مۇلاھىزىلەر 3-سان:ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ «شەرقىي تۇركىستان»غا بولغان قارىشى ۋە پاكىستان سىياسەتچىلىرىنىڭ خىيانىتى  


ئاپتورى: مىركامىلجان كاشغەرلى

مىكروفۇندا: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

نۆۋەتتىكى پاكىستان سىياسىيۇنلىرىنىڭ يالغۇز شەرقىي تۈركىستانلىقلارغىلا ئەمەس بەلكى ئۆز دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچى داھىيلىرى ۋە پىكىر ئاتىلىرىغا قانداقلارچە خىيانەت قىلىۋاتقانلىقىنى تولۇق كۆرۈپ چىقىشىمىز ئۈچۈن، قېنى ئەمىسە ئالدى بىلەن پاكىستاننىڭ پىكىر ئاتىسى، ئاتاقلىق ئىسلام مۇتەپەككۈرى ۋە شائىرى ئاللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ قىسقىچە تەرجېمىھالىغا قاراپ چىقايلى!

مۇھەمەد ئىقبالنىڭ ھاياتى ۋە پىكىرلىرى
پىروفېسسور دوكتور ئاللامە مۇھەمەد ئىقبال ياۋروپا ۋە غەرپ دۇنياسىدا ”شەرق شائىرى“، ۋە شەرق مۇتەپپەككۇرى“ دەپ تونۇلىدۇ. ئىسلام دۇنياسىدا بولسا، ”قۇرئان شائىرى، ئىسلام شائىرى، ئىسلام مۇتەپەككۈرى، پاكىستاننىڭ مەنىۋىي قۇرغۇچىسى، يېقىنقى دەۋر ئىسلام ئويغۇنىشىنىڭ ئەڭ ئاۋانگارت بايراقدارى“ دېگەن سۈپەتلەر بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. ھەتتا غەرپ دۇنياسىدىن تارتىپ پاكىستان مىسىر قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىنىڭ بەزى ئاتاقلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدە ئاللامە ئىقبالنىڭ پىكىر – قاراشلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان دوكتورلۇق ۋە ماگېستىرلىق بۆلۈملىرى تەسىس قىلىنغانلىقى ھەمدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مۇشۇ ساھە بويىچە دۇكتۇرلۇق ۋە ماگېستىرلىق ئۇنۋانلىرىغا ئېرىشكەنلىكى مەلۇم. پاكىستاندىمۇ ئۇنىڭ نامىدا ئېچىلغان ئۇنىۋېرسىتېت ۋە كۇتۇپخانىلار نۇرغۇن. ئەمما ۋەتىمىزدە بولسا بىز ئۇنى پەقەت پاكىستان شائىرى دەپلا بىلىمىز. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئاللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تېخىچە ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنمىغانلىقى، ئۇنىڭ پىكىرلىرى ۋە ئىسلام ئويغۇنۇش ھەرىكىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ تونۇشمىغانلىقى دەپ كۆرسەتسەك بولىدۇ. مەن كېچىك ۋاقتىمدا قەشقەردە «جاھاندىكى مەشھۇر شەخىسلەر» دېگەن بىر كىتاپنا ئاللامە ئىقبالنىڭ 3 – 4 بەتلىك قىسقىچە تەرجىمھالىنى ئوقۇغۇنۇم ياردىمدا.
مۇھەممەد ئىقبال 1873 – يىلى ھېندىستانغا قاراشلىق (ھازىر پاكىستانغا قارايدىغان) پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ سىيالكوت شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدىلا دادىسىنىڭ «قۇرئاننى ياخشى چۈشۈنەي دېسەڭ، خۇددى ساڭا نازىل قىلىنىۋاتقان كەيپىياتتا ئوقۇ»  دېگەن نەسىھەتىنىڭ تەسىرىدە ئاجايىپ ئىشتىياق بىلەن قۇرئان ياد ئالغان، ئاندىن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئىسلام ئەدىبىياتىنى بېرىلىپ ئوقۇغان. ئۇ ئالىي مائارىپنى تاماملىغاندىن كېيىن شەرق تىللىرى فاكولتېتوتىدا ئوقۇتقىچىلىققا تەيىنلەنگەن. مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىقنى تاشلاپ ئەنگىلىيەگە بېرىپ 1905 – يىلى كومبېرج ئۇنىۋېرسىتېتىدە پەلسەپە ۋە ئىقتىساد بۆلىمىنى مۇۋەپپىقەتلىك تاماملىغان. 
مۇھەمەد ئىقبالنىڭ ئەسەرلىرى ۋە پىكىرلىرى
ئىقبال ئەسلىدە لاھوردىكى چىغىدىلا شىئېر يېزىشنى باشلىغان بولۇپ، ئەنگىلىيەدىمۇ شىئېر ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرۈپ ھەممىگە تونۇلغان ۋە لونوندا مەلۇم مەزگىلگىچە ئەرەب تىلى ۋە ئەدىبىياتى فاكولتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىقمۇ قىلغان. بۇ جەرياندا يەنە كۆپ قېتىم ئىسلامىي كونفېرانسلارنى چاقىرىپ، ئىلمىي لىكسىيەلەرنى سۆزلىگەن. لوندوندا تۇرۇش جەريانىدا يەنە بىر تەرەپتىن قانۇن فاكولتېتوتىنىمۇ پۈتكۈزۈپ، سودىيەلىك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئاندىن مىيۇنىخ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپىدە دوكتورلۇق ئۇقوش ئۈچۈن گېرمانىيەگە يۆتكەلگەن. ئۇنىڭ «ئىسلام پەلسىپىسىگە بىر ھەسسە» ناملىق تەتقىقات خاراكتېرلىك ئەسىرى دەل شۇ مەزگىلدە نەشىر قىلىنغان. بۇ ئۇنىڭ پەلسەپە ساھەسىدە يازغان تۇنجى ئەسىرى بولۇپ، تاكى شۇ ساھە بويىچە ئىككىنچى ئەسىرى نەشىر قىلىنغانغا قەدەر شەرق شۇناسلىقتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى يوقاتماق ساقلاپ كەلگەن.
ئۇنىڭ 1908 – يىلى ھىندىستانغا قايتقان ۋاقتى دەل ئىستانبۇلدا ئىككىنچى مەشرۇتىيەت ئېلان قىلىنىپ خەلىپىلىك ئاغدۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ۋە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى قاتتىق تېڭىرقاش ۋە ئۇمىتسىزلىك ئىچىدە قالغان دەۋرلەرگە توغرا كەلگەن بولغاچقا ئۇنىڭ ئاساسلىق پىكرى ئىسلام ئۇممىتىنى بۇ بوھراندىن قانداق قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت بولغان. ئىسلام دۇنياسىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئويلىغانلىرى ۋە ئۆزىگە خاس پىكىرلىرى بولغاچقا سىياسەتنى  «ئەمگەك قىلىش، غۇرۇر ۋە شان شەرەپكە دەۋەت قىلىش» دەپ تەرىپلەپ، ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ھىندىستانغا كېلىپلا ئەدەبىي خىزمەتلىرىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھىندىستاندىكى مۇسۇلمان مۇجاھىتلارغا ئاتاپ يازغان شىئېرلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسىگە قارشى قوزغىلىشىدا ۋە ئاخىرىدا پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشىدا ئەڭ مۇھىم ئىددىئولوگىيەلىك رول ئوينىغان.
جاۋىد نامە، (يەنى «مەڭگۈنامە» ياكى «جاۋىدقا مەكتۇب»[6] دېگەن مەنىدە)
پەيامى مەشرىق،  (شەرقنىڭ قوزغىلىشى)
زەبۇرى ئاجەم (ئەجەم زەبۇرى)
ئىسلامدا دىنى تەپەككۈرنىڭ قايتىدىن شەكىللىنىشى
ئەسرارى خۇدى (ئۆزلىكنىڭ سىرى)
قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن بىر تەرەپتىن يېڭى بىر ئىنسان ئوبرازىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي قۇرۇلۇشىنى شەكىلەندۈرۈشكە تىرىشقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى ۋە سەگەك بىر خەلق توپى يەنى ئىجتىمائىي جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن زور تىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن.
ئۇنىڭ ”ئىسلامدا دىنى تەپەككۈرنىڭ قايتىدىن شەكىللىنىشى“ ناملىق ئەسىرى، پۈتۈن ئىلمىي ۋە پەلسەپىۋى تەجىرۇبىلىرىنىڭ سەمەرىسى بولغان ئاجايىپ نادىر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەسەرلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ شەكىلۋازلىقىغا ۋە ھەقىقىي ئىسلام روھىدىن ئۇزاقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا پەريات قىلىپ،
ئىمانى بىئارام،
نامىزىدا ئىشتىياق يوق،
تاشلا ئۇنداق ئىماننى،
تاشلا ئۇنداق نامازنى.
دېگەن سادالىرىنى ياڭرىتىش ئارقىلىق خۇددى ئابدۇھقا ئوخشاش بىر ئىقىلاپنى ئىستەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتەن، مىللەت، ئىسلام ۋە ئۈممەتنىڭ نېمە دەرتتە ئىكەنلىكى بىلەن كارى يوق، ناماز ۋە ئىماننىڭ تاشقى شەكلىگە ئېسىلىۋېلىپ، ئىچكى رۇھىدىن مەھرۇم قىلىۋاتقانلىقىغا قارشى چۇقان ياڭراتقان.
جەمشىتنىڭ قەدىھى ھازىرمۇ قوللاردا پارلاۋاتىدۇ.
ئەمدى شىشە ئويۇنىغىلا ئايلاندى ھاكىمىيەت،
بۇنداق ھالدىكى بىر ئىسلام دىيارى ئۈچۈن
ئەڭ مۇھىم ئىش ئىسلاھاتتۇر، ئىسلاھات.
 دېگەن مىسرالىرى ئارقىلىق ئۆزىنى جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشقا ئاتىغانلىقىنى چۈنكى خەلقنىڭ ئىسلام ئېڭىنى ئىسلاھ قىلماي، ئۇلارنى ئىسلامنىڭ ھەقىقىي روھىغا پۈركەپ، نەپسانىيەتچىلىكتىن قۇتقازماي تۇرۇپ خار – زەبۇنلۇق ئارىسىدىن نىجاتلىق يولى تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئاتاقلىق جەمئىيەتشۇناس دوكتۇر ئەلى شەرىئاتى مۇھەممەد ئىقبالغا باھا بېرىپ مۇنداق دەپ يازغان:
«ئەقلىي ۋە پەلسەۋىي پىكىرلىرى ئۇنى شىئېرىيەتنىڭ گۈزەللىكلىرى ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلكلىرىدىن مەھرۇم قىلمىدى. شۇنىڭدەك شىئېرىيەتنىڭ يۈزەكىلىكىمۇ ئۇنى چوڭقۇر پەلسەپىۋىي تەپەككۈرلاردىن ئايرىپ قويمىدى. دىنى ئېتىقادى ئۇنى كونسىرۋاتىپلىققا سۆرىمىگەنگە ئوخشاش، ئوچۇق دۇنيا قارىشمۇ ئۇنىڭ ئىمانىنى قەلبىدىن يۇلۇپ ئالالمىدى. سىياسەت ئۇنى يېڭى ھادىسىلەر رامكىسىغا سولاپ قويالمىدى. ئىلىم، ئىرفان روھىنى ۋە تۇيغۇلىرىنى كۆككە كۆتۈرگىنىدە، خەلقنىڭ تەتۇر پىشاينىسىنىڭ سىياسەتكە يۆنىلىش بەلگىلىشىدىن ئىبارەت تەتۇر قىسمەتنى بىر مىنۇتمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىدى. قىسقىسى ئۇ مەۋلانا جالالىدىن رۇمىغا ئۇخشاش تەپەككۈر قىلىدىغان، ناسىر خۇسراۋغا ئوخشاش ئىمان شېئىرلىنى يازىدىغان، سەييىد جامالغا ئوخشاش مۇسۇلمان خەلقلەرنى ئىشغالىيەتتىن قۇتقۇزۇش يولىدا تىنىمسىز ئۇرۇش قىلىدىغان، تاگۈرغا ئوخشاش مەدەنىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنى مۇتلەق ئەقىلگە چوقۇنۇپ قىلىش پاجىئەسىدىن قۇتقۇزۇش يولىدا كۈرەش قىلىدىغان بىر زات ئىدى»[7]
 يېغىنچاقلاپ ئېيتقاندا «ئىمانلىق بولۇش دېگەنلىك، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش خېيىم – خەتەر ئىچىدە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن مەردانە قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن مۇھەممەد ئىقبال، ھەم مائارىپشۇناس، ھەم ئىنقىلاپچى، ھەم شائىر بولۇپ، 20 – ئەسىردىكى ئەڭ ئىلغار  ئىسلام مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 19 – ئەسرىنىڭ ئاخىرى ۋە 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىمالىي ئافرىقىدىن، مىسىردىن، ئىراندىن ۋە تۈركىيەدىن يۈكسەلگەن ئىسلام ئويغۇنىش ھەرىكىتى ئىقىمىنىڭ ئەڭ ئاۋانگارت بايراقدارلىرىدىن بىرى ئىدى.
ئۇنى ئەڭ ئۆكۈندۈرگەن ئىش، خەلىپىلىكنىڭ يىقىلىشى بىلەن ئىرقىۋازلىق مىكرۇپلىرىدا زەھەرلەنگەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ پارچە ـ پارچە  بۆلۈنۈپ، بىر – بىرلەپ تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ئىدى. شۇڭا ئۇ  ئۆز شىئېرلىرىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن بىرلىك ۋە قېرىنداشلىقنى  ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلەش  ئۈچۈن دىنىي قېرىنداشلىقنى كۆپ تەۋسىيە قىلاتتى. ئۇنىڭ قارىشچە بۇنداق مىللەتلەر ئۈستى بىرلىك ۋە قىرىنداشلىقنى بەرپا قىلىش پەقەت ئىسلام ئارقىلىقلا مۇمكىن ئىدى. ئىسلامىي قېرىنداشلىق ئاساسىدىكى ئىجتىمائىي جەمئىيەتنى بەرپا قىلماي تۇرۇپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ غەرب ۋە شەرق تاجاۋۇزچىلىقىغا تاقابىل تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ئۇنىڭ پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تەسەۋۋۇرىمۇ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز ئەتراپىدا بىر گەۋدىگە ئايلاندۈرالايدىغان ۋە ئۆتمۈشتىكى شان – شەرىپىگە سازاۋەر قىلالايدىغان ئۈلگىلىك ئىسلام دۆلىتىدىن بىرنى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. شۇڭا ئەنگلىيە ئىشغالىيىتىگە قارشى كۈرەشنى ئېتىقاد بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، «پاكىستاننىڭ مەنىسى نېمە؟ لائىلە ئىللەللاھ مۇھەممەدۇن رەسۇللاھ» دېگەن شوئار ئەتراپىغا ھىندىستاندىكى ھەر قايسى مىللەت مۇسۇلمانلىرىنى توپلىيالىغان ئىدى.
گەرچە  ئەللامە مۇھەمەد ئىقبال پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكە سازاۋەر بولالماي، پاكىستان قۇرۇلۇشتىن 9 يىل ئىلگىرى يەنى 1938 يىلى 21 – ئاپرىلدا دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان بولسىمۇ، ئەمما پاكىستان پارلامېنت بىناسىنىڭ ئۈستىگە «پاكىستاننىڭ مەنىسى نېمە؟ لائىلە ئىللەللاھ مۇھەممەدۇن رەسۇللاھ» دېگەن شوئار يېزىلغان ۋە  «پاكىستاننىڭ دۆلەت ئاساسىي قانۇنى قۇرئان ۋە ھەدىسىتۇر» دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن بىر ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەنىۋىي داھىسى ۋە مەنىۋىي قۇرغۇچىسى سۈپىتىدە ھەردائىم ھۆرمەت بىلەن خاتىرلىنىپ كەلمەكتە. 
مۇھەمەد ئىقبالنىڭ شىئرلىرىدىكى غايىۋى شەھەر ”كاشغەر“
ئەمدى ئۇنىڭ ”كاشغەر“ تىلغا ئېلىنغان داڭلىق شىئېرىغا كەلسەك، ئۇ شىئېرىدىمۇ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىرلىك ۋە قېرىنداشلىق روھىنى پەقەت ئىسلام ئارقىلىقلا بەرپا قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئىسلامنىڭ قانداقتۇر پەقەتلا ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىشنى تەرغىپ قىلماستىن، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئىرقىي ۋە مىللىي نۇقتى نەزەرلەردىن ئۈستۈن خالىس ئادىمىيلىق ۋىجدان ئېڭىنى پەيدا قىلالايدىغان بىر تەدىرىجى ئىنقىلابنى بەرپا قىلىشنىمۇ نىشان قىلىدىغانلىقى مەزمۇن قىلىنغان. مەسىلەن:
ربط ملت و ضبط ملت بیضا ہے مشرق کی نجات
ایشیا والے ہیں اس نکتے سے اب تک بے خبر
ایک ہوں مسلم حرم کی پاسبانی کے لئے
نیل کے ساحل سے لے کر تا بخاک کاشغر
نسل گر مسلم کی مذہب پر مقدم ہوگئی
اڑ گیا دنیا سے تو مانند خاک رہ گزر
 
تەرجىمىسى:
مىللەت رىشتىسى ۋە ئىنتىزامى شەرقىنىڭ نىجاتلىق نۇرىدۇر
پەقەتلا ئاسىيالىقلار بىخەۋەر بۇ ھەقىقەتتىن تېخىچە
 
بىر بولسۇن مۇسۇلمانلار ھەرەمنى قوغداش ئۈچۈن
نېل ساھىلىدىن تارتىپ تاكى كاشغەر توپراقلىرىغىچە
 
ئەگەر مۇسۇلماننىڭ ئىرقىي كىملىكى دىنىدىن ئۈستۈن كەلسە،
خۇددى توپا – توزاڭدەك دۇنيادىن توزۇيدۇ مەڭگۈگىچە
 
دېگەن بۇ مىسرالىرىدىمۇ كونسىرۋاتىپ مىللەتچىلىكنىڭ يەنى تىل، ئىرق، رەڭ ۋە جۇغراپىيىۋى ئوخشىماسلىقلار ئۈستىگە قۇرۇلغان تار مىللەتچىلىكنىڭ مۇسۇلمانلارنى پارچىلاپ يوقۇتۇش ئۈچۈن غەربنىڭ ئوتتۇرىغا تاشلىغان ئەڭ مۇھىم ھېلىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ھېلە – نەيرەڭگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ چارىسى دەل شۇنىڭ ئەكسىچە روھ، ئىددىيە ۋە نەزرىيەنى ئاساس قىلغان مىللىيلىشىش ئىكەنلىكىنى، شۇنداق قىلغاندىلا ئىسلام دۇنياسىنىڭ يوقۇتۇپ قويغان شان – شەرىپىنى قايتىدىن تىكلىيەلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
بۇ شىئىر ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرلىكى نۇقتىسىدىن ئىقبالنىڭ ئەڭ ئۈلگىلىك ۋە ۋەكىل خاراكتېرلىك شىئېرى بولغاچقا، تا ھازىرغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتىلىدۇ. ھازىرمۇ پاكىستان ۋە ھىندىستاندا قانداقلا چاغدا ئۈممەتنىڭ ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرلىكىدىن سۆز ئېچىلسا، مۇشۇ شىئېر ئوقۇلماي قالمايدۇ. ھەر يىلى ئونلىغان يىغىن ۋە پائالىيەتلەرگە «بىر بولسۇن مۇسۇلمانلار ھەرەمنى قوغداش ئۈچۈن. نېل ساھىلىدىن تارتىپ تاكى كاشغەر تۇپراقلىرىغىچە» دېگەن مۇشۇ مىسرالار باش تېما قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. مانا بۇ ۋەجىدىن ھىندىستان، پاكىستان  بىنگال جۇملىدىن پۈتۈن جەنۇبىي ئاسىيادا، ”كاشغەر“نىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلۇشغا ئاجايىپ چوڭ رول ئوينىغان دېيەلەيمىز. شۇڭا ھازىرقى چاغدا شەرقىي تۇركىسان دېسە بىلمەيدىغان پاكىستانلىقلار ۋە ھىندىستانلىق مۇسۇلمانلارمۇ ”كاشغەر“ دېسە دەرھال بىلىدۇ ۋە بۇ مەشھۇر شىئېرنى ئەسكە ئالىدۇ. بۇ شىئېرنى مۇلاھىزە قىلغاندىمۇ مۇھەممەد ئىقبالنىڭ شۇ دەرۋردىكى قەشقەر ۋەزىيىتىدىن ھەقىقەتەنمۇ تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.  بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەر خىل قاراشلىرىمۇ بار. شىئېردىكى ”نىل ساھىلۇدىن تارتىپ كاشغەر تۇپراقلىرىغىچە“ دېگەن مىسرادا تاللانغان سۆزلەرنىڭ سېمۋوللۇق مەنىسى، ئىچكى ماھىيىتى ۋە شۇ دەۋر شارائىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كەڭ دائىرىلىك مۇلاھىزە قىلىدىغان پاكىستانلىق ئۇستازلار بىلەنمۇ ئۇچراشقان ئىدىم.
ئۇلار «ئىقبال نېمە ئۈچۈن ”نىل ساھىلىدىن تارتىپ كاشغەرغىچە“ ياكى ”قاھىرەدىن كاشغەرغىچە“ دەپ ئىشلەتمەي، سۆزلۈكلەرنى شۇنچە زورلىغان ھالدا  ”نىل ساھىلۇدىن تارتىپ كاشغەر توپراقلىرىغىچە“ دەپ ئىشلەتكەن؟ بۇنى ئەستايىدىل مۇلاھىزە قىلىش لازىم. چۈنكى ئەينى چاغدا مىسىر ئىسلام مائارىپنىڭ مەركىزىلا ئەمەس، بەلكى ھىندىستان، ماراكەش، تۇنىس، ئىران قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان يېڭى دەۋر ئىسلامچىلىق ئىدىئولوگىيە ئېقىمىنىڭ مەركىزى ئىدى. شۇڭا شىئېردىكى نىل دەرياسى ئىسلامچىلىق ئىدىئولوگىيە ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلسا، قەشقەرنىڭ قۇرغاق تۇپراقلىرى، ئەينى چاغدىكى قەشقەرنىڭ دەل ئەنە شۇ ئىددىئولوگىيەلىك ئويغۇنۇشقا تەشنا ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. دېمەك پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى قايتىدىن ئىسلام ئىددىيئولگىيەسى ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، ئەسلىگە قايتقان ئەھۋالدىلا ھەرەمنى يەنى ئىسلام دېنىنى شۇنداقلا پۈتۈن ئۈممەتنىڭ بىردەكلىكىنى قايتىدىن بەرپا قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان»  دەپ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىقبالنىڭ شىئىرلار توپلىمىدا ”مىسكى خوتەن“ دېگەن سۆزنىڭمۇ بىر قانچە يەردە ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ئاللامە مۇھەممەد ئىقبالنى «ئەينى چاغدىكى شەرقىي تۇركىستان ۋەزىيىتى ۋە خەلقىدىن خەۋىرى بار ھەمدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ غىمىنى يېگەندە بىزنىڭمۇ غىمىمىزنى يېيىشنى قەتئىي ئۇنتۇمىغان بىر شائىر» دېيەلەيمىز.
 
ئاللامە ئىقبال بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىمنىڭ ئۇچرىشىشى
1930 – يىللىرى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا باش كۆتۈرگەن ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن خۇتەن فىرونتى باش قوماندانى ۋە  1933 – يىلى 12 – نويابىردا قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»نىڭ قۇرغۇچى رەھبەرلىرىدىن بىرى شۇنداقلا دىنىي ئالىم، شائىر، يازغۇچى، تارىخشۇناس ۋە ئۇلۇغ دۆلەت ئەربابى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىم 1958 – يىلى 27 – ئاپرىلدا پاكىستاننىڭ لاھۇر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاللامە ئىقبالنى خاتىرىلەش يىغىنىغا مەخسۇس تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ئوردۇ تىلىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ۋە ئاللامە مۇھەممەد ئىقبال بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىنى مۇنداق چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن ئىدى:
تۆۋەندە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىمنىڭ شۇ يىغىندا سۆزىگەن نۇتىقىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئۆز پىتى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:
** *** ***** **** ***** **** ***** ***** ***** **
 
لاھۇر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئاللامە ئىقبالنى خاتىرىلەش يىغىنى»
ئىقبال بىلەن بىر تۈركىستانلىق كۆچمەن[8]
1958- 04-27
 
ھۆرمەتلىك رەئىسلىرىم ۋە مۆھتىرەم يىغىن قاتناشقۇچىلىرى! مەرھۇم ئاللامە مۇھمەد ئىقبالنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشقاتلىقىمدىن ھېس قىلىۋاتقان شاتلىقىم چەكسىزدۇر.
مەن ئوردۇچە ئانچە ياخشى سۆز قىلالماسلىقىم مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ سىلەرگە يەنىلا ئوردۇچە نۇتۇق سۆزلەشنى لايىق تاپتىم. چۈنكى پاكىستانلىق مەلۇم بىر شائىرنىڭ «زابانى يارىمەن تۈركى، ۋە مەن تۈركى نەمىدانەم» «سۆيگۈنىمىنىڭ تىلى تۈركچە ئەمما مەن تۈركچە بىلمەيمەن» دېگەن شىئېرىنىڭ نىشانى بولۇپ قىلىشنى خالايمايمەن.
مەرھۇم ئۇستاز ئەللامە ئىقبالنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئىسلام دۇنياسىنى ئىسلاھ قىلىس نەزىرىيەسىنىڭ نەقەدەر توغرا ۋە زۆرۈر بولغان بىر ئىسلاھات يولى ئىكەنلىكى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ نەزىرىدە كۈنسىرى تېخىمۇ روشەنلەشمەكتە. چۈنكى ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرى بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ھەقىقىي ئىسلام نەزىيەسى، مىللەت نەزىرىيەسى، ۋەتەن نەزىرىيەسى، ماددى ۋە مەنىۋىي تۈرمۈش نەزىرىيەسى، گەرچە بەزى كىشىلەر تەرىپىدىن «ئەمەلىيلەشتۈرۈش قېيىن نەزرىيەلەر» دەپ قارالسىمۇ، ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە مۇسۇلمانلار ئىقبالنىڭ ھاياتقا بولغان قاراشلىرىنى ئۆزلەشتۈرمەي تۇرۇپ ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنى ئۇنىڭغا كۆرە رەتكە سالماي تۇرۇپ، بۈگۈنكى دەۋردىكى بۆھرانلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى تاپالمايدۇ.
بۇ يىللىق ئىسلام دۇنياسى ساياھىتىم جەريانىدىكى كۆزدىن كەچۈرگەنلىرىمگە ئاساسەن، ئىقبالنىڭ پىكرىنى ئۆزلەشتۇرىۋاتقانلارنىڭ سانى ئىنتايىن تېز ئاشماقتا دېيەلەيمەن. ئەڭ كۈچلۈك ئۈمىدىم شۈكى، بۇ ئالىي نەزىرىيە ھامان بىر كۈنى ئەملىيلىشىدۇ ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئاللامە ئىقبالنىڭ ئىسلام تارىخىدا ئەبەدىيلەشكەن كاتتا بايلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەن بۇ يەردە ئاللامە ئىقبال بىلەن كۆرۈشكەن چېغىمدا ھاسىل بولغان خۇسۇسىي قاراشلىرىم ۋە بىزنىڭ ئازادلىق كۈرىشىمىزنىڭ ئەڭ زۇلمەتلىك دەۋرىدە ئاللامە ئىقبالنىڭ يولىمىزغا قانداق نۇرلۇق چىراغلارنى ياغقانلىقىنى سىلەرگە قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن.
شەرقىي تۈركىستاندا 1931 – يىلىدىن 1934 – يىلىغىچە داۋاملاشقان ئازادلىق ئۇرۇشىمىز قانخور رۇسىيەنىڭ ئارىلىشىۋېلىشى تۈپەيلىدىن ئۆز ئىزىدا توختاپ قالدى ۋە مىللىي قىسىملىرىمىز تارقىلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ھىندىستاندىن پاناھلىق تىلىدىم. بۇ جەرياندا لاھورغا كېلىپ مەرھۇم ئاللامە مۇھەمەد ئىقبال بىلەن كۆرۈشتۈم. ھىجرىتىم جەريانىدا ھىمالايا تاغلىرىدىن ئۆتىۋېتىپ يازغان بىر ئەرەبچە شىئېرىمنى ئۇستاز ئىقبالغا تەقدىم قىلدىم.
ئى ھىمالايا! تۇر ئورنىڭدىن ياردەم قىل بىزگە!
بىشىمىزغا بالا ئېلىپ كەلگەن زامانغا قارشى
چۈنكى سەن بىزنىڭ ئانىمىزسەن، مەڭگۇگىچە شۇنداقسەن
بىز سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ، ئى قەھرىمانلارنىڭ ئانىسى!
(مۇھەممەدئەمىن بۇغرا – 1934)
دېگەن بۇ شىئىرىمنى ئوقۇپ ئۇستاز ئىقبال ئىنتايىن تەسىرلەندى. ماڭا ئىنتايىن كۆيۈمچانلىق بىلەن تەسىللىلەرنى بەردى. ئازادلىق كۈرىشىمىزدە چوقۇم غەلىبە قىلدىغانلىقىمىزدىن خۇش خەۋەرلەرنى بەردى.
(نۇتۇق جەريانىدا ئىقبالنىڭ باشقا نۇرغۇن ئېسىل نەسىھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىئىېرلىرىنى يېغىن ئىشتىراكچىلىرى بىلەن بىرلىكتە خاتىرىلەپ ئۆتۈش تولىمۇ ياخشى بولغۇدەك، دەپ ئويلىدىم ۋە مەرھۇم ئاللامە ئىقبالنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەسەرلىرىگە چېچىلغان بىزگە مۇناسىۋەتلىك شىئېر دۇردانىلىرىدىن بەزىلىرىكۇ ئوقۇپ ئۆتتۈم)
ئاللامە مۇھەممەد ئىقبال ماڭا نەسىھەت ۋە تەۋسىيەلەرنى قىلغاندىن كېيىن «پەيامە مەشرىق» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدىن بىر توم ھەدىيە قىلدى. مەن كىتاپنى ئېلىپ دەرھال ئاچتىم،  تۈنجى بولۇپ كۆزۈمگە چېلىققان شىئېر «ھىجاز تۆگىچىسىنىڭ ناخشىسى» ناملىق قەسىدىسىدە ئورۇن ئالغان مۇنۇ شىئېرى ئىدى.
«ۋەتىنىڭنىڭ يېرىك قۇملىرى
سېنىڭ پۇتۇڭغا گويا ياسىمىندۇر ئى خوتەن!
كېيىكلىرىڭگە ئوخشاش لەرزان يولۇڭنى داۋام قىل!
تېخىمۇ تېز قەدەم تاشلا! مەنزىلىمىز تولىمۇ يېقىن!»
كىتاپنى تۈنجى ۋاراقلىشىمدىلا كۆزۈمگە چىلىققان بۇ شېئىر مەندە كۈتۈلمىگەن بىر ھاياجان ياراتتى. شىئېردا مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن خوتەن شەھىرىنىڭ ئىسمى خىتاب قىلىنماقتا ئىدى. ۋەتىنىنى سۆيىدىغان كىشىگە نىسبەتەن ۋەتەننىڭ يېرىك قۇملىرىنىڭ خۇددى يۇمشاق ياسىمىن گۈلىگە ئوخشاش تەسۋىرلىنىشى بىلەن ئاخىرى ئىشقا ئاشىدىغان نىشاننىڭ يېقىنلىقى ھەققىدىكى خۇشخەۋەر مۇجەسسەملىشىپ كەتكەن ئىدى. بۇ شىئېرىنى ئوقۇپ قانداق چوڭقۇر ھاياجانغا چۆمۈلگىنىمنى سىلەرمۇ تەسەۋۋۇر قىلالايسىلەر. بىراق ھازىر شۇنى ئەپسۇسلانغان ھالدا قىستۇرۇپ ئۆتەيكى، بۇ ئۇچرىشىشتىن بىر قانچە كۈن كېيىن مەن ھىندىستاننى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم. شۇنىڭدىن كېيىن مەرھۇم ئاللامە ئىقبالنى قايتا زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدىم.
بۇ يەردە ئىقبالنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدا قالغان تۈركىي خەلقلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئالىي قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن بىر قانچە شىئېرىنى ئوقۇپ ئۆتمەكچىمەن.
ئۇستاز ئاللامە مۇھەممەد ئىقبال «تۈركلۈكنىڭ چۈشى (ئارزۇسى)» ناملىق شىئېرىدە تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى ۋە مۇبتىلا بولغان ئېچىنىشلىق ھالەتتىن قۇتۇلۇشىنىڭ يولىنى مۇنداق تەسىۋىرىلەپ بېرىدۇ.
«تۈركلۈكنىڭ چۈشى (ئارزۇسى)»
نۇرغۇنلىغان جەينامازلىق ۋە سەللىلىكلەر قاراقچىلىق قىلىۋاتىدۇ
نۇرغۇنلىغان  خىرىستىيان ئەۋلادلىرى ئاچ كۆزلۈك قىلىۋاتىدۇ
نەتىجىدە، دىن ۋەمىللەتنىڭ كېيىملىرى پارچە پارچە يىرتىلىۋاتىدۇ
ۋەتەن ۋە دۆلەتنىڭ تونى پارچە پارچە تىتىلىپ كېتىۋاتىدۇ
تۈركلۈك ناخشىسى ئوقۇلۇۋاتىدۇ.
مېنىڭ قولۇمدا پەقەت مۇسۇلمانلىقلا قالدى.
بۇ نۇرمۇ ئۈستىگە چۈشكەن ئەخلەت – چاۋالار ئارسىدا ئۆچۈپ قالمىسا بولاتتى.
سەمەرقەنت ۋە بۇخارا (تۈركىستان) زېمىنى قورشاۋدا قالماقتا….
تۈركلۈك ناخشىسى ئوقۇلۇۋاتىدۇ.
ئەتراپىمغا، قانچە ئۇزاقلارغىچە باقساممۇ يەنە خەتەر ھالقىسى.
تۈيۈقسىز سەمەرقەنت زېمىنى يېرىلىدۇ
ۋە تېمۇرنىڭ مازىرىدىن بىر نۇر ئۆرلەپ چىقىدۇ…
بۇ نۇرنىڭ ئاپئاق جىلۋىسىگە شەپەق رەڭگى ئارىلاشقان…
بىر سادا ئۆرلەيدۇ:
«مەن تېمۇرنىڭ رۇھىمەن!!!
گەرچە تۈرك مەردلىرى قورشاۋدا قالغان بىر ئەھۋالدا بولسىمۇ
ئاللاھنىڭ خاھىشىنى ھەرگىز قورشىۋالغىلى بولمايدۇ.
ئەجىبا تۈركلۈكنىڭ ھاياتلىق شارائىتى شۇنچە ئېغىر كۈنگە قالدىمۇ كى،
ئەسىر تۈركەر ئازاد تۈركلەرنىڭ ھىمايىسىدىن مەھرۇم قالسۇن؟!!!
ئى (ئىسلام بايراقتارى) تۈركلۈك! ئۆزەڭنى قايتىدىن رەتكە سال!!!
دۇنياغا يېڭى بىر ئىنقىلاپ ئۈلگىسىنى كۆرسەت؟!!!»
ئەللامە مۇھەممەد ئىقبال يەنە بىر شىئىرىدە تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى چۈشۈنەلمەيۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ قەھرىمان تۈرك ئەۋلادلىرىنىڭ بۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن قاتتىق تەئەججۇپلىنىۋاتقانلىقۇنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ:
ھېچ كىشى ئاللاھنىڭ تەقدىرىنىڭ مەنتىقىسىنى چۈشۈنۈپ يېتەلمەيدۇ
ۋاھالەنكى تېمۇر تۈركلىرىنىڭ  ئوسمانلى تۈركلىرىدىن ھېچ قانداق كەمچىللىكى يوقتى.
يەنە بىر شىئېرىدا  تۈركسىتان تۈركلىرىنى، چوقۇم تېمۇرنىڭ مىراسى بولغان جاسارەت، ئازادلىق ۋە قەھرىمانلىققا ئوخشاش بارلىق قىممەتلىك جەۋھەرلىرىنى ئىزدەشكە چاقىرىپ قىلىدۇ ھەمدە بۇ قىممەتلىك پارلاق تارىخىي مىراسىنى ئۇنتۇيدىغان بولسا، ئىنسانىي شان – شەرىپىدىن ۋە پۈتۈن ھاياتلىق ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى قاتتىق ئەسكەرتىدۇ: 
تېمۇرنىڭ قىممەتلىك مىراسلىرىنى كوچىغا ئاتقان بىر مىللەت
نە نامرات، نە سۇلتان بولۇپ ياشاشقا لاياقەتلىك بولالمايدۇ
ھۆرمەتلىك ئەپەندىلەر! ئاللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا مىراس قالدۇرغان قىممەتلىك ھېكمەت خەزىنىلىرىنى قىممىتىگە يارىشا مەھكەم باغرىغا بېسىش ئۈچۈن بۇ يەرگە توپلانغانلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە جاسارىتىنى كۆرۈپ مەنمۇ جاسارەت ئالدىم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەممىڭلارغا سەمىمىي تەبىرىكلىرىمنى سۇنىمەن ھەممىڭلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن سالام ئېيتىمەن.
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمىتۇللاھى ۋەبەرەكاتەھۇ.
***** **** **** ***** *** *** ****** ****** ****
كىلەر ھەپتىلىك ئاڭلىتىشىمىزدا   ئاللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ شەرقىي تۇركىستان ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى، نەسىھەت ۋە تەۋسىيەلىرى شۇنداقلا ئېلان قىلغان باياناتلىرىغا مەخسۇس ئورۇن ئاجرىتىپلا قالماستىن،  مۇھەممەد ئىقبالدىن كېيىنكى پاكىستان رەھبەرلىرىنىڭ شەرقىي تۇركىستانلىقلارغا تۇتقان ئىجابىي ۋە سەلەبىي پوزىتسىيەلىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇلۇغۈار رەھبەرلىرىدىن رەھمەتلىك ئىسا يۈسۈپ ئالپتەكىن بىلەن پاكىستاننىڭ داھىسى مۇھەممەد ئەلى جىنناھ، دۆلەت رەئىسى گېنېرال ئەيۇپخان، باش مىنىستىرى مۇھەممەد ئەلى بۇغرا قاتارلىقلارنىڭ ئۇچرىشىشى، گېنېرال زىيائۇلھەقنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا بولغان مۇھەببىتى ۋە كىيىنكى پاكىستان سىياسىيونلىرىنىڭ  خىيانىتى قاتارلىق تېمىلار سىلەرنى كۈتىۋااتقان بولىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز