مىكرو خەۋەرلەر 3-سان

بۇ ھەپتلىك مىكرو خەۋەرلەر

ئۆز مۇخبىرىمىز ئارتۇچ بۇغرا خەۋىرى:

شەرقىي تۈركىستاندا 40نەپەر ئۇيغۇرغا سوت ئېچىلدى
ئۆز خەۋرىمىز:
شەرقىي تۈركىستاننىڭ كورلا شەھىرى لوپنۇر ناھىيسىنىڭ قارچۇغا يېزىسىدا 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئوچۇق سوت ئېچىلىپ، 40نەپەر ئۇيغۇر <ئىلگىرى ئىسلام دىنىنى يەر ئاستى مەكتەپلىرىدە ئۈگەنگەن> دىگەن جىنايەت بىلەن سوتلانغان.

بۇ سوتقا لوپنۇر ناھىيىسى ۋە قارچۇغا يېزىسىدىن بولۇپ 5000دىن ئارتۇق كىشى مەجبۇرىي قاتناشقان.
ئۇلارنىڭ قاچان قولغا ئېلىنغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ قانچە يىللىق قاماققا مەھكۇم قىلىنغانلىقى ئاشكارا قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ بوھتان بىلەن ئۈزۈن يىللىق قاماققا مەھكۇم قىلىندىغانلىقى ئېنىق.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل بوھتانلار بىلەن ئېغىر جازالاۋاتقانلىقى ئاشكارە بولماقتا.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە 300 گە يېقىن ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى
ئۆز خەۋرىمىز:
شەرقىي تۈركىستاندىن ئىگەللىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى ئايدىڭ مەسچىتى ئىمامىنىڭ ئۆيىنى قازانچى ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلار ئاختۇرۇش داۋامىدا ئۆيدىكى تاماق يىگەن قاچا-قۇمۇشلارنىڭ كۆپلىكىدىن گۇمانلىنىپ، ئۆيىنى كەڭ –كۆلەملىك ئاختۇرغان. بۇنىڭ بىلەن يەر ئاستى ئۆيىدە تەربىيلىنىۋاتقان 10دىن ئارتۇق بالا پاش بولۇپ قالغان. خىتاي ساقچىلىرى ئىمامنى ۋە بالىلارنىڭ ھەممىسى تۇتۇپ قازانچى ساقچىخانىسىغا ئاپرىپ سولىغان.
سوراقتىن كېيىن. بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلغانلار بولۇپ 300 گە يېقىن ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن غۇلجا شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك يەر ئاستى ئۆيلەرنى ئاختۇرۇش باشلانغان. ئۆز ئەقىدە-ئېتىقادى ئۈچۈن زور بەدەللەرنى تۆلەۋاتقان ئەزىز خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈك-ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرۋاقىت سالىھ دۇئانى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

غۇلجا شەھرىدە بىر ئۇيغۇر ياش تۇتقۇن قىلىندى
ئۆز خەۋرىمىز:
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا مۇقىملىق نامىدىكى باستۇرۇشقا كۇچ چىقارغان سېكرىتارلارنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىي رايونىدىكى شەھەرلەرگە يۆتكەپ خىزمەتنى قانات يايدۇرغانلىقى مەلۇم.
قەشقەر شەھرىنىڭ خىتاي سېكرىتارىنى غۇلجا شەھرىگە سىكرىتار قىلىپ يۆتكەپ كېلىپ، غۇلجىدىكى ئۇيغۇرلارنى تەقىپ قىلىش، ئاختۇرۇشنى كۇچەيتكەنلىكى بۇنىڭ بىر مىسالى.
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتاي ساقچىلىرى غۇلجا شەھىرى تاختا بېشى مەھەللىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، مەجبۇرىي ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ياش خىتاي ساقچىلارنىڭ خىتاي قانۇنىغا ئۇيغۇن ھالدا ھەركەت ئېلىپ بېرىشىنى، نورمال تۇرمۇشىغا دەخلى قىلماسلىقىنى تەكىتلىگەن .بۇنىڭغا جاۋابەن خىتاي ساقچىلار ئۇيغۇر ياشنى <خىزمەتگە دەخلى –تەرۇز قىلدى> دەپ قاتتىق ئۇرغان. تاياققا چىدىمىغان ئۇيغۇر ياش ئۆيدىكى پىچاقنى ئېلىپ بىر خىتاي ساقچىنى نەق مەيداندا جەھەننەمگە يولغا سالغان.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن،ئۇيغۇر ياشنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئالاھىدە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلۇپ، قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز