مىكرو خەۋەرلەر 6-سان

ئۆزمۇخبىرىمىز ئارتۇچ بۇغرا خەۋىرى:

مىكروفۇندا: قاراخان ۋە تۇمارس

1.خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 3000 نەپەرگە يېقىن «قوش تىل» يەسلى ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلماقچى.

ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇ يىل يېزىلاردا يېڭىدىن سېلىنىدىغان قوش تىل يەسلىلىرىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەردىن 2876 كىشى قوبۇل قىلىدىكەن. خىتاينىڭ خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ خۇڭ يېقىندا بىر خىزمەت ئۆمىكىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە 2-تۈركۈمدە 1000 نەپەر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىدىغان قوش تىل يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بۇ يىل 8-ئايدىن بۇرۇن يېڭىدىن سېلىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان جەمئىي 668 قوش تىل يەسلىسىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى نۆۋەتتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلاردا قوش تىل يەسلىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى تېز سۈرئەت بىلەن ئېلىپ بارماقتا. ئەگەر ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يېڭىدىن سېلىنغان 668 يەسلىنىڭ ھەممىسى ئىشقا كىرىشكەن تەقدىردە، يېڭىدىن كۆپىيىدىغان يەسلى بالىلىرىنىڭ سانى 80 مىڭغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.

خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنى ئاساس قىلىۋاتقان ئاتالمىش قوش تىل يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئۇيغۇر زىيالىيلاردا ئەندىشە قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ ئاتالمىش قوش تىل يەسلىلىرىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىلىدىن قىلچىلىكمۇ ساۋادى بولمىغان كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىمۇ يەنە بىر دىققەت قوزغايدىغان مەسىلە بولۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا قوش تىل نامىدا خىتاي تىلىنى 2020-يىلىغىچە ئوموملاشتۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پىلانلىق ھەركەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە .

2.خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپ سېستىمىسىدىكى «ئوقۇتۇش مۇھىيىتىنى ساپلاشتۇرۇش، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىسىنى تازىلاش ھەركىتى»مەخسۇس تۈزەش ھەركىتىنىڭ 9تۈرلۈك تەكشۈرۈش تېزىسى ئاشكارا بولدى

يېقىندا ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستلىرىدا ئاشكارا بولغان «ئوقۇتۇش مۇھىيىتىنى ساپلاشتۇرۇش، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىسىنى تازلاش ھەركىتى»مەخسۇس تۈزەش ھەركىتىنىڭ 9تۈرلۈك تەكشۈرۈش تېزىسى مۇھاجىرەتتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش سۇپىتى بىلەن ھىساپلاشماي، بەلكى ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاش نامىدا ئوقۇغۇچىلىرىنى نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى مەلۇم بولدى.
بۇ يىل قىشلىق تەتىلدىمۇ ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا 10دىن ئوقۇغۇچىنىڭ مەسئولىيىتى باغلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن توختام تۈزۈلگەن؛ توختام مەزمۇنى ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىندىن يىراق تۇرۇشى، خىتايلار بىلەن ئىتتىپاق بولۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا قارشى ھەركەتلەردە بولماسلىقى قاتارلىقلارنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان.
مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى_ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئوز-ئارا بىر-بىرسىنى نازارەت قىلىش، ئىسسلام دىنىغا ۋە سىياسىغا ئالاقىدار ئىشلارنى پاش قىلىش مىخانىزىمىنى ئورناتقان.
دىمەك ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى كەلگۈسىمىز بولغان پەرزەتلىرىمىزنى مائارىپتا تەربىيلىنىشتىن مەھرۇم قىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىدولوگىيىسى ئاستىدا مىڭىسى يۇيۇلغان، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا بېقىنغان، مۇقىملىقتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان بىر تۇركۇم ماڭقۇرتلارنى تەربىيلەپ چىقىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

3.ئىستانبۇلدىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئىقامەت بېجىرىشنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەھەللىلەرگە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى

ئىستانبۇلدىكى كوچمەنلەرنىڭ ئىقامەت ئىلتىماسىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئىستانبۇلدىكى كوچمەنلەر ئىدارىسى مەخسۇس ماشىنا ئاجىرىتىپ، كوچمەنلەر كوپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئىقامەتكە ئىلتىماس سۇنۇش خىزمىتىنى ئاسانلاشتۇردى.
كوچمەنلەر كوپ ئولتۇراقلاشقان زەيتۇنبۇرن رايونىدىكى مەركىزى ئورۇنلارغا 7ماشىنا تەسسى قىلغان بولۇپ، زەيتۇنبۇرۇن رايوندىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئىقامەت ئىلتىماس قىلىش جەھەتتە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.
ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بۇ خىزمەتكە پائال ماسلىشىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماسىدىكى بەزى قىيىنچىلىقلار ھەل بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.
ئىگەللىشىمىزچە، بۇرۇن ئىلتىماس سۇنۇپ بولغان قېرىنداشلارنىڭ قايتا ئىلتىماس سۇنۇشى بىھاجەت بولۇپ جاۋابىنى كۇتسە بولىدىكەن. ئىقامەت ۋاقتى توشۇپ كەتكەن ياكى بۇرۇن ئىقامەتكە ئىلتىماس سۇنۇپ باقمىغان كىشىلەرنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە بېرىپ ئىلتىماس قىلىشى تەلەپ قىلىنىدىكەن.
ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن تۈرك ۋەتەندىشىنىڭ كېپىل بولۇشى، پاسپورت ياكى ئىناۋەتلىك كىملىكلىرىنىڭ كوپەيتمىسى، ئولتۇرۇشلۇق ئوي توختامى، ئۆي پۇلىنىڭ تولىگەن تالۇنلىرىنى كورستىش تەلەپ قىلىنىدىكەن.
بۇ ئىشقا مەسئوللارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەممە ئۇيغۇرلار بىر يەرگە توپلىشىپ تۇرماي ،بەلكى تەسسى قىلىنغان 7ئورۇننىڭ قايسىغا بارسا بولدىغان بولۇپ، خىزمەت بېجىرىۋاتقان خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمىتىگە قولايلىق يارىتىش، قوپال مۇئامىلىدە بولماسلىق، ئوخشاش سوئالنى قايتا سوراۋەرمەي، تەلەپ قىلىدىغان نەرسىلەرنى، بەزى سوئاللارنى بىلدىغانلاردىن سوراپ تەييارلىق بىلەن بېرىشى ئەسكەرتىلگەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز