كۆز نۇرىمىز — پەرزەنت 14-سان


پىروگرامما تەييارلىغۇچى: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

مىكروفۇندا: لالە

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار << كۆز نۇرىمىز — پەرزەنت >> ھەر دۈشەنبە كۈنى ئاڭلىتىلىدۇ.

پەرزەنتلىرىمىز ھەممىمىز ئۈچۈن بىباھا بايلىقدۇر، ئۇلار بىزنىڭ كېلەچىكىمىز، چىرىقىمىزنىڭ ئۆچمەي يېنىپ تۇرۇشىنىڭ كاپالىتىدۇر. تىرىشچانلىقىمىز پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ ياخشى ئادەم بولۇپ چىقىشىنى، ئۆزىمىز قىلالمىغان، مەھرۇم بولغان ئارزۇلىرىمىزنىڭ ئۇلار ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. بۇ يولدا نۇرغۇن بەدەللەر تۆلىدۇق، تۆلەۋاتىمىز، تۆلەشكە رازىمىز.

كۆز نۇرىمىز بولغان پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيلەش ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى.

پەرزەنت تەربىيلەش چۆلدە گۇل پەرۋىش قىلىشقا ئوخشايدۇ. گۈلنى پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى تىكىپ قويۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئۇ ئەجىرگە، كۆڭۈل بۆلۈشكە، سۇغۇرۇپ تۇرۇشقا، ئەتراپىدا ئۆسكەن ياۋا ئوتلارنى، ياۋا شاخلارنى ۋاقتى – ۋاقتىدا پۇتاپ تۇرۇشقا مۇھتاج بولغاندەك، پەرزەنتمۇ ئۇنىڭ روھىي ھالىتىنى، نېمە تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشكە، چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ. ياخشى پەرۋىش قىلىنغان گۈل پورەكلەپ ئېچىلىپ، تاشلىۋېتىلگەن گۇل قۇرۇپ قالغاندەك، ياخشى تەربىيلەنگەن پەرزەنت نېمەتكە ئايلانسا، كۆڭۈل بۆلۈنمىگەن پەرزەنت بالا ئەمەس « بالا » بولىدۇ.

ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان نېمەت ۋە ئېمتىھان بولغان پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق قىلغاندا ياخشى تەربىيلىگىلى بولىدۇ؟ « كۆز نۇرىمىز پەرزەنت » سەھىپىمىزدە تەييارلانغان پەرزەنت تەربىيسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر سىزگە ياردەمچى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

بۇ سەھىپىمىزنىڭ تەپسىلى مەزمۇنىغا قىزىقساڭلار، دىققىتىڭلار ھەر دۈشەنبە كۈنىدىكى <<كۆز نۇرىمىز — پەرزەنت>> سەھىپىسىدە بولسۇن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز