروسىنى تارقىتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرەپدارلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى زۈلۈمنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە پاش بولۇشىنى توسۇپ، ئۇلارغا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلىۋاتقان زۈلۈمىنى ھەق قىلىپ كۆرسىتىش، ئىسلام دىنىدىكى كۆرسەتمىلەرنى ئۆز سىياسىتىگە ماسلاشتۇرۇش، ئۇلارنى قايتىپ بارغاندىن كېيىن «خىزمەت بېرىمىز» دەپ ئالداپ، ئىسلام دىنىنى دوگما ھالەتتە چۈشىنىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا بېقىندى بولۇپ ئىشلەيدىغان ساراي موللىلىرىدىن قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن ئوقۇش ياردەم پۇلى، پاسپورت ۋە ئىقامەتلىرىنىڭ ئۇزارتىلىشىغا قولايلىق يارىتىشتەك خىزمەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشىلىقىنى بىلدۇرەلمەيدىغان ۋە خىتايغا قارشى كىشىلەردىن يىراق تۇرىدىغان ھالەتكە ئېلىپ كەلگەن.
ئۆتكەن يىلى ئىگەللىگەن ئۇچۇرلاردا بولسا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە ھەر شەھەرنىڭ ساقچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئومەك مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۆيمۇ-ئۆي دوقۇرۇپ يۇرۇپ، ئۇيغۇر ياشلارنى قورقۇتۇپ، بىر قىسمىنى ۋەتەنگە ئېلىپ كېتىشكە زورلىغان ھەمدە قايتقانلارنىمۇ ئۈرۈمچى ئايدۇرۇمىدا قولغا ئالغان.
مىسىردىن ئىگەللىگەن يېقىنقى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، 9-مارتتىن باشلاپ ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇشۈكۇر داموللام باشلىق خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ ساراي موللىلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ئومەك مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىينچىلىقىنى ھەل قىلىمىز، دىگەن نىقاپ بىلەن پەردازلىنىپ، مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە قايتىپ بارغاندا خىزمەتكە تەقسىم قىلىش ۋەدىسى بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى ھىمايە قىلىش، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۈلۈمنى ئاشكارىلىماسلىق تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بېرىپ، مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىشقا، ئاللاھنىڭ قۇرئانىدىكى «زالىمغا قارشى تۇرۇڭلار» دىگەن ئايەتكە خىلاپ ھالدا ئىسلام دىنىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇن ھالەتتە خىزمەت قىلدۇرۇشقا تەرغىپ قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرغا چىقماقتا.

ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى قاغلىق ۋەقەسىگە قارىتا بايانات بەردى

ئۆز خەۋرىمىز:

رادىئومىز 16-مارت خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاغىلىق ناھىيسىدە ئېلىپ بارغان كۆللىكىتپ قىرغىنچلىقىغا قارىتا رادىئومىز تورىدا بايانات بەردى.
باياناتتا خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ قىرغىنچلىق قىلمىشغا قارىتا كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۈچ كۈنلۈك ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستلىرىدا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش سەپەرۋەرلىكىگە چاقىرىق قىلدى.باياناتتا يەنە خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياسىي ھەركىتىنىڭ قەدىمىنى تېزلەشتۈرگەنلىگىنى بۇنىڭغا قارشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ھالدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتىشىنىڭ زوررۇلىكىنى تەكىتلىدى .

ئۆز خەۋرىمىز:

ئۆز مۇخبىرىمىز قاراخان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىنىڭ يولباشچىسى،ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن تېلىفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى. بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلى مەزمۇنىنى يوقۇرىدىكى ئاۋاز قويغۇچتىن ئاڭلىغايسىلەر.

ھەپتىلىك خەۋەرلەر 10-سان 2017-يىلى 19-مارت يەكشەنبەدىكى ئىنكاسلار

  1. بورتالادا بىر كىشى تۈرمىگە كىرىپ كېتىپ 2ئايدىن كېيىن ئۆلۈكى چىقتى بۇ يىل 3-ئاينىڭ 6-كۈنى دەپنە قىلىش پۈتۈنلەي ساقچىلار تەرەپتىن بولدى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز