روھ دۇردانىلىرى 2017-يىلى نەۋرۇزلۇق ئالاھىدە پروگراممىسى


پروگرامما ئىشلىگۈچى: ئابدۇسالام نىياز ئۇيغۇر

رىياسەتچى: قاراخان

You Tube تورى ئۇيغۇر خاقان قانىلىغا ئالاھىدە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز.

مەنبە: https://www.youtube.com/channel/UCdH3wJ1QkBdyewhMz0txbAQ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، نەۋرۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئاڭلاۋاتقىنىڭلار روھ دۇردانىلىرى 2017-يىلى ئەۋرۇزلۇق ئالاھىدە پروگراممىسى!!!

نورۇزنامە

سەرداھى

مەرھابا! كەلدى نورۇز مىسكىن جەنۇبنىڭ جانىغا،
ھېكمىتى بۇغداي، قوناق، ئارپا، نوقۇت ھەر دانىغا.
قىر ئېشىپ كەلدى ئەنە بابۇر، موغۇل ۋە رىم كەبى،
سەلتەنەت سۈرگەن ئۇلۇغ ياركەنت شەھەر دەرھاگىغا.
كەلدى، ئول تەكلىماكان چۈشلىرى ھەم ھەيرانىدۇر،
جۇش ئۇرۇپ ئاقماقتا تارىم قاش ئېتىپ ئەغيارىغا.
ھون، تۈرك، ئۇيغۇر يەنە قىرغىز، قازاق، ئۆزبەككىچە،
يىل بېشى نورۇز ئىلە چۆمگەن باھار ئەييامىغا.
ياندى كۈن شاھ قەسرىگە تۈنلەر بىلەن بويلاشقىلى،
تارىلۇر تاشتىن زۇۋان ئېھ! بۇلبۇلى خەندانىغا.
كېمىسى نوھنىڭ بۇ دەم سەيلىگاھ شۇ ياھۇتقا ھەم،
نە قىلۇر دۇنياغا سۆز! ھەتتاكى ئىنسان ئەۋلادىغا.
كەل، نورۇز! باغىمغا كەل! يا قونغىلى تاغىمغا كەل!
دان قىلىپ چاچتىم جېنىمنى قۇشلىرىڭ پەرۋازىغا…

مەرھابا! كەلدى نورۇز گۈلگۈن جەنۇبنىڭ چاغىغا،
كەلدى قىر، ئېتىز-دالا ھەم چېلىشىش مەيدانىغا.
شۇ قارا تۈنلەرنى كۆر! پەسلى باھارنىڭ ئۆركىشى،
ھورلىنار كۆللەردە مۇز چاكۇ-چاك تەن پەريادىغا.
جىلۋىسى تىلسىزغا سۆز، خۇش ھىدى ئەماغا كۆز،
رەڭ بېرەر چۆللەرگە ئۇز يەتكۈزۈپ چىن ھەقدادىغا.
تەبىئەت ئارتىپ لىباس ئەتلەسكە تەڭداش غۇنچىدىن،
يار قىلۇر ئالەمچە زوق ئاپئاق كۆڭۈل ئىزھارىغا.
يايلىقى قىيقاس-سۈرەن، كى ئۇلغىيار «نەۋرۇز ئوتى»،
سۇلىرى ئويناپ ئاقۇر تالى مەجنۇن جەۋلانىغا.
يىرتىلىپ تۇپراق بۇ دەم كەتمەندە چاقنار زەر قۇياش،
مەشرىپى قاينار ئاۋامنىڭ زەخمەك ئۇرۇپ دىل تارىغا.
شىر سۈپەت ئەركەكلىرى شۇڭقار ئىرۇر ئات ئۈستىدە،
كۆكتىكى ئاينى ئۈزۈپ تۇتقازغىلى ئۆز يارىغا.
كەل! نورۇز، يانىمغا كەل! يا ئاققىلى قانىمغا كەل!
پۈركۈنۈپ كۈلسۇن باھار ئۇشبۇ پەقىر ئىزھارىغا!

قۇللۇقتىن ئۆلۈم ئەلا 2 (مۇسەددەس)

ئاپتورى: غۇلام ئوسمان

تولۇر ھەرقانچە چوڭ پەيمان زۇلۇم سەلى تازا كەلسە،
زۇلۇم ئۈستىگە ئارىڭغا چىداپ بولماس ئىزا كەلسە،
كۆرەشسىز نە مۇراد ھاسىل، قۇرۇق گەپ ھەم سەزا كەلسە؟
مۇراد ھاسىل: جىھاد قىلساق، خۇدايىمدىن رىزا كەلسە!
كۆرەشتىن توختىمايمىز ھېچ، بۇ يولدا مىڭ قازا كەلسە،
قازالار تۇغدۇرار ئەلۋەت رەقىپتىن سوت ـ جازا كەلسە.

تېخى بىر كۈن ئەۋەل سائىل كەبى كەلگەن خىتاينى كۆر،
”پاقا ساھىبى ـــ نى ــــ كىم؟“ دەپ، سوراپ يۈرگەن خىتاينى كۆر،
كىبىرلىك شىڭتىيىپ ئەمدى قەدىن كەرگەن خىتاينى كۆر،
خوجايىن بوپ، نومۇس ـ ئارىمغا داغ سۈرتكەن خىتاينى كۆر،
چىدامدۇق شۇ كەبى پەسكەش خىتايلاردىن قازا كەلسە،
نومۇستىن تامغىلار باسسا، قەدەمدە مىڭ ئىزا كەلسە.

نىچۈن تولمايدىكەن پەيمان، خامان ئالغانغا بىر نان يوق،
كېپەز ئەككەن ياتار يەردە، ياتارغا كۆرپە ـ يوتقان يوق،
ھاشار تۈگمەيدۇ دىھقانغا، ئۇنىڭدىن خارۇ ـزار جان يوق،
قىشى ـ ياز ئۆكسىمەس ئالۋان، خەلق ئۇھ دەرگەئىمكان يوق،
چىداپ ئۆتتۇق جىمىگە بىز بۇ يولدا مىڭ قازا كەلسە،
سەبىر دەپ، شۈكرى دەپ بەزلەپ قازالاردىن ھازا كەلسە.

رەقىپ بىزگە بېرىپ ئوغا ”ھەسەل دەپ ماختا“ دەپ زورلار،
زۇلۇمدىن ئىڭرىيالمايمىز، ”بەخت دەپ كۈيلە“دەپ خورلار،
يېيىشتى ئاش ـ تۇزىمىزنى، قازاننى چاقتى تۇزكورلار،
ئىگەللەپ ھەممىنى، ئەمدى ئۆيىمىزدىن تېپىپ قوغلار،
چىداپ ئۆتتۇق جىمىگە بىز بۇ يولدا مىڭ قازا كەلسە،
سەبىر دەپ، شۈكرى دەپ بەزلەپ قازالاردىن ھازا كەلسە.

”مېنىڭ ئەردى، سېنىڭ بولدى“ دېگەندەك زەپ زامان بولدى،
”ئېزىزدۇر كوزا چاققانلار، سۇ ئەكەلگەن يامان“ بولدى،
نېفىت، گاز قاينىغان ئەلدە قالارغا ئوت ــ سامان بولدى،
جىمى بايلىق تالانغاچقا گادايلىق ئاشىيان بولدى،
چىداپ ئۆتتۇق جىمىگە بىز بۇ يولدا مىڭ قازا كەلسە،
سەبىر دەپ، شۈكرىدەپ بەزلەپ قازالاردىن ھازا كەلسە.

خىتاي ئۆلچەپ كېسەر تالۇن ئەگەر مەلىگە ئۆي سالساق،
كېسەلەيمىز تېرەگىمىزنى خىتايدىنلا خەت ئالساق،
جىنايەتتۇر ئۇنىڭدىن سورىماي ھەتتا بالا تاپساق،
سىرتماققا چۈشەر باشلار يوغۇنراق سۆزلىسەك، تىنساق،
چىداۋەردۇق شۇلارغا ھەم جەرىمانە ــ جازاكەلسە،
جازالار ئۈستىگە قوشلاپ يىغا، ماتەم، قازا كەلسە.

سوراشقا قىلمىدۇق جۈرئەت: ”ئەجەبا ئۇشبۇ يەر كىمنىڭ؟
تېرەكنى قويدى ئەجداتلار، تۆكۈلگەن قانۇ ـ تەر كىمنىڭ؟
قۇتۇلماق يوق ئاشار كۈن ـ تۈن بۇ چەكسىز دەدىسەر كىمنىڭ؟
كېلەردە ئەپكىشىڭگە سېپ ئەكەلگەنمۇ؟ شەھەركىمنىڭ؟
يۈزۈڭ داپشاق، قېلىن چەندان، بىلەرىڭ يوق ئىزا كەلسە،
پىسەنت قىلماي يېيەرسەن، مىڭ ئىزا ھەققى غىزا كەلسە.

ئالارسەن ھەممىنى بىزدىن، بولۇرمۇ سەن كەبى ئوپقان؟
قاراقچىمۇ ”قازان ئالسا چۆمۈچنى جايىدا قويغان“،
لېكىن سەن بىرنى قويمايسەن، يۇتارسەن ھەممىنى پىنھان،
ھىجاپ يوق ئاجىزەلەرلەن يىغامىز تىڭشىغاي سۇبھان،
چىداپ ئۆتتۇق جىمىگە بىز بۇ يولدا مىڭ قازا كەلسە،
سەبىر دەپ، شۈكرى دەپ بەزلەپ قازالاردىنھازا كەلسە.

ئاچار بايلىقلىرىمىزنى ئۆزىنىڭكىنى ئاچقاندەك،
نە بىز بىر باققىلى ھەقدار، توشۇيدۇ ئوغرى چاشقاندەك،
كېتەر تۇربايۇ، پويېز بىرلە تاغ كەلكۈنى ئاققاندەك،
ئىمىش بۇ ”ياردەم“ى بىزگە (كى بۆرە قوزا باققاندەك)،
نومۇسنى نە بىلۇر ئىتلار دەلىللەردىن ئىزاكەلسە،
ئىشى نە ھەق ۋە ناھەقلە، يېسە بەس شۇ: غىزاكەلسە!

بۇ ئەپكەتكەنلىرىڭ يەتمەي سالۇرسەن تاغكەبى ئالۋان،
ئادەملىك نە سۈپەت قالدى، كۆرەرسەن بىزنى بىر ھايۋان،
ئىجاد قىل ئەمدى شۇم دۈشمەن يېڭى ئالۋاننى ھەم چەندان،
بەدەن ئەزامىزى سورغىل كېرەكسە ئەمدى شۇ قالغان،
نومۇسنى نە بىلۇر ئىتلار دەلىللەردىن ئىزا كەلسە،
ئىشى نە ھەق ۋە ناھەقلە، يېسە بەس شۇ: غىزا كەلسە.

تېخى بۇ ئالۋىنى يەتمەي چىقار سەل كەبى ئاققۇنلار،
شۇئارى گۈللىمەك يۇرتنى، قۇرۇتتى بارنى يۇتقۇنلار،
غەرق ئەتتى قۇچاغىدا جىمىنى خۇددى ئۇپقۇنلار،
نە قالدى قۇش، قۇرۇت ـ قوڭغۇز ۋە جاڭگاللاردا يۇلغۇنلار،
يېيەر ئۇ، پەرقى يوق جانلىق، ۋە يا جانسىز ”غىزا“ كەلسە،
خىجىللىق بىلمىگەچ تۇيماس ئادەمدەك ئۇ، ئىزا كەلسە.

قېرىنداش، ئويلىنىڭ ئوبدان، بولۇرمۇ بىز كەبى دەرتمەن؟
چېكىنسەك بىر قەدەم، ئىككى قەدەم قىستاپ كېلەر دۈشمەن،
يېنىۋەرسەك ئۇ ياقتا ھاڭ، تۈگەيمىز ئۇندا بىز جەزمەن،
كى شۈك تۇرماق ئەمەس چارە، يوقاتماق قەستىدە شۇمپەن،
چىدايمىز نە تەرىق ئەمدى، خىتايلاردىن قازا كەلسە؟
نومۇستىن تامغىلار باسسا، قەدەمدە مىڭ جازا كەلسە.

نە تەشۋىش بىزگە ئاللاھ يار، روشەن يول،قولدا قۇرئانىم،
ئىشەنچ شۇدۇر، قۇۋەت شۇدۇر: ساداقەت بىرلەئىمانىم،
ھايات بىز — غازىمىز، ھۆردۇر ۋەتەنىم — باغۇ ـ بوستانىم،
ئەگەر ئۆلسەك شېھىد، بىزنىڭ بولۇر پىردەۋسى، ئەدنانىم،
كۆرەش ئەۋزەل، ئۆلۈم ئەۋزەل، چىداشتىن مىڭ قازا كەلسە،
سەبىر دەپ، شۈكرى دەپ دۈشمەن تىغىدىن سوت ـ جازا كەلسە.

خىيال ئەيلىمە شۇم دۈشمەن، سەلەپ سۇ كەينىگەئاقماس،
تىغىڭ يەتتى سۆڭەكلەرگە، ئېمىزگەڭ بىزگە خوشياقماس،
خۇدانىڭ ئەسىرى مۆمىن، نىچۈن قۇللۇقنى ئۇرـ چاقماس؟
ئېزىزلىق ئۇنغا خاس، خارلىق ئەيبىن ئۈستىگە تاقماس،
داۋام قىلغاي كۆرەش ھەرئان بۇ يولدا مىڭ قازا كەلسە،
قازالار ئۈستىگە ياۋدىن چىداپ بولماس جازا كەلسە.

مۇسۇلمان ئەركىچۈن بىزگە جىھادنى بۇيرىمىش ئاللاھ،
بۇ بۇيرۇققا سالا يوقتۇر، ئەگەر قالساق مۇبىر تاللا،
قۇلى بىز تەڭرىنىڭ، بەس شۇ، يەنە بىر قۇلغا قۇل بولما،
شۇڭا بىزگە قېرىنداشلار بۇ قۇللۇقتىن ئۆلۈم ئەلا،
داۋام قىلغاي كۆرەش ھەرئان بۇ يولدا مىڭ قازا كەلسە،
قازالار ئۈستىگە ياۋدىن چىداپ بولماس جازا كەلسە.

1998 ـ يىلى ئىيۇن، بىشكەك ـ تاشكەنت.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز