ھەپتىلىك خەۋەرلەر 8-سان


ئۆزمۇخبىرىمىز ئارتۇچ بۇغرا خەۋىرى:

مىكروفۇندا: قاراخان ۋە تۇمارس

1- شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلار بىرىنچى دەرىجىلىك ھالەتنى كۇچەيتكەن

27-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە تېررورلۇققا زەربە بېرىش نامىدا 10 مىڭ كىشىلىك مانېۋىر ۋە قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
28-فېۋرال سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ شەھىرىدىمۇ 1-دەرىجىلىك ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنىپ، ھەربىي ھالەتنىڭ 3-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە، يەنى بېيجىڭدا 3-مارت باشلىنىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنى ۋە 5-مارت باشلىنىدىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئاخىرلاشقۇچە داۋام قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي پايتەختى بېيجىڭنىڭ ئوخشاش مەزگىلدە جىددىي ھالەتكە كېلىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقى، دىپلومات قاتارلىقلاردا: «ئۈرۈمچىدە 10 مىڭ كىشىلىك مانېۋىر ئۆتكۈزۈلۈپ ھەيۋە قىلىندى»، «خىتاي تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور قوشۇنلۇق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى»، «خىتاينىڭ ئىككى يىغىنىدىن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە مانېۋىر ئۆتكۈزۈلدى، بېيجىڭدا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلدى» دېگەندەك تېمىلاردىكى خەۋەرلەر بېرىلىپ، خىتاينى ئەنسىزلىككە سېلىۋاتقىنى پەقەتلا ئىپتىدائىي قورال پىچاق-پالتىلار بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل خىتاي تەۋەسىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئېغىر داۋالغۇش ۋە ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ھەر ۋاقىت يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىككى گۇرۇھ كۆرۈشى قاتارلىق كۆپ ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىندى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، چېن چۈەنگو قەسەمياد يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي مۇھىم تاپشۇرۇقىنى باشتىن-ئاخىرى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ساداقىتىمىز ئارقىلىق قەسىمىمىزنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك» دېگەن. ھالبۇكى 28 -فېۋرال كۈنى بېيجىڭدا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنغان كۈنى، بېيجىڭنىڭ چاۋياڭ رايونلۇق ھۆكۈمەت 4500 نەپەر قوراللىق ساقچى، ئەسكەرنى بېيجىڭدا تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئاجراتقان. 200 دانە برونېۋىك بېيجىڭ شەھەر مەركىزىدىكى كوچىلاردا چارلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى يەنە نەچچە يۈزلىگەن ساقچى خادىمىنى مەكتەپ، دوختۇرخانا، تۆمۈريول قاتارلىق جايلارغا تەرتىپ ساقلاشقا ئەۋەتكەن.

2- خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇندىدار ئارقىلىق سوراق قىلىش داۋاملاشماقتا.

خىتاي تاجاۋۇزچلىرى يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن چەتئەلگە چىقىپ كىرگەن، قولىدا پاسپورتى بارلارنى باشقىدىن تىزىمغا ئېلىپ ئارخىپلاشتۇرۇشتىن باشقا، خىتاي پاسپورتىدىكى چەتئەلدە ياشاپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا بولغان تەقىپ قىلىشنى ئاشۇرغان.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق -تۇققانلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئالاقە ئۇندىدارىنى قولغا چۈشۈرۈپ ئۇلارغا ئۇندىدار ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاپ ئۇلارنىڭ نەدە تۇرۋاتقانلىقى،نىمە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە پەرزەتلىرىنىڭمۇ قايسى مەكتەپتە، قانچىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقانلىقىنى سۇرۇشتە قىلغان.
ئۇلارنىڭ ئەھۋلىنى ئىگەللەشتىن سىرت ئۇلاردىن ئەتراپىدىكى سىياسىي تەشكىلات ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلغان.ھەتتا ۋەتەنگە تۇققان يوقلاپ كەلگەندە پەرزەتلىرىنى بىللە ئالغاچ كېلىشىنى ئالاھىدە تاپىلىغان. بۇنىڭدىكى مەقسەد، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئاغزىدىن ئالالمىغان ئۇچۇرلارنى پەرزەتلىرىدىن ئېلىشقا ئۇرۇنماقچى بولىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولدى.

3- شىۋىتسىيەدە خىتايغا ئىشلەۋاتقان تىبەتلىك جاسۇس قولغا ئېلىندى

شىۋېتسىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى«SEPO»، شىۋېتسىيەدىكى سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن مۇھاجىرلار ھەققىدە مەلۇمات توپلاپ، خىتايغا يوللىغان بىر جاسۇسلۇق گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى.
شىۋېتسىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى «SEPO» نىڭ ئاخبارات ئىشلىرى باياناتچىسى نىنا ئودېرمالم سىچى «شىۋېتسىيەدە بىخەتەر ھالدا سىياسىي پاناھلىق تىلەپ ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى نازارەت قىلىپ، قورقۇنچ ئىچىدە ياشىشىغا سەۋەب بولۇش، ئۆز دۆلەتلىرىدىكى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان يېقىن–يورۇقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرىشكە ئوخشاش بۇ خىل جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى دېموكراتىيەگە ئېغىر زىيان يەتكۇزىدۇ» دېدى.
شىۋىتسىيە مەتبۇئاتلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغان گۇماندار شىۋىتسىيە پۇقراسى بولغان 53ياشلىق تىبەت بولۇپ، شىۋىتسىيە ئىستىخباراتى 2يىل كەينىگە چۇشۈش ئارقىلىق پاش قىلغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات توپلاپ خىتايغا يوللىغان بابۇر مەخسۇت قولغا ئېلىنىپ، 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەر بىردەك خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان جاسۇسلۇق ھەركىتىنىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىدا مەخسۇس جاسۇسلۇق ھەركەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى،ھەتتا شەرقىي تۈركىستانغا تۇققان يوقلاپ بارغان ئۇيغۇرلارنى چاي سوھبىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق قاتتىق يۇمشاق ۋاستىلەر بىلەن ئۇچۇر توپلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۇرمەكتە.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز