رامىزان مۇبارەك


پۇتۇن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزانىغا مۇبارەك بولسۇن!

ھۆرمەتلىك ئاڭلارمەنلەر، رامىزان ئىيىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان بارلىق ئەمەل ئىبادىتىڭلارنى قۇبۇل قىلسۇن.
بىز ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى ۋە ھويلام تورىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەر نامىدىن پۇتۇن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەمدە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولغان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەيمىز.
بۇ ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدا شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئاۋازىنى چىقىرالماي ، قاراڭغۇ تۇرمىلەردە ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىيىن-قىستاققا مەھكۈم بولىۋاتقان ، نامازلىرىنى ، روزىسىنى، قۇرئاننىمۇ خاتىرجەم ئوقۇش تۇرماق، ئۆيىدىمۇ ساقلاپ قالالمايۋاتقان ئااشۇ مەزلۇم خەلق ھەققىدە دۇئادا بولشىڭلارنى، شۇلارنىڭ ئاۋازىنى، دۇئاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا ۋەسىلە بولىشىڭلارنى جانابى ئاللادىن تىلەيمىز
ھۆرمەتلىك ئاڭلارمەنلەر، رادىئومىز يېڭىدىن تەسىس قىلغان <<ياخشى ھەمراھ>> ناملىق دىنىي پروگراممىمىز رامىزاننىڭ بىرىنجى كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئاڭلىتىلىدۇ.بۇ پروگراممىمىزدا قۇرئان كېرىمنىڭ ئەرەپچە قىرائىتى بىلەن ئۆزى تۈكىيەدە تۇرۇشلۇق ئەنەس ئالىم داموللامنىڭ ‹قۇرئان كەرىم ۋە ئ‍ىزاھاتلىق تەجىمىسى› ناملىق تەرجىمە قۇرئانى ئاڭلىتىلىدۇ.

ئاللا سىلەرنىڭ بۇ ئۇلۇغ رامزان ئېيىدا قىلغان بارلىق ئەمەل ۋە دۇئالىرىڭلارنى ئۆز دەرگاھىدا ئىجابەت قىلسۇن!!!!!

ھۆرمەت بىلەن : ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى ۋە ھۆيلام تورى

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز