مۇلاھىزىلەر 2-سان 2017.01.22

ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ «شەرقىي تۇركىستان»غا بولغان قارىشى ۋە پاكىستان سىياسەتچىلىرىنىڭ خىيانىتى

ئاپتورى: مىركامىلجان كاشغەرلى

مىكروفۇندا: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

  يېقىندىن بۇيان پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ ياختۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئارقىمۇ- ئارقىدىن دۇشمەنلەرچە باياناتلارنى ئېلان قىلماقتا. بۇ باياناتلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «ئۈممەتنىڭ بىر پارچىسى» دەپ قارايدىغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىردىكى سەرگۈز مۇسۇلمانلارنى قاتتىق ئۆكۈندۈرمەكتە ۋە ئۇلار بۇنىڭغا قارىتا «بىر ئىسلام دۆلىتىگە قەتئىي ياراشمايدىغان پوزىتسىيە» دەپ باھا بەرمەكتە.
خەۋەرلەردە ئېلان قىلىنىشىچە، پاكىستان پىرېزىدېنتى مەمنۇن ھۇسەين 2015 – يىلى 16 – دېكابىردىكى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا «ئارمىيەمىز پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر مۇجاھىتلارنى پۈتۈنلەي تازىرلاپ بولدى» دەپ بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن قاتتىق سۆيۈنۈپ كەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ پاكىستاندا ھايات قالغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 
ختايدا زىيارەتتە بولغان پاكىستان ئارمىيەسى دۆلەت ئالاقە ئىشلىرى دېرىكتورى گېنېرال ئاسىم سەلىم بەجۋامۇ خىتاينىڭ «يەر شارى» گېزىتىسىگە بەرگەن باياناتىدا، پاكىستاندا پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئىما قىلغان ھالدا، «خىتاينىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى ھارماي – تالماي كۈرەش قىلىمىز. خىتاينىڭ دۈشمەنلىرى بىزنىڭمۇ دۈشمەنلىرىمىزدۇر. خىتاينىڭ دۈشمەنلىرىنى يەنچىپ – چەيلەشتىن ۋە يوق قىلىشتىن قەتئىي چېكىنمەيمىز» دېگەن بولۇپ، پاكىستاننىڭ مەستەقىل دۆلەتلىكىگە ماس كەلمەيدىغان ۋە قەتئىي ياراشمايدىغان بۇ باياناتى ئېغىر تەنقىدكە ئۇچرىغان ئىدى.
ۋەھالەنكى، پاكىستان رەھبەرلىرى يوق قىلىۋاتقان ۋە يوق قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار، خىتاينىڭ دىنىي زۇلۇملىرىدىن قېچىپ، ئىسلامغا ئۇيغۇن شەكىلدە ھايات كەچۈرۈش ئارزۇسىدا، ئوخشاش بولمىغان يوللار ئارقىلىق پاكىستانغا كەلگەن ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئاشكارا پاناھلىق تېلىيەلمىگەنلىكتىن، پاكىستاننىڭ قەبىلە رايونلىرىدا ھاياتلىرىنى قوغداشقا مەجبۇر بولغان غەيرىي رەسمىي پاناھلانغۇچى سالاھىيىتىگە ئىگە مۇسۇلمانلار ئىدى. شۇڭا خىتاينىڭ ئۇلارغا كەيدۈرمەكچى بولغان «تېررورلۇق»  قالىپى، پاكىستاندىن باشقا ھېچ بىر دۆلەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىدى. قوبۇل قىلغان دۆلەتلەرمۇ ئۇزۇنغا بارمايلا ئۇلارنى تېررورلۇق تىزىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۈگۈنگە قەدەر خىتايغا ياكى پاكىستانغا قارشى ھېچبىر قوراللىق ھۇجۇمى كۆرۈلۈپ باققان ئەمەس. خىتاينىڭ ئىلگىرى سۈرگەن ئەيىپلەشلىرىمۇ خەلقئارالىق ئۆلچەمگە چۈھمەيلا قالماستىن بەلكى تېخى يېتەرلىك پاكىتىمۇ يوق. بۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي داۋاملىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئالدىدا ئەزۋەيلەپ كېلىۋاتقان ۋە 2001 – يىلىدىن بۇيان غايىپ بولۇپ كەتكەن ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ پاكىستاندا مەۋجۇتلۇقىمۇ تېخىچە ئىسپاتلانغىنى يوق. شۇنداق بولىشىغا قارىماي ھازىرغا قەدەر يۈزلىگەن شەرقىي تۈركىستانلىق كۆچمەنلەرنىڭ پاكىستان ئارمىيەسى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنگىكى ۋە يەنە يۈزلىگەن شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم.
دەرۋەقە، پاكىستاننىڭ ئىسلامىي قىرىنداشلىققا قەتئىي سىغمايدىغان، پەقەت ۋە پەقەت خىتايغا خۇشامەت قىلىشنىلا مەقسەت قىلغان بۇ خىل قىلمىش ۋە باياناتلىرى، بىرىنچى بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۇركىستان مۇسۇلمانلىرىغا يۈزگۈزىۋاتقان مىسلىسىز زۇلۇملىرى ۋە پەۋقۇلئادە تېز سۈرئەت بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان ئاسېملاتسىيە قىلىش ياكى مەخپىي يوق قىلىش سىياسەتلىرى ئاستىدا جانلىرى بەدىلىگە مىللىي ۋە دىنىي قىممەت قاراشلىرىنى قوغداپ قىلىش كۈرىشىنى داۋاملاشستۇرىۋاتقان مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى قاتتىق ئۆكۈندۈمەكتە. قەلبىلىرىگە زەھەرلىك خەنچەر بولۇپ سانچىلماقتا.
مىڭلىغان يىللىق خوشنىسى، ئۆز-ئارا ئىنتايىن چوڭقۇر ئۇرۇغ – توغقانلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت رىشتىلىرى بولغان، ئەڭ مۇھىمى، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بولغان پاكىستاننىڭ بىر ئۇچۇم كاپىتالىېستلىرىنىڭ خىتايدىكى مەنپەئەتىنى دەپلا، 25 مىليون شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى پۇرسەت تاپقان ھەممىلا يەردە قۇربانلىق قوي ئورنىدا كۆرىشى قەلبلەردە ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىش مۇمكىن بولمايدىغان يارىلارغا يول ئاچماقتا. پاكىستاننىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا قاراتقان بۇ ناھەق پوزىتسىيەسى تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى ۋىجدانلىق يازغۇچى، ژورنالىېستلارنىڭ قاتتىق نارزىلىقىغا ئۇچرىماقتا. تېلېۋىزىيە پىروگراملىرى ۋە گېزىت-  ژورناللاردا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلمەكتە.
تۈركىيەلىك  ژۇرنالېست يۈجەل تۇنجاي ئەپەندى بۇ ھەقتىكى ماقىلىسىدا، «بۇنىڭدىن كېيىن پاكىستان مېنىڭ نەزىرىمدە ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئەمەس، خىتايغا خىزمەت قىلىدىغان ۋە خىتاي نېمە دېسە شۇنىڭغا ماقۇل دېيىشنىلا بىلىدىغان خىتاينىڭ قول چوماقچىسىدۇر، خىتايغا تەۋە قورچاق بىر ھاكىمىيەتتۇر. خىتاي بىلەن پاكىستاننى ھىندىستانغا ئورتاق دۈشمەن قىلغان ۋە ھىندىستانغا قارشى بىرلەشتۈرگەن ئامىل نېمە بىلەمسىلەر؟ پاكىستاننىڭ ئېزىلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ يېنىدا ئەمەس، زالىملارنىڭ يېنىدا ئورۇن ئېلىشنى تاللىغانلىقىدۇر.
ئىي غاپىللار! شۇنى ئۇنتۇپ قالىشماڭلاركى، ھىندىستان شۇنچە چوڭ يېتەرسىزلىكلىرىگە قارماستىن خىتايدا زۇلۇم چەككەن ۋە بېسىمغا ئۇچرىغان تىبەتلىك، شەرقىي تۇركىستانلىق ھەمدە ئىچكى موڭغولىيەلىك مىڭلىغان پاناھلانغۇچىلارغا قۇچاق ئېچىپ، ئۇلارنىڭ ئازادلىق كۈرەشلىرىنى قوللىدى. سىلەر «كاپىر» دەيدىغان بۇ ھىندىستان دۆلىتى سىلەرگە ئوخشاش دىنىي قېرىنداشلىرىنى خىتايغا ساتمىدى» دېگەن سۆزلىرى بىلەن پاكىستاننى ئېغىر دەرىجىدە تەنقىد قىلدى. [1]
پاكىستاننىڭ ھازىرقى دەۋر ئاتاقلىق يازغۇچىلىرىدىن  فاراز تالات ئەپەندىمۇ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۇركىستانلىقلارغا قاراتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، پاكىستاننىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «شاپاق گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «كومۇنېست خىتاينىڭ ئىسلامغا بولغان دۈشمەنلىكى ۋە پاكىستاننىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىشى» ناملىق ماقالىسىدە، ئاللامە مۇھەممەد ئىقبال ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن تارىخىي قەشقەر شەھىرىدە بىر كىشىنىڭ ساقال قويغانلىقى ۋە ئايالىنىڭ رومالنى ئالماسلىقتا چىڭ تۇرغانلىقى سەۋەبىدىنلا ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئەسلىتىپ، «پاكىستان ھۆكۈمىتى غەربتىكى ئىسلامغا بولغان ئۆچمەنلىك ھەرىكىتىنى شۇنچە قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ- يۇ، نېمە ئۈچۈن كومۇنېست خىتاينىڭ ئىسلامغا بولغان دۈشمەنلىكىنى كۆرمەسكە سالىدۇ؟ بۇ پۈتۈنلەي ئىككى يۈزلىمىلىك بىر پوزىتسىيە. بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ» دەپ يازغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدا يەنە مۇنداق دېگەن ئىدى:
 «پاكىستاننىڭ پىكىر ئاتىسى، ئاتاقلىق ئىسلام مۇتەپەككۈرى ۋە شائىرى ئاللامە مۇھەممەد ئىقبال ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەكىل خاراكتېرلىك شىئىرىدە قەشقەرنى «مۇقەددەس ھەرەمنى قوغدايدىغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرق چېگراسىدىكى ئەڭ مۇستەھكەم قەلئەسى» دەپ تەسۋىرلىگەن. شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ شەھىرىنى ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇبارەك ئۇلۇغ ئارزۇلۇق شەھەرلىرى قاتارىدا كۆرگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. بىراق نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ بىزنى ئەڭ ئويغا سالىدىغان تەرىپى ئىسلام ۋە شەرقىي تۇركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قارشى خىتاي زۇلمىنىڭ مانا ئەمدىلىكتە ئاللامە ئىقبال شۇنچە ئەھمىيەت بەرگەن قەشقەر شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە كومۇنېست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇملىرى ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىنى پاكىستان ھۆكۈمىتى مەسئۇللىرىنىڭ كۆرمەسكە سېلىشى ۋە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىشى تۇلىمۇ ئەجەپلىنەرلىك بىر ئەھۋال. ۋەھالەنكى پاكىستانلىق سىياسەتچىلەر پۇرسەت تاپسىلا غەربتىكى ئىسلام دۈشمەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ. ئۇنداقتا كومۇنېست خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ غەرب ئەللىرىدىكىدىن زادى نېمە پەرقى بار؟ مەن پاكىستان سىياسەتچىلىرىنى ۋە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنى ھەر كۈنى تېخىمۇ شىددەتلىك تۈس ئېلىپ، چەكتىن ئېشىپ كېتىۋاتقان خىتاينىڭ زۇلمىنى ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكىنى كۆرۈشكە چاقىرىق قىلىمەن. بىزنىڭ سەمىمىي قوشنىمىز بولغان كوممۇنېست خىتاي بىلەن ئولتۇرۇپ سۆزلىشىدىغان ۋاقتىمىز كېلىپ قالدى. ئۇلار بىلەن ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان زۇلۇم سىياسەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزمىسەك بولمايدىغان چاغ يېتىپ كەلدى»
دەرۋەقە، فاراز تەلەت ئەپەندى دېگەندەك ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئازادلىق ئېڭىنى ئويغۇتۇپ، ئىنگىلىز مۇستەملىكىسىگە قارشى مۇستەقىللىق تەپەككۈرىنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق پاكىستاننىڭ قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان، پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەنىۋىي قۇرغۇچىسى، پىكىرىي داھىسى، ئىسلام مۇتەپەككۈرى ۋە مىللىي شائىرى ئاللامە مۇھەممەد ئىقبال، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئازادلىق كۈرەشلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇ يازغان شىئىرلىرى بىلەن  شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاينىڭ ئەمەس، بەلكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ۋە شەرقتىكى ئەڭ مۇھىم قەلئەسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.  ئۇنىڭ
«بىر بولسۇن مۇسۇلمانلار ھەرەمنى قوغداش ئۈچۈن،
نىل ساھىلىدىن تارتىپ قەشقەر تۇپراقلىرىغىچە»[2]
دېگەن بۇ شىئېىرىدا بايان قىلىنغىنىغا ئوخشاش ئىسلام مۇتەپەككۈرى ئاللامە مۇھەممەد ئىقبال يالغۇز ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىرلىكىنى، ئۈممەت قارىشى ۋە ئىجتىمائىي تەۋھىدىنى قايتىدىن بەرپا قىلىشنىڭ غېمىدە كېچە – كۈندۈز ئوت بولۇپ يانىدىغان ئۇلۇغ ئالىم ئىدى. شۇڭا ئۇ بىر تەرەپتىن «ئىسلام دۇنياسىنىڭ غەربتىكى ئەڭ مۇھىم قەلئەسى» دەپ قارىغان تۈركىيە (يەنى ئوسمانلى خەلىپىلىكى)نىڭ ئاغدۇرۇلىشىنى توسۇپ قىلىشقا قولىدىن كېلىشىچە كۈچ چىقىرىپ، چاناققەلئە ئۇرۇشىغا ياردەم توپلاش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك باشلاپ، نۇرغۇن قېتىم مەخسۇس كونفېرانسلارنى چاقىرىش ئارقىلىق بىر يىرىم مىليون سىتېرلېن توپلاپ، تۈركىيەگە ئەۋەتكەن بولسا،[3] يەنە بىر تەرەپتىن «ئىسلام دۇنياسىىنىڭ ئەڭ شەرقىدىكى مۇھىم قەلئەسى» دەپ قارىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، ئۇلار ھەققىدە مۇلۇماتلارنى ئىگىلەشكە تىرىشاتتى. ھىندىستان خەلقىنىڭ شەرقىي تۇركىستانغا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىئېر، لېكسىيەلىرىدە مەخسۇس تىلغا ئېلىپلا قالماستىن، ھەتتا مەخسۇس بايانات ۋە ئاخباراتلانى ئېلان قىلغان ئىدى. تارىختا ئىسلام دۇنياسىغا نىسبەتەن «ئىككىنچى بۇخارا» دەپمۇ نام ئالغان قەشقەرگە (ياكى قارىخانىيلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى قەشقەر)گە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى. شۇڭا 1920 – يىللىرىدا خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى خوتەندە باش كۆتۈرگەن مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىگە ئۆزىنىڭ پارىسچە يېزىلغان «پەيامى مەشرىق» ناملىق ئەسىرىدە ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن  ۋە:
«ۋەتىنىڭنىڭ يېرىك قۇملىرى
سېنىڭ پۇتۇڭغا گويا ياسىمىندۇر ئى خوتەن!
كېيىكلىرىڭگە ئوخشاش لەرزان يولۇڭنى داۋام قىل!
تېخىمۇ تېزراق قەدەم تاشلا!
مەنزىلىمىز تولىمۇ يېقىندۇر!»[4]
(پەيامى مەشرىق – 1924)
دېگەن شىئېرلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مۇجاھىتلىرىغا جاسارەت بېرىپلا قالماستىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقىنى ئۆز غايىسى ۋە ئۆزىنىڭ نىشانى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ئاللامە مۇھەممەد ئىقبال شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا شۇ قەدەر كۆڭۈل بۆلگەنكى، نۇرغۇنلىغان چاغلاردا شەرقىي تۈركىستان تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئەينى چاغدىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئانالىزلارنى ئېلىپ بارغان، باياناتلارنى ئېلان قىلغان ئىدى. ھەتتا 1933 – يىلى 12 -نويابىردا قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىسان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قايتىدىن خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىگە دۇچار بولغاندىن كېيىن ھىندىستانغا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئۇيغۇرلارنىڭ داستانلاشقان ماجاھىد رەھبىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىم[5] بىلەن لاھۇردا كۆرۈشۈپ، ئۇزۇنغىچە پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز