روھ دۇردانىلىرى 1-سان 2017.01.15

ئويغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مىكروفۇندا: قاراخان ئەي پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر، سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر. بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ، ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.

مۇلاھىزىلەر 2-سان 2017.01.22

ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ «شەرقىي تۇركىستان»غا بولغان قارىشى ۋە پاكىستان سىياسەتچىلىرىنىڭ خىيانىتى ئاپتورى: مىركامىلجان كاشغەرلى مىكروفۇندا: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر   يېقىندىن بۇيان پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ ياختۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئارقىمۇ- ئارقىدىن دۇشمەنلەرچە باياناتلارنى ئېلان قىلماقتا. بۇ باياناتلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى…

مۇلاھىزىلەر 1-سان 2017.01.15

دۈشمەن كىم؟ ئاپتورى: ئارتۇچ بۇغرا مىكروفۇندا: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر ئاللاھ ئىزچىل ئەلچىلەر ۋە ۋەھىي ئەۋەتىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەپ كەلدى. ئەلچىلەر ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھىيلەر ئارقىلىق ئاللاھ بىلەن بەندە، بەندە بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، ھاياتىغا تەدبىقلاش بىلەن ئۈلگە بولدى.

مىكرو خەۋەرلەر 2-سان 2017.01.22

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ ھەپتىلىك مىكرو خەۋەرلىرىمىزنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: 1.خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇندىدار ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بايراق چىقىرىشنى ئومۇملاشتۇرماقتا يېقىندا خىتايدىكى ئىجتىمائى ئالاقە ۋاستىلىرىدا بولۇپمۇ ئۈندىدار توپلرىدا تارقىلىۋاتقان بىر ئۇقتۇرۇش ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار پائالىيەتلەرنىڭ ھەر قايسى توپلاردا كەڭ ئەۋىج ئېلىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتماقتا. -2017 يىلى 1- ئايدىن باشلاپ،…