روھ دۇردانىلىرى 2-سان

سۇلايمان گۇۋاھ تاھىر تالىپ مىكروفۇندا: قاراخان «مېھمان كەلدى» دېدى بالىلار، «خۇش كېلىپسىز» دېدىم مەنمۇ ھەم، داستىخاننى كەڭ يايدىم ئاڭا، ئەھۋال سوراپ يەنە دەممۇ-دەم. چۈشۈرمىدىم تۆردىن ھېچقاچان، ھەم يىگۈزدۈم تويۇپ يانغۇچە، باغلاردىمۇ ئويناتتىم-كۈتتۈم، ئۇ يايرىدى كۆڭلى قانغۇچە. قورساق سېلىپ سەمرىپمۇ كەتتى، پولو، گۆش يەپ بىزنىڭ لىگەندىن، لېكىن مېھمان تەۋرىمەس، يەنە ئېغىز…

مىكرو خەۋەرلەر 3-سان

بۇ ھەپتلىك مىكرو خەۋەرلەر ئۆز مۇخبىرىمىز ئارتۇچ بۇغرا خەۋىرى: شەرقىي تۈركىستاندا 40نەپەر ئۇيغۇرغا سوت ئېچىلدى ئۆز خەۋرىمىز: شەرقىي تۈركىستاننىڭ كورلا شەھىرى لوپنۇر ناھىيسىنىڭ قارچۇغا يېزىسىدا 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئوچۇق سوت ئېچىلىپ، 40نەپەر ئۇيغۇر <ئىلگىرى ئىسلام دىنىنى يەر ئاستى مەكتەپلىرىدە ئۈگەنگەن> دىگەن جىنايەت بىلەن سوتلانغان.

روھ دۇردانىلىرى 1-سان 2017.01.15

ئويغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مىكروفۇندا: قاراخان ئەي پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر، سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر. بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ، ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.

مۇلاھىزىلەر 2-سان 2017.01.22

ئەللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ «شەرقىي تۇركىستان»غا بولغان قارىشى ۋە پاكىستان سىياسەتچىلىرىنىڭ خىيانىتى ئاپتورى: مىركامىلجان كاشغەرلى مىكروفۇندا: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر   يېقىندىن بۇيان پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ ياختۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئارقىمۇ- ئارقىدىن دۇشمەنلەرچە باياناتلارنى ئېلان قىلماقتا. بۇ باياناتلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى…

مۇلاھىزىلەر 1-سان 2017.01.15

دۈشمەن كىم؟ ئاپتورى: ئارتۇچ بۇغرا مىكروفۇندا: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر ئاللاھ ئىزچىل ئەلچىلەر ۋە ۋەھىي ئەۋەتىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەپ كەلدى. ئەلچىلەر ئاللاھتىن كەلگەن ۋەھىيلەر ئارقىلىق ئاللاھ بىلەن بەندە، بەندە بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، ھاياتىغا تەدبىقلاش بىلەن ئۈلگە بولدى.

مىكرو خەۋەرلەر 2-سان 2017.01.22

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ ھەپتىلىك مىكرو خەۋەرلىرىمىزنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: 1.خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇندىدار ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بايراق چىقىرىشنى ئومۇملاشتۇرماقتا يېقىندا خىتايدىكى ئىجتىمائى ئالاقە ۋاستىلىرىدا بولۇپمۇ ئۈندىدار توپلرىدا تارقىلىۋاتقان بىر ئۇقتۇرۇش ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار پائالىيەتلەرنىڭ ھەر قايسى توپلاردا كەڭ ئەۋىج ئېلىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتماقتا. -2017 يىلى 1- ئايدىن باشلاپ،…