مىكرو خەۋەرلەر 4-سان

ئۆز مۇخبىرىمىز ئارتۇچ بۇغرا تەييارلىدى

مۇھاجىرەت ھاياتىمىزدىكى ئانا تىل دەرسلىكىنىڭ روياپقا چىقىشى ئوسمۇرلەرنى ھاياجانغا سالدى

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشمۇ كۈچەيمەكتە.

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەلىپىنى قاندۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئانا تىل پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى تۈزگەن «ئۇيغۇر ئائىلە مائارىپى قوللانمىلىرى-ئانا تىل دەرسلىكى» ناملىق ئەسەر ئىستانبۇل تەدبىر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشردىن چىقتى. ئۇيغۇرچىدىن ساۋاتى چىقمىغان ياكى چالا چىققان 6 ياشتىن 10 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەييارلانغان.
ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى كىتابنىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس بالىلار قوشاقلىرى، مەسەل ۋە بالىلار چۆچەكلىرى، ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرىدىن تېكىستلەر ۋە مەشىقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى «ئانا تىل دەرسلىكى» كىتابىنى پەقەت مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بالىلارغا ئائىلىلەردە ئۇيغۇرچە ئۆگىتىشنىمۇ نەزەردە تۇتۇپ، بۇ كىتابنىڭ ئومۇمىي ئىسمىنى«ئائىلە مائارىپى قوللانمىسى» دەپ قويغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىستانبۇلدا تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان باتۇر قاراخان ئەپەندى ئابدۇۋەلى ئايۇپ يازغان ۋە بۇندىن كېيىن داۋامى چىقىدىغان «ئائىلە مائارىپى قوللانمىسى-ئانا تىل دەرسلىكى» ناملىق ئەسەرنىڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ئۇيغۇر دىيارىدا ئانا تىل دەرسلىكى نامىدا كىتابنىڭ بارلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇر بالىلارغا كوممۇنىست ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈش مەقسىتىدە تەييارلانغانلىقىنى، بۇنىڭ بولسا ئىلمىي، بالىلار قوبۇل قىلالايدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىنى سىڭدۈرۈش مەقسىتىدە تەييارلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.
كىتاپ بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر پەرزەتلەر خوشال بولۇشۇپ، كىتاپلارنى سېتۋېلىپ كىتاپتىكى ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن شېئىر، قوشاقلارنى راۋان ئوقۇپ ئۇچۇر ۋاستلىرىدا دوستلىرى بىلەن ھەمبەكرىلەشتى.
ئىگەللىشمىزچە كىتاپقا ئامرىكا، كانادا، ئاۋىستىرالىيە، ياۋروپا قاتارلىق دۆلەتلەردىن زاكاس كەلگەنلىنى بۇ كىتاپتىن دۇنيانى ھەر قايسى جايلىردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئانا تىلىمىزنى قوغداشتا تۇرۇتكىلىك رول ئوينىغانلىقى بۇنىڭدىن سۇيۇنگەن ئۇيغۇرلار كىتاپنى تۈزگەن ۋە كىتاپنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن ئەمگىكىنى سىڭدۇرگەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ باشلىق بارلىق زىيالىلارغا رەھمىتىنى بىلدۇردى.

«ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنماقتا» دىگەن ساختا ئۇچۇرلار تارقالماقتا

خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئەتراپلىق پىلانلىشى بىلەن ئوينىلىۋاتقان ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلانى ئەندىشىگە سېلىش پىلانىنىڭ يەنە بىر يۈزى ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سېلىش، ئىستانبۇلدىن باشقا يۇرت ۋە دۆلەتلەرگە كېتىشى ئۈچۈن يىقىنقى كۈنلەردە «ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۋېتىدۇ»، «زەيتۇنبۇرۇندا 210ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى »دىگەندەك ساختا ئۇچۇرلار تارقىلىشقا باشلىدى.
بېيجىڭدىن رېجىسورلۇق قىلىۋاتقان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تۈركىيەدە بەزى ساختا تور بەت، ئالاقە ئۇچۇر ۋاستلىرى ئارقىلىق ئىستانبۇلدىكى مەسۇم ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سېلىش ئۈچۈن خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ جاسۇسلىرى جىددى ھەركەتكە ئۆتمەكتە.
تۇركىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ئەھۋالى ۋە داۋاسى يېقىندىن بىلدىغان ۋە چۈشىنىدىغان ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئۈچۈن قانۇنلۇق ھالدا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 300مىڭدىن ئاشىدۇ. قانۇنغا رىئايە قىلغان قانۇنلۇق تۇرۇشلۇق رەسمىيىتى تولۇق ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى تۇركىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ. ئەمما تۇركىيە قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان ، ئاش بەرگەن قاچىنى چاققان زۈلۈمدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇر بولسىمۇ جىنايەت سادىر قىلسا جازاسىنى چوقۇم تارتىدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىپ ياشاش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ دۇشمىننى ئېنىق تۇنۇشقا ياشاۋاتقان دۆلەتتىن ۋە باشقا يەردىن دۇشمەن ئىزدىمەي شەرقىي تۈركىستاندا زۈلۈمدا قالغان قېرىنداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسىقىنى ئەسكەرتىمىز.

خىتاي تاجاۋۇزچىلار شەرقىي تۈركىستاندا چاغىنىنى مەجبۇرىي تەبرىكلىگۈزدى

خىتاي تاجاۋۇزچىلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارغا چاغىنىنى مەجبۇرىي تەبرىكلىگۈزدى.
شەرقىي تۈركىستاندىن ئىگەللىگەن ئۇچۇرلاردا مەلۈم بولىشىچە، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ ساغۇن يېزىسىدىكى ئۇيغۇر قىز -ئوغۇل ياشلارنى تەشكىللەپ چاغىنىنى مەجبۇرىي تەبرىكلىگۈزگەن.
بۇ پائالىيەتكە قاتناشمىغان، باھانە كۆرسىتىپ كەلمىگەنلەرگە سياسەتكە قارشى چىقتى دەپ تۇرمە جازاسىغا مەھكۈم قىلغان.پائالىيەت جەريانىدا قىز -ئوغۇللارنى ئەخلاقىمىزغا خىلاپ ھەركەتلەردە بولۇشقا قىستالغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلار شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتى بولمىغان خىتاينىڭ چاغىننى مەجبۇرىي تەبرىكلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇشى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەقەدەر ئېغىر زۈلۈمغا دۇچار بولىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىل ئىسپاتى. دۇنيانىڭ ھىچقانداق يېرىدە بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىيى قۇبۇل قىلمايدۇ.
خىتاي تاجاۋۇزچىلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە تاجاۋۇزچى ئىكەنلىنى مەجبۇرىي ئۇسۇللار ئارقىلىق تونۇتۇش ئارقىلىق بسىم سىياسىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تاجاۋۇزچلىقىنىڭ ئومرىنى ئۇزارتىشقا ھەركەت قىلماقتا.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز