مىكرو خەۋەرلەر 7-سان


ئۆزمۇخبىرىمىز ئارتۇچ بۇغرا خەۋىرى:

مىكروفۇندا: قاراخان ۋە تۇمارس

1.قەشقەر يېڭىسار ناھىيسىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ھەركەت ئېلىپ بېرىلدى.

قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھيىسىدە 2- ئاينىڭ 10 –كۈنى بىر ئۇيغۇر ياش ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا پىدايىلىق ھەركىتى ئېلىپ بارغان.
ئەمدىلا 20 نەچچە ياشقا كىرگەن يىگىت، ئۆزىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن ئېتىپ تاشلىندىغانلىقىنى بىلسىمۇ، دادىسىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن يېقىندا «ئون نەچچە يىل ئىلگىرى بالىسىغا دىن ئۈگەتكەن» دەپ ناھەق تۇتقۇن قىلغانلىقىدىن بۇنىڭغا چىقدىمىغان ئۇيغۇر ياش خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى پىدائىيلىق ھەركىتى ئېلىپ بېرىپ پىچاق بىلەن 8خىتايغا ھۇجۇم قىلغان.
نەتىجىدە ئۈچ خىتاي ئۆلگەن ، بەش خىتاي يارىلانغان. ۋەقەدىن كېيىن ئۇ ياش نەق مەيداندىن كىتىپ ھازىرغىچە ئىز دىرىكى بولمىغان.خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ ياشنى جىددى ئىزدىمەكتە ئىكەن. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 16-17- ۋە 18 فېۋرال كۈنلىرى خوتەن، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدە كەڭ كۆلەمدە خەلققە ھەيۋە كۆرسىتىش ۋە قورقۇنچ سېلىش مانۋىرى ئېلىپ بارغان ئىكەن. 10- فېۋرال ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقانداق دوكان-ساراينى چۈشتىن كىيىن سائەت 5:30 بىلەن بىردەك تاقاشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. خەلق تۈرمۇشى قولايسىز ئەھۋالدا قالغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلار بۇ ۋەقەنىڭ ئاشكارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بۇھەقتە گەپ-سۆز قىلىشنى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار يوشۇرۇن مەنالىق گەپلەرنى قىلىشنىمۇ قاتتىق چەكلىگەن.

2.گۇما پىدائىيلىرىنىڭ قارشىلىق ھەركىتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى روھلاندۇردى
شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتنىڭ گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 14-فېۋرالدىكى گۇما پىدائىيلىرىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچلىرىغا قارشى پىدائىيلىق ھەركىتى خىتاي تاجاۋۇزچلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇش بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى روھلاندۇردى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان چەكتىن ئاشقان زۈلۈمىغا قارشى 3كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئۇيغۇر پىدائىيلار قولىغا پىچاق ئېلىپ، ئۇيغۇرلارغا زۈلۈم ئىشلەپچىقىرىۋاتقان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئولتۇراق رايونىغا بېرىپ ئۇيغۇرلار زۈلۈم قىلىۋاتقان خىتاي كادىرلىرىنى 10نەپىرىگە ھۇجۇم قىلغان نەتىجىدە 5نەپەر خىتاي نەق مەيداندا جەھەننەمگە ماڭغان.قالغان 5نەپىرى يارسى ئېغىر بولۇپ داۋالىنىشتا ئىكەن.
ۋەقەدىن كېيىن خىتاي تاجاۋۇزچىلار 3نەپەر پىدائىيلارنىڭ ئۇرۇق –تۇققان، دوست بۇرادەرلىرىنى تۇتقۇن قىلغان. خەلققە زۈلۈم سېلىۋاتقان خىتاي كادىرلارنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
دىمەك، خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ قاتمۇ-قات زۈلۈملىرى، تۇتقۇن قىلىشى ، شېھىت قىلسىمۇ ئۇيغۇر خەلقى قىلچە قورقۇپ قالماي قولىغا قورال ئېلىپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى پىدائىيلىق ھەركىتىنى داۋام قىلىپ خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرماقتا.
گۇما پىدائىيلارنىڭ بۇ ھەركىتىدىن تەسىرلەنگەن مۇھاجىرەتتكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تاجاۋۇزچىلارنى ھەقىقى دۇشمەن دەپ تونۇش، خىتاي تاجاۋۇزچىلارنى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش نوۋەتتىكى ئەڭ ئاۋۋال قىلىدىغان مۇھىم خىزمەت دەپ تونۇش ، دۇشمەننى باشقا دۆلەت ۋە مىللەتتىن ئىزدەپ يۇرمەي بەلكى ۋەتىنىمىزدىكى بۇ دۇشمەننى ئېنىق تونۇش ۋە خەلقىمىزنى زۈلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇش مۇھاجىرەتتىكى مەن ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلاتى دىگۇچىلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزپىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.

3. يېقىندا نەشىردىن چىققان ئانا تىل دەرىسلىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنىپ سېتىۋېلىنغان

27-يانۋار كۈنى ئىستانبۇلدا نەشىردىن چىقىپ بازارغا سېلىنغان، ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەرپىدىن تۈزۈلگەن. ئانا تىل دەرىسلىكى 2-قىسىم كىتاۋى دۇنيانىڭ 13دۆلەت ۋە رايوندىكى ئۇيغۇلار تەرپىدىن زاكاس قىلىنىپ سېتىۋېلىنغان.
بۇ كىتاپ ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەرپىدىن تۈزۈلىشى ھەمدە مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلار ئارسىدا تۈزۈلۇپ بازارغا سېلىنغان تۇنجى دەرسلىك كىتاپ بولغاچقا، مۇھاجىرەتتكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەرەپتىكى بوشلۇقىنى تولدۇرغان ھەمدە مۇھاجىرەتتە ئېچىلغان ھەر قايسى ئانا تىل كۇرۇسلىرىدا دەرسلىك قىلىپ ئۆتىلىشكە باشلىغان.
كىتاپنى تارقىتىشقا مەسئوللاردىن ئىگەللىشىمىزچە، ھازىرغىچە كىتاپنىڭ سېتلىش 80%نى تاماملىغان.
ئانا تىل دەرسلىكىنىڭ 1-قىسمى يەنى ئېلىپبە قىسمى بولسا، ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى تەرپىدىن يازلىق تەتىلگە ئۈلگىرىپ نەشىردىن چىقىدىكەن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز