مىكرو خەۋەرلەر 5-سان

ئۆزمۇخبىرىمىز ئارتۇچ بۇغرا خەۋىرى:

1.ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنىنى تەبرىكلەش ئۇچۈن تەييارلىق قىلماقتا

خەلقئارا ئانا تىل كۈننىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 19- فېۋرال يەكشەنبە كۈنى سائەت 10:00’دا فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئانا تىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزمەكچى.
مەزكۇر پائالىيەتتە كېلەچىكىمىزنىڭ كاپالىتى بولغان ئىز باسارلىرىمىز ئۈچۈنمۇ ئايرىم ۋاقىت ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى ھەر قايسى ئانا تىل كۇرسلىرىدا ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلەرنىڭ ۋەتەن، مىللەت ۋە دىنىمىز ھەققىدە يېزىلغان شېئىر ۋە نەسىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش ۋە ناخشا قىلىپ ئېيتىىشىگە سەھنە ھازىرلىغان.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئىمكانىيىتى يار بەرگەن دۆلەتلەردە ئانا تىل كۇرۇسلىرىنى ئېچىش بىلەن بىرگە يەنە، ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنى ئوسمۇرلەرگە پائالىيەت شەكىلى ئارقىلىق خاتىرلىتىپ، ئانا تىلىنى قوغداش ۋە ساقلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

2.شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۇچا ناھىيىسىدىن تاھىر ھېمىت تۇتقۇن قىلىندى.

شەرقىي تۈركىستاندىن ئىگەللىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئۇزۇن بازىرى ئۇزۇن ئېرىق كەنتىدە بىزەكچلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 45ياشلىق تاھىر ھېمىت ئۆتكەن ئايدا كۇچا ناھىيىلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.
تاھىر ھېمىت تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەۋاتقان شاگىرتلىرىدىن 5نەپىرى سەۋەپسز تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئۆتكەن ئايدا تاھىر ھېمىتنىڭمۇ كۇچا ناھىيىلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۆز ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارا بولدى.
تاھىر ھېمىتنىڭ نىمە سەۋەپتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنىمۇ ھەر خىل بوھتانلار بىلەن تۇتقۇن قىلىپ جىنايەت ئارتىش بىلەن بىرگە ئىقتسادىنى بۇلاپ –تالاۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

3.خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆزىگە سادىق بولغان ئۇيغۇر كادىرلارنىمۇ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى

شىنخۇا تورىنىڭ 9-فېۋرال خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور بېتىنى مەنبە قىلىپ كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى مائارىپ نازارىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، نازىر ساتتار ساۋۇت ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلمەكتە ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، تەكشۈرۈلۈۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە، خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نىجات ئاۋۇدۇن ۋە سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك رازۋىتچىك ئىلى ئىمىن، شەرقىي تۈركىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاينىڭ ج خ نازارىتى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ خوتەن تارماق ئەترىتى باشلىقى ئابدۇقادىر ئابلا، خوتەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە سىياسىي يېتەكچىسى يالقۇن ئابدۇرازاق، قاراقاش ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە سىياسىي يېتەكچىسى ئابابەكرى ئېلى، خوتەن ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى دۆلەت ئامانلىقى تارماق ئەترىتىنىڭ بۆلۈم دەرىجىلىك سابىق ساقچىسى مۇختەر تۇرسۇنلار بار ئىكەن.
تەكشۈرۈلۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ھەمدە بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا يېڭى تەيىنلەنگەن خىتاي سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2‏-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، «ئىككى گۇرۇھ» ھەمدە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلغانلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنگە توغرا كەلگەنلىكى خەلقئارادىكى سىياسى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتماقتا.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز