ھەپتىلىك خەۋەرلەر 2017-تىلى 2-ئاپرېل يەكشەنبە


پروگراممىغا تەييارلىغۇچى: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

مىروفۇندا: قاراخان ۋە تۇمارىس

ئۆز خەۋەرلىرىمىز:

د ۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرۈك ئەپەندى شىۋىتسىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن سېيىت تۈمتۈرۈك ئەپەندى، 23-مارت كۈنى شېۋىتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كومىتېتنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى.
ئىگەللىشىمىزچە، سېيىت تۈمتۈرۈك ئەپەندى 23-مارت شىۋىتسىيەدىكى ئۇيغۇر كومىتىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەتلىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن 26-مارت كۈنى شېۋىتىسيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان نەۋرۈزغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر كومىتېنىڭ خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ھەمدە مۇھىم سوھبەتلەردە بولغان.
24-مارت كۈنى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى شىۋىتىسيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ تەكلىۋى بىلەن سۇتۇق بۇغرا مەسچىتىدە زىيارەتتە بولغان ھەمدە بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەر ھەققىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.

شىۋىتىسيەدىكى سۇتۇق بۇغرا ئۇيغۇر مەسچىتىنى د ۇ ق ھەيئەتلىرى زىيارەت قىلدى

شىۋىتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كومىتىتنىڭ تەكلىپى بىلەن نۇرۇز پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن تۈركىيە ، قازاقىستان، گىرمانىيە، گوللاندىيە، نۇرۋىگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىس ۋە تەشكىلات رەئىسلىرىدىن تەشكىل تاپقان ھەيئەتلەر 26-مارت چۈشتىن بۇرۇن شىۋىتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى تەرپىدىن ئېچىلغان «سۇتۇق بۇغراخان مەسچىتى» نى زىيارەت قىلدى.
سۇتۇق بۇغرا مەسچىتى ئىدارە ھەيئەتىنىڭ رەئىسى فارۇق سادىق باشلىق ئىدارە ھەيئەتلەر مېھمانلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالدى.
كۇتېۋېلىش پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان فارۇق سادىق ئەپەندىم مېھمانلارغا شىۋىتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە سۇتۇق بۇغرا مەسچىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدىمۇ قىسقىچە توختالدى.
تەكلىپ بىلەن سۆزگە چىققان قازاقىستاندىن كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى شىېىۋىتسىيەدە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بىر مەسچىتنىڭ بىنا بولۇشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ۋە كەلگۇسى ئەۋلاتلارنى تەربىيلەشتە مۇھىم رولى بارلىقىنى بىلدۇردى.
كەلگەن مېھمانلاردىن تەكلىپ بىلەن سۆزگە چىققان گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى سادىقجان سەلەي گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ سالىمىنى يوللاش بىلەن بىرگە مەسچىتنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلىدى .
تۈركىيەنىڭ قەيسىرىدىن كەلگەن ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ئەپەندى قەيسىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى ۋە ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن كۆپچىلىك تايلاندا 3يىلدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىدىن چىقىشى ئۈچۈن دۇئادا بولدى.
نۇرۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرىدىن سىراجىدىن پەتقۇللا شىۋىتسىيەدە قۇرۇلغان سۇتۇق بۇغرا مەسچىتىنىڭ بىرلىك، باراۋەرلىك ئىتتپاقلىق ئىچىدە ئۇيغۇر جامائىتىنى بىر يەردە جەم قىلىشتا ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچ-ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋىتسىيە ئۇيغۇر كومىتېنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساق سۇتۇق بۇغرا ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۇرۇدى.
زىيارەتكە كەلگەن مېھمانلار سوھبەتتىن كېيىن مەسچىت ھەيئىتى تەرپىدىن تەييارلانغان يىمەكلەرگە ئېغىز تەگدى.
پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى 11:30دىن 1گىچە داۋام قىلدى.

ئۇيغۇر بوكسۇرچى فارۇق قۇربانۇف ياۋروپا چىمپىيونلۇققا ئېرىشتى

بېلگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بوكسۇرچى فارۇق سادىق ئۆزى بىلەن ئوخشاش دەرىجىلىكلەر مۇسابىسىدە 2016-يىلى 10-ئايدا بېلگىيەدە چىمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئىدى.
2017-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى فېنلاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چىمپيونلۇقىنى تاللاش مۇسابىقىسدە فېنلاندىيەلىك 26ياشلىق ماھىرنى يېڭىپ ياۋروپا چىمپيونلۇقىقا ئېرىشتى.
فېنلاندىيە ماھىرى ئۆزىنىڭ مۇسابىقە تارىخىدىكى 11قېتىملىق مۇسابىقىسىنىڭ 4 قېتىمىدا رەقىبىگە يېڭىلىپ قالغان.
ئۇيغۇر بوكىسچى فارۇق قۇربانوف 12قېتىملىق مۇسابىقە تارىخىدا رەقىبىگە يېڭىلىپ باقمىغان.
12ئايلانما ئۇچرىشىشتا فارۇق رەقىبى بولغان فېنلاندىيە ماھىرىنى ئۈستۈنلۈك بىلەن يېڭىپ، ياۋروپا چىمپىيونلۇق كەمىرىنى بېلىگە تاقىدى.
بۇ نەتىجىسى بىلەن فارۇق قۇربانوف بېلگيەدىكى ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس بەلكى، پۇتۇن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا شەرەپ كەلتۇردى.

قاغىلىقتىكى تىجارەتچى ئابلىمىت ئاق خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن تۈرمىدە شېھىت قىلىندى

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز سايرامنىڭ بىلدۇرۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاغىلىق ناھىيىسى چاچقۇم بازىرىدا تۇرۇشلۇق 53ياشلىق ئابلىمىت ئاق ئۆزىنىڭ ھالال تىجارىتى بىلەن بېيىغان، كوپلىگەن يەر-زېمىنغا ئىگە ئوتتۇراھال دېھقان بولۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن 90-يىللاردا يەر ئاستى دىنى مەكتەپتە ئوقۇدۇڭ دىگەن سەۋەپلىك تۈرمىگە مەھكۈم قىلىنغان.
2016-يىلىدىكى بۇرۇن ئۆتكۈزگەن قىلمىشىنى مەجبۇرى تاپشۇرۇش سىياسىي ھەركىتىدە، 2016-يىلى 2-ئايدا ئۆيىدە قولغا ئېلىنغان.خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇنى تۈرمىدە قىيىن -قىستاقتا شىھىت، قىلىپ ئائىلىسىگە جەسىتىنى تاشلاپ بېرىپ، نازارەت ئاستىدا كومدۇرگەن.
ئاكىسىنىڭ تۈرمىدىكى تۈيۇقسىز ئۈلۈمىدىن شۇبھىلەنگەن ئىنسى ئابلەت ئاق خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئېنىقلىما بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئابلەت ئاق ۋە ئايالىغا « ئاشقۇن ئىدىيەدە» دىگەن جىنايەتنى ئارتىپ 10يىللىقتىن قاماققا مەھكۈم قىلغان.

شەرقىي تۈركىستانغا قايتىقان ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنماقتا

يېقىندا رادىئومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۈم بولىشىچە، مىسىر ، سەۋۇدى ئەربىستان، تۈركىيە ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئوقۇۋاتقان ، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىكى بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۆزلىرىگە ۋە ۋەتەندىكى ئۇرۇق -تۇققانلىرىغا بېسىم قىلىشى نەتىجىسىدە ئائىلىسىگە قايتىشقا مەجبۇر بولۇپ،قايتىپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئايدۇرۇمدا تۇتقۇن قىلىنىپ مەخپى تۈرمىلەرگە مەھكۈم بولغانلىقى ئاشكارلاندى.
مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن خىتاي تەرىپىنى ئالغانلارغا ۋە ۋەتەندىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سىياسىغا چېتىلىپ جازالانمىغانلارغا 3000 يۈەندىن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بېرىلگەن. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىر تەرەپتىن ئىدىيسىدە مەسىلە بار، دەپ قارىغان ياكى ئىتقادى مۇستەھكەم بولغان ئۇيغۇرلارغا يۇمشاق –قاتتىق ۋاستىلار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كېتىشكە بېسىم قىلسا ، بىر تەرەپتىن ئابدۇشۈكۇر داموللام باشلىق ئوردا موللىلىرىنى ئەۋەتىپ ئىدىيە خىزمىتى ئىشلىگەن. يېقىندا يەنە خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىن تەشكىللەنگەن ئومەكنى ئەۋەتىپ كەڭ –كۆلەملىك قايتۇرۇش خىزمىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.كۆرغشكە بولىدۇكى،
خىتاي تاجاۋزچىلار نۆۋەتتە، شەرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى ئەھلى ئىلىم زاتلارنى يوقىتىپ بولغاندىن كېيىن،ئەمدى خىتاي پاسپورتىدىكى ۋەتەن سىرتىدىكى ئەھلى ئىلىملەرنى يوقىتىشقا ئاتلىنىپ، بۇنىڭغا ماس قەدەمدە شەرقىي تۈركىستان ئىچى ۋە سىرتىدىكى بايلارنى نىشانغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۇلكىنى تالان-تاراج قىلىش سىياسىي ھەركىتىنى باشلىماقتا. ئارتۇش بايلىرىدىن ئون مىليوندىن ئارتۇق ئىقتىسادقا ئىگە 70دىن ئارتۇق كىشنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بۇنىڭ دەلىلى دېيىشكە بولىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدە ۋەقە چىقتى

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز سايرامنىڭ يوللىغان ئۇچۇرىدا مەلۇم بولىشىچە، 31-مارت كۈنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى جۇخەيلۇن قەشقەر شەھىرىدىكى پۇتۇن دىننى زاتلارنى يىغىپ يىغىن ئېچىۋاتقان بولۇپ، قەشقەردىكى ئۇيغۇر پىدائىيلار خىتاينىڭ قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى سودا –سانائەتچىلەر بانكىسىغا بىنزىنلىق ھۇجۇم قىلىپ بانىكىغا ئوت قۇيۇپ بەرگەن .

ئىگەللىشمىزچە، بانكىنىڭ ئوت تەسىردە پۇتۇنلەي ۋەيران بولغانلىقى، ئادەم يارلىنىش ئەھۋالى ۋە پىدائىيلارنىڭ ئەسىرگە چۇشكەن ياكى چۇشمىگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالمىغان بولساقمۇ ئەمما خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ قەشقەر شەھىرىدە ئومۇميۇزلۇك ئاختۇرۇشنى باشلىغانلىقى، پۇتۇن خەلىقنىڭ سىرتقا چىقىشنى چەكلىگەنلىكى ھەمدە جىددى ھالەتنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرگەنلىكى ئاشكارلاندى.

بىز بۇ خەۋەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇشقا ئاللانىڭ ياردىمى بىلەن تىرشىمىز. دىققىتىڭلار ھەرۋاقىت ھويلام تورى خەۋەر سەھىپىسىدە بولسۇن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز