ھەپتىلىك خەۋەرلەر 9-سان 2017-يىلى 12-مارت

ھەپتىلىك خەۋەرلەر 9-سان 2017-يىلى 12-مارت

ئۆزمۇخبىرىمىز ئارتۇچ بۇغرا خەۋىرى:

مىكروفۇندا: قاراخان ۋە تۇمارس

1. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى قەشقەردە يۇقىرى مائاشلىق 3000 ساقچى قوبۇل قىلماقچى

خىتاينىڭ خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت 6-مارت ئېلان چىقىرىپ، قەشقەرنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، يۇقىرى مائاش بىلەن خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن 3000 ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن قوبۇل قىلىنغان بۇ ساقچىلارنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىدىن يۇقىرى سەۋىيىدە بولۇشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ ھەر ئايلىق مائاشى 5000 يۈەن دەپ بەلگىلەنگەن ۋە ئۇنىڭغا يەنە ئېيىغا 500 يۈەن مۇقىملىق ساقلاش پۇلى قوشۇپ بېرىلىدىغانلىقى، قەشقەردىكى تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسى ھەل قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى قەشقەردە 3000 ساقچىنى قوبۇل قىلىش ئېلانىدىن ئىلگىرىلا شەرقىي تۈركىستاندا ساقچىلار سانى كۆپەيتىلگەن بولۇپ، بۇلتۇر 9-ئايدا رايونغا تەيىنلەنگەن يېڭى ئەمەلدار چېن چۈەنگو كەلگەندىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستاندا تېررورلۇققا زەربە بېرىش، مۇقىملىقنى ساقلاش نامىدا ھازىرغا قەدەر يېڭىدىن 30 مىڭدىن ئارتۇق ساقچىنى قوبۇل قىلغان. كوچا دوقمۇشلىرىدا قاراۋۇلخانىلارنى قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ دەۋرىدىكى ئەڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان.

2، 65ياشلىق رازىيەم خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن توت يىللىق قاماققا مەھكۈم قىلىندى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھرىدىن ئىگەللىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ يىل 65ياشقا كىرگەن رازىيەم خانىمنى داۋالىنىۋاتقان غۇلجا شەھەرلىك مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن 3-مارت قولغا ئالغان ھەمدە 4يىللىق قاماققا مەھكۈم قىلغان.
رازىيەم خانىمنىڭ جىنايىتى 7نەپەر نەۋرىسىنىڭ مەكتەپتىن قېلىشىغا سەۋەپچى بولغانلىقى بولۇپ ،داۋالىنىۋاتقان بىمارنى كېسەل كارۋىتىدىن زەمبىلگە سېلىپ ئېلىپ كېتىپ تۇرمىگە تاشلىغان.
رازىيەم خانىم ئۆتكەن يىلى يۈرىكىنىڭ 2يېرىگە كوۋرۇك سېلىش ئوپراتىسيەسى قىلدۇرغان بولۇپ، ھازىرمۇ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقتىن غۇلجا مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىسدا داۋالىنىۋاتقان ئىكەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا غالجىرلاشقان بولۇپ، 65ياشلىق كېسەل كارۋىتىدىكى ئېغىر كېسەللەرنىمۇ يوقىلاڭ باھانە سەۋەپلەر بىلەن تۇرمىلەرگە مەھكۈم قىلماقتا.

3، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا تۆي-توكۇن ۋە ئاشخانىلارغا كىرىشتىمۇ كىملىك بىلەن تەكشۇرۇپ كىرىشنى ئەمەلىلەشتۇردى.

يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىن ئىگەللىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ پائالىيەت قىلىدىغان توي-توكۇن، نەزىر –چىراق، ئاشخانا-رېستۇران قاتارلىق ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرىدا مەخسۇس كىملىك تەكشۇرۇش ئەسۋابى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شۇ ئورۇننىڭ مەسئوللىقىدا پائالىيەت سورۇنىغا كەلگەنلەرنىڭ كىملىكىنى بىر –بىرلەپ تەكشۇرۇپ، كىملىكىدە مەسىلە بولمىغانلارنى ئاندىن پائالىيەت سورۇنىغا كىرىشكە رۇخسەت قىلىشنى يولغا قويغان.
كىملىكىدە مەسىلە كورۇلگەنلەر ياكى يېنىدا ئېلىپ يۇرمىگەنلەر شۇ يەر قاراشلىق ساقچىخانىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدىكەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنى يوق قىلىش پىلانىنىڭ قەدىمىنى2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تېزلەشتۇرگەن بولۇپ، 2020-يىلىغا بارغۇچە مەكتەپلەردىكى دەرسلىكتىن ئۇيغۇر تىلىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش، يەسلىدىن باشلاپ خىتايلاشتۇرۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش، بىر قىسىم قارشىلىق كۆرسىتىش كۇچىگە ئىگە ئادەملەرنى چەتئەلگە قوغلاپ چىقىرىش، بىر قىسىملىرىنى تۇتۇپ تۇرمىگە قاماپ جازالاش ، خەلقئارادىكى تېرورىزىمغا قارشى ھەركەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا قارىلاپ كۆرسىتىش، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارنى پارچىلاش، بەزى نادان ئۇيغۇرلارنىڭ قولى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تۈرك خەلقىغە دۇشمەن كۆرسىتىش قاتارلىق پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە.

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار!

ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى ئاڭلىتىش باشلىغاندىن بۇيان كەڭ ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ۋە ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلدى. ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن ئالغان بۇ ئىلھام بىلەن پروگراممىلىرىمىزنى مول مەزمۇنلۇق ۋە رەڭدار قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز.
رادىئومىزنىڭ مەقسىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، نىشانىمىز ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقى نىداسى بولۇش .
رادىئومىز يەنە ئىزباسارلىرىمىز بولغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭمۇ ياڭراق ساداسىنى كەڭ جاھانغا ياڭرىتىشنى مەقسەت قىلىپ، ئۆسمۈرلەر سەھىپىسى ئېچىش ئارقىلىق پەرزەنتلىرىمىزگە رادىئومىزدىن ئورۇن بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

بۈگۈن بىزنىڭ تىلىمىزدا ئۆز ئەكسىنى تاپقان ئانا تىلىمىز پەرزەنتلىرىمىز ئارىسىدىمۇ ياڭرىسۇن، نىدامىزنى، ياڭراق سادامىزنى كېلەچىكىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان كۆز نۇرىمىز پەرزەنتلىرىمىزمۇ ھازىردىن باشلاپ جاراڭلاتسۇن. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىلەردىن پەرزەنتلىرىمىز دېكلاماتسىيە قىلغان شېئىر، نەسىر، ناخشا قاتارلىق ئەدەبىيات – سەنئەت نۇمۇرلىرىنى سىن ھۆججىتى بىلەن تەمىنلىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمىز.

سىن ھۆججىتى تەمىنلەش ۋاتساپ نومۇرى :00905358486039

ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغۇم كېلۇر،
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كېلۇر.
بۇ ئاناتىل بولسا ئەگەر ئامېرىكا يۇ ئافرىقىدا،
قولىغا يامبۇ-كۈمۈش ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.

ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كېلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.
ئەي ئاناتىل سەن بىزگە قالغان ئۇلۇغلاردىن نىشان،
سەن بىلەن روھى زېمىندا ئىپتىخارلانغۇم كېلۇر.

كۆكلەم باھار كەتسە يېنىپ كەلگەن بار،
جاندىن كەچسە جاناننى تېپىپ سۆيگەن بار.
ئېيتىڭچۇ بىر كەتكەن ياشلىق كەينىدىن،
قوغلىشىپ جاھاندا كىممۇ يەتكەن بار.

كېلىڭلار ھەممىمىز بىرلىكتە بۇ ئارقىلىق پەرزەنتلىرىمىز قەلبىگە ھازىردىن باشلاپ ئۇيغۇرلۇق نامايەندىسى بولغان ئانا تىلىمىزغا بولغان مۇھەببەتنى سىڭدۈرەيلى.

سىن ھۆججىتى تەمىنلەش ۋاتساپ نومۇرى :00905358486039

ھەپتىلىك خەۋەرلەر 9-سان 2017-يىلى 12-مارتدىكى ئىنكاسلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز