مىللىي ئازادلىق يولىدا ئويلىنىش 1-بۆلۈم

 

 مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ كېلەچىكىگە ئۆرنەك ئىككى دۆلەت

 

ئاپتورى : مەمەت ئەمىن ھەزرەت

 تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەندەر قاراخانلى

پروگراممىغا تەييارلىغۇچى: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

مىكروفۇندا: ئاۋرال

 

نۇرغۇن كەمبەغەل دۆلەتلەردە تۈرلۈك ئىسيانلار بېسقىمايۋاتىدۇ. غەزەپنەپرەتكە تولغان كىشىلەردىن بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ سەۋەبىنى سورىغان ۋاقتىڭىزدا، ئەۋج ئېلىۋاتقان پارىخورلۇق، ئادالەتسىزلىك ھەققىدە توختۇلىدۇ. دەرھەقىقەت، بۇلارنىڭ ئاستىدا ياتقان ئەسلى سەۋەپ يوقسۇللۇقتۇر. كەمبەغەل دۆلەتلەرنىڭ مەمۇرىي خادىملىرىمۇ كەمبەغەل بولىدۇ. پارا، ئۇلار ئۈچۈن مائاشلىرىدىنمۇ ياخشى كىرىم مەنبەسىدۇر. بۇ ئەللەردە قانۇنلار پەقەت بىر كىشى تەرىپىدىن ئەمەس، ھەممە كىشى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىدۇ. بۇ سەۋەپتىن بۇ ئەللەردە پارىخورلۇق ۋە قانۇنسىزلىق ئومۇمىيلاشقان. پارىخورلۇق ئەخلاقنى، بۇ ئەخلاق دۆلەت قۇرۇلمىسىنى چىرىتىدۇ. ئىجتىمائى مۇقىمسىزلىقنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى پارىخورلىق، پارىخورلىقنىڭ سەۋەبى پېقىرلىقتۇر. بىر مۇسۇلمان دۆلىتى بولغان قاتارنىڭ مىللىي دارامىتى 100 مىڭ دوللارغا توغرا كېلىدۇ. يەنە بىر مۇسۇلمان دۆلىتى بولغان ئافغانىستاندا بولسا، مىللىي دارامەت 600 دوللار. قاتاردا جىنايەت نىسبىتى يوق دېيەرلىك بولۇپ، ئافغانىستاندا جىنايەت نىسبىتى خېلى يۇقىرى دەرىجىدە. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىسى قاتاردا؛ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىسى ئافغانىستاندا. قاتاردا ئېگىز قەۋەتلىك بىنالار؛ خانىۋەيرانلىق ئىچىدىكى ئافغانىستاندا بولسا ئۇرۇش چۇقانلىرى، تۇل ۋە يېتىملارنىڭ ئازاپ بىلەن تولغان يىغازارلىرى كۆتۈرۈلمەكتە. قاتار تەرەققىيات نوقتىسىدىن بىلىم ۋە تېخنىكا ساھەسىدە ئىسلامى ھايات بىلەن ماسلىشىشچانلىق ئىچىدە غەلبىلىك ھالدا ئالغا قاراپ ماڭماقتا. ئىسلام دىنى مۇسۇلمان خەلقنىڭ تىنچ ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ كېلەچىكىگە يول كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئافغانىستاندا ئىسلام، مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمانغا قارشى « جىھاد » ئېلىپ بېرىشى سۈپىتىدە ئۆزىنى نامايەن قىلماقتا. بۇ يوقسۇل مەملىكەتتە مۇسۇلمانلىقنىڭ ئۆلچىمى ساقال، سەللە ۋە ھىجاپ بولماقتا. ئىسلامنى قاتتىق بەلگىلىمىلەر بىلەن ياشاۋاتقان ئافغانىستاندا، قۇرئانى كەرىمدە ھارام قىلىنغان زەھەرلىك چېكىملىك ( ئەپيۇن ) كەڭ كۇشادە تېرىلماقتا. دۇنياندىكى زەھەرلىك چېكىملىك مىقدارىنىڭ 40% ئافغانىستاندا ئىشلەپچىقىرىلماقتا. قاتاردىن كۆتۈرۈلگەن ئا ق ش ئايروپىلانلىرى ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئىراقشام ئىسلام دۆلىتىنى بومباردىمان قىلىدۇ؛ ئافغانىستاندىن كۆتۈرۈلگەن ئا ق ش ئايروپىلانلىرى مۇسۇلمان ئافغانىستان خەلقىنى بومباردىمان قىلماقتا. قاتار تەرققىيات ۋە پاراۋانلىق مەركىزىگە ئايلىنىۋاتقاندا، ئافغانىستان قان ۋە كۆز يېشىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. قاتار ۋە ئافغانىستان خەلقى ئوخشاش بىر قىبلىگە قاراپ ناماز ئوقۇيدۇ. ھەر ئىككى خەلقنىڭ قولىدا ئوخشاش قۇرئانى كەرىم بار. غەرب باي قاتارغا مېھرىمۇھەببەت بىلەن، كەمبەغەل ئافغانىستانغا بولسا ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت بىلەن يېقىنلاشماقتا. قاتاردا تىنچلىقنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىشى ئۈچۈن، ئافغانىستاندا بولسا تىنچلىقنىڭ بۇزۇلۇشى ئۈچۈن تەرەپلەر قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. قاتار ئوتتۇرا شەرقتە ساياھەت ۋە ھەر خىل يىغىنلارنىڭ مەركىزىگە ئايلانماقتا. دۇنيا چۆلدىكى بۇ تەرەققىيات ئۈلگىسى بولغان قاتارغا قاراپ ئېقىۋاتقاندا، ئافغانىستانلىقلار جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نەپرەت كۆزى بىلەن قارايدىغان « كاپىر » ياۋروپاغا يىللاردىن بېرى توپتوپ ھالدا سەلدەك ئاقماقتا. بۇ خەتەرلىك سەپەردە بىر قىسمى نىشانىغا يېتەلمەي يولدا ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتىدۇ.

 

مەككە مۇشرىكلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلىشنى ئەقلىگە كەلتۈرۈپ باقمىغان زۇلۇمنى، كۈنىمىزدە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا قىلماقتا

 

يۇقىرىدىكىلەرنى تىلغا ئېلىشتىكى مەقسەت ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇشتۇر. قاتار ۋە ئافغانىستاننىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. شەرقىي تۈركىستان قاتارغا ئوخشاش تەبىئىي گاز ۋە نېفىتى مول بىر دۆلەتتۇر. بۇ ئەلدە ئافغانىستان خەلقىغە ئوخشاش غەزەپ بىلەن تولۇپ تاشقان، پارتىلاشقا تەييار بىر خەلق بار. بۇ ئەل ئىسلام دىنىدىن تارتىپ بارلىق دىنلارنى رەت قىلغان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تۆمۈر مۇشت بىلەن باشقۇرۇلماقتا. ئاتېئىزىم تۈزۈمى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىقنىڭ يۈرىكىگە سانجىلغان بىر خەنجەردەك، 66 يىلدىن بۇيان بۇ مۇسۇلمان خەلقنىڭ قانسىرىشىغا، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئازاپ ئىچىدە تولغۇنۇشىغا سەۋەپ بولماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىغا قارىتىلغان بېسىم، ئۆز ۋاقتىدا مەككە مۇشرىكلىرى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزگە ۋە ساھابىلىرىغا قىلغان زۇلۇملىرىدىن نەچچە ھەسسە قاتتىق ۋە ۋەھشىلەرچە يۈرگۈزۈلمەكتە. مەككە مۇشرىكلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن يامانلىق قىلغان. لېكىن مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ ساقىلىغا، مۇسۇلمان خانىملارنىڭ تەسەتتۇرىغا چىقىلمىغان. مەككە مۇشرىكلىرى 1400 يىل بۇرۇن ئەقلىگە كەلتۈرمىگەن زۇلۇمنى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 21 – ئەسىردە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزمەكتە

 

بېيجىڭنىڭ مەقسىتى

 

بېيجىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىدىن پەقەت ۋازكەچمەسلىكىدىكى سەۋەب تۆۋەندىكىچە:

1.    ماغدۇرسىزلانغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پۈتۈن كۈچىنى پەقەت دىنى ۋە مىللىي قىممەتلىرىنى قوغداشقا بۇراش ۋە بۇ يولدا سەرىپ قىلغۇزۇش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا تىزلەشتۈرىۋاتقان ئىقتىسادىي بۇلاڭتالاڭنى خاتىرجەم شەكىلدە ئېلىپ بېرىش.

2.    دىنى بېسىم ۋە چەكلىمىلەرنى بەرداشلىق بەرگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە چىقىرىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقىنى تېخىمۇ رادىكال ۋە ئاشقۇنلۇققا مەجبۇرلاش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

3.    رادىكال ۋە ئاشقۇنلۇققا مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر خەلقىنى دۇنياغا « مەركىزى ئاسيادىكى ئى سى سى ئى » سۈپىتىدە قوبۇل قىلدۇرۇش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك قەتلىئام ئېلىپ بېرىش مەقسەت قىلىنغان تارىخى ۋەزىپىسىنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

كۈنىمىزدە خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ 40% شەرقىي تۈركىستاندىن ئېلىپ كەلگەن ئېنىرگىيە ۋە ھەر خىل خام ئەشياغا مۇھتاج. غەربىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىن تۇربا يولى بىلەن كېلىپ، شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق خىتايغا ئېقىۋاتقان تەبىئىي گاز ۋە نېفىتنى بۇنىڭغا قوشقان ۋاقتىمىزدا، خىتاينىڭ تۈركىستان رايۇنىغا بولغان خام ئەشيا بېقىندىلىقى 60%تىن ئېشىپ كېتىدۇ. تاجاۋۇزچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا بۇ خام ئەشيالارنى تالان قىلىۋاتقاندا، بۇ بايلىقى مول ۋەتەننىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان مۇسۇلمان تۈرك خەلقلىرىنىڭ كۆزىنى باغلاپ، دىققىتىنى باشقا تەرەپكە بۇراشنى مەقسەت قىلماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە ئەسلى ئىگىسى بولغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى بۇ تۇپراقلاردىن پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ تاشلاش ئۈچۈن، خەلقئارا جامائەتچىلىكمۇ قوبۇل قىلىدىغان بىر « جىنايەت » ئىجاد قىلىش ۋە ئۇلارنى بۇ مەسىلىدە قايىل قىلىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلماقتا. كۈنىمىزدە دۇنيا مىقياسىدا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان، تەپتارتماستىن ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرالايدىغان ئۇنىۋېرىسال « جىنايەت » پەقەت « ئىسلامى رادىكالىزم »دۇر. خىتاي ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ « رادىكال ئىسلامچى » ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالىغان مۇددەتچە، ئوتتۇرا ئاسيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنى ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرىنى يېنىدا تۇتۇپ تۇرۇپلا قالماستىن، غەرب ئەللىرىنىڭمۇ سۈكۈت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈلەيدۇ.

 

بېيجىڭ مەجبۇر قالغاندا ب پىلانىنى ئىشقا سالىدۇ

 

خىتاينىڭ 21 – ئەسىردە مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆز ۋەتىنىدە بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە پۈتۈنلەي يوقۇتالىشى مۇمكىن ئەمەس. ھۆر دۇنيانىڭ بۇنىڭغا يول قويمايدىغانلىقىنى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي يۇتۇۋېلىشنى مەقسەت قىلغان، مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتا ئېرقى قىرغىنچلىق ئېلىپ بېرىشتا ئىشقا سالىدىغان بىر « ب پىلانى » بار. يەنى، ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار سەۋەبىدىن خىتاي پارچىلىنىشتىن خالىي بولالمايدىغان بىر ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىنى، يەنى مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرى مەركەزلىشىپ ياشاۋاتقان جەنۇبىنىئۇيغۇرلار « ئالتە شەھەر » دەپ ئاتىغان تارىم ۋادىسىنى ئۇيغۇرلارغا تاشلاپ بېرىش پىلانى.

تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتى 66 يىلدىن بۇيان مەقسەتلىك ھالدا ئىستىراتېگىيە ئەھمىيەتكە ئىگە مەبلەغلىرىنى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى رايۇنلارغا سالماقتا. شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ كېلىپ ماكانلاشتۇرىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ 85%ى؛ شەرقىي تۈركىستاندا سانائەت، ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىگە سالغان مەبلەغلىرىنىڭ 95%ى شىمالغا، يەنى جۇڭغار ئويمانلىقىغا مەركەزلەشكەن. ئېچىلغان نېفىت ياتاقلىرى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش ئەسلىھەلىرى شىمالدا، يەنى قاراماينى مەركەز قىلغان جۇڭغار ئويمانلىقىدا. تۈركمەنىستان، قازاقىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسيا ئەللىرىدىن كەلگەن تەبىئىي گاز ۋە نېفىت قاتارلىق ئېنىرگىيە تۇربىلىرى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىن ئۆتۈپ، مەركىزى خىتاي ( بېيجىڭ )غا يېتىپ بارىدۇ. جەنۇپتىكى 1 مىليۇن كۇۋادىرات كېلومېتىر زېمىندىكى تەكلىماكان چۆلى ۋە تارىم دەرياسى بويىدىكى بوستانلىقلاردىن چىقىرىلغان نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ تەننەرخى بازار باھاسىدىن يۇقىرى. بۇ يەردىن چىقىرىلغان بۇ ئېنىرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى يۆتكەش يوللىرى خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن بىخەتەر ئەمەس. خىتاي ئىستاستىكلىرىغا ئاساسلانغاندا 8 مىليۇن ( يېقىندا ئېلان قىلىنغىنى 10 مىليۇن )، ئۆزىمىز ۋە مۇستەقىل تەتقىقات مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا 12 مىليۇنلۇق نوپۇسقا ئىگە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بۇ رايۇندا، يەنى تارىم ۋادىسى دەپ ئاتالغان ئالتە شەھەردە ياشىماقتا. ئۇيغۇر تۈركلىرى مەركەزلىشىپ ياشايدىغان بۇ رايۇنلاردا زىرائەت ۋە بۇ جايلاردىن چىقىرىلغان نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش مەركەزلىرى، خىتايغا توشۇيدىغان قاتناش تۈگۈنلىرىدىن باشقا ھېچقانداق سانائەت ئورۇنلىرى يوق بولۇپ، بۇ ساھەگە مەقسەتلىك ھالدا مەبلەغ سېلىنمايۋاتىدۇ. تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتى ئاتالمىش بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانلىرىغا ئاساسەن مەقسەتلىك ھالدا بۇ رايۇنلارغا مەبلەغ سالمايۋاتىدۇ. تېرىلغۇ يەرلەر ۋە سۇ ئاز بولغان بۇ رايۇنلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدا ئىشسىزلىق نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى. مەقسەتلىك ھالدا ئىشسىزلىق، ئاچلىق ۋە يوقسۇللۇققا مەھكۇم قىلىنغان، مىللىي قەدىرىيەتلىرىگە سادىق بولغان، دىندار، شۇنداقلا غەزەپنەپرەتكە تولۇپ تاشقان مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرى، تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بۇ رايۇنغا قاپسىلىپ ياشاشقا مەجبۇرلانماقتا.

تارىم ۋادىسى تاجىكىستان، ئافغانىستان ۋە پاكىستانغا ئوخشاش ۋەزىيىتى مۇقىم بولمىغان ئەللەر بىلەن خوشنا. بېيجىڭ، بۇ رايۇننى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قالغان ۋاقىتتا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىنى ئىككىنجى بىر ئافغانىستانغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرنى ئۇيغۇرغا، مۇسۇلماننى مۇسۇلمانغا قىرغىن قىلدۇرۇش ۋە بۇ ئۇرۇشنى ھوزۇرلىنىپ تاماشا قىلىش خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى تاكتىكىسىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىگە سادىق يۈز مىڭدىن ئارتۇق تۈرك ئېرقىغا مەنسۇپ كىشى بار. ئۇلار مائاشلىرىدىن ئايرىلىپ قالسا، سۇدىن ئايرىلغان بېلىققا ئايلىنىپ قالىمىز دەپ ئويلايدۇ. بۇ كوممۇنىستلارنىڭ تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىگە يالاقچىلىق قىلىپ جېنىنى بېقىشتىن باشقا كەسپى يوق. ئۇلار ئىشلەشنى ئۆزىگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ بىلىدۇ. خىتايلار ھاكىمىيەتنى، دۆلەت ئورگانلىرىنى ۋە قورالياراقلارنى ئۇلارغا تاشلاپ بېرىپ چىقىپ كېتىدۇ. نەچچە ئەسىردىن بۇيان خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا خورلانغان ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىغان ۋە غەزەپكە تولغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار، خىتايلارنىڭ چوماقچىسى ۋە ۋارىسى بولغان بۇ ئاتالمىش « مىللىي ھاكىمىيەت »كە قارشى دەرھال ئىسيان كۆتۈرىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا خىتايپەرەستلەرگە قارشى تۆۋەندىكى گۇرۇپپىلارنىڭ چىقىش ئېھتىمالى يۇقىرى:

1.    تۈركىيە ( ئانادولۇ )نى مەركەز قىلغان ۋە بارلىق تۈرك خەلقلىرىنى بىر ۋە قېرىنداش دەپ قارايدىغان، ئانادولۇ تۈركلىرىگە ئوخشاش ھەممىگە كەڭ قۇچاق ئاچقان ئەنئەنىۋى ئىسلام ئېڭىغا ئىگە مۇھاپىزىكار تۈرك مىللەتچى ئېقىم.

2.    سەئۇدى ئەرەبىستان مەركەزلىك ۋاھابى ( سەلەفى ) دىنى ئەقىدىسىگە ئىگە ئېقىم.

3.    پەقەت ئۇيغۇرلىقىنى داۋا قىلغان ۋە « مەن ئۇيغۇر » دەيدىغان ئۆزگىچە مىللەتچى ئۇيغۇر ئېقىم.

4.    ۋاشىنگىتوننى مەركەز قىلغان ئامېرىكا غەربچىلىكىنى تەشەببۇس قىلغان ئېقىم.

5.    ئوتتۇرا ئاسىيانى مەركەز قىلغان سابىق روس مەستانىسى ئېقىم.

6.    تۈركىيەنىڭ ئىزناسى بولغان ھەر خىل دىنى، تەسەۋۋۇپى چوڭكىچىك مەزھەپچى ئېقىملار.

ھەر قايسى ئەللەرگە مەنسۇپ جاسۇسلۇق تەشكىلات ئەزالىرىدىن ئىبارەت ئەجنەبى ئۇنسۇرلار، ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش پۈتۈن كۈچى بىلەن تارىخى پايتەختىمىز ۋە مەدەنىيەت مەركىزىمىز بولغان قەشقەردە يەنە بىر قېتىم ماكان تۇتىدۇ.

تاشقى كۈچلەر ۋە ياتلار تەرىپىدىن ئۇزۇن مەزگىل قۇل قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئورتاق ئاجىزلىقى، ئىنتىزام ۋە تەشكىلچانلىقتىن يوقسۇن بولشى، تەقدىرداش ئىكەنلىكى چۈشەنچىسىنى يىراق بولىشىدۇر. ئۆمرى بويىنچە مەنسەپ ۋە شۆھرەت ئاچارچىلىقى ئىچىدە ياشىغان بۇ قەۋملەردە، مالىمانچىلىق باشلانغاندا ھەر كوچىدىن بىر « يېتەكچى، داھى » چىقىدۇ. كىشىلەر پۈتۈن كۈچىنى، قېنىنى ۋە جېنىنى قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈشكە سەرپ قىلىدۇ. بۈگۈن سۈرىيەدە مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق گۇرۇپپا بار بولۇپ، قورالىنى بىربىرىگە تەڭلەپ تۇرماقتا. ئىشنىڭ ئىچىگە قان داۋاسى كىرگەن ۋاقىتتا، بۇ ئەھۋالنى ئوڭشاش ناھايىتىمۇ قېيىن بولىدۇ. سۈرىيە خەلقئارا جاسۇسلارنىڭ جەننىتىگە ئايلىنىپلا قالماستىن، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ يېڭى قورالياراقلىرىنى سىنايدىغان مەيدانغا ئايلىنىپ قالدى. بۈگۈن سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىنى بەلگىلەش ھوقوقى سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئىلكىدە ئەمەس. سۈرىيەگە سىرىتتىن كېلىدىغان كۈچ ۋەياكى كۈچلەر سۈرىيەنىڭ مۇقىملىقى ۋە كېلەچىكىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىلدۇر. سۈرىيە مۇقىم ۋەزىيەتكە ئىگە بولغان تەقدىردىمۇ يېڭى مۇقىمسىزلىقلارغا ھامىلە.

مەجبۇر قالغاندا شەرقىي تۈركىستاننى يېڭى ئافغانىستان، يېڭى سۈرىيەگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن كۈچىنى ئۆزىنىڭ يېغىدا ئۆزىنىڭ گۆشىنى قورۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان بىر خەلققە ئايلاندۇرۇپ قويۇش، بېيجىڭنىڭ « ب پىلانى »دۇر.  

كېلەچەكتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋۇجۇدى قىلىچ بىلەن ئىككىگە ئايرىغان بىر ئىنسانغا ئوخشاش بۆلۈنمەسلىكى، ئاتا مىراس تۇپراقلىرىمىزنىڭ ئازادلىققا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرەلىشىمىز، بىر پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە بولالىشىمىز ئۈچۈن، ئافغانىستان ۋە سۈرىيەنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە چۈشۈپ قالماسلىقىمىز ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە

مىللىي ئازادلىق يولىدا ئويلىنىش 1-بۆلۈمدىكى ئىنكاسلار

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار بۇ ماقالە ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ يازغۇچىنىڭ ئەجىرىگە كۆپ رەھمەت چۇقۇم ئۆتمۈشتىكى ۋە يېقىنقى تارىخىمىزدىن ھەم ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن ئىشلاردىن بۈيۈك تەجىربە ساۋاق ئېلىشمىز كىرەك دەپ ئويلايمەن

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز