روھ دۇردانىلىرى 2-سان


سۇلايمان گۇۋاھ

تاھىر تالىپ

مىكروفۇندا: قاراخان

«مېھمان كەلدى» دېدى بالىلار،
«خۇش كېلىپسىز» دېدىم مەنمۇ ھەم،
داستىخاننى كەڭ يايدىم ئاڭا،
ئەھۋال سوراپ يەنە دەممۇ-دەم.

چۈشۈرمىدىم تۆردىن ھېچقاچان،
ھەم يىگۈزدۈم تويۇپ يانغۇچە،
باغلاردىمۇ ئويناتتىم-كۈتتۈم،
ئۇ يايرىدى كۆڭلى قانغۇچە.

قورساق سېلىپ سەمرىپمۇ كەتتى،
پولو، گۆش يەپ بىزنىڭ لىگەندىن،
لېكىن مېھمان تەۋرىمەس، يەنە
ئېغىز ئاچماس قايتىش دېگەندىن.

ئويلاپ قالدىم: «قانداق مېھمان بۇ؟
كۆرمىگەنمەن كەتمەس مېھماننى.»
بۇ مېھماننىڭ خۇلقى مىجەزى،
ھەيران قىلدى ھەممە تۇققاننى.

كېيىن ئۇقسام «ئاكام» ئىكەن ئۇ،
ئاتام تاپقان ھەجگە چىققاندا،
قۇچاقلاشتۇق قايتىدىن ئۇزاق،
ئېچىلمىغان سىرنى ئۇققاندا.

ئۆگەي ئانام يوللاپتۇ ئۇنى،
«ئاتاڭ كەتكەن يولدا چاپقىن» دەپ،
«ئابىي زەم-زەم ئېلىپ كوزىغا،
ئىنىلەرنىڭ ئۆيىن تاپقىن» دەپ.

ئۇمۇ تۆردىن چۈشمىدى كېيىن،
مەن يەتكۈزدۈم تۇققانچىلىقنى،
تاپا قىلسا غىڭ-پىڭ قىلمىدىم،
سىر تۇتمىدىم بىر تال تېرىقنى.

مانا ھازىر مەن ئاڭا مېھمان،
قورۇنۇمەن ئۆز ئۆيۈمدىمۇ،
ئۇنىڭ ئەجرى كۆپتەك بىلىنەر،
ھەتتا ئىچكەن چاي-سۈيۈمدىمۇ.

گاھ پارىسى، گاھى ئەرەبى
سۆزلەيدۇ ئۇ، كۆندۈم مەنمۇ ھەم،
ئەقىل ئۇنىڭ، پۇت-قول مېنىڭدىن،
«خوش-خوش» دەيمەن ئاڭا دەممۇ-دەم.

مەنمۇ شۇنداق ئىنسان ئىكەنمەن،
كۆڭلۈممۇ ئاق، بوينۇممۇ يۇمشاق،
ئىشەنمىسەڭ سۇلايمان گۇۋاھ،
قۇشلارغىمۇ بولىمەن قونداق.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز