قۇللۇقتىن ئۆلۈم ئەلا-1 (مۇخەممەس)


ئاپتورى: غۇلام ئوسمان

مىكروفۇندا: قاراخان

پۇشايمانغا قالۇر ھەركىم قولاي پۇرسەت — زامان كەتسە،
بولۇر سەرسانۇ – خار، بوزەك، ئېزىز تۇپراق — ماكان كەتسە،
قالۇرمۇ ئىززىتىڭ، ھەرنەڭ تامامى ياۋ تامان كەتسە،
نە مۈلكۈڭ، ھەم نومۇس ـ ئارىڭمۇ بىللە يانمۇ ـ يان كەتسە،
تېخى باقىدا بار دوزاق، بۇ خارلىقتا ئىمان كەتسە!

پەقىرسەن، گەرچە سەن زەردار ئەگەر خەلقىڭ گاداي بولسا،
نە ھۆرسەن، چۆرىسەن، قۇلسەن، ئەگەر خەلقىڭ مالاي بولسا،
ماكانىڭ بولمىسا نۆلدۇر، قولۇڭدا مۈلك تالاي بولسا،
ھۇلىدۇر بارچىنىڭ ھۆرلۈك، سائادەت بىرساراي بولسا،
نە زەردارلىق، باياشادلىق، قولۇڭدىن تەختراۋان كەتسە.

ئاشۇنداق بولدى بۇ قىسمەت، قولۇمدىن بۇماكان كەتكەچ،
ئۆلۈمنى ئىختىيار ئەتمەي، ئىتائەتتە بويۇن ئەككەچ،
بولۇپ يوقسۇل ـ پەقىر، باشقا زۇلۇمنىڭ دەررىسى تەككەچ،
سىتەمكار شاھى بۇ دۈشمەن ئازاپلاپ پۇت ـ قولۇم چەككەچ،
بۇنىڭدىن ئۆزگە نە بولغاي، ئۆزەمگە تەن ماكان كەتسە؟

مۇساپىر قىلدىلەر دۈشمەن، ئۆزىمىز يۇرتىدا بىزنى،
خوشامەت قىلدۇرار قۇلدەك ئىگىپ ھەم پۈكتۈرۈپ تىزنى،
”ئەزەلدىن بىزگە تەن يەر“ دەپ ئۆچۈرمەك قەستىدە ئىزنى،
بۇنىڭ كەينىدە ”خىتاي“ دەپ ئېلان قىلماغى بار سىزنى،
خىتاي بوپ سۆزلىمەك قالغاي، ئانا تىل — خۇش زابان كەتسە.

يۈرەلمەسمىز مەھەللە ئارىلاپ ھەتتا بولۇپ ئەركىن،
دىبان: رۇخسەت بېرەرمۇ كەنت ھۆكۈمدارى نېمە دەركىن؟
ئەگەر خەتسىز يۈرەر بولساق ئېسەنلىكمۇ ئەمەس مۈمكىن،
تاياق يەيمىز توسۇقلاردا خىتاي ساقچىسىدىن، غەمكىن،
سولايدۇ ئىختىيار ئۇندا، قويار ياكى گۇمان كەتسە.

قەدەمدە دۇچ كېلەر بىزگە ھوقۇقسىزلىقۇ ـ تەڭسىزلىك،
”بارابەرلىك“ شۇئارى بار، قىزارماس، ياۋدا رەڭسىزلىك،
تىلىمىز ئۆتمىگەي ھېچ ئان، ھەجەپ تار بىزگە چەكسىزلىك،
خىتاي ”ئۆز“ دەيدۇ بۇ يالغان، ”ئۆگەي“لىك بۇندا شەكسىزلىك،
جىمى ئىمكانىمىز پۈتتى، تۈگەيمىز ئەمدى جان كەتسە!

نېمىشكە بۇ كەبى بوزەك، بوشاڭ بولماققا كۆندۇق بىز؟
ئىدىغۇ زاتىمىز باتۇر، چىدامسىزلىققا ئۆڭدۇق بىز؟
قېنى ئۇ ھەيۋىلەر ئەمدى، ئەجەپ ئاسانلا سۇندۇق بىز،
نى ئارۇ، نى نومۇس بىزگە، خىتايغا چۆرە بولدۇق بىز!
ئۇنۇتتۇقمۇ كېلەر كۆكلەم خازان ھەم قەھرىتان كەتسە.

مۇسۇلمان ئەھلى تەن ئالغان بىر ئاللاغىلا قۇللۇقنى،
كى ئىقرار قىلار ئاللاھقىلا مەنسۇپ ئۇلۇغلۇقنى،
بولار شەرمەندىلىك ئەلۋەت قوبۇل ئەتمەك بۇخورلۇقنى:
خىتاي قۇللۇغى بىرلەن بۇ كەبى چوڭ كۇفۇرلۇقنى،
ئازار ئىنسان، قايار ئىنسان نىگاھىدىن نىشان كەتسە.

ئەگەر ئىستەيدىكەن كىمكى خۇدايىمنىڭ رىزاسىنى،
زېمىننى ھۆر، پۈتۈن قىلماقنى ھەم ئەلنىڭ غىزاسىنى،
جاھانغا ئاڭلىتار بولساق بۇ خەلقنىڭ ئاھ -سازاسىنى،
جىھاد قىلماق كېرەك ياۋنىڭ بېرىپ ئوبدان جازاسىنى،
تەبىئىيكى، كۈلگۈسى ئاپتاپ كۆكىمىزدىن تۇمان كەتسە.

بۇ يولدا ساقلىماق شەرتتۇر، ۋەتەنداشلار، ئىناقلىقنى،
يېقىن قىلماق نىيەتلەرنى، تۈگەتمەك ھەم يىراقلىقنى،
نىشان بىر، دۈشمىنىمىز ھەم بىر، قويايلى ئاجرىماقلىقنى،
ئارامىزدا ئاداۋەتتىن ئورا – ھاڭ كولىماقلىقنى،
ئاساندۇر باشقىنى تۈزمەك، بۇ چوڭ دۈشمەن چايان كەتسە.

كېلىۋەرسۇن سېپىمىزگە خىتاينى دۈشمىنى بىلگەن،
ئۇلۇغ ـئۇششاق ئۇيۇشقاي زىچ، خىتاينى شۇمپىنى بىلگەن،
قىلىپ جارى جىمى كۈچنى، بىلىمۇ ـ گۇمپىنى بىلگەن،
ئەمەل ئىچرە جىھادنى شۇ ئەمەلنىڭ ئوبدىنى بىلگەن،
ئەقەللى بىر ساۋات شۇكى: كېلۇر پايدا زىيان كەتسە.

نە پايدا، دۈشمىنى ئورتاق قەۋم ئىچرە بۆلۈنمەكلىك؟
ئايىرماق ”ئاق ـ قارا تاغلىق“ دىبان پىرقىگە بۆلمەكلىك؟
كى ئەجدەر ئالدىدا يولۋاسنىمۇ تۈرتۈپ چۆچۈتمەكلىك؟
نادانلىق بارچىسى، ياتقان يىلاننىمۇ ئۈركۈتمەكلىك،
سۈزۈلگەي كۆلمۇ، ئۆستەڭمۇ، بۈيۈك كەلكۈن قىيان – كەتسە.

كىمىكى بۆلسە بۇ ئەلنى ئاشۇ شۇم – بەدنىيەت دۈشمەن،
چىرايلىق سۆزلىسىمۇ گەر، پەقەتلا دوست سۈرەت دۈشمەن،
ئاشۇنداق تون كىيىپ بىزگە قىلۇرلەر ئەرزىيەت دۈشمەن،
كى دۈشمەن دوستقا ئايلانماس، شۇ دۈشمەن ئاقىبەت دۈشمەن!
شامال ئايرىيدىغۇ داننى، قالۇر چەشلەرسامان كەتسە!؟

نە يەڭلىغ بىز تۇرارمىز شۈك، يەنە قانداق ئۈمىد قالدى؟
خېچىردەك ھارۋىغا قوشقان، يۈرۈشتىن پۇتىمىز تالدى،
چىقالمايمىز توسار قوشقۇن، سا يانساق بولمىغاي ئەمدى،
پېتىپ كەتمەك، ئۇچۇپ كەتمەككە تۆش،بەلۋاغلىرى دالدى،
پەقەت ئالغا چېپىپ ئۆل، يا سۇنار شوتا يامان كەتسە!

بۇ يەڭلىغ خار ياشىماقتىن يىگىتلەرچە ئۆلۈم ئەلا،
نە تاللاش ئىمكانىمىز باردۇر، پەقەت بىزلەرگە يول بىرلا:
بۇ يولدا نۇر بىلەن نۇسرەت، بۇ يولنى بۇيرىمىش ئاللاھ،
چىقار بولساقلا بەل باغلاپ يورۇتقاي نۇرچېچىپ شولا،
قالۇر قوزىغا يايلاقلار بۇ يەردىن ئىت ــ قاۋان كەتسە.

1998-يىلى ئىيۇن، بىشكەك-تاشكەنت.

قۇللۇقتىن ئۆلۈم ئەلا-1 (مۇخەممەس)دىكى ئىنكاسلار

  1. ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن!
    ئاخىرىدىن ئىككىنچى كۇپلىتتىكى ”قوشقۇن“ سۆزى قوشۇن دەپ تەلەپپۇز قىلىنىپتۇ. بۇ كۇپلىتتا دېيىلگەن ”ھارۋىغا قوشقان خېچىر“ پارودىسى بىر ئۇيغۇر تەمسىلىنى مەنبە قىلىدۇ.: ئىنسانلار ئىنتايىن قىيىن ۋەزىيەتتە قالغاندا ئىككى تاللىشىلا بولۇپ، ھەر ئىككىسىلا خەتەرلىك بولغاندا بۇ تەمسىل دېيىلىدۇ: “ يا ئات ئۆلسۇن، يا شوتا (ھارۋىنىڭ شوتىسى) سۇنسۇن!“ بۇ شېئىردا ئات ئورنىغا خېچىرنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى پەقەتلا ۋەزىن ئېتىبارى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ”ئات“ بىر بوغۇم، ئەمما بىزگە ئىككى بوغۇملۇق بىر سۆز كېرەكىدى.
    قارۋىغا قوشقان ئات ئالدى (بوغا جاۋەن)، ئارقىسى (قوشقۇن)، ئۈستى (بەلۋاغ)، ئاستى (تۆش) تامامەن توسۇلغان بىر ھالەتتە بولغىنى ئۈچۈن قۇتۇلۇش يولى يا چېپىپ ئۆلۈش، ياكى شوتىنى سۇندۇرۇشتۇر.
    قوشقۇن — ھارۋا، قابدۇقلىرىدا ۋە ئات-ئېشەكلەرنىڭ ئۇچۇلۇق (تۇقۇم)ئىدا بولۇدۇغان ئورگانلاردىن بىرى بولۇپ، قۇيرۇق ئاستىدا ئارقىغا سا يېنىشقا كېرەك (ھارۋىدا) ياكى ئۇچۇلۇقنىڭ ئالدىغا سېرىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كېرەك.

غ. ئو. زۇلپىقار ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز