ھەپتىلىك خەۋەرلەر 2017-تىلى 9-ئاپرېل يەكشەنبە

پروگراممىغا تەييارلىغۇچى: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

مىروفۇندا: قاراخان ۋە تۇمارىس

ئۆز خەۋەرلىرىمىز:

1.خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى سۇرىيەدە تەربىيلەنگەن ئۇيغۇرلارنى پاش قىلغانلارغا 20000مىڭ خىتاي پۇلى مۇكاپات بەرمەكچى

يېقىندا ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ رادىئومىزغا قىلغان ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە بارماقچى بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى جاسۇسلۇق قىلىشقا زورلىغان ھەمدە ئۇلارغا يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ۋەتەنگە كىرىپ چىقىش ۋە باشقا سودا ئىشلىرىدا قولايلىق يارتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگەللشىمىزچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى سۈرىيەگە كېتىپ بارغانلارغا ئانچە قىزىقمايدىغان بولۇپ، شۇ يەردە مەلۇم مۇددەت تەربىيە ئېلىپ چىقىپ، تۈركىيە ۋە باشقا يوللار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا كىرمەكچى بولغانلارغا ياكى تەربىيلىنىپ بولۇپ ئىستانبۇلدا تۇرۇپ قالغان پىدائىيلارغا بەكرەك قىزىقىدىكەن.

ئەگەر بۇلارنىڭ رەسىمى ۋە باشقا شەخسى ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلىگەنلەرگە 20000خىتاي پۇلى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن.

ئىگەللەش داۋامىدا مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بولسىلا ئۇندىدار ياكى بىۋاستە تىلفۇن قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ۋەتەندىكى ئائىلە تاۋاباتلىرىنى گوروگە ئېلىپ تۇرۇپ، تەھدىت بىلەن جاسۇسلۇق قىلىشقا قىستاۋاتقانلىقى ئوتتۇرغا چىقتى.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر كۈزەتچىلەر ، مۇھاجىرەتتكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ جاسۇسلۇق تەكلىپلىرىگە قارىتا ھۇشيار بولىشىنى بولسا ئۈندىدارنى ئىشلەتمەسلىكىنى، باشقا شەكىلدە تىلفۇن قىلىسا ئامال بار سۆزلەشكەن مەزمۇنلارنى ئاۋازغا ئېلىپ ساقلاشنى، ئۇلار دىگەن ئۇچۇر ۋە رەسىم بىلەن تەمىنلىمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا چۇشۇپ يوللىغان ئۇچۇرلىرىنى دەسدەك قىلىپ تېخىمۇ كۆپ جاسۇسلۇققا ئۈندەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

2.سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلىتىپ داموللام ئۈچ يىللىق قاماققا مەھكۈم قىلىندى

ئاتالمىش ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونۇم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتنىڭ مۇئاۋىن باشلىق خىزمىتىدە بولغان ئۆزى خوتەن شەھىرنىڭ مەركىزى جامەسىنىڭ خاتىپى، ناۋاغ مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇلىتىپ ئابدۇرھىم داموللام  خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن بۇ قېتىملىق سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئېچىلىشدىن بۇرۇن ئۈچ يىللىق تۈرمە جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان.

ئىگەللەش داۋامىدا، ئابدۇلىتىپ داموللامنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 1-ئاپرىل ئىجرا قىلماقچى بولغان «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامنامىسى»دىكى «ئىسلام دىننىڭ نىكاھ ئىشلىرىغا ئارلىشىشقا يول قۇيۇلمايدۇ »دىگەن ماددىسىغا ئۆز پىكرىنى بەرگەنلىكى ئىسلام دىنىدا نىكاھنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن «ئىدىيىسىدە ئەسبىيلىك بار» دەپ قاراپ بۇ يىل 71ياشقا كىرگەن ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن ئوردا موللىسىنى قاماققا مەھكۈم قىلغان.

3.خىتاي تاجاۋۇزچىلار چەتئەلەردە ئىسلام دىنىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۇقتۇرۇشنى تارقاتتى

بۈگۈن ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇردا خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ھەر قايسى شەھەر، ناھىيلەرگە چۈشۈرگەن ئۇقتۇرۇشىدا ئاشكارلىنىشىچە ، چەتئەللەردە ئىسلام دىنىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن قايتىپ كېلىشى كېرەكلىكى ئەگەر قايتىپ كەلمىسە قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۇرۇشتە قىلىندىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ ئۇقتۇرۇشنى بۇ يىل بېشىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا باشىلىغان بولۇپ، مىسر،تۈركىيە  قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىسلام دىنىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تۈركۈملەپ قايتىشقا دەۋەت قىلغان. ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىشنىپ قايتىپ بارغانلارنى ئايرىدىرومدىلا تۇتقۇن قىلىپ، ھازىرغىچە ئىزدېرىكى بولمىغانلىغىدەك ئۇچۇرلارغا ئىگەبولغان ئىدۇق.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرلارنى قايتىپ كەلمىسە  ۋەتەندىكى ئۇرۇق –تۇققانلىرىنى قولغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ، ئۇلارنى قورقۇتۇپ ۋەتەنگە قايتىپ بارغاندا تۈرمىلەردە مەخپى يوق قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى  شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل تۈرگە ئايرىپ يوق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، مۇھاجىرەتتكى ئەھلى ئىلىملەرنى ئەڭ خەتەرلىك دەپ قاراپ، باشتا شۇلارغا قارا قولىنى ئۇزاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى يېقىندىن كۈزەتچىلەر، مۇھاجىرەتتكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇندىدار ۋە باشقا ئالاقە ۋاستلىرى بىلەن قورقاق سېلىشىدىن قورقۇپ قالماي بەلكى تۇرۇشلۇق دۆلەتلىرىدە ئۆزىنى قوغداشقا ۋە ئۆزى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى دۇنياغا ئاشكارلاشقا، بۇ ئارقىلىق خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارغا زىيان سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

4.خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇندىداردا ئسىلامى سۆزلەرنى ئىشلەتكەنلەرنى تۇتقۇن قىلىشنى باشلىغان

ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستلىرىدا يوللانغان ئۇچۇرلاردا مەلۈم بولشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇندىدارنى تەكشۈرۈگەندە ئالدى بىلەن دوستلۇق چەمبىرىكىگە كىرىپ، ئىزدەش قانىلىدىن ئاللا، خۇدا، شۇكرى، چۈشتەبىرى، تۈرك ، تۈركىيە، تۈركىيە بايرىقى، سەۋۇدى ئەرەبىستان بايرىقى، ئەرەپ، سەبىر ، ناماز، دىن قاتارلىق سۆزلۈكلەرنى ئىزدەيدىغانلىقىنى بۇنىڭغا دائىر سۆزلۈكلەر چىققان ھامان ئۇنددىدار قوللانغۇچى تۇتقۇن قىلىدىغانلىقى ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بەزى نۇقتىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازلىق سۆزلەشكەن ۋاقىتتا خىتايچىگە تەرجىمە قىلىدىغان سېستىمىنى بەرپا قىلىپ قوللىنىۋاتقانلىقى ئاشكارلانغان ئىدى.

بۇنىڭدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ھوقوقىنىڭ تامامەن يوق قىلىنغانلىقى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھەممە ئۇيغۇرنى يوق قىلىش ھەركىتىنى ئوموميۈزلۈك باشلىغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى.

5. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تارقاتتى

ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشچە، ئىجتىمائى مۇقىملىقنى ساقلاش مەقسىتىدە بۇرۇن ئۆزى ياكى باشقىلار قىلغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشلىرىدىن دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان، قانۇنسىز توپلىشىپ ناماز ئوقۇغان، يەر ئاستى دىنىي مەكتەپلەردە تەبىلىغ ياكى دەرىس ئالغان، ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ تەرپىنى ئالغان ياكى ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلغان، يانفۇندا جىھاد فىلىملىرىنى كورگەن ياكى ساقلىغان يەنى كۆرگەن، ئاڭلىغان ، ساقلىغان ، ئويلىغان دىگەندەك قىلمىشلارنىڭ قايسى بىرى سادىر بولغان بولسا شۇنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ كۇچكە ئىگە ۋاقتى ئۈچ ئاي دەپ ئۇقتۇرۇلغان.

ئەگەر ئۈچ ئاي ۋاقىت ئىچىدە مەسلىنى تاپشۇرمىغانلارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى سۇرۇشتە قىلىنىپ ، ئېغىر جازالىندىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ بۇ قىلمىشى مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدىكى «ئېچىلىپ سايراش» دىگەندەك ئۇيغۇرلارنى زورلاپ مەسىلە تاپشۇرغۇزۇپ ئاز ۋاقىتتىن كېيىن جازالاپ، كونا سىياستىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.

شەرقىي تۈركىستان 21-ئەسىرگە كەلگەندە  20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى دەۋىرىنى قايتا بېشىدىن ئۆتكۈزمەكتە.

6.دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گوللاندىيەدە زىيارەتتە بولدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گوللاندىيەدە زىيارەتتە بولدى. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ۋە ئازاتلىق ھەكىتىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى،دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2- ئاپرېل كۈنى گوللاندىيەدە، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشىدىكى 1990-يىلى يۈز بەرگەن «بارىن ۋەقەسى» نىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى. پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە باشلاندى. پائالىيەتتە 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى بارىن ۋەقەسىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلۇپ ۋە دۇئا قىلىنغاندىن كېيىن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز ئەپەندى «بارىن ۋەقەسى» نىڭ يۈز بېرىش سەۋەب-ئامىللىرى، جەريانلىرى ھەققىدە توختالدى. پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «بارىن ئىنقىلابى»نىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە چەتئەللەردىكى تەسىرى، تارىخىي ئەھمىيىتى، ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىدىكى رولى ۋە قىممىتى قاتارلىق مەزمۇنلاردا تەپسىلىي توختالدى. پائالىيەت ئاخىرىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى پائالىيەتكە قاتناشقان گوللاندىيەدىكى ئاكتىپ ۋە ئىلغار ياشلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى. پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 8 گىچە داۋاملاشتى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز