مىللىي ئازادلىق يولىدا ئويلىنىش 5-بۆلۈم


ئاپتورى : مەمەت ئەمىن ھەزرەت

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەندەر قاراخانلى

پروگراممىغا تەييارلىغۇچى: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

مىكروفۇندا: ئاۋرال

مىللىي مۇستەقىللىق سىتىراتېگىيىمىز قانداق بولىشى كېرەك؟ ( 5 )

مۇۋاپىق پەيىتتە توغرا يەردە تۇرۇش كېرەك.
20 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىككى قېتىم مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇردۇق ۋە ھەر ئىككى جۇمھۇرىيەت روسلارنىڭ قولى بىلەن يېقىتىلىپ، قايتىدىن خىتايغا بېرىلدى. ئۇ دەۋردە تارىخىي شەرت – شارائىت بىزنىڭ زىيىنىمىزغا ئىدى. ئۆزىمىزمۇ تارىخىي شەرت – شارائىتنى ئۆزىمىزگە پايدىلىق ھالغا كەلتۈرۈش قابىلىيىتىنى نامايەن قىلالمىدۇق. بىز بىلەن ئوخشاش ئەھۋالدىكى موغۇللار نوپۇس، ھەرىكەت دائىرىسى ۋە جۇغراپىيلىك ئورنى جەھەتتىن بىزدەك تەلەيلىك ئەمەس ئىدى. لېكىن چىڭگىزخاندىن قالغان ئەقىل ۋە مىللىي پىشىپ يېتىلگەنلىك ئارتۇقچىلىقى بىلەن توغرا پەيىتتە توغرا يەردە تۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالىدى. ئۇلار خىتاينىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپلا قالماستىن، دۆلىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان سىتىراتېگىيىنى تەدبىقلىدى. بۈگۈن زېمىنى بىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش چوڭلىقتا بولغان ۋە 4 مىليۇن نوپۇسقا ئىگە مۇستەقىل موغۇلىستان ب د ت نىڭ شەرەپلىك ئەزاسىدۇر.
بىزمۇ موغۇلىستانغا ئوخشاش ئىككى چوڭ دۈشمەن ئوتتۇرىسىدا ئېزىلگەن ئىدۇق. بىر دۈشمەندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، يەنە بىر دۈشمەندىن پايدىلىنىشتىن ئىبارەت قابىلىيەتنى كۆرسىتەلمىگەنلىكىمىز ۋە تارىخىي شەرت – شارائىتنىڭ بىزنىڭ زىيىنىمىزغا شەكىللىنىشى سەۋەبىدىن، مىللىي مەھكۇملۇق بويۇنتۇرۇقى قايتىدىن بوينىمىغا سېلىندى ۋە ئۇنى خوشاللىق بىلەن قارشى ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇق. ئۇ تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقنىڭ ئېغىر بەدىلىنى تۆلىدۇق ۋە تۆلەۋاتىمىز.
كېلەچەكتە ئالدىمىزغا چىقىدىغان پۇرسەتلەردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پايدىلىنىش ۋە بىزنى بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە پاجىئەگە ئېلىپ بارىدىغان خاتالاردىن ساقلىنىشىمىز ئۈچۈن، ئۆتمۈشكە نەزەر تاشلاشنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم.
مىللىي خاراكتېر مىللىي تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ
دىن، مەدەنىيەت ۋە مىللىي خاسلىق مىللىي خاراكتېرنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساسلىق ئامىللاردۇر. مىللىي خاراكتېر مىللىي تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. مۇۋەپپەقىيەت ياكى مەغلۇبىيەت، ئۇتۇقنىڭ كۆپ ياكى ئاز بولىشى خاراكتېرنىڭ ھەرىكەتتىكى ئىپادىسىدۇر. چۈنكى ئىنتىزامچانلىق – ئىنتىزامسىزلىق، تىرىشچانلىق – ھورۇنلۇق، ئىرادىلىك – ئىرادىسىزلىك، قەھرىمانلىق – قورقاقلىق، ئەستائىدىللىق – بىپەرۋالىق، ماسلىشىشچانلىق – ماسلىشالماسلىق… ئىنسان خاراكتېرىدە مۇجەسسەملەشكەن بولىدۇ. مىللەت ئىنسانلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. مىللەتنىڭ ئۇتۇق سەۋىيىسى، ئىگە بولغان قىرانلىق سەۋىيىسى بىلەن ئوڭ تاناسىپتۇر. خەلقنىڭ مىللىي خاراكتېرى ئەخلاقىي ئاجىزلىقلىرىدىن خالىي بولغانسىرى پىشىپ يېتىلىش دەرىجىسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ئەڭ ئۇتۇقلۇق بولغان مىللەت، خاراكتېرى ئەڭ پىشىپ يېتىلگەن مىللەتتۇر. ھەرقانداق بىر زەپەر تاسادىبىيلىقنىڭ نەتىجىسى ئەمەس.
ئۇيغۇرلار سېخىي، قەھرىمان، ئەمگەكچان، ئىجادىيەتچان، مېھماندوست، ئاقكۆڭۈل، ھېسسىياتچان، ساپ ۋە بەزىدە بىرئاز ئۈركەك خاراكتېرغا ئىگە. مىللىي ساپلىقىمىز / ساددىلىقىمىزنىڭ تەكتىدە بىرئاز ئەھمەقلىق ياتىدۇ. ھېسسىياتچان بولىشىمىز، كۆپىنچە ئەقىل كۆزىمىزنى پەردىلەيدۇ. ئۈركەك بولىشىمىز، بىر – بىرىمىزگە بولغان ئىشەنچسىزلىك پىسخىكىسى، ئەسىرلەردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرنى ئۇيغۇرغا قىرغۇزۇش سىياسىتىنىڭ روھىمىزدا قالدۇرغان ئىزناسىدۇر. خوشال بولىشمىزغا كېرەك بولغان نوقتا، تومۇرىمىزدا ھالا ساپ قېنىمىز ئېقىۋاتىدۇ. مەزلۇم ئۇيغۇر ئانىلار تېخىمۇ كۆپلەپ قەھرىمان يىگىتلەرنى تۇغۇش ئۈچۈن بەسلىشىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ناھايىتى ئەقىللىق ئىدى. « مىخ مەتبە، قەغەز، تېرە ئىشلەش تېخنىكىسى، كارىز، ئات ئىگىرى ۋە توپ » قاتارلىقلارنى ئۇيغۇرلار ئىجات قىلغان ( « ئۇيغۇرلارنىڭ 7 چوڭ كەشپىياتى »، ئارخېلوگ قۇربان ۋەلى ). 16 –ئەسىردە ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسيادا باش كۆتۈرگەن جاھالەتنىڭ ئەقىلنى رەت قىلىدىغان زوراۋان كۈچى، ئۇيغۇر خەلقىدە ئەقىلنىڭ دات بېسىشىغا سەۋەپ بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىگە ئۇچرىشى بىلەن ئۇيغۇرلار جاھالەت پاتقىقىغا تېخىمۇ پاتقان بولۇپ، بۇ ئۇلاردا ئومۇمىييۈزلۈك ئەقىل كورلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجادىيەتچان روھى، ئەقىل – پاراسىتى تارىم ۋادىسىدا قۇمغا كۆمۈلۈپ ياتقان نېفىت، تەبىئى گاز دېڭىزىغا ئوخشاش، زۇلۇم تاغلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتماقتا. مىللىي ئەقىل – پاراسەت ۋە ئىجادىيەتچان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىمىز، قايتىدىن ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەندە، روھىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن قوياش نۇرىغا ئوخشاش پارلاپ چىقىشقا باشلايدۇ.
ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا قارايدىغان بولساق، تەخمىنەن ئىككى ئەسىرگە يېقىن ياقىمىزدىن نېرى كەتمىگەن قان شورغۇچى ئىشغال ۋەزىيىتىنىڭ، مىللىي روھىمىزنى ئېغىر دەرىجىدە كىرلەتكەنلىكىنى، مىللىي خاراكتېرىمىزنى قورقۇنچلىق شەكىلدە بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى ئېنىق كۆرىۋالالايمىز، بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ئاچچىق ھەقىقەت. مىڭ يىل ئىلگىرى ئەجدادىمىز سۇلتان ساتۇق بۇغراخان، مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەت يەسەۋى ۋە ئۇلارنىڭ شانلىق ئىمپېراتۇرلۇق تارىخنىڭ بىزگە ئائىت ئىكەنلىكىنى توختىماستىن تەكرارلاپ تۇرۇشىمىز، بىزنىڭ بۈگۈنكى ئەيىپ ۋە ئاجىزلىقىمىزنى پەدازلىيالمايدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا ئورنىمىز ۋە ئېتىبارىمىز قانداق؟ قانداق بولۇپ نەپرەت قىلغان خوجايىنغا ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلىدىغان چاكارغا ئايلىنىپ قالدۇق؟ دېگەن سوئاللارنى ئۆزىمىزدىن سورىشىمىز لازىم. ئاللاھ قا مىڭ قەترى شۈكرىلەر بولسۇنكى، 21 – ئەسىردىكى ھۆر دۇنيادا، ئۆز ۋەتىنىدە قۇل بولۇپ تۇغۇلغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن ۋە نۇمۇس ئىچىدە يۈزى قىزارغان، ئەسىرلىكتىن قۇتۇلۇش ئىرادىسىگە ۋە جۈرئىتىگە ئىگە يېڭى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ. ئۇلار باستۇرغىلى بولمايدىغان ئىسيانكار بىر روھ، ئەركىنلىك بولغان ئىنتىلىش ئىچىدە زۇلۇم كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ.
ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنسانلارنى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتكەن: « … ئۇ ( رەسۇل )، ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرىيدۇ، يامان ئىشتىن توسىدۇ. ئۇلارغا ياخشى ۋە پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، يامان ۋە ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ئېغىر يۈكنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارغا سېلىنغان تاقاق، كويزا – كىشەنلەرنى پاچاقلايدۇ … » ( ئەئراف، 157 – ئايەت، دىيانەت تەرجىمىسى ). ئۈستىمىزدىكى ئېغىر ماددى ۋە مەنىۋى يۈكلەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە كىشىلەرنى پاچاقلاپ تاشلاش ئاللاھ نىڭ ئەمرى، پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتى ۋە بىز مۇئمىنلەرنىڭ ۋەزىپىسى. زۇلۇمغا سۈكۈت قىلغانلارنى ئاللاھ « ھايۋان » دەپ ئاتىماقتا، « شۈبھىسىزكى، ئاللاھ نىڭ نەزرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ زىيانلىق بولغىنى ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان گاس ۋە تىلسىز ( كىشى )لاردۇر » ( ئەنفال، 22 – ئايەت، ئىمام ئىسكەندەر بەرگەن مەنا ). پەيغەمبەرلەر تارىخى قۇللۇققا چۈشكەن قەۋملەرنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلىش تارىخىدۇر. ئىنسانلارنى ھايۋانغا ئايلاندۇرۇپ تىلسىز، گاس قىلغان تۈزۈم ئاغدۇرۇپ تاشلانماستىن، قۇللۇقنى بىكار قىلغىلى بولمايدۇ. ئىنسانلارنى ھايۋانغا ئايلاندۇرىۋاتقان تۈزۈم پەقەت چاۋشىيەن ۋە خىتايدىلا قالدى. ئۇيغۇرلار قۇلنىڭ قۇلى قىلىنماقتا. بىزنىڭ مىللىي خاراكتېرىمىزنى ئېرىتىپ يوقىتىۋاتقان نەرسە ئىشغالچى كوممۇنىست تۈزۈمدۇر. ھەم ئىشغال ھەم كۇممۇنىست تۈزۈمدىن ئىبارەت ئىككى خارلىقتىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مىللىي روھىمىزدىكى بارلىق ئىللەتلەردىن خالىي بولىشىمىز، ئەسلى خاراكتېرىمىزغا قايتىشىمىز زۆرۈر.
مىللىي مۇستەقىللىق يولىدا ئەڭ ئۇتۇقلۇق بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىشىمىز لازىم
مۇستەقىللىق يولىدا كۆرەش قىلغان ياۋروپا مۇسۇلمانلىرى خىيالپەرەستلىكتىن يىراق ھالدا، رىئاللىقنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنىڭغا قارىتا كۆرەش يولىنى تاللىغان بولۇپ، « پۈتۈن دۇنيا كاپىرلىرىغا جىھاد » ئېلان قىلمىدى. ئۇلار پەقەت ۋەتىنىنى ئىشغال قىلىۋالغانلار بىلەن ئۇرۇش قىلدى. بوسنىيە – ھەرسەك ۋە كوسوۋا بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. ئۇ ئەللەرگە مۇسۇلمان دۇنياسىمۇ ياردەم قىلدى، جىھادچىلارمۇ ياردەمگە كەلدى. لېكىن ئۇلار جىھاد يانغىنىنى ياۋروپاغا تۇتاشتۇرماقچى بولغانلارغا رۇخسەت قىلمىدى. بولۇپمۇ بوسنىيە مۇسۇلمانلىرى كەڭ كۆلەمدە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتتىمۇ سوغۇق قانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلدى. بۇ ئاز سانلىق خەلق بۈيۈك داھىسى ئالىيە ئىززەت بېگوىچ ئەتراپىدا زىچ ئۇيۇشتى. ئىززەت بېگوىچ خەلقىگە: « قەسەم قىلىمەنكى، بىز قۇل بولمايمىز » دەپ خىتاپ قىلغاندا، مىليۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى تەكرارلىدى ۋە قۇل بولماسلىق ئۈچۈن يەتتە ياشتىن – يەتمىش ياشقىچە ھەممە قولىغا قورال ئالدى.
بوسنىيەلىك مۇسۇلمانلار سىرىپلار تەرىپىدىن مىللىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولغان ھالقىلىق پەيىتتە، ناتو ( شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ) بوسنىيە – ھەرسەكنى ھىمايە قىلىشنى قارار قىلدى ۋە موسكىۋا بىلەن ئېلىپ بارغان مەخپى كېلىشىمدىن كېيىن، روسلار سىرىپلارغا بەرگەن ھەربىي ياردەمنى توختاتتى. 1995 – يىلى 30 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ 13 – سېنتەبىرگىچە ناتو ئايروپىلانلىرى سىرىبىستانغا 10 مىڭ توننا بومبا تاشلىدى ۋە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى باشلىدى. 1992 – يىلىدىكى خەلق رايىدا بوسنىيە – ھەرسەكنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوبۇل قىلمىغان سىرىپ رەئىس سلوبودان مىلوسېۋىچ 1995 – يىلى 12 – دېكابىردا، ئامېرىكىنىڭ دېيتون شەھرىدە تىنچلىق كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا قول قويۇشقا مەجبۇر بولدى ( كېيىن ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپتىدە قولغا ئېلىنىپ، لەھىدا سوتلاندى ). 1996- يىلىدىن باشلاپ ناتو تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى خېلى ئۇزۇن مەزگىل بوسنىيە – ھەرسەكنىڭ تىنچلىقىنى ساقلاشقا ياردەم قىلدى.
ھۆرلىك ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۆرەش قىلغان، 10877 كۇۋادىرات كېلومېتىرلىق زېمىنغا ئىگە ( شەرقىي تۈركىستاننىڭ 153/1 گە توغرا كېلىدۇ )، 2 مىليۇنغا يەتمەيدىغان نوپۇسى بار مۇسۇلمان كوسوۋا، توغرا پەيتتە توغرا يەردە تۇرۇپ، توغرا سىتىراتېگىيە ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، ناتونىڭ ھەربىي ياردىمى ۋە غەربنىڭ سىياسىي قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ قۇللۇق بويۇنتۇرۇقىنى بوينىدىن ئېلىپ تاشلىدى ۋە بۈگۈن ياۋروپانىڭ مۇستەقىل 50 – دۆلىتى بولدى. كوسوۋانىڭ پايتەختى پرىشتىنادا تۈرك ئارمىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناتو تىنچلىق ساقلاش كۈچى، بۇ دۆلەتنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشىۋاتىدۇ.
بوسنىيە ۋە كوسوۋا مۇسۇلمانلىرى ناتو ئايروپىلانلىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان. لېكىن ناتو ئايروپىلانلىرىنىڭ بومبىلارنى ئۆزىگە ئەمەس، دۈشمەنلىرىگە تاشلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆزىگە تارتقانىدى. بۇ نوقتا ناھايىتى مۇھىم.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى، ئازادلىق يولىدا ناتو بىلەن ھەمكارلىق ئورناتسا نەتىجىسى نېمە بولىدۇ؟ شەرقىي تۈركىستان چېگرىسىدا ماكان تۇتىۋاتقان ناتو، خىتايغا قارشى تۇرامدۇ؟ ئۇيغۇرلار ناتو بىلەن ھەمكارلىق ئورناتسا كاپىر بولامدۇ؟
( داۋامى كېيىنكى بۆلۈمدە )

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز