مۇلاھىزىلەر 1-سان 2017.01.15

دۈشمەن كىم؟

ئاپتورى: ئارتۇچ بۇغرا

مىكروفۇندا: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

ئاللاھ ئىزچىل ئەلچىلەر ۋە ۋەھىي ئەۋەتىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەپ كەلدى. ئەلچىلەر ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھىيلەر ئارقىلىق ئاللاھ بىلەن بەندە، بەندە بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، ھاياتىغا تەدبىقلاش بىلەن ئۈلگە بولدى.

ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ۋەھىي ئۇ ۋەھىينى يەتكۈزگۈچى ئەلچىلەرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بۇزغۇنچىلىققا، بۇرمىلىنىشقا ئۇچراپ كەلدى، ئىنسانلار ئەسلى ۋەھىيدىن يىراقلاشتى ( ھەدىد، 16 ). ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇ ئارقىلىق قۇرئاننى ۋەھىي قىلىپ ئەۋەتىش ئارقىلىق ئىنسانلار قىيامەتكىچە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپلارنى كۆرسىتىپ بەردى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن باشقا ئەلچىلەرنىڭ ۋە ۋەھىينىڭ كەلمەيدىغانلىقى ( ئەھزاپ، 40 ) يېتەكچىلىكنىڭ ئىنسانلاردىن ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلارغا ئالماشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. بۇ سەۋەپتىن ئاللاھ بۇ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلار گەۋدىسى بولغان قۇرئاننى ئۆزى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ( ھىجر، 9 ).
ئاللاھ قۇرئاندا كىتاپ ۋە مىزاننى نازىل قىلغانلىقىنى بايان قىلماقتا ( شۇرا، 17؛ ھەدىد، 25 ). مىزان، يەنى ئۆلچەم ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولۇپ، مۇئمىنلەرنىڭ بۇنىڭغا رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.
يەر يۈزىدە مۇئمىن ۋە كاپىرنىڭ شۇنداقلا باشقا ئېتىقاتتىكىلەرنىڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىقى، بىرگە ياشايدىغانلىقى كېچە بىلەن كۈندۈزگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس سۈننىتىدۇر ( مائىدە، 48؛ يۇنۇس، 99؛ ھۇد، 118؛ نەھل، 98؛ شۇرا، 8 ). بىر يەردە ياشاش جەريانىدا پەرقلىق ئېتىقاتتىكىلەر بىلەن سۈركىلىش پەيدا بولغاندا قانداق ھەل قىلىش تەدبىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
بۈگۈن يەر يۈزىدە ئەڭ قاتتىق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلاردىن بىرى بولغان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلە دۈشمىنىنى ئېنىق تونۇيالماسلىقتۇر. كىمنى ئەڭ ئاساسلىق دۈشمەن دەپ تونۇشتا ئاللاھ مىزان قىلىپ چۈشۈرگەن، ئۆزى ئىمان ئېيتقان كىتاپقا مۇراجەت قىلماسلىقتۇر. بىز بىر كىتابى بار ئۈممەت تۇرۇپ، كىتاپ ۋە مىزانسىز كىشىلەردەك مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز. مانا بۇ سەۋەپتىن نىشاندىن ئاداشقان كېمە دولقۇنلار ئىچىدە بىر ئۇياققا، بىر بۇياققا ئېقىپ يۈرگەندەك نىشانسىز يۈرمەكتىمىز.
دىنىمىزدا جىھاد تەكىتلەنگەن، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنغان. جىھاد شەرت – شارائىتنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىبادەت بولۇپ ئاللاھ بۇ ئىبادەتنى بەلگىلىك بىر پىرىنسىپقا باغلىغان. ئاللاھ قەيەرگە بېرىپ جىھاد قىلساڭ بولىدۇ، دېمىدى. سېنىڭ دىنى ئېتىقادىڭدىن ۋاز كەچتۇرۇشكە ياكى سېنى يۇرتۇڭدىن قوغلاپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغانلارغا قارشى ئۇرۇش قىل. سەن بىلەن دوستانە ئۆتكەن كاپىرلار بىلەن چىرايلىقچە ئۆت دېدى ( مۇمتەھىنە، 8 ـ 9 ).
رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە قارايدىغان بولساق، رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە بارغاندىن كېيىن مەدىنىدىكى بارلىق مۇشرىكلار ياكى يەھۇدىيلار بىلەن ئۇرۇشمىدى. ئۇلاردىن كىم مۇسۇلـمانلارغا زىيانكەشلىك قىلسا ياكى قىلـماقچى بولسا ئۇلارغا قارشى جىھاد قىلدى ( بەدىر، ئۇھۇد، خەندەك، خەيبەر، تەبۇك … ). ھۇدەيبىيەدە مەككە مۇشرىكلىرى بىلەن مۇسۇلـمانلار ئارىسىدا سۈلھى تۈزۈلگەندە، شۇ سورۇندا شاھىت بولغان ئىككى مۇشرىك قەبىلىسىدىن بىرسى مۇسۇلـمانلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى رەت قىلـمىدى. كېيىنكى يىلى بۇ مۇشرىك قەبىلە مەككە مۇشرىكلىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن قەبىلىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇلار مۇسۇلـمانلار بىلەن ئارىسىدىكى ئىتتىپاقنى شىپى كەلتۈرۈپ رەسۇلۇللاھتىن ھۇجۇم قىلغۇچى قەبىلىگە قارشى ياردەم تەلەپ قىلدى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلـمىدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئەبۇ سۇفيان مەدىنىگە كېلىپ، رەسۇلۇللاھتىن سۈلھىنى يېڭىلاشنى تەلەپ قىلدى، لېكىن تەۋبە سۈرىسى 1ـ ئايەتنىڭ ھۆكمىگە ئاساسەن ئەبۇ سۇفياننىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلدى.
رەسۇلۇللاھ مەككىنى فەتىھ قىلغاندىن كېيىن يېنىدىكى تايىپقا يۈرۈش قىلـمىدى. مەككىدىكى مۇسۇلـمانلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ھاۋازىن قەبىلىسىگە قارشى ئاتلاندى، ھۇنەيىن غازىتى بولدى. رەسۇلۇللاھنىڭ تۇتقان يولى بۇ ئىدى. ۋىدا ھەججىگە قاتناشقان ساھابىلەرنىڭ سانىنىڭ 100 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بار. بۇلاردىن مۇتلەق كۆپ سانلىقىنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ « مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار » تەلىماتىغا ئاساسەن، ئاللاھ رازى بولغان ئىسلام دىنىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن يەر يۈزىگە تاراپ كەتكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. ئىران ۋە رىم ئېمپىرىيىسى بىلەن بولغان جىھاد سەۋەبى ھەممىگە مەلۇم ( ئىران پادىشاھى ئۆز ۋاقتىدا رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋەت مەكتۇبىنى يىرتىپ تاشلىغان، رىم مۇسۇلـمانلارنى ئۆزىگە رەقىپ كۆرۈپ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان ).
يېقىنقى دەۋرگە كەلسەك، ئەرەپ قېرىنداشلارغا نىسبەتەن ئىسرائىل ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى 1- نۇمۇرلۇق دۈشمەن. ئۇلار پەلەستىنلىكلەرنى يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىۋاتىدۇ. ئاللاھ قويغان ئۆلچەمگە چۈشىدۇ. ئۇلارغا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى بىۋاستە زىيىنى يەتمىگەنلىكتىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى بىرىنچى نۇمۇرلۇق دۈشمەن دەپ قارىمايدۇ، ھەتتا ئىسرائىل ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربكە قارشى ئىتتىپاقداش دەپ قارايدۇ. بىزگە نىسبەتەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 1 – نۇمۇرلۇق دۈشمەن. 1949 – يىللىرىدىن باشلاپ پەلەستىنلىكلەر يۇرتىدىن ئايرىلماي جىھاد قىلىۋاتىدۇ. 1970 – يىللاردىن تارتىپ ئافغانلارمۇ شۇنداق، 2003 – يىلىدىن تارتىپ ئېراقلىقلار، 2011 – يىلىدىن تارتىپ سۈرىيەلىكلەر يۇرتىدىن ئايرىلماي جىھاد قىلىۋاتىدۇ. بۇلار ۋەتەنچى، مىللەتچى بولۇپ قالمايدۇ. ئۇيغۇرلار قىلسا ۋەتەنچى، مىللەتچى بولۇپ قالىدۇ.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى جىھاد قىلىش ئىسلامدا چەكىلىنەمدۇ؟ ئۇيغۇرلار خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى شەرقىي تۈركىستاندا جىھاد قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولۇشقا ئۇرۇنسا ۋەتەنچى، مىللەتچى بولۇپ قالىدۇ. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى جىھاد قىلىش كىملەرنىڭ قولى بىلەن توسۇپ قېلىنىۋاتىدۇ؟ ئۈممەت داۋاسىنى قىلىۋاتقان ئەل قائىدا 20 يىلدىن كېيىن، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن بېيجىڭدا كېلىشمگە ئىمزا قويدى بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟ بىرمىدىكى ئاركان مۇسۇلمانلىرى بۇددىسلارغا قارشى قولىغا قورال ئېلىپ ئۆز دۆلىتىدە بۇددسىلارغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ ھەركەتكە ئۆتتى، ئەمسە بۇلارمۇ مىللەتچىمۇ، قەۋىمچىمۇ؟ شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن 35 مىليون مۇسۇلمان دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئۈستى ئوچۇق تۇرمىلەرگە قامىلىپ، ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز زۈلۈم ئىچىدە يوق قىلىش، سۈرگۈن قىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالدى. بۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن قوراللىق مۇھاجىتلارنىڭ پارتىزانلىق ۋە ئادەم تەربىيلەش ھەركىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ مۇنتىزىم قوشۇن تەربىيلەشكە كىم توسالغۇ بولىۋاتىدۇ؟ ئاتالمىش ئىسلام دۆلتىگە بېرىپ ئۆزىنى پىدائىيلىققا تىزىمغا ئالدۇرۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىتلارغا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ كونسۇلخانا، ئەلچىخانا ئالدىدا پىدائىيلىق ئېلىپ بېرىشغا كىملەر توغرا پەتىۋا بېرەلمەيۋاتىدۇ؟ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرپىدىن ئىسلام دىننى يوق قىلىش سىياسىتىگە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دىننىي ئالىملار، ئولىمالار بىرلىكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى جىھاد قىلىش پەرىز ئەيىن دىيىشىگە كىملەر، نىملەر توسالغۇ بولىۋاتىدۇ؟ دۈشمىنىمىزنى ئېنىق تونۇيدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلمىدىمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئۇيغۇرلار تېررورغا قارشى تۈركلەرنىڭ يېنىدا

ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈركىيەدە تېررورلۇق ۋەقەلىرى ناھايىتى ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. تۆكۈلگىنى بىز ئۇيغۇرلارغا قان ۋە دىن قېرىنداش بولغان تۈركلەرنىڭ ۋە بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قېنى بولدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن تۈرك قەۋىملىرىنىڭ ئەزەلى دۈشمىنى بولغان قارا نىيەت كۈچلەر ۋە ئۇلارغا سېتىلغان يالاقچى خائىنلار توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ تۈركىيەدە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ، ھەرخىل تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئوبرازىنى قارىلاشنى مەقسەت قىلىپ، يالغانلارنى توقۇپ قارىلاش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارماقتا.
ۋاھالەنكى، تۈركىيەنى ئىككىنچى ئانا ۋەتىنى دەپ بىلگەن ئۇيغۇرلار ئەسلا تۈرك قېرىنداشلىرىنى قەستلەيدىغان پەسكەش تېررورلۇق قىلمىشىنى قىلمايدۇ. ئۇيغۇرلار تۈركىيەنى ئۆز ۋەتىنىدەك ئەزىز كۆرىدۇ ۋە تۈرك قېرىنداشلىرىنى ئۆزىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقىنىدەك سۆيىدۇ.
تېررورنىڭ ئىرقى، دىنى ۋە دۆلىتى بولمايدۇ، بىگۇناھ ئىنسانلارغا قىلىنغان قەستلەشتەك تېررورلۇق ھۇجۇمى دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ قىلمىشلاردىن بىرىدۇر. بۇ تۈر تېررورلۇق قىلمىشىنى كىم قىلغان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن نەپرەت بىلەن لەنەتكە ئۇچرايدۇ.
قەستەن ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ ئاقىۋىتى بۇ دۇنيادا لەنەت، ئاخىرەتتە دوزاخ ئوتىدا كۆيىشتۇر. ئىسلام دىنىمىزدا ئاللاھتىن يۈز ئۆرۈش گۇناھىدىن قالسا ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ گۇناھى ئەڭ ئېغىردۇر.
قۇرئان كەرىمدە: «كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ» دەيدۇ. (مائىدە سۈرىسى 32 – ئايەت).
بىز ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىكى بۇ تۈر تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ئۇيغۇرلار ئۆزى دۆلەت تېررورىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان بىگۇناھ بىر خەلق. ئۇزاق – يېقىندىكى ئۇيغۇر دۈشمىنى قارا نىيەت قاتىللار ۋە ئۇلارنىڭ غالچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئانا ۋەتىنىمىز ئۇيغۇر دىيارىدا، تۈركىيەدە ۋە دۇنيادا تېررورچى دەپ كۆرسىتىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر ئىچىدە ئەنسىزلىك پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغان قارا چاپلاشلىرىغا ھەرگىز قاراپ تۇرالمايمىز.
قولىدا قەلەم تۇتالايدىغان بارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلار بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ناھەق قارىلانغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قارا نىيەت ھاكىمىيەتنىڭ سىستېمىلىق يۈرگۈزگەن دۆلەت تېررورىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى پۈتۈن دۇنيا جامائىتىگە سەمىمىيەتلىك بىلەن جاكارلايمىز ۋە ئۇيغۇرلارغا قارا چاپلىغان تۈرك سىياقىغا كىرىۋالغان ۋىجدانسىز مۇناپىق ئاتالمىش مۇخبىرلارنى قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
ئەزەلدىن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك قەۋىملىرىنىڭ دۈشمىنى بولغان قارا نىيەت ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ تېررور قۇربانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خۇشال ۋە ماتەملىك كۈنلەردە ھەر ۋاقىت پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق تۈرك قەۋىملىرىنىڭ يېنىدا بولۇش بىلەن بىرگە، بىز ئۇيغۇرلار تۈرك قەۋىمىنىڭ بىر مەنسۇپى بولغانلىقىمىزدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىمىز.
دۇنيادىكى پۈتۈن تۈرك قەۋىملىرىنىڭ، جۈملىدىن تۈركىيەدىكى قان ۋە دىن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قەھرىمان ئىرادىسى بۇ تۈر تېررور ھۇجۇملىرى بىلەن ئەسلا سۇنمايدۇ. بۇ پەسكەش ئۇسۇللار بىلەن تېررور قىلمىشلىرى قىلىۋاتقان تۈرك دۈشمەنلىرى ۋە ساتقىن خائىنلار ئەسلا مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ.
تۈركىيە تۇپرىقىنى قوغداش ۋە تېررورغا قارشى ئۇرۇشتا شېھىت بولغان قەھرىمان تۈرك ساقچى ۋە ئەسكەرلىرىنى رەھمەت بىلەن ياد ئېتىش بىلەن بىرگە، يارىلانغانلارغا شىپا ۋە شېھىت ئائىلىلىرىگە ئاللاھتىن سەۋر تىلەيمىز. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزلۇم مۇسۇلمانلارنىڭ باش پاناھگاھى تۈركىيەگە ئامان – ئېسەنلىك ۋە كۈچ – قۇۋۋەت يار بولسۇن.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز