ھەپتىلىك خەۋەرلەر 2017-يىلى 26-مارت


مىروفۇندا: قاراخان ۋە تۇمارىس

ئۆز خەۋرىمىز:

شەرقىي تۈركىستاندا نامازغا كەلگەنلەرنى تەكشۈرۈش تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن.

خىتاي تاجاۋۇزچىلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر يېرىدىكى نامازخانىلاردا كىملىك تەكشۈرۈشىنى يولغا قويۇپ، رايون تەۋەلىكىدە بولمىغان كىشلەرنىڭ ناماز ئوقۇشىنى چەكلەپ كەلمەكتە. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز سايرامنىڭ بىلدۇرۈشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مەسچىتكە كىرىپ چىققانلارنى كامىرا ئارقىلىق نازارەت قىلىشدىن باشقا يەنە ،مەخسۇس نۆۋەتچى خادىملارنى بەلگىلەپ كىملىك تەكشۈرۈپ، سىرتتىن كەلگەن كىشلەرنىڭ ناماز ئوقۇشىنى چەكلىگەن. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبى رايونىدىكى ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ، ئارتۇش قاتارلىق ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى مەسچىتلەرنى باشقۇرۇشنى كۇچەيتىش بىلەن بىرگە، ئاتالمىش ‹ۋەتەنپەرۋەر دىننى زاتلار› نى قەرەرلىك ئۈگنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ، بەزى مەزمۇنلارنى دىن نامى بىلەن بۇرمىلاپ، ھەتتا جۇمە خۇتبىلىرىنى تەييارلاپ بېرىپ، شۇنى ئوقۇپ بېرىشكە مەجبۇرلىماقتا.

جۇخەيلۇن قەشقەردىكى خىتاي ئەسكەرلىرىگە ئۇيغۇرلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىشنى تاپىلىدى.

ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى:

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۈۋانى بولغان تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جاللاتلىرىدىن بولغان جۇ خەيلۇن 19- مارت كۈنى قەشقەردە زىيارەتتە بولغان ھەمدە شۇ يەردە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەسكەرلىرىگە كۆرسەتمە بېرىپ ،ئۇيغۇرلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىشنى تاپىلىغان. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئەڭ مۇھىم ئىستىراتىگيىلىك ئورۇن ھەمدە بىرىنچى سەپ دەپ ئاتالغان قەشقەر ۋىلايىتىگە خىتاي ئەسكەرلىرى ۋە ئېغىر تىپتىكى قورال-ياراقلار ئەڭ كوپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان .قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل باھانە سەۋەپ بىلەن تۇتقۇن قىلىش ۋە ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى كۈندە دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرماقتا . قولىدا تۇمۇرنىڭ سۇنىقى بولمىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسۇم خەلقنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى «قارشىلىق كۆرسەتتى» دىگەن باھانىلەر بىلەن خالىغانچە قىرغىن قىلماقتا. 27-فېۋرال قاغىلىق ناھىيىسنىڭ لوق ناھىيىسىدە 25ئۇيغۇرنى كوللېكتىپ قىرغىن قىلغان بولسىمۇ، ئۇچۇرنى قامال قىلغان سەۋەپلىك بۇ كىشلەرنىڭ كىملىكى تېخى ئاشكارىلانمىدى.

ئۆز خەۋرىمىز:

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تۈركىيە ماللىرى ۋە تۈركىيەگە بارغان ئۇيغۇرلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا.

شەرقىي تۈركىستاندىن ئىگەللىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۈم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە تۈركىيە ماللىرىنى سېتىش مەخسۇس دۇككانلىرىدىكى تۈركىيە ماركىسىدىكى ماللارنىڭ سېتىلىشىنى چەكلىگەن ھەمدە تۈركىيەگە بېرىپ كەلگەن كىشىلەرنى تۈتقۇن قىلغان.
ئىگەللەش داۋامىدا تۈركىيەگە بارغان كىشلەرنىڭ تۈركىيەدىكى سىياسى ئارقا كۆرۈنىشى بار كىشلەر بىلەن كۆرۇشكەنلىكى ياكى ئەھۋاللاشقىنىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنى تەھدىتلىك كىشلەر، دەپ قاراپ، ھەزرىتى ئومەرگە ئوخشاش نورمال بېرىپ‏-كېلىپ ھالال كەسپى بىلەن جان بېقىۋاتقان كىشلەرنىڭ بەزىلىرىنى ئايرۇدۇرۇمدىن تۇتقۇن قىلغان بولسا؛ بەزىلىرىنى تۇرۇشلۇق ئۆيلىرىدىن تۇتقۇن قىلىپ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن مەخپى ھالدا سوراق قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. تۈركىيە ماللىرىنى سېتىۋاتقان كىشلەرنىڭ تۈركىيە ماللىرىنى سېتىشنى چەكلەش ، ئۇلارنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئۈزۈش ، خەلقىمىزنىڭ تۈركىيە ماللىرىغا بولغان قىزىقىشىنى يوق قىلىش ھەمدە تۈركىيەنى دۇشمەن كۆرستىش ئارقىلىق تۈركىيە ماللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ خىلدىكى تەدبىرلەرنىڭ يۇلغا قويۇلىۋاتقانلىقى ئايدىڭ بولماقتا.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز