ھەپتىلىك خەۋەرلەر 2017-تىلى 16-ئاپرېل يەكشەنبە


پروگراممىغا تەييارلىغۇچى: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

مىروفۇندا: قاراخان ۋە تۇمارىس

ئۆز خەۋەرلىرىمىز:

1. 73ياشلىق خەلچىخان ھوشۇر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا شوئار توۋلاپ قارشىلىقىنى بىلدۇردى

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىلىرىمىزدىن سايرامنىڭ يوللىغان ئۇچۇرلىرىدا مەلۈم بولىشىچە، يەركەن ناھىيىسىنىڭ توم ئوستەڭ يېزىسى 7-كەنتدە تۇرۇشلۇق خەلچىخان ھوشۇرنى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى توم ئوستەڭ يېزىسىدا ئەسەبىلىك ئىدىسيىنى تاپشۇرۇش يىغىنى ئېچىپ نەچچە مىڭ خەلق ئاممىسى يىغىلغان مەيداندا سەھنىگە چىقىرىپ ياغلىقىنى ئېلىپ تاشلاپ مەسلىسىنى تاپشۇرۇشقا قىستالغان.

خەلچىخان ھوشۇرنىڭ ئابلەت بارات، تۇرال بارات، سىڭىللىرىدىن جەننەت بارات، پاتىگۈل بارات، كىيئوغۇللىرىدىن ئابدۇرسۇل، ئەركىن قاتارلىق پەرزەتلىرى 2014-يىلدىن باشلاپ تەبلىق ئاڭلىغان ، ساقلىغان دىگەن بۆھتانلار بىلەن 10يىللىقتىن مۇددەتلىك قاماققا مەھكۈم قىلىنغان ئىدى.

بۇ پەرزەتلىرىنى ئەسەبىي ئىدىيىدە تەربىيلىگەن دەپ 73ياشلىق خەلچىخان ھوشۇرنى، مەسلىسىنى بېشىدىكى ياغلىق ئېلىپ تاشلانغان، چاچلىرى چۇۋۇلغان ھالەتتە تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلانغان.

خەلچىخان ھوشۇر سەھنىگە چىققاندىن كېيىن پەستىكى خەلق ئاممىسىغا كۆز يۈگۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۈنلۈك ئاۋازدا «ئاللا بىزلەرنى بۇ زالىم خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ زۈلۈمىدىن قۇتۇلدۇرغىن، سېنىڭ دىنىڭ خارلىنىۋاتىدۇ ، سەن ئۆزەڭ بىزگە ياردەم قىل، ئەي شەرقىي تۈركىستان مۇجاھىتلىرى سىلەر نەدە؟ بىزنىڭ ھالىمىزنى كۆرۇپ تۇرۋاتامسىلەر؟ھەي مۇھاجىرەتتىكى دەۋاگەرلەر ؟ ئەي رابىيە قادىر خانىم قېنى سىلەر؟ دەپ نىدا قىلغان.

ھاڭۋېقىپ قالغان كادىرلار شاپاشلاپ سەھنىگە چىقىپ، 73ياشلىق خانىمنىڭ ئاغزىنى تۇتۇۋېلىپ قوللىرىنى قايرىپ سۆرىگەن پېتى ماشىنىغا بېسىپ ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ 7يىللىق قاماققا مەھكۈم قىلغان.

2. تۇرامەت تۇرسۇننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئايالى ۋە باللىرىمۇ جازالاندى

بىز ئالدىنقى قېتىملىق خەۋىمىزدە، پوسكام ناھىيسىنىڭ ئىككىسۇ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق تۇرامەت تۇرسۇن 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاقسۇغا پاختا تېرش ئۈچۈن بارماقچى بولۇپ، تەۋەلىكىدىكى ئىككىسۇ يېزىلىق ساقچخانىغا «يېشىل كارت»بېجىرىش ئۈچۈن بارىغاندا خىتاي تاجاۋۇزچى ساقچىلىرى تەرپىدىن نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق.

بۇ خەۋەر 11-ئاپرىل كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تەرپىدىن ئېنىقلىنىپ دەلىللەندى. بۇ ۋەقەنى ئىچكىرىلەپ ئىگەللەش داۋامىدا، تۇرامەت تۇرسۇننىڭ جەسىدىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى توپا ئىتىرىش ماشىنىسى بىلەن نازارەت ئاستىدا كۆمۇپ تاشلىغانلىقى، ئايالىنى بولسا ۋەقەدىن كېيىن «ئاشقۇن ئىدىيەدە» دەپ جىنايەت ئارتىپ ئۈچ يىللىق قاماققا مەھكۈم قىلغانلىقى، كىچىك نارىسىدە بالىلىرىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن تەسىس قىلىنغان يىغىۋېلىش ئورنىغا ئېلىپ كەتكەنلىكى ئوتتۇرغا چىقتى.

3. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇر كادىرلارنى «ئىككى يۈزلىمىچىلەر»دەپ يوقىتىشقا باشلىدى

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تەشۋىقات تورلىرىدا 9-ئاپرىل يوللىغان خەۋىرىدە, خوتەن ۋىلاھىيىتى تەۋەسىدە 97نەپەر ئۇيغۇر كادىرنى خىزمەتتە مەسئولىيەتسىزلىك قىلدى دىگەن باھانە بىلەن ئوخشىمىغان جازالارغا مەھكۈم قىلغان ئىدى.

ياسىن سىدىق، قەشقەرنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مەمتىمىن بەكرىدىن كېيىن ماقالە ئېلان قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى» ئۇيغۇر كادىرلارنى تازىلاشنى ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرى دەرىجىلىك 2‏- يەرلىك ئەمەلدار. ئۆتكەن ھەپتە مەمتىمىن بەكرى ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر كادىرلىرىنى «تېررورلۇق»قا قارشى تۇرۇش كۆرىشىدە «شەكىلۋازلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

دىمەك خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش كۆرىشى بولسا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈركۈملەرگە بۆلۈپ يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي ھەركەت بولۇپ ئۇيغۇرلارنى 3-تۈركۈمگە بۆلگەن.

1-تۈركۈمدىكى ئۇيغۇلار تەييار بولغانلار يەنى دىنىي ئالىملار، ئەھلى ئىلىم تالىپلار كۆزدە تۇتۇلغان.

2-تۈركۈمدىكى بولسا يېرىم تەييار بولغانلار ئىقتىسادى بار بولغان بايلار، ئىمانلىق ياشلار، مىللىتىم دەيدىغان ئوت يۈرەك ئىنسانلار.

3-تۈركۈمدىكىلەر بولسا خىتاي تاجاۋۇزچىلارغا سۈكۈت قىلىپ ياشايدىغان، قارشىلىق قىلمايدىغان ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى توغرا دەپ بىلدىغان، ئۇلارغا غالچىلىق،مۇناپىقلىق قىلىۋاتقانلار بولۇپ ھازىر يۇقىردىكى ئىككى تۈركۇمدىكىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يوق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىگە سادىق ئىشلىگەن ،ئىشلەۋاتقان غالچىلارنى ھەر خىل ئىسملار بىلەن يوق قىلىشقا ئاتلانغانلىقىنى، 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا خوتەن شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى رەئىسى ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلىتىپ ئابدۇرھىم داموللىنى ئۈچ يىللىق قاماققا مەھكۈم قىلغانلىق خەۋىرىنى ئالغان ئىدۇق.

دىمەك، خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ پۇتۇن ئۇيغۇرنى دۇشمەن دەپ قارا تىزىملىككە سېلىپ بولغانلىقىنى ،ھەر قانداق ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ بولغانلىقىنى پەقەت ۋاقىت مەسلىسى قالغانلىقىدەك بىر ھەقىقەتنى تونۇشنىڭ مۇھىملىقىنى نۇر بەكرى، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق غالچىلارنىڭمۇ ئاخىردا نۆۋەت بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدىغانلىقىنى بىلۋېلىشىمىز بەك مۇھىمدۇر…

4. گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار يەرمەنكىگە تەييارلىق قىلماقتا

گوللاندىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 4-ئاينىڭ 22-23-كۈنلىرى ئىككى كۈنلۈك يەرمەنكە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلماقچى.

ئىگەللىشمىزچە بۇ پائالىيەتكە جەمئىيەت تەرىپىدىن ھەر خىل ئۇيغۇر تائاملىرى، ئۇيغۇر كىيىم كېچەكلىرى ھەمدە ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەرپىدىن يېقىندا نەشىردىن چىققان ئانا تىل كىتاۋىنىڭ 2-قىسمى قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئورپ-ئادەتلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بۇيۇملار سېتىلماقچى.

گوللاندىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكىتىپ ئاۋاز قوشۇپ ، شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان زۈلۈملارغا قارشى بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ھالەتتە تەشكىلاتلار ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتكە ئاۋاز قوشۇش، پەرزەتلىرىمىزنى تەربىيە ئالىدىغان سورۇنلاردىن مەھرۈم قىلماسلىق، ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىزنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاش پۇرستىگە ئىگە بولالايمىز.

5. دىنىي زات مۇختەر مەخسۇم خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن 10يىللىق قاماققا مەھكۈم قىلىندى

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز سايرامنىڭ يوللىغان خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەركەن ناھىيىسىنىڭ ئاتاقلىق دىننى زاتى ھەمدە يەركەن ناھىيىلىك ئىسلام جەمئىيىتنىڭ رەئىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان يەركەن ناھىيسىدىكى ئالتۇنلۇق مەسچىتىنىڭ خاتىپى مۇختەر مەخسۇمنى 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 10يىللىق قاماققامەھكۈم قىلغان.

بىز بۇ ئۇچۇرنى دەلىللەش داۋامىدا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ 3-ئايدىكى سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ ئېچلىش ھارپىسىدا بىر قىسىم دىننى زاتلارنى مۇددەتلىك قاماققا مەھكۇم قىلغانلىقىنى، ئۇلاردىن 500دىن ئارتۇق دىنىي زاتنى ئۈرۈمچىدىكى بىر يىغىن زالىغا توپلاپ دىلنار ئابدۇللانى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇسۇلغا سالغان. بىر قىسىم دىنىي زاتلار بۇ ئىشقا نارازىلىق بىلدۈرگەندە ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدە ئەسەبىي ئىدىيە بار دەپ قارا تىزىملىككە ئالغان.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنى قانۇنى ئاساسقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن دىنىي زاتلاردىن پىكىر ئالغان خوتەن شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىنىڭ رەئىسى ئابدۇلىتىپ داموللام نىكاھ ئوقۇشنى چەكلەش ماددىسىغا پىكىر بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۈچ يىللىق قاماققا مەھكۈم قىلغان ئىدى.

مۇختەر مەخسۇمغا ئارتىلغان جىنايەت بولسا، ئەسەبىيلىك ئىدىيىنى تەرغىپ قىلغان، مەسچىتنىڭ ئىقتىسادىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان دىگەندەك تۆھمەتلەر ئىكەنلىگى ئاشكارا بولدى.

يېقىندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تاراتقۇلىرىدىن ئۇيغۇر كادىرلار، ۋەتەنپەرۋەر دىننى زاتلارنى ھەر خىل بۆھتانلار بىلەن يوقىتىش ئوبىكتى قىلىۋاتقانلىقىنى ، مۇھاجىرەتتكى كۈزەتچىلەر ئىلگىلىرى سۈرگەندەك ، خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى دەرىجىگە بۆلۈپ يوق قىلىۋاتقانلىقىدەك سىياسىي مەقسىتىنىڭ ئاشكارلانغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

دىمەك ، سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇش، مەن قارشىلىق قىلسام ئۇرۇق –تۇققانىلىرىم زىيانغا ئۇچرايدۇ، دەپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ، زۈلۈمىغا سۈكۈتتە تۇرغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ بىر-بىرلەپ يوق قىلىدىغان ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۈزەتچىلەر ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز