مىكرو خەۋەرلەر 2-سان 2017.01.22

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ ھەپتىلىك مىكرو خەۋەرلىرىمىزنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

1.خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇندىدار ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بايراق چىقىرىشنى ئومۇملاشتۇرماقتا
يېقىندا خىتايدىكى ئىجتىمائى ئالاقە ۋاستىلىرىدا بولۇپمۇ ئۈندىدار توپلرىدا تارقىلىۋاتقان بىر ئۇقتۇرۇش ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار پائالىيەتلەرنىڭ ھەر قايسى توپلاردا كەڭ ئەۋىج ئېلىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتماقتا.
-2017 يىلى 1- ئايدىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بولغان ھەر قايسى ئۈندىدار توپلىرىدا ھەر دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت سەككىزدە خىتاي بايرىقىنى چىقىرىش ئۇقتۇرىشى كەڭ تارقالغان بولۇپ، بۇ ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن ھەر دۈشەنبە كۈنى سەھەر سائەت 8دە ھەر قايسى ئۈندىدار توپلىرىدا بىردەك توپ باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن خىتاي بايرىقى چىقىرىلىۋاتقان سىن كۆرۈنۈش ۋە خىتاي دۆلەت شېئىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يوللىنىشقا باشلىغان.
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئۇندىداردىكى ھەرقايسى توپ باشقۇرغۇچىلىرىغا بۇ پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە بېسىم قىلىنغانلىقى مەلۇم .
ئۈندىدار توپلىرىدا بايراق چىقىرىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشلاردا:

ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى (ئۈرۈمچى ۋاقتى )سائەت 8:10 ئۆتكىچە بارلىق ئۈندىدار توپلىرىدا بايراق چىقىرىش پائالىيتى ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ مەسىلىگە سەل قارىغان ھەر قانداق ھەيئەت توپتىن بىۋاستە چىكىندۈرۈلىدۇ ، دېيىلگەن شۇنداقلا يەنە
توپتا بايراق چىقىرىلغان ۋاقىتتا ھەر قايسى ھەيئەت، پىدائىيلارنىڭ توپنىڭ تىنچلىقنى ساقلىغان ئاساستا ئىنكاس بىلدۈرمەي، سۈكۈتتە تۇرۈشى لازىملىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن .
دېمەك،خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچى ئىكەنلىكىنى مەجبۇرىي بېسىم بىلەن ئىتىراپ قىلدۇرۇشقا ھەركەت قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.

2. رېينا ھوجۇمچىسىنىڭ تۇتۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇرلار خاتىرجەم بولدى
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ 19- يانۋار بەرگەن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە،تۈركىيەدىكى يېڭى يىل كېچىسى يۈز بەرگەن رېينادىكى قانلىق ۋەقەنى پەيدا قىلغان تېرورچىنىڭ تۇتۇلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار خاتىرجەم بولدى.
ۋەقەنى سادىر قىلغان تېرورچىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن قېچىپ يۇرۇشى بىلەن تۇركىيە ئاخباراتلىرىدا كۈن تەرتىپكە كېلىپ، ئۇنىڭ دائېشنىڭ مەنسۇبى بولۇشتەك تەرىپى بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ياردەم قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدەك تۈرلۈك خەۋەرلەر ھەم بۇ ھەقتىكى ئانالىزلار كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاستىلىرىدا يەر ئېلىپ تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ تۇتۇلۇپ ئىقرار قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار خاتىرجەم بولدى.
ئىستانبۇل ساقچىلىرى ئۇنىڭ ئېنگىلىزچە بىلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنى روسچە ۋە ئەرەپ تىلىدا سوراق قىلغانلىقىنى ئاشكارا قىلدى.
بۇنىڭ بىلەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ رېينادىكى تېرورلۇق ۋەقەسىنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ، ئۇيغۇرلارنى دائېشچى قىلىپ قارىلاش سۇيقەستى بەربات بولدى.

3.خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇق تۇققانلىرى ئارقىلىق بېسىم قىلىش ھەركىتى كۇچەيگەنلىكى مەلۇم .

شەرقىي تۈركىستاندىن ئىگەللىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى چەتئەلدە ئۇرۇق –تۇققانلىرى بار ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە شۇ تەۋەلىكتىكى خىتاي كادىردىن بىرنى «قوشماق تۇققان »نامىدا ساقچىلىققا قويغان.
تۇققان بولغان كادىر خىتايلار مەزكۇر ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە يېقىنلىشىپ ھەم ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدە بىر نەچچە كۈن يېتىپ -قوپۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىنى كۆزىتىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى تۇققانلىرىنىڭ ياغلىق چەككەن ۋە ناماز ئوقۇيدىغانلىرى بولسا ئۇلارغا ياغلىق چەگمەسلىك ھەمدە ناماز ئوقۇماسلىق ھەققىدە تۇققانلىرى ئارقىلىق بېسىم قىلغان.
دىمەك، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان قوشماق تۇققان سىياسىتىنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ھەمدە ئۇلارنى دىندىن سۇسلاشتۇرۇش، چەتئەلدىكى تۇققانلىرىنى كونتۇرۇل قىلىش ۋەزىپىسى بارلىقى ئاشكارا بولدى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز